يېزا مەكتەپلىرىدىكى « قوش تىل ئوقۇتۇشى » دا ساقلىنىۋاتقان مەسىللەر
ئابدۇراخمان ئېلىنىياز
( پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزا ياڭخىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)
نۆۋەتتە يولغا قويۇلىۋاتقان « قوش تىل ئوقۇتۇشى » ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىدىكى بىر موھىم ئوقۇتۇش يۆنۈلىشى بولۇپ ، مىللەتنىڭ ساپاسى ۋە مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈپ دەۋىرنىڭ تەرەقىياتىغا ماسلىشىشتا موھىم رول ئوينايدىغان ئوقۇتۇش شەكلىدىن ئىبارەت . « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نى يولغا قويۇش يۇقۇرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەش ، مىللىي مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەرەر يولى ، شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنىڭ تۈپ ئېھتىياجى . « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ كۈچەيتكەندە مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ، مىللەتلەر ئارا ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ، جەمىيەتنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش ، ئىلغار مەدىنىيەت ۋە زامانىۋى پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشتە ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولىدۇ .
مانا بۇ ھەقىقەتنى چوڭقۇر تۇنۇپ يەتكەن كۆپ ساندىكى مەكتەپلەر « قوش تىل ئوقۇتۇشى » غا بولغان سالماقنى ئاشۇرۇپ ، تۈرلۈك ھەل قىلغۇچ چارە-تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نىڭ ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن بىر قىسىم يېزا مەكتەپلىرىدىكى « قوش تىل ئوقۇتۇشى » دا ساقلىنىۋاتقان مەسىللەر يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ ، بۇ خىل مەسىللەر تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ :
1 . « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نىڭ ماھىيىتىگە بولغان تۇنۇشنىڭ چوڭقۇر بولماسلىقى ، ئەھمىيىتىگە بولغان چۈشەنچىنىڭ توغرا بولماسلىقى .
بەزى يېزا مەكتەپلىرىدە ھەتتا مەكتەپ مۇدىرىنىڭمۇ « قوش تىل ئوقۇتۇشى » ھەققىدە چۈشەنچىسى تازا چوڭقۇر بولمىغاچقا مەكتەپنىڭ باش پىلانىنى تۈزگەندە « قوش تىل ئوقۇتۇشى » ھەققىدە ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقالمايدىغان ، « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نى يولغا قويۇش لايىھىيسى يۈزەكى ، چۇۋالچاق بولۇپ قالىدىغان ، پىلاننىڭ ئەمىلىيەتچانلىقى ئاجىز ، مەكتەپنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ماسلىشالماي ئوقۇتۇش سۈپىتى يەنىلا تۆۋەن بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار ساقلىنىۋاتىدۇ . بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ « قوش تىل ئوقۇتۇشى » توغرىسىدىكى تۇنۇشى توغرا بولمىغاچقا ئىدىيە جەھەتتە پاسسىپ ھالەتتە تۇرىۋېلىپ ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشتا بەزى توسالغۇلارنى پەيدا قىلماقتا .
2 . قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى . نۆۋەتتە ، بىر قىسىم يېزا مەكتەپلىرىدە « قوش تىل » ئوقۇتقۇچىلىرى ھەقىقەتەن كەمچىل بولۇپ ، مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نى يولغا قويۇش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالمايۋاتىدۇ ، مەكتەپنىڭ « قوش تىل » ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيلەشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى مۇكەممەل بولمىغاچقا « قوش تىل » ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىشتىن ئايرىپ تەربىيلەشتە سان تەقسىماتى بىلەن چەكلەپ قويىدىغان ، ئىش ئورنىدا تەربىيلەشتە مەلۇم ۋاقىت ، شارائىت ھازىرلاپ بېرىشكە سەل قارايدىغان ئەھۋاللار ساقلىنىپ « قوش تىل ئوقۇتۇشى »نىڭ تەلىپى بۇيىچە ئوقۇتۇلىدىغان بىر قىسىم پەنلەرگە ئوقۇتقۇچى يىتىشمەسلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقماقتا .
3 . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ « قوش تىل ئوقۇتۇشى » بۇيىچە ئىشتىن ئايرىلىپ تەربىيلىنىش پۇرسىتىنى قەدىرلىمەسلىكى . ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىن بۇيان مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ « قوش تىل ئوقۇتۇشى » غا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، ئاجايىپ زور مەبلەغ سېلىپ ، پەنلەر بۇيىچە ئوقۇتقۇچىلارنى « قوش تىل مائارىپى » دا ئىشتىن ئايرىپ تەربىيلەش خىزمىتىنى كۈچەيتتى . بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئوخشىمىغان پەنلەر بۇيىچە رايۇن ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەربىيلەش نوقتىلىرىغا ئىشتىن ئايرىلىپ بېرىپ « قوش تىل مائارىپى » نىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە تەربىيلىنىشكە قاتناشقان بولسىمۇ ، لېكىن ئاز ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار بۇنداق قىممەتلىك ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قەدىرلىمەي ، چوڭ شەھەرلەردە ھەر خىل ئازغۇن ئۇيۇن-تاماشىلارغا بېشىچىلاپ كىرىپ كىتىپ « ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك » سالپىيىپ قايتىپ كىلىدىغان ، ھەتتا بەزىلىرى كۆپ قېتىم سەۋەپسىز دەرس قالدۇرۇپ تەربىيلەۋاتقان مەكتەپنىڭ قائىدە –تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلىپ بەلگىلەنگەن ئوقۇش مۇددىتى توشماي تۇرۇپلا مۇددەتتىن بۇرۇن ھەيدىلىپ كىتىدىغان ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت « قوش تىل ئوقۇتۇشى » ئۈچۈن شۇنچە كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئۇلارنىڭ ئوقۇش ، ياتاق ، تاماق ھەتتا يول كىراسىغىچە بىر مۇنچە مەبلەغ ئاجىرتىپ تۆلىگەن بەدەللىرىگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئەھۋاللار ساقلانماقتا .
4 . « قوش تىل » ئوقۇتقۇچىلىرى تەربىيلىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن مەكتەپتە « ھەقىقىي ئورنى » نى تاپالماسلىقى . بەزى مەكتەپلەردە مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرىنىڭ مەكتەپنىڭ دەرس تەقسىماتىدىكى ۋاقىتلىق ئېھتىياجىنى دەپ ، مەخسۇس « قوش تىل مائارىپى » دا تەربىيلىنىپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى « قوش تىل سىنىپى» غا دەرس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرماي ، ئادەتتىكى سىنىپلارغا ، باشقا پەن ئوقۇتۇشىغا تەقسىم قىلىپ قويىدىغان ، ھەتتا بەزىلىرىنى باشقا مەمۇرىي خىزمەتكە ، ئارقا سەپ خىزمەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ رولىنى جارىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىپ بىلىمنى ، ئادەمنى ئىسراپ قىلىۋېتىشتەك ناتوغرا ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئادەمنى تولىمۇ ئېچىندۇرماقتا .
5 . « قوش تىل » ئوقۇتقۇچىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئوخشىمىغان مەسىللەر . بەزى « قوش تىل » ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ساپاسى يۇقۇرى بولغان بىلەن خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى تۆۋەن بولغاچقا « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلماي « ئاتام ئېيتقان بايىقى » دىگەندەكلا ئاقىۋەتكە دۇچار بولماقتا ، يەنە بەزىلىرى ئىشتىن ئايرىلىپ « قوش تىل مائارىپى » دا تەربىيلىنىش داۋامىدا خەنزۇ تىلىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ بەلگىلىك سەۋىيىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ لېكىن كەسىپ بىلىم قۇرۇلمىسى ، كەسىپ جەھەتتىكى ئوقۇتۇش تەجىربىسى كەمچىل بولغاچقا « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نىڭ ئۈنۈمى يەنىلا تۆۋەن بولۇپ قېلىۋاتىدۇ . بەزى « قوش تىل » ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرس لايىھىيسى تۈزۈش ، ئوقۇتۇش جەريانىنى ئىلمىي لايىھىيلەش ، ئوقۇتۇش ئوسولىنى مۇۋاپىق تاللاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىزدىنىشى يىتەرسىز بولغاچقا « قوش تىل ئوقۇتۇشى »ئۈنۈملۈك بولمايۋاتىدۇ .
6 . مەكتەپلەردە بىر قەدەر ياخشى بولغان « قوش تىل ئوقۇتۇشى » موھىتىنى بەرپا قىلىشقا سەل قارىلىۋاتىدۇ . « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشتا ئىچكى جەھەتتىكى ئامىللارنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە يەنە تاشقى جەھەتتىن ئۇنى ئوراپ تۇرىدىغان ئامىللارغىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ ، بىر قەدەر قۇيۇق بولغان « قوش تىل ئوقۇتۇشى » موھىتىنى يارىتىش تولىمۇ زۆرۈر . ئەمما بىر قىسىم يېزا مەكتەپلىرىدە بۇنىڭغا سەل قاراپ « قوش تىل ئوقۇتۇش » موھىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە-« قوش تىل ئوقۇتۇشى » ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ، مەكتەپ دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەش ، دەرس دېتالى تۈزۈش ، « قوش تىل ئوقۇتۇشى » بۇيىچە باشقا مەكتەپلەر بىلەن تەجىربە ئالماشتۇرۇش ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىش ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا « قوش تىل » نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىش ، قەرەللىك ھالدا « قوش تىل ئوقۇتۇشى » بۇيىچە ئىمتىھان ئېلىپ خۇلاسىلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئەھمىيەت بەرمىگەچكە « قوش تىل ئوقۇتۇش » سۈپىتى يەنىلا تۆۋەن بولۇپ قېلىۋاتىدۇ .
7 . خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي بىلىم سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى « قوش تىل ئوقۇتۇشى» نى ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يەنە بىر چوڭ توسالغۇ بولىۋاتىدۇ . خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى بىلەن « قوش تىل ئوقۇتۇشى » ناھايىتى زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ ، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى تىل جەھەتتە « قوش تىل ئوقۇتۇشى » ئۈچۈن پىشاڭلىق رول ئويناپ ، ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى يۇقۇرى كۆتۈرۈلسە ، ئېنىقكى « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نىڭ ئۈنۈمى يۇقۇرى كۆتۈرۈلىدۇ . ئەمما يېزا مەكتەپلىرىدىكى بىر قىسىم خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىي ساپاسى تۆۋەن بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدىغان ، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش جەھەتتە ئىقتىدار يىتىلدۈرىدىغان مەشىقلەندۇرۇش ، يىتەكلەش شەكلىدىكى تۈرلۈك ئىلغار ئوقۇتۇش ئوسوللىرىنى تېپىپ چىقىشقا ئىزدەنمەي، ئۆزلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە تىرىشماي ئوقۇغۇچىلارنى خەنزۇ تىلى جەھەتتە « ساۋاتسىز » قىلىپ قويۇپ ، « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ .
دىمەك ، مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى بولغان ، ئىلغار مەدەنىيەت تەرەقىياتىنىڭ ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنىڭ تۈپ ئېھتىياجى بولغان « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نى يۈكسەلدۈرۈشتە يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىللەرنى جىددىي تۈزۈتۈپ ھەل قىلىش بەكمۇ زۆرۈر .