پەن-تېخنىكا كېشلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ساقلانغىلى بولمايدىغان‹‹ئەكىس تەسىرلەر››نىمۇ ئېلىپ كەلدى.
نۇرغۇن كىشلەرنىڭ يانفۇنى يېنىدا بولمىس. ئېچى تىتىلدايدۇ،دائېم كومپىيوتۇر ئېشلەتكەنلىكتىن قولغا قەلەپ .ئېلىپلا خەتنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئەخۋاللار كۆرلىدۇ .پەن-تېخنىكا ئېنسانلارنىڭ بەزى ئېقتىدارلىرنى جىمجىت چېكىندۇرمەكتە. مەسىلەن:
جىسمانى كۈچتىن مەھرۇم قېلدى.
بارغانسىرى كۆپىيۋاتقان ماشېنىلار جىسمانى كۈچنى‹‹ئازاد››قېلدى، كىشىلەر ‹‹ئەڭ ئېغىر››دەپ قارايدىغان جىسمانىي ئەمگەك-ئۆي ئېشلىرىنى كۆپىنچىسى كىرئالغۇ، قاچا يۇغۇچ،چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ قاتارلىقلارغا .ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، بەلىكىم بىر كۈنلەردەئېنسىنلار‹‹ئەڭ ئېغىر››جىسمانىي ئەمگىكى تاماق يىيىش بولۇپ قىلشى مومكىن.
چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى چېكىندۈردى.
ئېزدەش ماتورې ئەستە ساقلاش ئېقتىدارىنىڭ .ئورنىنى ئالدى، سۈنئېي ھەمراھ ئاراقىلىق ئورۇن بەلگىلەش يولنى ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ ئورنىنى ئالدى، ھېساپلاش ئېقتىدائېنىڭ ئورنىنى ئالدى......ھەرقانداق ئىش قىلغاندا پەن - تېخنىكىغا تايانغاندا، ۋاقتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ‹‹دۆت››لەرگە ئايلانمايمۇ قالمايدۇ.
تەپەككۈرنى قالايمىغانلاشتۇرۋەتتى.
ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ مۇستەقىل تەپپەككۈر قىلىشى بارغانسېرى ئازىيىپ بارماقتا. باشقىلار نېمە دېسە شۇنى دېيىش، باشقىلارغا قارغۇلارچە ئەگىشىش ئەۋج ئالماقتا! بەزىلەرنىڭ ئۇچۇردىن بۇلغۇنۇش ئادەمنى ئۇچۇرلارغا غۇۋا، تەپپەككۈر قالايمىقان ھالەتكە كەلتۈرمەكتە دېيىشى بىكار ئېيتىلغان ئەمەس.
ئىجدىمائىي ئالاقىنى تەسلەشتۈرۋەتتى.
ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇن ، ئىنتېرنېت تورى ئەسلىدە ئىجدىمائىي ئالاقىنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۇن بارلىققا كەلگەن، لىكىن ھازىر ئىجدىمائىي ئالاقە توسالغۇسى شەكىللەندۈرۈپ قويۋاتىدۇ .مەسىلەن:بىر جايدا .ئولتۇرۇپمۇ يانفۇندا پاراڭلىشىش ياكى ئۇچۇر يېزشىش دىگەندەك. خەت ئۇرۇش تىلنىڭ ئورنىنى ئالغان، كونۇپكا تاختىسى گەپ قىلىشنىڭ ئورنىنى ئالغان ۋاقىتتا كىشىلەر ‹‹سۆزلىيەلمەسلىك كېسىلى››گە گىرىپتار بولىشى مومكىن .
كونكىرىت قىلىپ ئىيتقاندا، ئادەملەردىكى چېكىنىشنىڭ ھەممىسنى پەن-تېخنىكىدىن كۆرۈشكە بولمايدۇ ،ئادەملەرنى ھەقىقى قىيناۋاتقىنى ‹‹ھورۇن››لۇق. پەن-تىخىكا بولسا قۇرال، بىز .ئۇنۇڭغا ‹‹تۇتقۇن››بولۇپ ،ئۇنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالساق بولمايدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]