سۇيۇق مېتال ۋە ئۇنىڭ قوللىنىشى
ماھىر مەمتىمىن نىران
"ئارخىرلاشتۇرغۇچى: قىيامەت كۈنى" دېگەن كىنو 1991-يىلى ئىشلەنگەن تا ھازىرغىچە ناھايىتى كلاسسىك فانتازىيە كىنوسى ھېسابلىنىپ كېلىۋاتقان داڭلىق فىلىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە، ماشىنا ئادەم تەرىپىدىن كېلەچەكتىن ئەۋەتىلگەن ئەڭ ئىلغار تىپلىق، سۇيۇق مېتالدىن ياسالغان "پاترىك" ناملىق ماشىنا ئادەم "جون كارنىر"نى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كېلەچەكتىكى ئادەملەر تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن تۆمۈردىن ياسالغان "ئاخىرلاشتۇرغۇچى" ناملىق ماشىنا ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ فانتازىيە ئارقىلىق تەسەۋۋۇر قىلىنىدۇ.
مەزكۇر فىلىمدا، "پاترىك" ناملىق ئىلغار تىپتىكى ماشىنا ئادەم سۇيۇق مېتالدىن ياسالغان بولۇپ، ھەرخىل شەكىلدىكى قىياس قىلىنغان جىسىملارغا خالىغانچە ئايلىنالايدۇ. ئۇ ئوخشىمىغان ئادەمنىڭ قىياسىغا كېرەلىشى، توسۇقلاردىن "سۇ"دەك ئۆتەلىشى ناھايىتى قالتىس ۋە نەپىس ئىشلەنگەن بولۇپ مەزكۇر كىنونىڭ ھازىرغا قەدەر فىلىم دۇنياسىدىكى داڭقى سۇسلاشمىغان. بۇ فىلىم گەرچە فانتازىيە بولسىمۇ، سۇيۇق مېتال ۋە ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرى سۇيۇق مېتال تەتقىقاتىنىڭ داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ كەلمەكتە.
سۇيۇق مېتال دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ قانداق ئىشلىتىشلىرى بار؟
سۇيۇق مېتال ناھايىتى تۆۋەن ئېرىش نۇقتىسى بولغان مېتاللارنىڭ (ياكى بىرىكمە مېتال) ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر. ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا ئىككى خىل تەبىئىي سۇيۇق مېتال بار: بروم ۋە سماب. ھېلىھەم ئىشلىتىلىۋاتقان بەدەن ۋە ئوي ئىچى تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابى تېرمومېتىرنىڭ (1714-يىلى كەشىپ قىلىنغان) ئىچىدىكىسى دەل شۇ سۇيۇق مېتال سماب. سۇيۇقلۇق ۋە مېتالنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى سۇيۇق مېتالغا مۇجەسسەملىگەنلىكتىن ئۇنىڭ تەتقىقات قىممىتىنى ناھايىتى يۇقىرى. سۇيۇق مېتاللارنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ يۇقىرى ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشچانلىقى ۋە يۇقىرى توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى ھېسابلىنىدۇ. سماب تېرمومېتىرنىڭ قوللىنىدىغىنى دەل سۇيۇق مېتالنىڭ يۇقىرى ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشچانلىقتا.

سۇيۇق مېتاللارنىڭ تۈرى يۇقىرىقى ئىككى ماددا بىلەن چەكلەنمەيدۇ. سۇيۇق ناترىي (ئېرىش نۇقتىسى 97 سېلسىيە گرادۇس) ۋە سۇيۇق كالىي (ئېرىش نۇقتىسى 64 سېلسىيە گرادۇس) قاتارلىق تاق-ئاتوملۇق سۇيۇق مېتاللارمۇ بار. بۇ خىل مېتاللار يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مەشغۇلاتلاردا ئىشلىتىلىشى ناھايىتى كەڭ بولۇپ يادرو ئىستانسىدا ئىسسىقلىق ئۆتكۈزگۈچ قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.
تېخىمۇ يۇقىرى تېمپېراتۇرا مەشغۇلات بولسا بىرىكمە مېتال ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. بىرىكمە سۇيۇق مېتاللاردىن قوغۇشۇن ۋە بىسمۇت بىرىكسە قوغۇشۇن-بىسمۇت بىرىكمە سۇيۇق مېتالىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. قوغۇشۇن-بىسمۇت سۇيۇق مېتالىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق رادىئاتسىيە ساھەسىدە ئىشلىتىلىشى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، مەسىلەن رادىئاتسىيە كۈچلۈك بولغاندا ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، ئىسسىقلىق تارقىتىش ۋە تۇراقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
دۆلىتىمىز تەتقىقاتچىلىرىنىڭ سۇيۇق مېتال توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلىرى
بىر نەچچە ئاي بۇرۇن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەبىئىي پەنلەر گۇرۇپپىسى ۋە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى داڭلىق تەتقىقاتچىلار ئۆزگىرىشچان شەكىللىك سۇيۇق مېتالدىن ياسالغان كىچىك تىپتىكى ئۈسكۈنە ياساپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە بۇ خىل سۇيۇق مېتال ئۈسكۈنىسى باشقا ماددىلارنى "ھەزىم قىلىش" ئارقىلىق ئېنېرگىيە ھاسىل قىلالايدىكەن ھەمدە شۇ ئېنېرگىيە ئارقىلىق ئۆزىنى ئالدىغا ئىتتىرىپ ھەرىكەت قىلالايدىكەن. بۇ خىل ماشىنا ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا يول شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۆز شەكلىنى ئۆزگەرتكەن. بۇ "ئاخىرلاشتۇرغۇچى" دېگەن فىلىمدىكى سۇيۇق مېتالدىن ياسالغان ماشىنا ئادەمنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى دەپ قارالغان كىچىك ئۈسكۈنە بىئولوگىيىلىك ئورگانلارغا ئوخشىتىلغان بولۇپ، كېيىنكى داۋاملىق تەتقىقات كېرەكلىكىنى رىغبەتلەندۈرگەن.

بۇ خىل ماشىنا بىرىكمە سۇيۇق مېتالدىن ياسالغان بولۇپ، گالىيۇم، ئىندىيۇم ۋە تىن قاتارلىق مېتاللارنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ گالىنستان دەپ ئاتىلىدىكەن. گالىستان ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا سۇيۇق ھالەتتە بولۇپ، ئالۇمىنىيۇم ۋە باشقا خېمىيىۋىلىك ماددىلار بىلەن بىرلەشتۈرگەندە خېمىيىۋىلىك رېئاكسىيە ئارقىلىق ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىپ ھەرىكەت ھاسىل قىلىدۇ.
گالىنستان ۋە باشقا سۇيۇق مېتاللار توك ئۆتكۈزۈلگەندە شەكلىنى توك ئېقىمىغا ئاساسەن ئۆزگەرتەلەيدۇ. بۇخىل ئۆزگىرىش سۇيۇق مېتاللارنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە يۇقىرى توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى كېلىپ چىققان بولۇپ، كېلەچەكتە ئىشلىتىلىشى ناھايىتى كۆپ بولۇشى مۇمكىن.