دولقۇن تۇرسۇن
ئىنسان ھاياتلىقىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ھاياتلىق ئاتا قىلغان خىلمۇ – خىل نىمەتلەردىن بەھر ئېلىش ۋە بەھرلەندۈرۈشتۇر. شۇڭا ھەر بىر كىشى پەقەت ئۆزىنى تونۇغاندىلا، ئاندىن ھەربىر قەدەملىرىدىن گۈل ئۈندۈرۈپ،دۇنيانى گۈل – چېچەككە پۈركەپ، تېخىمۇ رەڭدار ۋە خۇش پۇراق قىلالايدۇ.
كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى، تەربىيەلىنىشى، يېتەكلىنىشتىكى پەرقلەر سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ھاياتقا بولغان قاراش، ئىنتىلىش، ياشاش ئۇسۇلى، تاللىغان يولىمۇ پەرقلىنىدۇ. كىشىلەردە مۇئەييەن دەرىجىدە سەۋەنلىكلەر، يېتەرسىزلىكلەر تامامەن مەۋجۇت. ئەمما پۈتۈنلەي سەۋەنلىكلەر، يېتەرسىزلىكلەرگە تولغان، ئازراقمۇ ئارتۇقچىلىقى يوق كىشى دەپ قارىلىدىغانلار ئەسلا مەۋجۈت ئەمەس. چۈنكى ئەقىل – ئىدارك، ھېسسىيات، تىل بايلىقىدا تەڭداشسىز قۇدرەتكە ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ ئاڭ فورماتسىيىسىدىن قارىغاندا، ھەر بىر كىشىدە يەنىلا مۇئەييەن دەرىجىدە ئادىمىيلىك بار. بۇ ئادىمىيلىك ئەڭ ئاز بولسىمۇ ئەقىلدىن، ھېسسىياتتىن كەلگەن ئەلۋەتتە. بۇ دەل ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتتىكى ھەر قانداق جانلىقلاردىن پەرقلىنىدىغان، ئۈستۈن تۇرىدىغان قىممەتلىك بايلىقى.
تەجرىبىلەر توپلانغانسېرى، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى ئادەم ئاندىن سەگەكلىشىدۇ. شۇڭا ‹‹ئۆگىنىش، ئۆگىنىش يەنە ئۆگىنىش›› روھى ھەممىمىزنىڭ قەلب ئېتىزىدا يىلتىز تارتسا، ئىنساندارچىلىقنىڭ ھەر بىر قەدەملىرىدە بىزگە چىڭ يېپىشىۋالغان ياكى بىز بىلىپ بىلمەي ئۆزىمىزگە دوست قىلىۋالغان ئوبيېكتىپ ياكى سۇبيېكتىپ نۇقسانلىرىمىز، سەۋەنلىكلىرىمىز، يېتەرسىزلىكلىرىمىز كۈندىن – كۈنگە ئازلاپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئەسلىي تەبىئىيىتىمىز ۋە تەبىئىيلىكىمىز بولغان ئادىمىيلىك ئاستا – ئاستا جۇلا قىلىشى، بارا – بارا ئوتقاشتەك رەڭلىنىشى، ھەتتا قۇياشتەك نۇرلىنىشى ئېنىق. مانا بۇ ھاياتلىقنىڭ ئەسلىي مەنىسى ۋە مەزمۇنى خالاس.
ئۆزىنى تونۇش ئىنساننىڭ تېخىمۇ مۇھىم خاسلىقى، ئارتۇقچىلىقى، تېپىلغۇسىز بايلىقى. ئۇ ئۆزىنى ھەقىقىي چىن مەنىدە ھېس قىلىشنىڭ گەۋدىلىنىشى، ئۆزىنى بىلىپ يەتكەنلىكنىڭ نەتىجىسى. ئادىمىيلىكنى مەنبەدىن ئىلمىي، چوڭقۇر، كەڭ دائىرىدە، ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ يېتەلىگەنلىكى، ئويلىيالىغانلىقى، ھاياتلىقنىڭ ھەر بىر دەقىقىلىرىگە نىسبەتەن توغرا باھا بېرەلىگەنلىكى، شۇنداقلا ئۆزىدىكى ھەر جەھەتلەردىن بار بولغان تۈرلۈك ھاياتلىققا توسالغۇ بولغان پۇتلىكاشاڭلارنى تېپىپ چىقالىغانلىقى، ئەقلىي خۇلاسىگە كېلىپ، ھاياتتىن تەجرىبە توپلىيالىغانلىقى كەلگۈسى تۇرمۇشقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىيالىغانلىقنىڭ ئىسپاتى. بۇ ئەلۋەتتە پەقەت ئۆزى ھېس قىلىشلا بولماستىن، ئەتراپتىكىلەرنىڭ، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ، ھەتتا ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ تەسىر قىلىشى، سىڭىپ كىرىشى، ئىلھاملاندۇرۇشى قاتارلىقلارنىڭ ياردىمىنىڭ ئورتاق مەھسۇلى.
ھەر بىرىمىز ئادىمىيلىك سۈپىتىمىز بىلەن زەمزەم كەبى مېھرىمىزنى بىر – بىرىمىزگە بېرىپ، ئەڭ سەمىمىي مۇھەببىتىمىز بىلەن ئۆز ئارا ياردەم، كۆيۈنۈش، ساداقەتنىڭ مېلودىيەسىنى ياڭراتساق، تەبىئىيكى، نۇقسانلىرى، كەمچىلىكلىرى بار كىشىلەرمۇ ئاستا – ئاستا ئۆزىنى ھەقىقىي تونۇشى بەرھەق. ئۇشبۇ ئۆزىنى تونۇش ھەتتا ئۇنى ياخشى خىسلەتكە ئىگە يېڭى بىر پەزىلەتلىك كىشى قىلىپ چىقالىشى، يالغۇز ئۆزىنىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ بېرىشىنى بىر خىل خۇشاللىق دەيدىغان تونۇشقا كەلتۈرەلىشى ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەتكە كەلتۈرەلىشى تەبىئىي. مانا بۇنداق ئۆزىنى تونۇش بىز دائىم تىلغا ئالىدىغان ئادىمىيلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]