ئۇيغۇر خەلق ئېپۇسى - ياچىبەگ
	
	 ئۇيغۇر خەلق ئېپۇس يەنى قەھرىمانلىق تارىخىي داستانى << ياچىبەگ >> قومۇلدىكى بەش شەھەر ، ئون ئىككى تاغدا كەڭ تارقالغان تىراگىدىيىلىك داستاندۇر . بۇ داستان قومۇلدىلا تارقىلىپ قالماي يەنە پىچان مورى تۇرپان توقسۇن قاتارلىق جايلارغىمۇ تارقالغان . بۇ داستاننىڭ قومۇلدا تارقالغان نۇسخىسى بىرقەدەر تولۇق ، باشقا يۇرتلاردا تارقالغان نۇسخىلىرى بۇ داستاندىن ئارىيەلەردۇر خالاس . بۇ داستاننى ئاڭلىغان ياكى ئوقۇغان كىشى داستاندا تەسۋىرلەنگەن تۇرمۇشنىڭ قەدىمىيلىكىنى ھېس قىلىپ داستانغا ناھايىتى تەبىئىيلا قىزىقىپ قالىدۇ . بىراق داستاننىڭ بىر قىسىم يەرلىرىدىكى ۋەقەلىك راۋاجىنىڭ بىر بىرىگە جىپسىلاشماسلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ھەم ئويغا سالىدۇ . داستاندا ئۇچرايدىغان يەر ناملىرىنىڭ قومۇل تاغلىرىدىكى يەر ناملىرى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئاسانلا ئاڭقىرىپ ئالالايدۇ . بۇ داستان ئەرەب - پارىس داستانچىلىقىنىڭ تەسىرىدىن خالىي بولۇپ ، ئۇنىڭ بايان ئۇسلۇبىدىن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈكىي تىللىق خەلقلەرگە خاس بولغان بايان ئۇسلۇبى مان مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدۇ . شۇڭا مەن بۇ داستاننىىڭ ئەسلىسى زادى قانداقتۇر دېگەن ئوي بىلەن بۇ داستانغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئىزچىل يىغىپ كەلدىم . ئاشكارا قېتىلغان ماتېرىياللار بولسۇن ، ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلغان ماتېرىياللار بولسۇن ھەممىنى يىغدىم .
	     بۇ داستاننى ئەڭ دەسلەپ يازغۇچى ئايشەم ئەخمەت << بۇلاق >>  ژورنېلىدا ئېلان قىلدى . ئىبراھىم شاھى << قومۇل شەھەر تارىخ ماتېرىياللىرى >>  نىڭ 1 - قىسمىدا << ياچىبەگ >> ھەققىدە قىسقىچە تارىخىي ئۇچۇر بىلەن قوشۇپ بىې قانچە كوپلېتنى ئېلان قىلدى . نېمە ئۈچۈندۇر بۇ نۇسخىلارنىڭ بەزىلىرىدە بىر قىسم يەرلىك سۆزلەر ۋە ھازىرغا قەدەر قومۇلدا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بىرقىسىم قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا خاس بولغان سۆزلەر چىقىرىۋېتىلگەن ياكى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن ، قومۇللۇقلار ئېغىز تىلىدا ئىشلەتمەيدىغان سۆزلەر قوشۇلۇپ قالغان .
	    قومۇلنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ، تارىختا بۇ سېھىرلىك گۈزەل زېمىننى نۇرغۇن خانلىقلار ئىزچىل تالىشىپ كەلگەن . چۈنكى ، قومۇلنى تىزگىنلەپ تۇرۇش يىپەك يولىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆتكەلللىرىدىن بىرىنى قولدا تۇتۇپ تۇرغانلىقتۇر . شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ تەقدىر - پىچىملىرىنىڭ قانداق بولۇشىدا بۇ يۇرتنىڭ مۇھىملىقىنى ، رولىنى بىلگەن خان - بەگلەردىن ئۇنى تالاشمىغانلار ئىنتايىن ئاز . جۈملىدىن جۇڭغار خانلىقىمۇ مىڭ سۇلالىسى ( 1368 _ 1644 ) دەۋرىدىن باشلاپلا قومۇلغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان . ئۇلار 1470 - يىلىدىن 1491 - يىلىغىچە قومۇلنى ئۈچ قېتىم بېسىۋالغان . بۇنداق ئۇرۇشلار چىڭ سۇلالىسى ( 1644 _ 1911 ) قۇرۇلۇپ خېلى بىر مەزگىلگىچە داۋاملىشىپ تۇرغان . 1514 - يىلى سۇلتان سەئىدخان تەرىپىدىن قۇرۇلغان ياركەند سەئىدىيە خانلىقى ئىسمايىل دەۋرىدە ، يەنى 1680 - يىلى ئاپپاق خوجىنىڭ غالدان سېرىن ئەسكەرلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا باشلاپ كېلىشى بىلەن يىمىرىلدى . ئەنە شۇ چاغلاردا قومۇل خەلقى بىر مەزگىل جۇڭغار خانلىقىنىڭ ئىلكىگە چۈشۈپ قالدى . 1745 -يىلى غالدان سېرىننىڭ ئۆلۈشى بىلەن جۇڭغار خانلىقىمۇ يىمىرلدى . ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا قومۇل خەلقى جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن ئاز كەم ئۈچ يېرىم ئەسىر كۆرەش قىلدى . بۇ جەرياندا نۇرغۇن قانلىق جەڭلەر بولدى ، نۇرغۇن تاغ يۈرەك يىگىلەر ئۆزلىرىنىڭ قەھرىمانلىقى بىلەن تونۇلدى ، يەنى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك مەنىۋىي قۇدرىتى ، سۇنماس روھى جاسارەتلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە مايىل ۋە قايىل قىلىپ ، ئەل - يۇرتنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ ، نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان دىللاردا ياد ئېتىلىپ ، تىللاردا داستان بولۇپ كەلدى . بۇ جەرياندا ھەم ئوسمانبەگ سامانچىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئۇرۇغ - تۇغقان يۇرتداشلىرىنىڭ قۇتلۇق يولىغا توزاق قۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئېشىغا ئوغا سالغان مۇناپىقلارمۇ پەيدا بولۇپ ، ئەل - يۇرتنىڭ قارغىشىغا ئۇچراپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ساتقىنلارنى جازالاش ئادەت تۈزۈكى _ خائىننىڭ تېرىسىنى تۇلۇم سويۇپ ، يۈرەك باغرىنى ئىتقا تاشلاپ بېرىپ ، پوستىغا سامان تىقىش جازاسىغا ئۇچراپ ، مەڭگۈلۈك لەنەتگەردىگە ئايلاندى . ئەگەر قومۇل خەلقىنىڭ ئاز كەم ئۇچ يېرىم ئەسىرلىك قان ياش بىلەن يۇغۇرۇلغان ھايات - ماماتلىق قانلىق كۆرەسشلىرى بولمىغان بولسا ، << ياچىبەگ >> ، << ئۆمەر باتۇر >> ، << ئىسلام بېگىم >> داستانلىرىدەك ئادەمنى كۈچلۈك ھاياجانغا سېلىپ ، گاھىدا سۆيۈندۈرۈپ ، گاسىدا يىغلىتىپ ، گاھىدا پۈتۈن ئەلكۈنگە قوشۇلۇپ چىشىنى غۇچۇرلىتىپ ، ئاچچىق ئىزتىرابلارغا مۇپتىلا قىلىدىغان مۇنداق گۈزەل داستانلارمۇ بولماس ئىدى .
	<< ياچىبەگ >> داستانىنى مەن 1989 - يىلى ئاراتۆرۈك ناھىيە بايلىق يەھيا ئەينىدىندىن ۋە قىرسايلىق راجى غوجامنىياز بوۋىدىن ئاڭلاپ ئۈنئالغۇغا ئېلىپ خاتېرىلىۋالدىم . ئارىدىن ئون بەش يىل ئۆتۈپ ، 2004 - يىلى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە ش ئۇ ئا ر خەلق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى << مىراس >> ژورنېلى تەھرىر بۆلۈمىدىن تۆت كىشى مورى ئۇيغۇرلىرىنىڭ فولكلورىنى تەكشۈرگەنىدۇق . ئويلىمىغان يەردىن << ياچىبەگ >> داستانىنىڭ مورىدا تارقالغان بىر قانچە كۇپلېتىنى 50 ياشلارغا يېقىنلىشىپ قالغان تۇرسۇن سۇناي دۇتار چېلىپ ئېيىتىپ بەردى . بۇ داستاننىڭ كەمتۈك يەرلىرىنى تولۇقلاشتا ئەھمىيەتكە ئىگە پارچىلار بولۇپ ، بۇ پارچىلارنى نەق مەيداندا خاتېرىلىۋالدىم . شۇ يىلى بۇ ئۇچۇرنى قومۇلغا بارغاندا ياش تارىخچى دوستىمز سمەت ئەسرا تۇراغا ئېيتتىم . ئۇ ئۆزىنىڭمۇ << ياچىبەگ >> ھەققىدە قومۇلدا كىشىلەر ئاغزىدا تارقىلىپ يۈرگەن بىر قىسم تارىخىي ۋەقەلەرنى ، قوشاقلارنى خاتېرىلەپ قويغانلىقىنى ، ماڭغا كېرەك بولسا شۇ ماتېرىياللارنى تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، مەن ئۇنىڭدىن سۆيۈنۈشىمنى بىلدۈردۈم . مەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا تېلىپۇن قىلغاندىن كېيىن ، ئۇ ماتېرىياللارنى ئەۋەتىپ بەردى . بۇ ماتېرىيالنى كۆرۈپ چىقىپ ،ئىككى كوپلېت قوشاقنىڭ قومۇلدىكى ماتېرىياللارنىڭ ھېچ قايسىسىدا  توق قوشاقلار ئىكەنلىكىنى بايقىدىم . بۇ ئىككى كۇپلېت قوشاقمۇ داستاننى رەتلەپ ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈرۈشتە خېلى مۇھىم رول ئوينىدى . شۇنداق قىلىپ مەن بۇ داستاننى يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر توپلاپ ئېلان قىلغان نۇسخىلىرى بىلەن ئۆزۈم خاتېرىلىگەنلىرىمنى قايتا - قايتا سېلىشتۇرۇپ رەتلەپ چىقتىم . مەن رەتلەپ چىققان بۇ نۇسخا باشقا نۇسخىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ھازىرچە ئەڭ تولۇق نۇسخىدۇر . بۇ نۇسخىنى مۇقامچى داستانچى ئىبراھىم ياقۇبنىڭ تلەپ قىلىش بىلەن ئەۋەتىپ بەردىم . ئۇ ئۆزى بىلىدىغانلىرى ئاساسىدا بۇ داستاننى قايتا ئۆگىنىپ ، 2007 - يىلى ئۈرۈمچىدىكى يەر شارى مېھمانسارىيىدا ش ئۇ ئا ر خەلق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قازاق مۇڭغۇل قىرغىز قاتارلىق تۆت مىللەتنىڭ خەلق داستەانلىرىنى ئېيتىش ، تەتقىق قىلىش يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ناھايىتى تەسىرلىك قىلىپ ئېيتىپ ، ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى . مېنىڭ بايقىشىمچە ئىبراھىم ياقۇپ ئېيتقان << ياچىبەگ >> داستانىنىڭ ئاھاڭى ۋەقەلىك راۋاجىغا قاراپ ئۆزگىرىشى كۆپ ۋە بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ ، ئون نەچچە ئاھاڭدىن تەركىب تاپقان بوۇلپ ئىنتايىن تەسىرلىك . داستاننىڭ بەزى جايلىرىدكى ئاھاڭلار ئىنتايىن يېقىملىق ، جۇشقۇن بولۇپ كىشىنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالىدۇ ، بەزى جايلىرى ئىنتايىن مۇڭلۇق ، بەزى جايلىرى تولىمۇ قايغۇلۇق بولۇپ كىشىنىڭ يۈرەك - باغرىنى ئېزىۋېتىدۇ . بۇ ئىبراھىم ياقۇپ ئېيتقان << ياچىبەگ >> داستانىنىڭ مەن بۇرۇن ئاڭلىغان نۇسخىلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچىلىكىدۇر . ئىبراھىم ياقۇپ 2007 - يىلى ئۈرۈمچىدە ئېيتقان << ياچىبەگ >> داستانىنىڭ ئۈن - سىنغا ئېلىنغان نۇسخىسى ھازىر ش ئۇ ئا ر   خەلق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتىدۇ . بۇ داستاننى شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسورى دوكتۇر ئوسمان ئىسمايىل بىلەن ئۇنىڭ ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى ياسىن مەتنىيازمۇ ئايرىم ئۈن - سىنغا ئالدى .
	
	     ئىبراھىم ياقۇپ ھازىر شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، << ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك داستان ۋارىسى >> دۇر .
	
	ياچىبەگ  
	   
	   ئۆتۈنۈشۈم بار ئاڭلاڭلار ،
	   ئۆكۈنۈشۈم بار ئاڭلاڭلار ،
	  يىغلىشىم بار ئاڭلاڭلار ،
	   كۈلۈشۈم بار ئاڭلاڭلار ،
	ئۆتمۈشۈم بار ئاڭلاڭلار .
	 
	ئۆتكەن ئىدى ياچىبەگ ،
	بۇلاڭ - تالاڭ زاماندا .
	قالماق بىلەن جەڭ قىلىپ ،
	كەتتى ئاخىر ئارماندا .
	 
	ياچىبەگنىڭ ئۆيلىرى
	تۆرۈك تېغى ئەمتىدە
	ھىيلە - تاما يوق ئىدى
	ياچىبەگنىڭ ئەتتىدە
	 
	قۇنتاجىنىڭ لەشكىرى ،
	سالدى خەققە سوتۇقلۇق .
	سار سېلىشتى خالايىق ،
	ئۆي - ماكانى تۇرۇقلۇق .
	 
	يېمەك - ئىچمەك نەدىدۇر ،
	قاپلاپ كەتتى قۇرۇقلۇق .
	كېسەل بولدى خالايىق ،
	تېپىلماستىن ئوزۇقلۇق .
	 
	شۇندا چىقتى ياچىبەگ ،
	قوللىرىغا ئوقيا ئەپ ،
	تاغلار ئارا يول سالدى ،
	نوچى بولسا كەلسۇن دەپ .
	 
	ياچىبەگنى كۆرگەنلەر ،
	سۇمباتلىقكەن ، دەر ئىدى .
	گۈرزى - بازغان قوللىرى ،
	يولۋاس كەبى ئەر ئىدى .
	 
	ياچىبەگ خوي ئەر ئىدى ،
	يەتتە قۇلان يەر ئىدى .
	يەتتە قۇلان يەپ بولۇپ ،
	يەنە بارمۇ ، دەر ئىدى .
	 
	ياچى دېگەن بىر كىشى ،
	ئارقىسىدا مىڭ كىشى .
	ياچىغا ئېگىلمىسە ،
	قۇتۇلالمايدۇ كىشى .
	 
	ياچى دېگەن ياچىدۇر ،
	نەيزىسى بىلەن چاچىدۇ .
	كىمكى ياچىغا يانسا ،
	توخماق بىلەن ياچىدۇ .
	 
	تۈندە سوققان يەل بولۇپ ،
	يۇرتنى باسقان سەل بولۇپ .
	يېتىپ كەلدى قالماقلار ،
	ياراقلىرى تەل بولۇپ .
	 
	بېسىپ كېلىپ دېدىلەر :
	بۇ سۇ مېنىڭ ، ئوت مېنىڭ .
	بۇ تاغ مېنىڭ ، باغ مېنىڭ ،
	قومۇل دېگەن يۇرت مېنىڭ .
	 
	قوتان - قوتان قوي مېنىڭ ،
	پادا - پادا ئۇي منىڭ .
	ئۇيۇر - ئۇيۇر يىلقىلار ،
	بارلىق قورۇ - ئۆي مېنىڭ .
	 
	كۆمۈش تەنلىك ئاي مېنىڭ ،
	ئالتۇنى بار باي مېنىڭ .
	مال ئۆلتۈرسەڭ ئەت مېنىڭ ،
	سۆڭەك سېنىڭ ، ماي مېنىڭ ،
	ئوتۇن مېنىڭ ، توي منىڭ .
	 
	ئەجەپ يوچۇن كۈن بولدى ،
	كۈندۈز كۈنلەر تۈن بولدى .
	قالماقخاننىڭ دەردىدە ،
	يۈرەك - بېغىر خۇن بولدى .
	 
	ياچىبېگىم ئايقىرىپ ،
	يىگىتلەرنى قىچقىرىپ .
	ياغىش بەردى ئەلكۈنگە ،
	يۇرتى ئۈچۈن قان قىلىپ .
	 
	دېدى ياچى سۆز ئېلىپ :
	سۇمۇ سۇغا قېتىلىپ ،
	غوللار ئاقار يېيىلىپ ،
	يېغى كەلدى تىغ ئېلىپ ،
	يۈرەكلەرگە دەرت سېلىپ .
	بىز قوغلايلى ئۇلارنى ،
	ئارىسىلاندەك ئېتىلىپ .
	 
	قېنى باتۇر يىگىتلەر ،
	بىز يۈرەيلى ئاتلىنىپ .
	شۇڭقار بولساق قۇت قونۇر ،
	بىز ئۆلەيلى شادلىنىپ .
	 
	ھۆكىرەيلى كۆكيالدەك ،
	ياۋغا ئوقتەك ئېتىلىپ .
	ياغىلارغا كۆك كىرسۇن ،
	قىزىل چىقسۇن چېچىلىپ .
	 
	كەلدى باتۇر يىگىتلەر ،
	سەپ - سەپ بولۇپ ئات چېپىپ .
	يۇرت قوغدىغان ئۆسەر دەپ ،
	ئۇران توۋلاپ ئەنت ئىچىپ .
	 
	ئالدى - ئارتتىن كەلسە ياۋ ،
	نەيزە تىقىپ يىقىتىپ .
	ياندىن كەلسە قىلىچتا ،
	باشلار كېسىپ قان چېچىپ .
	 
	كۆكيال بولۇپ يېتىلىپ ،
	ياۋغا ئوقتەك ئېتىلىپ .
	ئۇرۇش قىلدى يىگىتلەر ،
	ياچىبەگكە قېتىلىپ .
	 
	سۈرەن سېلىپ ياچىبەگ ،
	سۈر - سۈر قىلىپ ياچىبەگ .
	يېڭىپ چىقتى يېغىدا ،
	قانلار كېچىپ ياچىبەگ .
	 
	توشپ كەتتى سايلارغا ،
	قالماقلارنىڭ ئۆلۈكى .
	ياچىبەگنى تۇتالماي ،
	قان - قان بولدى يۈرىكى .
	 
	ساق قالغىنى قالماقنىڭ ،
	قاچتى بۇندىن باش ئېلىپ .
	خەپ ياچى ، دەپ قايتىشتى ،
	كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ .
	 
	قالماقخاننى خېتىدە ،
	تۇتسۇن دېدى ياچىنى .
	توغام توغام يول توراپ ،
	چېرىك قويدى بارچىنى .
	 
	كىمكى تۇتسا ياچىنى ،
	مالدار قىلاي مەن شۇنى .
	ئۆزۈم بىلەن تەڭ قىلىپ ،
	زەردار قىلاي مەن ئۇنى .
	 
	قالماق كېلىپ چىللىدى ،
	ئوسمانبەگنى يېنىغا .
	كېڭەش قىلدى ياچىنىڭ ،
	قەستلەر قىلىپ جېنىغا .
	 
	باتۇر نېمە ئەل نېمە ،
	كۆڭلى قارا ساتقىنغا .
	تۇتماق بولدى ياچىنى ،
	يەتتە مىسقال ئالتۇنغا .
	 
	ۋەدە قىلدى ياچىبەگ :
	<< شۇ بۇ ئىشقا تۇردۇم >> دەپ .
	تاغ يىقىلدى بېشىغا ،
	<< تىرىك تۇتماق مۈشكۈل >> دەپ .
	 
	تۇتماق بولدى ئوسمانبەگ ،
	ياچىبەگنى تىڭتىڭلاپ .
	تۇتالمىدى ياچىبەگ ،
	مارىسىمۇ بىر يىللاپ .
	 
	ئۇ يان ئويلاپ ئوسمانبەگ ،
	بۇ يان ئويلاپ ئوسمانبەگ .
	سامانچىنى ئالداشقا ،
	تۇتۇش قىلدى ئوسمانبەگ .
	 
	ئوسمان كېلىپ سورىدى :
	ياچى دېگەن قايدا دەپ ،
	ئېيتىپ بەردى سامانچى ،
	تاغ ئارىسى باغدا دەپ .
	 
	قۇلان ئېتىپ ياچىبەگ ،
	كاۋاپ سالدى بېغىرنى .
	دالاماما ئۇنى ئالداپ ،
	كۆپ ئىچىردى چىغىرنى .
	 
	ئاڭقىرالماي ئات چېپىپ ،
	تاغدىن تۈشتى ياچىبەگ .
	سىڭلىسىنىڭ ئۆيىگە ،
	قۇشتەك ئۇچتى ياچىبەگ .
	 
	يېتىپ كېلىپ شۇ كۈنى ،
	ياچىبېگىم ئەمتىگە .
	تۈشمەك بولدى سىڭلىم دەپ ،
	يۇلتۇزخاننىڭ ئۆيىگە .
	 
	ياچىبەگنىڭ ئاتىسى ،
	خۇش ئەر ئىدى سۇلايمان .
	يىگىت بولساڭ مەيدانغا ،
	تۈش دەر ئىدى سۇلايمان .
	 
	مەن مەن دېگەن ئەرلەرنى ،
	يەرگە ئۇرغان سۇلايمان .
	چېلىشلاردا زور چىقىپ ،
	ئاتلار ئالغان سۇلايمان .
	 
	يۇلتۇزۇم دەپ سۇلايمان ،
	كۈندۈزۈم دەپ سۇلايمان .
	باقتى قىزىن ئۈمۈنۈپ ،
	ئايقىزىم دەپ سۇلايمان .
	 
	بىرلا كۆرۈپ يۇلتۇزنى ،
	كۆيۈپ يۈردى سامانچى .
	ئېلىۋېلىپ يۇلتۇزنى ،
	كۈلۈپ يۈردى سامانچى ،
	 
	سامانچىنىڭ قىلىغى ،
	ياقماس ئىدى ياچىغا .
	دەشنام يەپمۇ سامانچى ،
	باقماس ئىدى ياچىغا .
	 
	قالتىس چاغلاپ ئۆزىنى ،
	يۈرەر ئىدى سامانچى .
	ئۈزۈۋالدىم دەپ يۇلتۇزنى ،
	كۈلەر ئىدى سامانچى .
	 
	ئىدرىكى يوق سامانچى ،
	ئوسمانبەگكە قېتىلدى .
	ئوسمانبەگكە قېتىلىپ ،
	چېرىكلەرگە سېتىلدى .
	 
	سۇقلەت سۆرۈن سامانچى ،
	ياچىغا بولدى پايلاقچى .
	نەپكە سېتىپ جېنىنى ،
	بولدى ياۋغا يالاقچى .
	 
	ئۇندىن بۇندىن سامانچى ،
	سورار ئىدى ياچىنى .
	تاغمۇ تاغ ئاراسىدا ،
	مارار ئىدى ياچىنى .
	 
	ياچىبەگنى تۇتماقنى ،
	نىيەت قىلدى سامانچى .
	بۇ ئىشلارنى تەكتىنى ،
	بىلەلمىدى ھېچ ياچى .
	 
	شۇل ئەسنادا ياچىغا ،
	ئۇچراپ قالدى سامانچى .
	خۇش كەلدىڭىز دەپ ئۇنى ،
	قارشى ئالدى سامانچى .
	 
	ئۆتكۈر كۆزلۈك ياچىبەگ ،
	ئەتراپىغا زەڭ سالدى .
	كۆرمىسىمۇ ياتلارنى ،
	بىر ئىشنى تۇيۇپ قالدى .
	 
	<< ياناي >> دېدى ئۆزىنى ،
	ئالماق بولۇپ دالدىغا .
	بۇ چاغ كەلدى سامانچى ،
	ياچىبەگنىڭ ئالدىغا .
	 
	<< بىزنىڭ ئۆيلەر تېچ بولدى ،
	تۈشۈپ ئۆتۈڭ ياچىبەگ .
	ھېرىپ - ئېچىپ كەلگەنسىز ،
	سىنچاي ئىچىڭ ياچىبەگ >> .
	 
	ئۇيان ئۆتتى ياچىبەگ ،
	بۇ يان ئۆتتى ياچىبەگ .
	ئاخىر ئۆيگە كىرمەكنى ،
	نىيەت قىلدى ياچىبەگ .
	 
	تۇيغۇزماستىن تالاغا ،
	چىقىۋالدى سامانچى .
	خىيال سۈرۈپ شۇ ئۆيدە ،
	يالغۇز قالدى بۇ ياچى .
	 
	تۇيدۇرمىدى سامانچى ،
	ھېچ بىر ئىشنى يۇلتۇزغا .
	بەلگە بەردى - ئىم بەردى ،
	ئوسمان دېگەن تۇڭگۇزغا .
	 
	ئىشقا سالدى قالماقلار ،
	ئوسمان دېگەن غالچىنى .
	مىڭلاپ چېرىك بۆكتۈردى ،
	تۇتماق بولۇپ ياچىنى .
	 
	ياچىبەگنىڭ ئاتىنىڭ ،
	ئىلدام باردى يانىغا .
	ئۇلاڭىنى بوشۇتۇپ ،
	قەستلەر قىلدى جانىغا .
	 
	شۇل ئەسنادا چاقىردى :
	<< چاققان چىقىڭ ياچىبەگ ،
	كېلىپ قاپتۇ چېرىكلەر ،
	ئىلدام قېچىڭ ياچىبەگ >> .
	 
	ئۆيدىن چىقىپ ئىلۋىزدەك ،
	كۆزى تۇرۇپ چولپاندەك .
	تۈشۈو قالدى قىلتاققا ،
	رىسقى تۈگەپ قالغاندەك .
	 
	ئۈزەڭگىگە پۇت سېلىپ ،
	يۈرەكلەرگە دەرت سېلىپ .
	ئوڭدا تۈشتى ياچىبەگ ،
	سۆرۈن دۆيۈز قەست قىلىپ .
	 
	يېتىپ كېلىپ چېرىكلەر ،
	قورشىۋالدى ياچىنى .
	ساما تاشلاپ بوينىغا ،
	تۇتۇۋالدى ياچىنى .
	 
	تۆرۈكتاغى ئالدىدا ،
	تۇتۇپ ئالدى ياچىنى .
	ئەلەنجىگە قويماستىن ،
	باغلاپ ئالدى ياچىنى .
	 
	ياچىبەگنىڭ باغرىنى ،
	سامانچىلار داغلىدى .
	سەسەن كىشى يىغىلىپ ،
	ياچىبەگنى باغلىدى .
	 
	گۈر - گۈر بېسىپ كەلگەندە ،
	ھەيران قالدى ياچىبەگ .
	غەزەپلىنىپ يۇلقىنىپ ،
	ئوغا تۇتتى ياچىبەگ .
	 
	سۈرەن سالدى چېرىكلەر :
	يۈردۈڭ تاغدا ياچىبەگ .
	ئەمدى قولغا تۈشتۈڭمۇ ،
	ئوبدان چاغدا ياچىبەگ .
	 
	ياچىبەگنى تۇتتۇقمۇ ،
	قىماردا بىرنى يۇرتتۇقمۇ .
	ئېيتە باتۇر ياچىبەگ ،
	سېنى خۇن - خۇن كۈتتۇقمۇ .
	 
	بۇنى ئاڭلاپ ياچىنىڭ ،
	كۆزلىرىدىن ئوت ياندى .
	ئاچچىغىدا تۈكۈردى ،
	سامانچىنىڭ يۈزىگە .
	 
	ئېلىپ كېلىپ ياچىنى ،
	ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىدى .
	ئاللا قۇلى ئۆپكىدەپ ،
	ئارقىسىدىن يۈگۈردى .
	 
	قان - قان يىغلاپ شۇ بالا ،
	دادا ، دېدى نالە قىپ ،
	بالام دېدى ياچىبەگ ،
	سامانچىنى شايى قىپ :
	 
	سۇقلەت سۆرۈن سامانچى ،
	مېنى ئۆيگە چىللىدى .
	ئەكىرىۋېلىپ ئۆيىگە ،
	قالماقلارنى تىللىدى .
	 
	سۇقلەت سۆرۈن سامانچى ،
	قالماقلارنى تىللىسا .
	بىلمەپتىمەن مەن ئاخماق ،
	ماڭغا يالغان يىغلىسا .
	 
	ئىگىسى يوق يەر بارمۇ ،
	قۇمدا سوققان شەر بارمۇ .
	ياچىبېگىم ئۆلدى دەپ ،
	ئېسەنكىرەر ئەر بارمۇ .
	 
	ئالتىنچى ئاينىڭ ئاپتىپىدا ،
	كۆيدى پېشانەم .
	ئۆلۈپ كەتسەم قالارمۇ ،
	نامۇ - نىشانەم .
	 
	مەن ئۆلسەم ئۆلۈكۈمنى ،
	تاغدا قويۇڭ ،
	تاغ يولى يىراق كەلسە ،
	باغدا قويۇڭ .
	 
	يۈزۈمنى قىبلە سايان ،
	ئاچىپ قويۇڭ .
	باشىمغا بىر دەستە گۈل ،
	سانچىپ قويۇڭ .
	 
	ئاقار قانىم تامار قانىم ،
	كېسىلەر باشىم .
	مەن ئۆلگەندە قان - قان يىغلار .
	جان قېرىنداشىم .
	 
	ياچىبەگنى قالماق خان ،
	ئاتمىش يەردىن چاپتۇردى .
	چېرىك قويۇپ تاغلارغا ،
	يوقىر - تۆۋەن چاپتۇردى .
	 
	ياچىبەگ ئاخماق ئىكەن ،
	بېلىدە چاقماق ئىكەن ،
	ياچىبەگنى ئۆلتۈرگەن ،
	جالالىق قالماق ئىكەن .
	 
	ياچىبەگدەك ئەر بارمۇ ،
	قاپ ئېيتقانغا ئىشەنگەن .
	يالغان گەپكە ئىشىنىپ ،
	قىزىل قانغا مىلەنگەن .
	 
	ئاللا قۇلق يىغلىدى ،
	ئەل - خالايىق يىغلىدى .
	ياچىبەگنىڭ ئۆلۈمى ،
	يۈرەكلەرنى تىلغىدى .
	 
	باغداش تېغى ئېگىز تاغ ،
	ئەمتى ئۇنىڭ ئاغزى .
	ھەسرەت يۇرتۇپ يىغلىدى
	ياچىبەگنىڭ ئاغىسى .
	 
	تاغدىن تۈشۈپ يۇرتچىبەگ ،
	ئۆپكىلىدى يىغلىدى .
	ئۇلۇغ - ئۇششاق يىغىلىپ ،
	ئاق قارىنى ئىلغىدى .
	 
	ئوسمانبەگنى كەلتۈرۈپ ،
	بارچە ئىشنى دېگۈزدى .
	ئىت پوقىنى يېگۈزۈپ ،
	ئىشتىنىغا سىيگۈزدى .
	 
	سامانچىنى سويۇپ بوپ ،
	سامان تىقتى پوستىغا .
	ئوسمانبەگنى ئۆلتۈرۈپ ،
	ساۋاق قىلدى پۇشتىغا .
	 
	يۇم - يۇم يىغلاپ خالايىق ،
	دۇئا بەردى دوستىغا .
	ساتقىنلارنى بېشىنى ،
	ئاستى دەرەخ ئاستىغا .
	 
	سېنى ھەققە تاپشۇردۇم ،
	ئارىسىلانىم ياچىبەگ .
	شۇڭقار بولدۇڭ يۇرتۇم دەپ ،
	مەرد ئوغلانىم ياچىبەگ .
	 
	سۇقلەت سۆرۈن سامانچى ،
	توپا سالدى ئاشىڭغا .
	پۇت - قوللىرىڭ باغلىنىپ ،
	قىلىچ تۈشتى باشىڭغا .
	 
	چوڭ قىلغانغۇ مەن سېنى ،
	كۆتۈرۈپ بۇ باشىمدا .
	يۈرەك - باغرىم ئۆرتەندى ،
	سەن بالام يوق قاشىمدا .
	 
	جانىم بالام دەردىڭدە ،
	قايغۇ ئاقار ياشىمدا .
	تۇرالمىدىم ھەسرەتتىن ،
	سەكسەن ئىككى ياشىمدا .
	 
	ياچىبېگىم قېنى دەپ ،
	بوز تۇلپارىڭ كىشنەيدۇ .
	يەرنى چاپچىپ ، ئۆرەدەپ ،
	جان تۇلپارىڭ كېشنەيدۇ .
	 
	تاغلار ئېگىپ باشىنى ،
	تۆكتى ئاچچىق ياشىنى.
	يۇم - يۇم يىغلاپ ئەلكۈنىڭ ،
	غۇچۇرلاتتى تىشىنى ...........
	 
	ئىزھات :
	كۆكيال - بۆە ، كۆكبۆرە
	توغام - توغام يول - يول يولارنىڭ ئاغزى
	ئۈمۈنۈش - ئۈمىدلىنىش ، تەلپۈنۈش ، ئىنتىلىش
	خۇن -خۇن _ بىكاردىن بىكار ، ئارتۇقچە بىھۇدە ھەقسىز
	ئېسەنكىرەش _ ئېچىنىش قوغداش
	يۇرتۇش _ ئۇتۇش ، يېڭىۋېلىش
	ياچىپ يەنى ياچىدۇ _ يانچىپ
	چاچىپ يەنى چاچىدۇ _ سانجىپ
	
	توپلاپ رەتلىگۈچى : يۈسۈپ ئىسھاق ، رەتلىگۈچى : ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە ، قومۇل ئەدەبىياتى ژورنېلىنىڭ 2009 - يىللىق 6 - سانىدىن ئېلىندى