«چەت ئەللەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» توغرىسىدا
دۆلىتىمىزدە يىلدا بىر ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاياغلاشتى. ئۇنداقتا، چەت ئەللەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭكىگە ئوخشامدۇ؟
ياپونىيەدە دۆلەت ئىلىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرمەك تەس.
ياپونىيە ئوقۇش تارىخىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەت. بىر ئادەمنىڭ ئوقۇش تارىخى ئۇنىڭ شۇغۇللىنىدىغان كەسپىنىڭ ياخشى- يامانلىقىغا ۋە مائاشىنىڭ ئاز- كۆپلۈكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياپونىيەدىكى ئەڭ ياخشى ئۇنۋېرسىتېتلار ئاساسەن دۆلەت ئىلىكىدىكى ۋە ھۆكۈمەت ئىلىكىدىكى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئوقۇش خىراجىتى ئىنتايىن تۆۋەن، لېكىن بۇنداق ئۇنۋېرستېتلار بارلىق ئۇنۋېرستېتلارنىڭ % 20 ىنى ئىگىلەيدۇ. ياپونىيەدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پەقەت بىرلا قېتىم ئېلىنمايدۇ. دۆلەت ئىلىكىدىكى ئۇنۋېرستېتلار، ھۆكۈمەت ئىلىكىدىكى ئۇنۋېرستېتلار ۋە قىسمەن خۇسۇسىي ئۇنۋېرستېتلار ھەر يىلى 1- ئايدا مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئاساسىي پەنلەردىن ئىمتىھان ئالىدۇ. 2- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا ھەر قايسى مەكتەپلەر ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىككىنچى قېتىم مەخسۇس ئىمتىھان ئالىدۇ. ئوقۇغۇچىلار 1- قېتىملىق ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئىمتىھانلىرىغا قاتنىشىدۇ.
كورىيەدە ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنىش نىسبىتى پەقەت % 55.
كورىيەدە يىلدا بىر ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نەچچە 100 مىڭ ئوقۇغۇچى تىزىملىتىدۇ. كورىيەدە ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان ئالىي مەكتەپ سىناق ئىمتىھان سۇئالىي ئوقۇش ماتېرىياللىرىدىكى مەزمۇن بويىچە خۇلاسىلىنىپ چىقىدۇ. چېتىلىدىغان دائىرە كەڭ، قېيىنلىق دەرىجىسى زور. دەرسخانىدىكى ئۆگىنىش بىلەنلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتمەك تەس.
ئەنگلىيەدە ئۇنۋېرسال كۆزىتىش ئارقىلىق ئىستىقبال بەلگىلىنىدۇ.
ئەنگلىيەدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوتتۇرا مەكتەپنى بەش يىل ئوقۇغاندىن كېيىن «ئادەتتىكى ئوتتۇراھال مائارىپ كېنىشكىسى ئىمتىھانى»غا قاتنىشىدۇ. ئاندىن خىزمەت قىلىشنى ياكى تېخنىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇشنى تاللايدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى خالايدىغانلار ئىككى يىل ھەقسىز ئوقۇيدۇ. بۇ ئىككى يىلدا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا ئىمتىھان بەرمەكچى بولغان مەكتەپ، شۇنداقلا تىزىملاتماقچى بولغان كەسىپنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان دەرس بېرىدۇ.
ئەنگلىيەدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پەقەت بىرلا قېتىم ئېلىنمايدۇ. ئاخىرقى ئىككى يىللىق ئۆگىنىشتە جەمئىي تۆت قېتىم، دېمەك، يىلدا ئىككى قېتىمدىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان نەتىجىسىدىن رازى بولمىسا، تولۇقلاپ ئىمتىھان بېرىشنى تاللىسا بولىدۇ. لېكىن ئىمتىھان نەتىجىسى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشىنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى ئەمەس. ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىغا بەرگەن باھاسى، يەنە تونۇشتۇرۇش خېتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىنىڭ غەلبىلىك بولۇشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىدا ھەلقىلىق رول ئوينايدۇ.
ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئىككى يىل بۇرۇن بەرگىلى بولىدۇ.
ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بار دېيىلسە SAT(سەت) ،يەنى «ئىلىم- پەن ئىقتىدار سىنىقى»نى ئېلىي مەكتەپ ئىمتىھانى دېيىشكە بولىدۇ. ئامېرىكىدا يىلدا يەتتە قېتىم SAT ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ، ئىمتىھان نەتىجىسى ئىككى يىلغىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەر قانداق بىر قېتىمقى ياكى ھەر قېتىملىق ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدۇ. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىلگىرىكى SAT نەتىجىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسىغا قارايدۇ. ئامېرىكىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تۆت يىل بولىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدىن باشلاپلا SAT ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ.
ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇش رىقابىتى ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ. پرىنسېتون ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش نىسبىتى ئاران % 9 دىن % 10 كىچە.