ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم
مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچى 6 مىليون 990 مىڭغا يېتىدىكەن. 2003 – يىلى مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى 2 مىليون 120 مىڭ بولۇپ، بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغانلار ئون يىل ئىلگىرىكىدىن ئۈچ ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشىدىكەن. دېمەك، بۇ يىل ئېلىمىز تارىختىكى ئەڭ زور ‹‹ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر قوشۇنى››نى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇۋېتىپتۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچى 76 مىڭ 966 بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزمۇ ئوخشاشلا تارىختىكى ئەڭ زور ‹‹ئوقۇش پۈتكۈزىدىغانلار قوشۇنى››نى كۈتۈۋالىدىكەن.
دەرۋەقە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئىزچىل يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم ئىش. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنىڭ قىيىن بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، بۇنى ئاساسلىقى، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىرىنچىدىن، ئالىي مەكتەپلەر تەربىيەلەپ چىقىرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن. يەنى، ‹‹ئادەم كۆپ، ئىش ئورنى ئاز›› بولۇشتەك تەڭپۇڭسىزلىق ئەھۋالى تەدرىجىي ئېغىرلاشقان. ئىككىنچىدىن، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشى يەنىلا بىر قەدەر قالاق ھەم قاتمال. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ جەمئىيەتكە قەدەم قويۇۋاتقان ياشلار، ئاساسلىقى، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلار، دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ كارخانىلاردا ئىشلەشنى بەكرەك ئارزۇ قىلىدىكەن. ئەكسىچە، تېخنىكىلىق تەلىپى يۇقىرى كەسىپلەر، مۇلازىملىق كەسىپلىرى ۋە پۇقراۋى كارخانىلارغا بېرىشنى ئانچە خالىمايدىكەن. ئۈچىنچىدىن، كەسىپ قۇرۇلمىسى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئالىي مەكتەپلەر تەربىيەلەۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بارغانسېرى چوڭىيىپ كەتكەن. يەنى، ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ بەزى كەسىپلەرگە زىيادە توپلىشىپ قېلىش ۋە بەزى كەسىپلەردە ئىختىساس ئىگىلىرى بەكلا كەمچىل بولۇشتەك نامۇۋاپىق ئەھۋال تەدرىجىي ئېغىرلاشقان.
ئۇنداقتا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
بىرىنچىدىن، ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش لازىم. ئىككىنچىدىن، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتكە جىددىي ئېھتىياجلىق كەسىپلەرنى كۆپلەپ تەسىس قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئالىي مەكتەپلەر سىياسىي – ئىدىيەۋى خىزمەتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېڭىنى زامانغا لايىقلاشتۇرۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ھازىر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلار ئىچىدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭغانلارنىڭ نىسبىتى يەنىلا تۆۋەن بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە يەنىمۇ مەدەت بېرىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. بەشىنچىدىن، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلارنى پۇقراۋى كارخانىلارغا بېرىپ، ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئاكتىپ يېتەكلەش كېرەك. ھازىر پۇقراۋى كارخانىلار ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىدىغان ئەڭ ياخشى كۈچكە ئايلاندى. ئوخشاشلا، پۇقراۋى كارخانىلارمۇ ئىختىساسلىق خادىملارغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى پۈتكۈل جەمئىيەت ۋە ئاۋام ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلە، شۇنداقلا، ئۇ بىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە كىشىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئېنىق كۆرسىتىش كېرەككى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئەزەلدىن بازار مېخانىزمىغا تايىنىپلا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. بۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر چوقۇم ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كۈچەپ كېڭەيتىشى كېرەك. شۇڭا، جايلار ۋە تارماقلار جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىش ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشىشى لازىم.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]