خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

كېسەلدىن خالىي بولۇشتىكى ئون ئۇسۇل

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-10-09 17:42

 

كېسەلدىن خالىي بولۇشتىكى ئون ئۇسۇل

 كېسەلدىن خالىي بولۇشتىكى ئون ئۇسۇل

 ئامېرىكا تېببىي ئالىملىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۆۋەندىكى ئون نۇقتىغا دىققەت قىلغاندا، ئادەم ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كېسەلدىن خالىي بولالايدىكەن:

   ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش. ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقى ياخشى بولمىسا، چىش ئەتراپى يەللىكى پەيدا بولۇپ، قەنت كېسىلى ياكى يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ.

   قول پاكىز بولۇش. زۇكام تارقىلىۋاتقان پەسىللەردە ھەر كۈنى قولنى سوپۇن بىلەن يۇيۇپ تۇرۇش لازىم ئىكەن، قولنى يۇيۇپ بەرگەندە باشقا يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

   قىزىل ئالمىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش. قىزىل ئالما، قاتكۆك، يېشىل چاي تەركىبىدە كىۋېرتسترىن دەيدىغان بىر خىل تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنى بېسىم ئاستىدا ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدىكەن. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇدا بەش يىل قىزىل ئالما ئارقىلىق كىۋېرتسترىننى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ نەپەس يولى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %40 تۆۋەن بولىدىكەن.

   ئىجتىمائىي ئالاقە كەڭ بولۇش. ئىجتىمائىي ئالاقىسى كەڭ كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاز، ئۆمرىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن.

   ھەر كۈنى ھەرىكەت قىلىپ بېرىش. چېنىققاندا قان ئايلىنىشنى ياخشىلىغىلى، قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن، كېسەل باكتېرىيەسى بەدەنگە كىرگەن تەقدىردىمۇ بەدەن ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتالايدىكەن.

   يېتەرلىك ئۇخلاش. ئۇيقۇ ياخشى بولسا، ماددا ئالماشتۇرۇش ياخشىلىنىپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تېز ئەسلىگە كېلىدىكەن.

   ئۈمىدۋار بولۇش. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇشال – خۇرام، قىزغىن، سالماق، ئېغىر بېسىق كىشىلەرنىڭ تارقىلىشچان كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاز بولىدىكەن.

   ۋىتامىن. ۋىتامىن D بېلىق گۆشى، تۇخۇم، سۈت تەركىبىدە كۆپ بولىدۇ. بۇ يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق. ۋىتامىن C كەمچىل بولسىمۇ ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋە – چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەككەن.

   ياخشى روھىي ھالەت. ئاكتىپ پوزىتسىيە بەدەندىكى ئازوت چالا ئوكسىدىنىڭ گورىزونتالىنى ئۆستۈرۈپ، نېرۋىنىڭ ۋاسىتىچى ماددىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ياخشىلايدىكەن.

   نەپەسنى تەڭشەپ، چوڭقۇر خىيال قىلىش. چوڭقۇر خىيال قىلىشنى مەشىق قىلىش كىشىلەرنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىپ، بېسىمنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىدىكەن، ئۇيقۇنى تەڭشەپ، قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدىكەن.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار