خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

قوش تىل مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلدى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2014-03-25 16:28



شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلدى
 
قوش تىل مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلدى

     شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى 22–مارت ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى . يىغىندا ‹‹ شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتى نىزامنامىسى ›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى ، شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزالىرى تاللاپ چىقىلدى ، يۇنۇس ئابلىز تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى .

     شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تەستىقلاپ قۇرغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئىلمىي تەشكىلات بولۇپ ، شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 2-دەرىجىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى . تەتقىقات جەمئىيىتى ئاساسلىقى قوش تىل مائارىپىنىڭ تېما تەتقىقاتىنى تەشكىللەيدۇ ، تەتقىقات ئورۇنلىرىغا ماسلىشىپ ، مەكتەپلەرنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ، قوش تىل مائارىپى ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ ، قوش تىل مائارىپىنىڭ تەجرىبە–تەتقىقات بازىسى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ ياكى يېتەكچىلىك قىلىدۇ ؛ قوش تىل مائارىپى سىياسىتى ۋە كەسپىدىن مەسلىھەت سوراش پائالىيىتىنى تەشكىللىك قانات يايدۇرىدۇ ، شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپى تەتقىقاتىدىكى ئىرادىلىك ھەر مىللەت مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە تەشكىللەپ ، شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنىڭ ئوقۇ–ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە دۆلەت ئورتاق ئىشلىتىدىغان تىل–يېزىقنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئاز سانلىق مىللەت تىل– يېزىقىنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىدۇ .

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار