خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

چەتئەللىك بالىلارنىڭ تەتىل ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-06-21 10:08

 

چەتئەللىك بالىلارنىڭ تەتىل ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى

چەتئەللىك بالىلارنىڭ تەتىل ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى

▲ ئاۋال  كانادالىق بالىلارنىڭ   تەتەلنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ باقايلى.
 يازلىق لاگېر-- كانادادىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىللىك پائالىيىتىدىكى ئالدىن تاللىشى ھېساپلىنىدۇ.   كانادادا يازلىق لاگېرنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ۋاقتى بىر ھەپتىدىن بىر ئايغىچە ئوخشاش بولمايدۇ.
يازلىق لاگېردا سۆز ئۈزۈش، تاغقا يامىشىشىش ، سەنئەت،   مۇزىكا، پۇتبول،   ئاتقا مىنىش، كومپيوتېر ،ئېكىسپىدېتسىيە  قاتارلىق خىلمۇ -خىل تۈرلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن.
▲ كورىيە.
  كورىيەدە، باشلانغۇچ مەكەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەتىلدە مەكتەپ تەشكىللەپ پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرىدۇ،  ئوقۇغۇچىلار ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ بىر قىسىم ساياھەت نۇقتىلىرىغا بارىدۇ ياكى دالىلارنى يېرىپ تاغقا يامىشىدۇ، سۇ  ئۈزىدۇ، بۇنىڭدىن ئۇلار كوللېكتىپ روھنى يېتىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا جاپالىق چېنىقىش ئارقىلىق « قەيسەر»  بولۇشتەك مىللىي خاراكتېر يېتىلدۈرىدۇ. كورىيەدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىمۇ تەتىلدىن پايدىلىنىپ چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش، ئۈگىنىش پائالىيىتى بىر قەدەر كەڭ تارقاتقان.
▲ ئامېرىكا.
 ئامېرىكىدا بالىلارنىڭ تەتىل كۈنلىرى ناھايىتى ئەركىن- ئازادە ئۆتىدۇ. تەتىلدە  ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىنىڭكىگە ئاپىرىپ،  ھەر خىل يېغىلىشلارغا قاتناشتۇردۇ ھەمدە بالىلارنىڭ  ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزىرىدە، بالىلار چوقۇم كىشىلەر بىلەن  قانداق مۇناسىۋەت قىلىشنى، شەيئىلەرنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۈگىنىشى كېرەك. تەتىلدىكى يىغىلىشلار بولسا بۇنىڭغا ياخشى پۇرسەت بولالايدۇ.
▲ ئاۋستىرالىيە.
 ئاۋستىرالىيەدە،  يېشى  14 ياش  9 ئايدىن ئاشقان بولسىلا ئىشلەمچىلىك قىلسا بولىدۇ، شۇڭا بەزى  ئوقۇغۇچىلار تەتىلدە ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ئۆز  كۈچىگە تايىنىپ ئىقتىدارىنى چېنىقۇرىدۇ. ئۇلارغا بېرىلىدىغان  ئىش ھەققى قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولغاچقا، ئىش ئورۇنلىرىمۇ  ئۇلارنى چېنىقىش  پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار