ئىستېمال قىلىدىغان گۆشلەرنىڭ تەبىئىىتى توغرىسىدا
قوي گۆشى:
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق. شىپالىق رولى:ساپ قان پەيدا قىلىدۇ، بەدەننى سەمىرىتىدۇ، قۇۋۋەتلەيدۇ، تەبىئىي ھارارەتنى ئاشۇرىدۇ، مەنىنى كۆپەيتىدۇ، ئوڭاي ھەزىم بولىدۇ، ئورۇقلاش، ئوزۇقلۇق ناچار بولۇش، قورساق ئاغرىش، تېنى ئاجىزلىق، تۇغۇتىن كېيىن سوغۇق تەرلەش قاتارلىقلارغا ئشلىتىلىدۇ.
كالا گۆشى:
تەبئىتى: قۇرۇق سوغۇق. شىپالىق رولى: ئومۇمىي بەدەننى كۈچەيتىدۇ، قان تازىلايدۇ، قەنت سىيىش، سېمىزلىك، قان قۇيۇقلۇق، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلارغا پايدىلىق.
قوتاز گۆشى:
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسىسق. شىپالىق رولى: بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، باھنى كۈچەيتىدۇ، تەپنى ئالىدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ پۇت-قوللارنى قىزىتىدۇ، بەدەن ئاجىزلىقى، بۆرەك سوۋۇش، پۇت-قوللار توڭلاش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئات گۆشى:
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسىسق. شىپالىق رولى: بەدەننى قىزىتىدۇ، قاننى جانلاندۇرىدۇ، يۈرەك زەئىپلىكى، سوغۇق مىجەزلىىك كىشىلەر، باھ ئاجىزلىقى، بوغۇم ئاغرىقى، پالەچ، رەئىشە قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆچكە گۆشى:
ئوڭاي ھەزىم بولىدۇ، سەمىرىتىدۇ، بەدەن ئاجىزلىقى، ئۆپكە، سۆڭەك سىلى، ئشتىھاسىزلىق، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كىيىك گۆشى:
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسىق. شىپالىق رولى: ئوڭاي سىڭىدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، سوغۇقلۇقنى ھەيدەيدۇ، قاننى قىزىتىدۇ، يەل ھەيدەيدۇ، قۇلىنجى ۋە پالەچكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
توشقان گۆشى:
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسق. شىپالىق رولى: بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، سۈيدۈك ۋە مەنىنى تۇتىدۇ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ، پالەچ، لەقۋا، تۇتقاقلىق كېسەللىك، يۈرەك قوزغىلىش،ئەزالار تىترەش، سوغۇقتىن بولغان پەي تارتىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
توخو گۆشى:
تەبىئىتى: مۆتىدىل. شىپالىق رولى: يەڭگىل، سىڭىشلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، روھنى ئۇرغىتىدۇ، مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، تەرەتنى يۇمشىتىدۇ، قورساق ئاغرىقى ۋە ئۈچەي ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىدۇ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، ھەرخىل ھەزىم كېسەللىكلىرى، پالەچ، يۇقىرى قان بېسىمى، مېڭە ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئېشلىتىلىدۇ.
غاز گۆشى:
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق. شىپالىق رولى: باھنى ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ، توسالغۇلارنى ئېچىش، قاننى جانلاندۇرۇش، باھ ئاجىزلىقى، بەدەن ئاجىزلىقى، نېرۋا ئاجىزلىق، لەقۋا، ئستىرخا قاتارلىق سوغۇقتىن بولغان كېسەللىكلەر ۋە سوغۇقچان كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ.
ئۆردەك گۆشى:
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق. شىپالىق رولى: بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، باھنى قوزغايدۇ، مەنى كۆپەيتىدۇ، سەمىرىتىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، بەدەن ئاجىزلىق، مەنى كەملىك، ئورۇقلاش، ئشتىھاسىزلىق قاتارلىق كېسەللەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
كەپتەر گۆشى:
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق. شىپالىق رولى: ياشانغانلار، تېنى ئاجىزلار، دىيابېت كېسىلى، نەپەس سىقىلىش، بۆرەك خىزمىتى ئاجىزلاش، پالەچ، لەقۋا، ئەزالار تىترەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ، ساپ قان پەيدا قىلىدۇ، بۆرەكنى كۈچەيتىدۇ، بۆرەك ۋە سۈيدۇك يولىدىكى تاشلارنى ئېزىپ چىقىرىدۇ، قىچىشقاقنى پەسەيتىدۇ؛
قۇشقاچ گۆشى:
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسق. شىپالىق رولى: بەدەننى قىزىتىدۇ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، پەيلەرنى چىڭىتىدۇ، يۈرەكنى، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتى بولۇپ، جىنسىي ئاجىزلىق، مەنى بالدۇر يۈرۈپ كېتىش، بەل - پۇت ئاغرىش، باش قېيىش، كۆز قىزىرېش، ھەيىز توختاپ قېلىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كەكلىك گۆشى:
تەبىئىتى: قۇرۇق ئسسىق. شىپالىق رولى: روھنى ئۇرغۇتىدۇ، جىگەر، مېڭە، يۈرەكنى كۈچەيتىدۇ، ئۇيقۇ كەلتۇرىدۇ، قان كۆپەيتىدۇ.
ئۇلا گۆشى:
تەبىئىتى: قۇرۇق ئسسىق. شىپالىق رولى: ماددىنى يۇمشىتىدۇ، يەل ھەيدەيدۇ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، كاناي ياللۇغى ۋە نەپەس قىستاش قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ.