ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن قەتئىي ھەيدەش لازىم
بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-06-05 17:38
مائارىپ مىنىستىرلىقى: قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن قەتئىي ھەيدەش لازىم
يېقىندا خەينەن قاتارلىق جايلاردا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا باسقۇنچىلىق، پەسكەشلىك قىلىشتەك يامان خاراكتېرلىك جىنايى دېلولار كەينى – كەينىدىن يۈز بەردى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى 30 – ماي: بۇنداق دېلولار يۈز بەرگەندىن كېيىن، مائارىپ مىنىستىرلىقى شۇ ھامان مۇناسىۋەتلىك يەرلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ پاكىتنى دەرھال تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن قەتئىي ھەيدەشنى تەلەپ قىلدى، دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلاردىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلغان: جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈشكە دەرھال تەشكىللەپ، بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك. قاتتىق بولغان مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى باھالاش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە ئاتا – ئانا، مەھەللىلەرنىڭ مەكتەپنى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە تارماقلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دېلونى تېز پاش قىلىپ، جىنايەتچىلەرنى جازالاپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپنىڭ باشقۇرۇشى بوش بولۇش سەۋەبىدىن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىغا باسقۇنچىلىق، پەسكەشلىك قىلىش دېلولىرى يۈز بەرگەن بولسا، شۇنداقلا دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ مەلۇم قىلىشنى كېچىكتۈرگەن ئىشلار بولسا مەكتەپ مۇدىرى، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ رەھبىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئالغان، ئەھۋالنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغان بولسا، مۇناسىۋەتلىك رەھبەر ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:
ئۇنىڭ يىرىك مۇزىكا ئەسىرى يارىتىش ئويى بۇرۇندىنلا بولسىمۇ، بۇ مەقسىدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تامامەن تاسادىپىي ۋەقەدىن باشلاندى. ( )...[详细]
ئۆتكۈزۋېلىش ئۆلچىمى...[详细]
مەكتىۋىنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خۇلاسسى ناھىيلىك مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسىگە ناھىيلىك مائارىپ كوممىتىتى سىياسى خىزمەت بۆلۈمىگە 1-ئاسا...[详细]
ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى زاماندا ئەڭ بۇرۇن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن ۋاقتىنى, ئومۇمەن بۇنىڭدىن 4مىڭ يىل ئىلگىرىكى شىيا دەۋرىگە سۈرۈزشكە بولىدۇ ،...[详细]
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]
باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ئىلىم-پەن دەرسنىڭ كالىندار پىلانى -ئوقۇش يىلى1-مەۋسۇم ئۈچۈن ...[详细]