‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش دەۋرنىڭ ئېھتىياج
بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : 6352412012-03-13 08:34
‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش دەۋرنىڭ ئېھتىياجى |
|
بۇ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتناشقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كەڭرى توختالدى ۋە ياخشى تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئەزا پەرىدە رېھىم مۇنداق دېدى: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ‹‹قوش تىل››ئۆگىنىشىگە يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىنى چىقىش قىلغان ھالدا، ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىشىنى ئەستايىدىل تۇتۇپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش لازىم. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۆپلىگەن قوش تىللىق ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق. ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئەزا سىدىق مەتسېيىت ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىش لايىھىسىنى تۈزۈش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىش تەشكىلىي ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىش ئاپپاراتى قۇرۇپ، ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىشنى تەشكىللەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۈچىنچى، ‹‹قوش تىل›› تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. جايلار دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال مەزگىللىرىدە ‹‹قوش تىل›› بىلمەيدىغان يېزا – بازار پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئىشتىن ئايرىپ تەربىيەلەپ، ئۇلارغا ‹‹قوش تىل›› ئاساسىي بىلىملىرىنى ئىگىلىتىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ‹‹قوش تىل›› سەۋىيەسىنى ئۈستۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك. تۆتىنچى، ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىش ئەمەلىي چېنىقىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلىك تىل – يېزىق كومىتېتلىرى ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ، كادىرلار، ئاممىنى ‹‹قوش تىل›› بويىچە تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، ‹‹قوش تىل›› ئەمەلىي چېنىقىشىنى كۈچەيتىپ، ‹‹ھەر كۈنى بىر جۈملە خەنزۇچە سۆزلەش، ھەر ھەپتىدە بىر كۈننى قوش تىل كۈنى قىلىش››، مىللىي، خەنزۇ كادىرلار ئۆزئارا ئۆگىنىش، خەنزۇچە ۋە ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى سېلىشتۇرۇپ چىقىرىلغان گېزىت – ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېزا – بازار ئورگانلىرى، پونكىت كادىرلىرى ئارىسىدا ئۆز ئارا ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىش پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، يېزا – بازار كادىرلىرىنى كۈندىلىك ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئامالنىڭ بارىچە ‹‹قوش تىل›› دا سۆزلىشىشكە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. |
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:
ئۇنىڭ يىرىك مۇزىكا ئەسىرى يارىتىش ئويى بۇرۇندىنلا بولسىمۇ، بۇ مەقسىدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تامامەن تاسادىپىي ۋەقەدىن باشلاندى. ( )...[详细]
ئۆتكۈزۋېلىش ئۆلچىمى...[详细]
مەكتىۋىنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خۇلاسسى ناھىيلىك مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسىگە ناھىيلىك مائارىپ كوممىتىتى سىياسى خىزمەت بۆلۈمىگە 1-ئاسا...[详细]
ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى زاماندا ئەڭ بۇرۇن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن ۋاقتىنى, ئومۇمەن بۇنىڭدىن 4مىڭ يىل ئىلگىرىكى شىيا دەۋرىگە سۈرۈزشكە بولىدۇ ،...[详细]
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]
باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ئىلىم-پەن دەرسنىڭ كالىندار پىلانى -ئوقۇش يىلى1-مەۋسۇم ئۈچۈن ...[详细]