ئادەم بەدىنىدىكى سۇ ۋە ئۇنىڭ رولى
سۇ ھاياتلىقنىڭ تۈزۈلۈشىدىكى مۇھىم تەركىب. ئادەم بەدىنى ئاساسەن %31 ئاقسىل، %01 ياغ، %1 كاربون - سۇ بىرىكمىسى، %6 كالتسىي قاتارلىق ماددا ھەم %07 سۇدىن تەشكىل تاپقان. بۇ بەدەننىڭ ئۇچتىن ئىككى قىسمى سۇ دېگەنلىكتۇر. بوۋاقلارنىڭ تېنىدىكى سۇ بۇنىڭدىنمۇ كۇپ بولۇپ، تەخمىنەن %08 نى ئىگىلەيدۇ. فىزىيولوگىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدىكى توقۇلمىلارنىڭمۇ كۆپ قىسمى سۇدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ، يەنى، قان تەركىبىدە %28، مۇسكۇللاردا %67، ئۆپكە ۋە يۈرەكتە %08، بۆرەكتە %38، جىگەردە %86، مېڭىدە %57سۇ بولغاندىن سىرت، ئۇستىخان تەركىبىدىمۇ تەخمىنەن %02 ئەتراپىدا سۇ بولىدۇ. دېمەك بەدەن سۇدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ.
بەدەننىڭ بارلىق فىزىيولوگىيەلىك پائالىيەتلىرى سۇ بىلەن داۋاملىشىدۇ. ئەگەر بەدەندە سۇ كەمچىل بولسا، نورمال فىزىيولوگىيەلىك پائالىيەتلەر تەسىرگە ئۇچراپ، بەدەن زەئىپلىشىدۇ، قېرىشى تېزلىشىدۇ. شۇڭا ۋاقتى قەرەلىدە سۇ تولۇقلاپ بەرگەننىڭ تۆۋەندىكىدەك پايدىسى بولىدۇ:
1. يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كۈندە يېگەن يېمەكلىكلەر ئاساسەن ئاشقازان - ئۈچەينىڭ لۆمىلدىشى ھەم ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ھەزىم بولىدۇ. شۇڭا ئاشقازان - ئۈچەيلەردە سۇ يېتەرلىك بولغاندىلا قەۋزىيەت، ئۈچەي توسۇلۇش، تاش پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللەردىن خالىي بولغىلى بولىدۇ.
2. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدۇ. سۇ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزىدۇ، شۇڭا بەدەندىكى ئىسسىقلىق ياز پەسلى قان ۋە تەر ئارقىلىق، قىش پەسلىدە سۈيدۈك ئارقىلىق سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال ھالەتنى ساقلاپ تۇرىدۇ.
3. قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەمنىڭ يۈز قىسمى دائىم ئوچۇق تۇرغاچقا، ئىسسىق - سوغۇق، ئاپتاپ ۋە شامالنىڭ تەسىرىدىن خالىي بولالمايدۇ، بۇ يۈز تېرىسىدىكى سۇ تەركىبىنى خورىتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يۈزگە بالدۇرلا قورۇق چۈشىدۇ، ۋاقتى - ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاپ تۇرغاندا، بۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
4. مۇسكۇللارنىڭ يىگىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مۇسكۇللارنىڭ %07 ىنى سۇ ئىگىلەيدىغان بولغاچقا، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ۋاقتى - ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاپ تۇرغاندا، مۇسكۇللارنىڭ يىگىلەپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
5. قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قان تەركىبىنىڭ %08 ىنى سۇ ئىگىلەيدۇ، قان تەركىبىدىكى سۇ مۇشۇ نىسبەتتىن تۆۋەنلەپ كەتسە، قان تومۇر قېلىنلايدۇ، ئىلاستىكىلىقى تۆۋەنلەيدۇ، قان قويۇقلىشىپ، يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مېڭە قورۇلىدۇ، يىگىلەيدۇ، يۈرەك مۇسكۇلىغا بارىدىغان قان ئازلاپ، يۈرەك ئاجىزلىشىدۇ، ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاپ تۇرغاندا، يۇقىرىقىلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
6. دېزىنفېكسىيەلەش رولىنى ئوينايدۇ. بەدەندىكى توكسىن )كېرەكسىز ماددا(لار بۆرەكنىڭ سۈزۈۋېلىشى بىلەن ئايرىلىپ چىقىپ، سۈيدۈك ئارقىلىق سىرتقا ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ. سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىدا سۇ تولۇق بولغاندىلا، مەزى بېزى ياللۇغىغا ئوخشاش كېسەللەر ئاز كۆرۈلىدۇ ياكى كۆرۈلمەيدۇ.
7. سۆڭەكنى چىڭىتىدۇ. سۆڭەكنىڭ تەركىبىدە %02 ئەتراپىدا سۇ بولغاندىن باشقا، چىش، تىرناقلاردىمۇ سۇ بولىدۇ. سۆڭەك تەركىبىدىكى سۇ مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلغاندا، سۆڭەك شالاڭلىشىدىغان ھەم ئاسان سۇنىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. سۇ بەدەنگە ئاساسەن سۇ ئىچىش ئارقىلىق تولۇقلىنىدۇ. شۇڭا ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئۇز بەدىنىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەر كۈنى دېگۈدەك مۇۋاپىق مىقداردا سۇ تولۇقلاپ تۇرۇشى كېرەك.