خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئىككىنچى تىل ئوقۇتۇشىدىكى مەدەنىيەت ئامىللىرى توغرىسىدا

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2014-02-10 00:59


 
ئىككىنچى تىل ئوقۇتۇشىدىكى مەدەنىيەت ئامىللىرى توغرىسىدا

ئەركىن قادىر

      20-ئەسىرنىڭ 400-يىللىرى ئامرىكا ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تىل ئوقۇتۇش ساھەسىدىكىلەر ئىككىنچى تىل ئوقۇتۇشىدا مەدەنىيەت ئامىللىرىغىمۇ ئېتىبار بېرىش كېرەكلىكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىككىنچى تىل ئوقۇتۇش ساھەسىدىكىلەر ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن تىل بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇرۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتۇش ساھەسىدىكىلەر ئىختىساسلىق تىل خادىملىرىنى يېتىلدۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن، ئىككىنچى تىل ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئىقتىدارىنىمۇ يېتىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى.

    ئىككىنچى تىل ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى بىلەن مەدەنىيەت ھالقىغان ئالاقە نەزەرىيىسىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەندىلا، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى بېيىتقىلى، ئالاقىلىشىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرگىلى، شۇنداقلا مەدەنىيەت ھالقىغان تىل ئالاقىسىدىكى ئالاقە خاتالىقىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

    جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى مۇتەخخەسسسلەر ئۆز تەتقىقات نۇقتىلىرىدىن «مەدەنىيەت» توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان تەدبىرلەرنى بېرىشتى.ئەنگىلىيىلىك مەشھۇر فلولوگىيە ئالىمى تايلور ئۆزىنىڭ 1871-يىلى ئېلان قىلغان «ئىپتىدائىي مەدەنىيەت» ناملىق ئەسىرىدە «مەدەنىيەت- بىلىم، ئېتىقاد،سەنئەت،ئەخلاق،قانۇن،ئۆرپ-ئادەت ھەمدە جەمىيەت ئەزاسى بولغان ھەربىر كىشى ئىگىلىگەن ھەرخىل قابىلىيەت ۋە ئادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنۋىرسال پۈتۈنلۈك» دەپ كۆرسەتكەن. تايلوردىن كېيىنكىلەر «مەدەنىيەت» ئۇقۇمىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تولۇقلاپ ، «مەدەنىيەت- تىل، سەنئەت، ئەدەبىيات قاتارلىق ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان روھىي مەھسۇلات بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كىيىم-كىچەك ،ئۆرپ-ئادەت، تۇرمۇش ئۇسۇلى ،ھەركەت مىزانى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئالاھىدىلىكلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈنلۈك، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا (مەدەنىيەت) ئىنسانلار ياراتقان بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى مەھسۇلاتلارنىڭ يىغىندىسى» دىگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويغان.

    مۇشۇ ئېنىقلىما ئاساسىدا، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر مەدەنىيەتنى يۈزەكى قاتلام مەدەنىيىتى، ئوتتۇرا قاتلام مەدەنىيىتى ۋە چوڭقۇر قاتلام مەدەنىيىتى دەپ ئۈچ قاتلامغا ئايرىپ چىقتى. يۈزەكى قاتلام مەدەنىيىتى («قورال-ياراغ مەدەنىيىتى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دېگىنىمىز،قۇرۇلۇش، يىمەك-ئىچمەك، قورال-ياراغ قاتارلىق كىشىلەر ھىس قىلالايدىغان، شەكلى بار مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئوتتۇرا قاتلام مەدەنىيىتى («تۈزۈم مەدەنىيىتى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ) كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەدەب-ئەخلاق، قائىدە-يوسۇن ۋە يۈرۈش-تۇرۇشقا ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ چوڭقۇر قاتلام مەدەنىيىتى («ئۇقۇم مەدەنىيىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى، قىممەت قارشى، ئىستىتىكىلىق كۆز قارشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ بۇ ئۈچ قاتلىمى ئۆزئارا زىچ باغلانغان بولۇپ، يۈزەكى قاتلام مەدەنىيىتى بىلەن ئتتۇرا قاتلام مەدەنىيىتى چوڭقۇر قاتلام مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە ئاساس قىلسا، چوڭقۇر قاتلام مەدەنىيىتىگە خاس بولغان بىر قىسىم مەزمۇنلار مەلۇم سەنئەت شەكلى ياكى مەلۇم تۇرمۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق يۈزەكى قاتلام مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا قاتلام مەدەنىيىتىدە ئكز ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ.

    ئەنئەنىۋى ئىككىنچى تىل ئوقۇتۇش كۆز قارىشىدىكىلەر «مەدەنىيەت تىلنىڭ ئۆزىدە ئىپادىلەنگەن ئالاھىدىلىك بولماستىن، پەقەتلا تىل ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان ئۇچۇردىن ئىبارەت» دەپ قاراپ، مەدەنىيەتنى تىلدىن ئايرىپ ئۆگىنىدىغان ئايرىم بىرخىل نىشان قىلىۋالىدۇ. بۇ خىل كۆز قاراشنىڭ تەسىرى بىلەن ئىككىنچى تىل ئوقۇتۇشىدا تىل ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ تىىل ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈكىلا ئەھمىيەت بېرىلىپ، مەدەنىيەت تەربىيىسىگە سەل قارايدىغان خاھىش مەيدانغا كەلگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تىل ئۆگەنگۈچىلەر گەرچە مەلۇم دەرىجىدىكى تىل ئىقتىدارى (سۆزلۈك ۋە گرامماتىكا جەھەتلەردە) غا ئىگە بولغان بولسىمۇ، لىكىن مەدەنىيەت ھالقىغان ئالاقىدە مەدەنىيەت بىلىملىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، بەزى ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇققان.

  ئاپتور: شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار