كىۋانت نۇقتىسى تېلېۋىزورى بارلىققا كەلدى
4K تېلېۋىزورى، OLED تېلېۋىزورى ۋە ئەگرى يۈزلۈك تېلېۋىزور دېگەن ئاتالغۇ كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا تۈزۈكرەك سىڭىشمەي تۇرۇپلا، 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرى كىۋانت نۇقتىسى تېلېۋىزورى بارلىققا كېلىپ، تېلېۋىزور بازىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇۋەتتى.
كىۋانت نۇقتىسى سىنك، كادمىي، سېلېن ۋە گۈڭگۈرت ئاتوملىرىدىن تۈزۈلگەن، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان، ئىنتايىن كىچىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئانورگانىك نانومېتىر كىرىستالىدۇر، كىرىستال دانىچىلىرىنىڭ دىيامېتىرى 2 ~ 10 نانومېتىر ئارىلىقىدا بولۇپ، ئادەتتە شار شەكلىدە ياكى شارسىمان شەكىلدە بولىدۇ. ئامېرىكا يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا ئالىمى مارك. رېئىد ئۇنىڭغا ‹‹كىۋانت نۇقتىسى›› دەپ نام بەرگەن.
كىۋانت نۇقتىسىنىڭ فوتو ئېلېكتىرىك ئالاھىدىلىكى ئۆزگىچە بولۇپ، ئېلېكتىر ياكى يورۇقلۇق تەسىرىگە ئۇچرىغاندا كىۋانت نۇقتىسى دىيامېتىرىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە ئاساسەن ھەر خىل ساپ رەڭلىك يۇقىرى سۈپەتلىك نۇرلارنى تارقىتىدۇ. كىۋانت نۇقتىسىنىڭ كۆرسىتىش تېخنىكىسىدا قوللىنىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ساپ كۆك رەڭلىك يورۇقلۇق مەنبەسى ئارقىلىق كىۋانت نۇقتىسى لامپىسىدىكى ھەر خىل ئۆلچەمدىكى كىۋانت نۇقتىسى كىرىستاللىرىنى قوزغىتىش ئارقىلىق ساپ قىزىل ۋە ساپ يېشىل فوتونلارنى قويۇپ بېرىدۇ ھەم ئېشىپ قالغان كۆك نۇرلار بىلەن بىرلىكتە تەسۋىر ھاسىل قىلىدۇ، شۇنداق قىلىپ كىۋانت نۇقتىسىنىڭ ياردىمىدە ناھايىتى ساپ بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك قىزىل ھەم يېشىل رەڭلىك نۇرلار پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭدا ئەنئەنىۋى LEDلاردىن ئېشىپ كەتكەن تېخىمۇ ئېسىل سۈرەت رەڭلىرىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
كىۋانت نۇقتىسى تېلېۋىزورى سۇيۇق كىرىستاللىق تېلېۋىزورنىڭ بىر خىلى بولسىمۇ، لېكىن كىۋانت نۇقتىسىنى يورۇقلۇق مەنبەسى قىلىشتەك ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئەنئەنىۋى سۇيۇق كىرىستاللىق تېلېۋىزورلاردىن پەرقلىنىدۇ. كىۋانت نۇقتىسى يورۇقلۇق مەنبەسى رەڭگى ئەڭ ساپ بولغان يورۇقلۇق مەنبەسى بولغاچقا، تېلېۋىزور ئېكرانىنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى %30 تىن %40 كىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ئېنېرگىيە تېجەيدۇ.
كىۋانت نۇقتىسى تېلېۋىزورىنىڭ يورۇقلۇق مەنبەسى ساپ ھەم سۈزۈك بولىدۇ، OLED تېلېۋىزورىدا ئىككى قۇتۇپلۇق كىرىستال لامپا يورۇقلۇق چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۆمرى قىسقا، توك سەرپىياتى يۇقىرى، چىقارغان يورۇقلۇقى ئانچە ساپ بولمايدۇ. كىۋانت نۇقتىسى تېلېۋىزورىنىڭ يورۇقلۇق تارقىتىش ئۈنۈمى OLED تېلېۋىزورىدىن %30 تىن %45 كىچە يۇقىرى بولىدۇ.