ھۇرۇنلۇقنى ياخشى ئىشقا ئايلاندۇرۇشنىڭ 10 خىل ئۇسۇلى
بىلىمخۇمار
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى
مەن ئالدىنقى ماقالىدە «ھۇرۇنلۇقنىڭ ئىلمىي چۈشەندۈرۈلۈشى» نى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتۈم. مەزكۇر ماقالىدە بولسا ھۇرۇنلۇقنى ياخشى ئىشقا ئايلاندۇرۇشنىڭ 10 خىل ئۇسۇلىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. مېنىڭ بۇ قېتىم پايدىلانغىنىم «لېئو بابوتا» (Leo Babauta) ئىسىملىك ئاپتور 2007-يىلى 16-ئىيۇن يازغان «ھۇرۇنلۇقنى ياخشى ئىشقا ئايلاندۇرۇشنىڭ 10 خىل ئۇسۇلى» دېگەن ماقالە بولۇپ، ئۇ ماقالىنى مەن ئالدىنقى قېتىملىق ماقالەمدە تونۇشتۇرغان دوكتۇر لېئون سېلتزېر تەۋسىيە قىلغان ئىكەن. لېئو بابوتا بىر ئاپتور بولۇپ، ئۇ يازغان بىر قانچە پارچە كىتاب ئامېرىكىدىكى «ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتابلار» قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇ ياسىغان بىر ئىنتېرنېت بلوگى بار بولۇپ، ئۇ بلوگنىڭ ھازىر بىر مىليون ئوقۇرمەنلىرى بار ئىكەن.
توۋەندىكىسى لېئو بابوتانىڭ ماقالىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى.
ھۇرۇنلۇق ھەممە ئىنسانلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە بار بولغان بىر خىل تەبىئىي ئەھۋال بولسىمۇ، بىز ئۆزىمىزدىكى ھۇرۇنلۇق تۈپەيلىدىن داۋاملىق ئۆز-ئۆزىمىزنى ئەيىبلەيمىز. جەمئىيەت بىزگە نېمە دېسە دەۋەرسۇن، بىز ھازىر ئۆز-ئۆزىمىزنى تەنقىد قىلىشنى توختىتىپ، قانداق قىلغاندا ھۇرۇنلۇقنى بىر ئىجابىي نەرسىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى.
مەن سەزگەن بىر ئەھۋال شۇكى، ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەر ئەڭ ھۇرۇن كېلىدۇ. ئۇلار دائىم خىزمەتتىن يىراق تۇرۇشقا ئامال ئىزدەيدۇ، ياكى بولمىسا بەزى ئىشلارنى قىلىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەزى ئىشلارنى قىلىشتىكى ئەڭ ئاقىلانە ۋە ناھايىتى ئېسىل يېڭىلىقلارنى ئويلاپ چىقىدۇ. مەسىلەن، كومپيۇتېر ۋە مىكرو-دولقۇن دۇخوپكىسى قاتارلىق نەرسىلەر ئەنە شۇنداق ئىجاد قىلىنغان. تۆۋەندە كۆرۈپ ئۆتىدىغىنىمىزدەك، ھۇرۇنلۇقتىن توغرا پايدىلانسا، ئۇنى ئۈنۈم بېرىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
1.دەرىجىسى تۆۋەنرەك ئىشلارنى قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش
ئامېرىكىدا 1949-يىللىرى ۋۇجۇتقا كەلگەن «تەشكىللەنگەن كېچىكتۈرمىچىلىك» (Structured procrastination) دېگەن بىر ئۇقۇم بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: بەزى تەس ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئورنىغا سىز بىر قانچە ئاسان ئىشلارنى قىلىش. ئەگەر قولىڭىزدا مۇھىملىق تەرتىپى بويىچە تىزىلغان بىر قىسىم ئىشلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرنچىسى ئەڭ تەس بولىدىكەن، سىز ئۇ ئىشلارنىڭ ئىككىنچىسىدىن باشلاپ قىلىڭ. ئەگەر سىز تەس ئىشلاردىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرىدىغان ھۇرۇنلاردىن بولسىڭىز، تىزىملىكتىكى بىرنچى ئىشنى قىلماي، قالغىنىنى قىلىسىز. ئەگەر ھازىرقى بىرنچى ئىشتىنمۇ مۇھىم ۋە تەسرەك ئىشتىن يەنە بىرى چىقىدىكەن، سىز ئۇنى قىلماي، بۇرۇنقى ئەڭ تەس ئىشنى قىلىسىز. شۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىسىز.
2. بىر قىسىم ئىشلارنى باشقىلارغا ۋەزىپە قىلىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش
ھۇرۇن كىشىلەر باشلىق بولۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىشلارنى باشقىلارغا ۋەزىپە قىلىپ تاپشۇرۇپ قويۇپ، ئۆزى ئۈنۈمدار ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ. سىز بىر باشلىق بولمىغان تەقدىردىمۇ، بىر قىسىم ئىشلارنى خىزمەتداشلىرىڭىزغا، ھەتتا باشلىقىڭىزغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئۆگىنىڭ. ئۆزىڭىزدىكى ۋەزىپە تىزىملىكىگە ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ يېرىمىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ بېقىڭ. ئەگەر ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىز بولمىسا، ئۇ ئىشلارنى باشقىلارغا تاپشۇرۇپ كۆرۈپ بېقىڭ. شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىز ھېچ ئىش قىلماي تۇرۇپلا ۋەزىپىنىڭ يېرىمىدىن قۇتۇلالايسىز.
3. ئىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش
بەزى كۆپ قېتىم تەكرارلاپ قىلىدىغان ئىشلارنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش جەھەتتىمۇ ئىزدىنىپ بېقىڭ. بۇ ھۇرۇن كىشىلەردە بار بولغان ئىجادكارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. سىز بەزى ئىشلارنى كومپيۇتېرغا ئاپتوماتىك ھالدا قىلدۇرالايسىز. ياكى بولمىسا ئۆزىڭىز بەلگىلىك قائىدە چىقىرىپ بېرىپ، بىر قىسىم ئىشلارنى باشقىلارغا ئۆز ئالدىغا قىلىدىغان ئىشنى يولغا قويالايسىز. شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ تىزىملىكىدىكى بىر قىسىم ۋەزىپىدىن قۇتۇلالايسىز.
4. قىسقارتىش
ئەمدى سىز ئۆزىڭىزدىكى تىزىملىكنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قايسىلىرىنى قىلمىسا بولمايدىكەن، قايسىلىرىنى قىسقارتىشقا بولىدىكەن، شۇلارنى ئېنىقلاپ چىقىڭ. باشلىقىڭىزغا قولىڭىزدىكى ۋەزىپىلەرنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن بىر قىسىم ۋەزىپىلەرنى قىسقارتىپ بېرىشنى تېلېپ قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
5. توختىتىش
ۋەزىپە تىزىملىكىڭىزدىكى بىر قىسىم ئىشلارنى يوق قىلىشنىڭ يەنە بىر ئامالى، ئۇ ئىشلارنى قىلىش زۆرۈرىيىتى يوقىغىچە ئۇ ئىشلارنى قىلماي ساقلاپ تۇرۇش. يەنى، كېچىكتۈرمىچىلىك قىلىش ئارقىلىق بىر قىسىم ئىشلارنى قىلماي قۇتۇلۇپ كەتكىلى بولىدۇ.
6. ئاددىيلاشتۇرۇش
ئەگەر سىز قىلماقچى بولغان بەزى ئىشلار مۇرەككەپ ۋە قىيىن بولىدىكەن، ئامال تېپىپ ئۇلارنى ئاددىيلاشتۇرۇڭ ۋە ئاسانلاشتۇرۇڭ. «ئاشۇ ئىشلارنى قىلىشنىڭ ئەڭ ئاسان ئۇسۇللىرى قايسى؟» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە قاتتىق باش قاتتۇرۇپ بېقىڭ.
7. ئەڭ ئاخىرغىچە ساقلاش
بەزى ۋاقىتلاردا مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشنى توختىتىپ قويسىڭىز، ئۇ ئىش ناھايىتىمۇ مۇھىم بىر ئىش بولۇپ چىقىپ قېلىپ، ئۇنى چوقۇم قىلمىسىڭىز بولمايدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى سىز باشقا بىرسى سىزدىن قاتتىق سۈيلىگەندىلا ئاندىن بايقايسىز. بۇ بىر جىددىي ئەھۋال بولۇپ، مەزكۇر ئىشنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسى سىز ئۈچۈن بىر تۈرتكە (motivation) بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ئۇ ئىشنى قىلىۋېتىسىز. ئەمما بۇنداق جىددىي ئەھۋال سىز مەزكۇر ئىشنى بىرەر ھەپتە كېچىكتۈرگەندىلا ئاندىن يۈز بېرىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق ئەھۋالدا سىز ئەڭ ئاخىرىغىچە ساقلىسىڭىز، ئۇنى جىددىي تۇتۇپ قىلىشقا نىسبەتەن بىر ئۈنۈملۇك تۈرتكىگە ئىگە بولىسىز. شۇنداق بولغاچقا بەزى ئىشلارنى ئەڭ ئاخىرىغىچە ساقلاپ، ئاندىن ئۇنى پۈتتۈرسىڭىزمۇ ئۈلگۈرىسىز.
8. ھۇرۇنلۇق مۇكاپاتى
مەن ئۆز-ئۆزۈمگە «ئەگەر مەن ماۋۇ ئىشنى قىلماقچى بولسام، مەن چوقۇم ھۇرۇنلۇق قىلىشىم كېرەك» دېيىش ئارقىلىق، ئۆز-ئۆزۈمنى مۇكاپاتلاشنى ياخشى كۆرىمەن. سەۋەبى، مەن ھۇرۇنلۇقنى ياخشى كۆرىمەن، شۇڭلاشقا يۇقىرىقىدەك قىلىق ماڭا بىر ئىشنى قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەگەر مەن ئاشۇ ئىشنى كېلەر قېتىم 5 مىنۇت ئىچىدە قىلىپ تۈگىتەلىسەم، ئۇنىڭدىن كېيىن مەن تېلېۋىزور كۆرەلەيمەن.
9. ئۆز-ئۆزىنى روھلاندۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىش
ئەگەر سىز بەزى ئىشلارنى قىلىشقا ناھايىتى ھۇرۇنلۇق قىلسىڭىز، ئۇ چوقۇم ئاشۇ ئىشلارنىڭ سىزگە ئىنتايىن زېرىكىشلىك تۇيۇلىشىدىن بولغان بولىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولىدىكەن، سىز ئۆزىڭىزنى روھلاندۇرىدىغان باشقا ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىڭ. سىز ئۈچۈن مۇھىم، ھوسۇللۇق، ھەمدە سىزنى روھلاندۇرالايدىغان ئىشلارنى بىر تىزىم قىلىپ يېزىپ چىقىڭ. ئاندىن ئاشۇ ئىشلارنى بىر-بىرلەپ قىلىشقا باشلاڭ. سىز زېرىكىشلىك ئىشلاردىن چوقۇم ئۆزىڭىزنى قاچۇرىسىز، ئەمما ئاشۇنداق قىلىش سىزنىڭ باشقا ئۆزىڭىزنى روھلاندۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. ئەگەر سىز ھازىر ناھايىتى زېرىكىشلىك ئىشتىن بىرىنى قىلىشقا مەجبۇرى بولۇپ قالىدىكەنسىز، ئۇ ئىشنى ئۆزىڭىزنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر ئىشقا ئايلاندۇرۇش چارىسىنى قىلىپ بېقىڭ. مۇنداق بىر تېخنىكىنى قوللىنىپ بېقىڭ: ھېلىقى ئىشنىڭ نەقەدەر قىيىن ئىكەنلىكىنى ئويلىماي، ئۇ ئىشنى قىلىش ئارقىلىق سىز قانداق پايدىلارغا ئېرىشىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاڭ. ئېھتىمال سىز ئاشۇ ئىشنى قىلىش ئارقىلىق پۇلغا، نام-شۆھرەتكە، ياخشى يېمەكلىكلەرگە، ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئېرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
10. ئەسكى ئىشنى قىلىشنى ياخشى ئىشنى قىلىشتىن تەسرەك قىلىپ قويۇش
سىزنىڭ بىر ئىككى قەۋەتلىك ئۆيىڭىز بار بولۇپ، سىز ئاستىنقى قەۋەتتە تېلېۋىزورنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ساپادا ئولتۇرۇپ ئىشلەيسىز. ئەمما سىز ساپادا ئولتۇرغان ھامان تېلېۋىزورنى ئېچىپ، بىرەر پروگراممىنى كۆرىشنى ياخشى كۆرىسىز. سىز ئۈچۈن ساپادا ئىشلەش ياخشى ئىش، ئەمما ئۇ يەردە تېلېۋىزور كۆرۈش ئەسكى ئىش بولسۇن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا سىز تېلېۋىزورنى يىراقتىن باشقۇرىدىغان كونتروللىغۇچنى ئويىڭىزنىڭ 2-قەۋىتىگە ئاچىقىپ قويۇڭ. يەنى، ئەسكى ئىشنى قىلىشنى ياخشى ئىشنى قىلىشتىن تەسراق قىلىپ قويۇڭ. بۇ بىر مىسال بولۇپ، سىز مۇشۇنداق بىر ئۇسۇلنى كۈندىلىك ھاياتىڭىزدا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
لېئو بابوتانىڭ ماقالىسىنىڭ مەزمۇنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.