مىسسۇرى پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتى: بۇ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ كۆمۈركان تەجرىبىخانىسى مۇشۇ يەرگە جايلاشقان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بۇ يەردە ئىمارەتلەرنى قانداق پارتلىتىشنى، تاش قاتلاملىرىنى قانداق پەرق ئېتىشنى ئۆگىنىدۇ. بۇ دەرسنى تاللاش جەريانى ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدىن قېلىشمايدۇ، ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ناھايىتى ئىنچىكە يېزىلغان ئارقا كۆرۈنۈشى ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
تېكساس تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتىتى: شامال ئىلمى ۋە قۇرلۇشى تەجرىبىخانىسى، بۇ يەردە ئوقۇغۇچىلار تەيفېڭ بورىنى ۋە ئۇراگان بورىنىنى سېزەلەيدۇ، بوران ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلار نەق مەيداندا بىر يۆتكىلىشچان تەجرىبىخانا قۇرىدۇ، ئۇلار بۇ يەردە شامال سۈرئىتى، ئۇنىڭ كۈچى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي خاتىرلەيدۇ.
كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتىتى: دوۋسون تەجرىبىخانىسىنىڭ ئاسپرانت ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى بۇ يەردە مەلۇم مەزگىل تەجرىبە بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، ئۇلار بۇ يەردە غەۋۋاس كېيىمى كىيىپ، سۇ ئاستىدا بىئولوگىيىلىك جانلىقلارنىڭ سىرىنى ئاچىدۇ.
ئالاباما ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ خۇنتسۋېلدىكى تارماق مەكتىپى: ئىتتىرىش كۈچى تەتقىقات مەركىزىدە، ھەر يىلى 20 نەپەر ئاۋىياتسىيە ۋە ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى سەككىز ئايغا سوزۇلغان تەجرىبە ئېلىپ بارىدۇ، ئۇلار بۇ يەردە راكېتا ياساش ۋە سىناپ ئۇچۇرۇشقا قاتنىشىدۇ.
جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتىتى: دۆلەتلىك سوقۇلۇش ئانالىز مەركىزى ئامېرىكا دۆلەتلىك سوقۇلۇش ئانالىزى مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ھەربىر تىرانسىپورت بىخەتەرلىكىنى ئۆگىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار بۇ يەردە بىر ماشىنىغا ۋە ئۇنى چۇۋۇپ-قۇراشتۇرۇش چۈشەندۈرۈشىگە ئېرىشىدۇ، ئۇلار بۇ يەردە ماشىنىنى قانداق چۇۋۇشنى ئۆگىنىدۇ.
فىلورىدا ئۇنىۋېرسىتىتى: چاقماق تەجرىبىخانىسى، بۇ تەجرىبىخانىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلار گۈلدۈرماما چىققان كۈنى 24 سائەت خىزمەت قىلىدۇ، ئۇلار بۇ يەردە چاقماقنىڭ سىرىنى يېشىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]