بىتاپلىق دورىسى — كىتاب

بىر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەشكە بارماقچى ئىدىم. «ئۇنىڭغا نېمە سوۋغا قىلسام بولار؟» دەپ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىرئۇنىڭغا مەڭگۈ قىممىتىنى يوقاتمايدىغان، ئىنسان روھىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان بىلىم كانى كىتاب سوۋغا قىلىش نىيىتىگە كەلدىم – دە، كىتاب كۆرۈشكە ھېرىسمەن توققۇز ياشلىق قىزىمنى ئەگەشتۈرۈپ كىتابخانىغا باردىم. كىتاب تىزغۇدىكى يېڭى كىتابلارغا كۆزۈم چۈشتى. «سىرنامە»، «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى»، «ئۆزۈڭگە تايان»، «ھاياتىڭىزنى پىلانلاڭ» ... نېمە دېگەن ياخشى كىتابلار – ھە! بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق سوۋغا بولماس.
كىتاب تاللاپ بولغاندىن كېيىن، كىتابخانىغا نەزەر سالدىم. ۋاي – ۋۇي! بۇ يەر بۈگۈن بۆلەكچىلا ئاۋاتلىشىپ كەتكەنىدى. بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ تېخىمۇ خۇشال بولدۇم. ئادەتتە، ھەر كۈنى كەچتە يولدىشىم بىلەن بەدەن چېنىقتۇرغاچ ئايلىنىشنى ياخشى كۆرەتتىم. كىتابخانىنىڭ ئۇدۇلىغا ۋە ئارقا تەرىپىگە رېستورانلار جايلاشقان بولۇپ ناخشا – مۇزىكىلار ياڭراپ تۇراتتى. ئالدىدا توختاپ كەتكەن پىكاپ، موتوسىكلىتلار شۇنچە كۆپ بولاتتى. كىتابخانىمۇ كەچتە نورمال ئېچىلاتتى. بىراق، كىتابخانىدا بۇنچە كۆپ ئادەمنى ئۇچراتقىلى بولمايتتى. بىر كۈنى يولدىشىمغا:
– ئەنە قاراڭ، رېستوراندا ئادەم شۇنچە كۆپ، بىراق، كىتابخانا چۆلدەرەپ قاپتۇ. نېمە دېگەن روشەن سېلىشتۇرما بۇ؟! «شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ئۆيلىرىگە ھەر بىر دېھقانغا بىر پارچىدىن توغرا كەلگۈدەك كىتاب – ژۇرنال تەقدىم قىلىندى. بۇ «مەنىۋى بايلىقلار»مۇ كىتاب تىزغۇغا تىزىلغان پېتى توپا بېسىپ تۇرۇپتۇ. قاچانمۇ كىتاب – ژۇرنالغا قىزىقىش كەيپىياتىمىز قويۇقلىشار؟ – دېسەم، يولدىشىم:
— ئۇھسىنما، ھامان بىر كۈنى كىتابقا مۇراجىئەت قىلىدىغان ۋاقتىمىز كېلىدۇ، – دەپ تەسەللى بەرگەنىدى. مانا بۈگۈن كىتابخانىدىكى ئادەمنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ، يولدىشىم دېگەن شۇ ۋاقىت كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. مەن بۇ تۇيغۇمدىن سۆيۈنۈپ تۇراتتىم، قىزىم پىچىرلىغان ھالدا:
— ئاپا، مۇنۇ كىتابقا قاراڭ، قىزىق رەسىملەر بار ئىكەن، ئالايمۇ؟ – دېدى. مەن باش لىڭشىتتىم. شۇ چاغدا كاللامدا بالىلارنى كىچىكىدىن كىتابقا ھېرىسمەن قىلىپ تەربىيەلەش مۇھىم ئىكەن، دېگەن پىكىر تۇغۇلدى. كىتاب كۆرۈۋاتقانلارغا نەزەر سالسام، كۆپىنچىسى مەكتەپ بالىلىرى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئانىلىرى بىلەن كىتاب تاللاۋاتقان تۆت – بەش ياشلىق يەسلى بالىلىرىمۇ بار ئىكەن. ئورۇندۇقتا ياكى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرۈۋاتقان سەبىيلەرگە قاراپ شۇنداق مەسلىكىم كەلدى. ئۇلار كىتاب ئوقۇشنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلالىسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كەلگۈسىدە داڭلىق كىشىلەر چىقمايدۇ، دەپ كىم ئېيتالايدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ بالىلارنى كىچىكىدىن كىتابخۇمار قىلىپ تەربىيەلىشى ئاساسسىز ئەمەس. دانالارنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، كىتاب بىتاپلىق دورىسى ئەمەسمۇ. شۇڭا، بالىلارنى بىلىم خەزىنىسى كىتابنى ئۆمۈرلۈك دوست تۇتسۇن دېسەك، ئۇلارنى كىچىكىدىن كىتابقا ھېرىسمەن قىلىپ تەربىيەلەش ئىنتايىن زۆرۈر