كىتابنىڭ خاسىيىتى ۋە قۇدرىتى

كىتاب قەلبلەرنى يورۇتقۇچى مەشئەل، تەشنا دىللارنى قاندۇرغۇچى بۇلاق، ئىنساننى توغرا نىشانغا يېتەكلەيدىغان ماياك. كىتاب بىلىم ئۆگىتىدىغان، ئەقىل - پاراسەتنى يېتىلدۈرىدىغان ئوقۇتقۇچى. شۇڭا كىشىلەر كىتاب بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ كىتابنىڭ خاسىيىتى، رولىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇنى ئۇلۇغلاپ ھەرقانداق قىممەتلىك بايلىقتىنمۇ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. كىشىلەر كىتابنىڭ ئىنسانىيەت ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەپ، ئۇنى ئەۋلادمۇئەۋلاد مۇكەممەل ۋە مۇستەھكەم ساقلاپ، كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان ئەۋزەللىكىنى، كىتابنىڭ ئىنسان قەلبىنى يورۇتۇپ، بىلىم، ئىقتىدار ۋە ئادىمىيلىك ساپانى ئۆستۈرىدىغان مەنىۋى كۈچ، روھىي ئوزۇق، ئادەمنى تاكاممۇللاشتۇرىدىغان سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. كىتابنىڭ خاسىيىتى ۋە سېھرىي كۈچى شۇ قەدەر زوركى، ئۇ كىشىلەرنى ئۈنسىز تەربىيەلەيدۇ، يېتەكلەيدۇ. بىر ئادەمنىڭ ساغلام ۋە ساپالىق ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كىتاب كەم بولسا بولمايدۇ. مەيلى ئەدەبىي كىتابلار بولسۇن، مەيلى تارىخىي كىتاب، پەننىي كىتاب ياكى سىياسىي كىتابلار بولسۇن ھەممىسى قۇدرەتلىك كۈچ بولۇپ، ئادەمنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، خاراكتېرىنى تاۋلاپ، ئەقىل - پاراسىتىنى نۇرلاندۇرىدۇ، مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ، قانداق ياشاشنى، قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىدۇ، ھاياتنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
كىتاب بولغاچقىلا مەدەنىيەت بولغان، تەرەققىيات بولغان، ئىلىم - پەندە گۈللىنىش بولغان، بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيا بولغان. كىتابنىڭ ھەربىر ۋارىقى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ بىر پەلەمپىيى، ھەربىر قۇرى نۇسرەت چىرىغى. كىتاب مەيىن شامالدەك ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.
كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۆتمۈشنى ئەسلىگىلى، بۈگۈننى ياراتقىلى، كەلگۈسىگە نەزەر سالغىلى بولىدۇ. كىتاب ئادەمگە ئۇلۇغۋار ئىدىيە، يېڭىلمەس ئىرادە، ھەقىقەت، ئەخلاق - پەزىلەت، بىلىم ئاتا قىلىدۇ. كىتاب ئادەمنى نادانلىقتىن، نامراتلىقتىن، ئاجىزلىقتىن، قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ.
كىتاب ئادەمنى ئالدىنقىلار قالدۇرۇپ كەتكەن مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنىڭ سىرلىق خەزىنىسىگە باشلاپ بارىدىغان يول خېتى. ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: ‹‹كىتاب قەلبنى پاكلايدۇ. ئۇنىڭ ئىنسانغا بېغىشلايدىغان نۇر - نۇسرىتىنى ھەرقانداق زىننەت بۇيۇمى پەيدا قىلالمايدۇ. ئۇ قەلبنى نۇرلاندۇرۇپ، روھىيەتنى بېيىتىپ، ئۆمۈرنى مەنىۋى گۈللەر ۋە يۈكسەك نەزەر بىلەن بېزەيدۇ››دەپ ئېيتسا، ئەنگلىيەلىك مەشھۇر دىراماتورگ شېكىسپېر: ‹‹كىتاب پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئوزۇقى، تۇرمۇشتا كىتاب بولمىسا، زېمىندا قۇياش بولمىغانغا ئوخشاش؛ ئەقىل ئىگىسىدە كىتاب بولمىسا، قۇشتا قانات بولمىغانغا ئوخشاش››دەپ كۆرسەتكەن. كىتابنى بۇنداق ئۇلۇغلاش، تەرىپلەش بىزگە كىتابنىڭ قىممىتىنى، كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇتىدۇ.
ئەجدادلىرىمىز كىتابنىڭ قىممىتىنى خېلى ئىلگىرىلا بىلگەنلىكى ئۈچۈن كىتابنى قەدىرلىگەن، ئەتىۋارلاپ ساقلىغان، چىن ئىخلاسى بىلەن ئوقۇغان، كىتاب ئارقىلىق ئەۋلادلارنى تەربىيەلىگەن. بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرى 15يىل دەشت - چۆللەرنى كېزىپ، ئۇيغۇر، تۈرك قەبىلىلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، مول ماتېرىيال مەنبەسى توپلاپ، ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››نى روياپقا چىقارسا، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹قۇتادغۇبىلىك››نى يېزىپ ئەۋلادلارغا قالدۇرغان. قاراخانىيلار دەۋرىدە ‹‹خانلىق مەدرىس››قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كىتابلارنىڭ ساقلانغانلىقى، ھەمدە خەلقىمىزنىڭ سوۋغا بېرىش ئەنئەنىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە كىتاب سوۋغا قىلىش ئەنئەنىسىنىڭ يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ، مەدەنىيەت ھادىسىسىگە ئايلانغانلىقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ كىتابنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلغانلىقىنىڭ، كىتابنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
دۇنيا تارىخىغا نەزەر سالساق، كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن مىللەتلەرنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، قۇدرەت تاپقان. يەھۇدىيلار دۇنيادا ئەڭ كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغان مىللەت. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر يەھۇدى يىلدا 64پارچە كىتاب ئوقۇيدۇ. ئىسرائىلىيەدە گېزىت - ژۇرناللارنىڭ باھاسى ئىنتايىن يۇقىرى بولسىمۇ، بىر ئائىلىلىك كىشىلەر بىر يىلدا بىرقانچە پارچە گېزىت - ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولىدۇ.
بىراق، بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان كىتابنى قەدىرلەش، ئۇلۇغلاش، كىتاب ئوقۇش، كىتاب ساقلاش ئادىتىنىڭ سۇسلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. 400 مىڭ نوپۇسى بار بىر ناھىيە كىتابخانىسىغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى كىتابلارنىڭ سانى 100گە يەتمىگەنلىكى، بىر ناھىيە ۋە بىر شەھەردە بىرلا كۇتۇپخانىنىڭ بولۇشىغا قارىماي، كۈندە كىتاب ئارىيەت ئالىدىغان ۋە گېزىت - ژۇرنال ئوقۇيدىغانلار 20دىن ئاشمايدىغانلىقى، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كەڭ، ئازادە، يورۇق كۇتۇپخانىلار قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا سەرخىل كىتابلار تىزىلغان بولسىمۇ، ئارىيەتكە ئېلىپ ئوقۇيدىغان ياكى ئارىيەت بېرىدىغانلارنىڭ يوق بولۇشى كىشىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.
كىتاب مەنىۋى كۈچ، بىلىم بۇلىقى، نۇسرەت يولى، بەخت - سائادەت چىرىغى. كىتاب ئوقۇش بىرخىل گۈزەل پائالىيەت. كىتاب ئوقۇغاندا ئالەمدىكى گۈزەل نەرسىلەر بىلەن ئۇچراشقىلى بولىدۇ. كىتاب جاھاننامە ئەينىكى. كىتاب ئوقۇغاندا ئالەمنىڭ ھەممە جايلىرىغا قەدەم تەشرىپ قىلغىلى بولىدۇ. كىتاب ئوقۇغاندا بارلىق زېرىكىش، تىت - تىت بولۇشلاردىن خالىي بولغىلى، يالغۇزلۇق ھېس قىلمايدىغان، كەيپ - ساپاغا بېرىلمەيدىغان، ئۈمىد ئىچىدە ياشايدىغان بولىدۇ.
كىتاب ئوقۇش ئىنسانىي پەزىلەتنى نۇرلاندۇرىدۇ، كىشىنى ئالغا ئىنتىلىشچان ئېسىل خاراكتېرگە ئىگە قىلىدۇ، ئىدىيەسىنى تاۋلايدۇ. كىتاب ھېكمەت بۆشۈكى، كىتاب ياخشى دوست، ياخشى سىرداش، ياخشى مەسلىھەتچى. بىر يېڭى كىتاب يېڭى بىر كۈندۇر. بىر يېڭى كىتابنىڭ بەتلىرىنى ئاچقانلىق يېڭى بىر كۈننى خۇشال كۈتۈۋالغانلىقتۇر. كىتاب تەبەككۇرنى قاناتلاندۇرۇپ، تەسەۋۇرنى دۇلقۇنلىتىدۇ، ھاياجان ۋە ھېسسىياتنى ئۇرغۇتىدۇ، ئارزۇ - ئىستەكلەرنى ئۇلغايتىپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى كېڭەيتىدۇ، كىتاب ئەستىن چىقىشقا باشلىغان كىشىلىك قىممەت ۋە مىللىي خاسلىقنى ئەسكە سالىدۇ، ئۆگىتىدۇ. كىتاب ئارقىلىق ئۆزىنى، ئۆزگىنى ۋە دۇنيانى چۈشەنگىلى بولىدۇ.
دېمەك، كىتاب ئەنە شۇنداق سېھرىي كۈچكە ۋە قۇدرەتكە ئىگە. ئىنسانلار كىتابنىڭ قۇدرىتى ۋە كۈچىگە تايىنىپ ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى ياراتقان. كائىناتنىڭ سىرلىرىنى ئاچقان، دۇنيانى ئۆزگەرتكەن، تەبىئەت دۇنياسىنى بويسۇندۇرغان. بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى ناھايىتى تېز بولۇۋاتقان، بۈگۈنكى كۈندە كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە كىتابنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم، شۇنداقلا زامانىۋى مەدەنىيەتكە يۈزلىنىپ، يۇقىرى ساپا ھازىرلاشنىڭ، قۈدرەت تېپىشنىڭ ئاساسى.