خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

كانادا ئوقۇغۇچىلىرى يۇقىرى ئوقۇش پۇلىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-03-03 19:02

كانادا ئوقۇغۇچىلىرى يۇقىرى ئوقۇش پۇلىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى

كانادا ئوقۇغۇچىلىرى يۇقىرى ئوقۇش پۇلىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى يىلى خۇددى قارا يامغۇردەك يامراپ ئۇدا ئۈچ ھۆكۈمەتنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كانادا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلىنىڭ يۇقىرى بولىشىغا قارشى چىقىش نامايىشى يېقىندا يەنە قايتا باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان. تەيۋەن «مەركىزىي ئاگىنتلىقى» نىڭ 27-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيىتلىشىچە، كانادا كۋېبېك ئونىۋېرسىتېتى (University of Quebec) نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى نامايىش قىلىشتىن بۇرۇن ساقچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلمايلا كوچىلارغا چىقىپ كۈچ كۆرسىتىشكە باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار مەزكۇر شەھەرنىڭ نامايىش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. قارشى چىققۇچى ئوقۇغۇچىلار ساقچىلارغا خىش-كىسەك، قار كومىلىچى قاتارلىقلارنى ئاتقان، ساقچىلار كالتەك بىلەن قايتۇرما ھوجۇمغا ئۆتكەن ھەم ئون نەچچە ئوقۇغۇچىنى قولغا ئالغان. كۋېبېك ئونىۋېرسىتېتى بىرلەشمىسى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ھازىرقى ھۆكۈمەت بۇيرۇقىنى قايتۇرىۋالمايدىغان بولسا، ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىدۇ.

ئالدىنقى يىلى ئەركىنلىك پارتىيەسى ئوقۇش پۇلىنى يۇقىرىلاتقانلىقى ئۈچۈن كۋېبېك ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىر قانچە ئاي ئۇدا كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلغان ھەمدە توختىماي ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى. بۇنىڭ بىلەن كۋېبېكلار پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كىيىن ئوقۇش پۇلىنى يۇقىرلىتىشنى توختىدىغانلىقىنى، بىراق ھەر يىلى ئوخشاشلا مال باھاسى بويىچە تەڭشەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ يىلقى مال باھاسى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ئونىۋېرسىتېتىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىغا تەخمىنەن 70 كانادا پۇلى (تەخمىنەن 425 يۇەن خەلق پۇلى) قوشىلىشى كېرەك.

كۋېبېك ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ھازىرقى بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 2056 كانادا پۇلى بولۇپ، كانادادىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەر بويىچە ئەڭ تۆۋەن. ئونتارىئو ئونۋىرىستېتى (University of Ontario)دىكى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 6640 كانادا پۇلى.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار