خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

كەچۈر دادا، سېنى بەك ئۇزۇن ساقلىتىۋەتتىم

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : بەشتاش2015-05-03 15:23

 
كەچۈر دادا، سېنى بەك ئۇزۇن ساقلىتىۋەتتىم
كەچۈر دادا، سېنى بەك ئۇزۇن ساقلىتىۋەتتىم

     ئۆز ھېسسىياتىمنى ئاتا-ئانامغا ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ بەرگىنىمدىن باشلاپ سۆزلەي.

    ئاتا-ئانام مەن تۇرىۋاتقان جايغا كېلىپ بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن قايتماقچى بولدى، ئۇلارنىڭ كىرىمى ئارانلا بولغاچقا، ئەزەلدىن ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ باقمىغان ئىدى. گەرچە ئۇلار ماڭا نەچچە رەت پويىزدا كېتىمىز دېگەن بولسىمۇ، ئۇلارنى ئايروپىلاندا ئولتۇرۇشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقسۇن دەپ ، ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالدىم .

    ئايروپىلان بىلىتىنى دادامغا بەرگىنىمدە، ئۇ خۇددى ئۇزۇندىن ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ئويۇنچۇققا ئېرىشكەن كىچىك بالىدەك بەكمۇ ھاياجانلانلىنىپ كەتتى. ئايروپورتتا يۈك-تاقلارنى يۈك توشۇش ھارۋىسىغا سېلىپ ئاندىن توشۇشقا ھاۋالە قىلىشقا بەرگۈچە ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئايروپىلانغا چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا دادامنىڭ ھاياجانلانغانلىقتىن كىچىك بالىلاردەك بولۇپ قالغان قىياپىتى ھېلىھەم كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ. مەنمۇ ئوخشاش، قىزىق يېرى ئۇ كۈندىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردىن ئازراقمۇ بىزارلىق ھېس قىلمىدىم.

    ئايرىلىش ئالدىدا دادام ئالدىمغا كېلىپ ماڭا ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدىكى ياشتىن ئەجەپلەندىم، چۈنكى خاتىرەمدە دادام ناھايىتىمۇ چىدامچان كىشى ئىدى، قاچاندىن باشلاپ بۇنداق ھېسسىياتچان بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ ئەسلىيەلمىدىم. ئەمەلىيەتتە دادامنى بۇنچە ھاياجانغا سالغۇدەك ھىچقانداق ئۇلۇغ ئىشنى قىلغىنىممۇ يوق، سەۋەبى بىرلا بولسا كېرەك، ئۇلارغا ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ بېرىشىم ئەھمىيىتى چوڭ ئىش بولۇشى مۇمكىن.

     دادامغا «رەھمەت ئېيتىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى» دېگىنىمچە چوڭقۇر ئويغا چۆكۈپ كەتتىم. كىچىكىمىزدە ئاتا-ئانىمىز بىزنىڭ قانچىلىغان ئارزۇلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرگەندۇ ھە؟ گۈدەكلىكىمىزدىن بولسا كېرەك، ئائىلە ئىقتىسادىمىزنى قىلچە ئويلاشماستىن، ئۇلارغا توپ پالىقى، ئويۇنچۇق دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ بەر دەيدىكەنمىز. ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئارزۇلىرىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قۇربانلىق قىلغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمىز، بىز بولساق ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپمۇ باقمىدۇق ئەلۋەتتە.

     ئۆزىمىز ئاتا-ئانا بولغاندا بالىلىرىمىزنىڭ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامالنىڭ بارىچە تىرىشىدىكەنمىز. تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۇلارنى ئەڭ ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، ئۇلار ئېرىشمەكچى بولغانلىرىغا يەتكۈزىدىكەنمىز. ئەمما، ئۆز ئاتا-ئانىمىزنى ئارزۇلىرىغا يەتكۈزۈشنى ئويلىشىپ باقتۇقمۇ؟

   ئاتا-ئانامنىڭ سۇئاللىرىغا قانچە قېتىملاپ بىزار بولغان ھالدا جاۋاپ بەرگەنلىكىم يادىمدا يوق، ئەمما ھەر قېتىم قىزىمنىڭ سۇئاللىرىغا ئەدەپ ۋە سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاپ بەرگىنىم ئېنىق ئېسىمدە. پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ قەدرىگە يەتتىم. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، ئادەم ياشقا چوڭ بولغاندا ئىككىنچى بالىلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان بولىدىكەن، ئۇلار بىزنىڭ كۆيۈنىشىمىزگە، غەمخورلىقىمىزغا مۇھتاج بولىدىكەن.

    دادامنىڭ يىراقلاپ كېتىۋاتقان سىماسىغا قاراپ ئۆز-ئۆزۈمگە « مېنى كەچۈر دادا، كىچىككىنە ئارزۇيىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سېنى بەك ئۇزۇن، بەك ئۇزۇن ساقلىتىۋەتتىم» دېدىم.

خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار