ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنۋېرسىتېتى ۋاقتى ئۈچ يىل بولغان بىر تەتقىقات تۈرىدىن مائاشنىڭ تۆۋەن بولىشىنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېلىسىگە گىرىپتار بولۇش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. مائاشى تۆۋەن كىشىلەر يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن. تەتقىقاتچىلار 1999-يىلدىن 2001-يىلغىچە، 2001-يىلدىن 2003-يىلغىچە ۋە 2003-يىلىدىن 2005-يىلغىچە ئوخشاش بولمىغان ئۈچ ۋاقىتتا يېشى 25ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان 5651 ئادەمنى يەنى ئائىلە باشلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئايالىنىڭ مۇشۇ ئۈچ ۋاقىت ئىچىدىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە مائاش كىرىمى توغرىسىدىكى ماتېرىياللارنى توپلاپ تەتقىق قىلغان. سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئالىملار 25ياشتىن 44 ياشقىچە بولغان ئاياللار توپىدىكى يۇقىرى مائاشلىقلار ئارىسىدا مائاشى بىر قەدەر تۆۋەنلەر ئاسان يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەگەر مائاش كىرىمى بىر ھەسسە كۆتۈرۈلسە يېشى 44 ياشتىن تۆۋەن ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى %30 تۆۋەنلەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاياللار توپىنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى %35 تۆۋەنلەيدىكەن.
بۇ تەتقىقات مەسئۇلى پروفېسسور پائۇل لىنىڭ قارىشىچە، بۇ يېڭى قاراش كۈتۈلمىگەندە بايقالغان چۈنكى بۇرۇندىن تارتىپ يۇقىرى قان بېسىم ياشانغانلار ۋە ئەرلەرنىڭ ئۈستىدە كۆپ كۆرىلىدۇ دەپ قارىلىپ كەلگەن. لى پروفېسسور تەكىتلەپ مۇنداق دېدى :«گەرچە تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىدە كىرىم بىلەن يۇقىرى قان بېسىمنىڭ مۇناسىۋىتى بار دېيىلگەن بولسىمۇ، يۇقىرى قاتلام يۈزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ جەمئىيەت ئىقتسادىي ۋە خەلق ساغلاملىقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. مائاش كەسپىي مۇھىتنىڭ بىر قىسمى. ھۆكۈمەت پەقەت تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە خەلقنىڭ ئومومىي كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئومومىي بولغان ئاممىۋي ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ».
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]