قوش تىل ئويغاتقان خىياللار
بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2012-08-10 22:26
قوش تىل ئويغاتقان خىياللار
ئابدۇللا ئېلى بەگزاد
مەيلى زامانىۋىي تەرەققىياتنىڭ ئوبيىكتىپ تەلىپى بولسۇن، مەيلى دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىدەك ئىجتىمائىي رىئاللىقىنىڭ تەرەققىيات تەلىپى بولسۇن، قوش تىل خىزمىتىنى يولغا قۇيۇش بارا- بارا تەخىرسىزلىككە ئايلاندى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر قانچە يىللاردا بۇ خىزمەت تېخىمۇ سالماقلىققا، كۆلەملىككە ئىگە قىلىندى.
مىللىتىمىز نوقتىسىدىن قارىغاندا، بىز جوڭگۇ نوقتىسىدىنلا ئەمەس، پۈتكۈل دونيا نوقتىسىدىن قارىغاندىمۇ ئاز سانلىق مىللەت. گەرچە مىللىتىمىز دونيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى 100 مىللەت قاتارىغا كىرسىمۇ، پۈتكۈل دونيا يەر شارىلىشىشقا، بىر كەنتلىك ھالەتكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مىللىتىمىزنىڭ ھەر بىر ئەزاسى دونياغا يۈزلىنىمىز دەيدىكەن، تىل ئۆگەنمەي مۇمكىن ئەمەس. گەرچە باشقا تىللارنى ئۆگەنمەسلىك ئارقىلىق تىلىمىزنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى قوغداش ئاقىلانىلىقتەك كۈرۈنسىمۇ، دونيانىڭ تەرەققىيات نوقتىسىدىن قارىغاندا باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىپ ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈش مۇقەررەر تاللاش. بۈگۈنكى دەۋر مىللەتلەر ئارا ئالاقە ئىنتايىن كۈچىيىۋاتقان بىر دەۋر. بۇ بىزگە تىل ئۆگىنىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىپ تورىدۇ. بىز 21- ئەسىرگە كىرگەندىن كىملەر بىلەن بىللە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى، كىملەر بىلەن ھاياتلىق رىقابىتىگە چۈشىۋاتقانلىقىمىزنى، كىملەر بىلەن مەدەنىيەت رىقابىتىگە چۈشىۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلىشقا باشلىدۇق.
ئەسلىي بۇنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ھېس قىلساق توغرا بولاتتى.
بۈگۈنكى دەۋردە دۇنيادىكى ئاساسەن بارلىق دۆلەتلەر كۆپ تىل ياكى قوش تىل ھادىسىسىگە دۈچ كېلىدۇ. بىزدە قوش تىل 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا باشلىنىپ، 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇنتىزىم باشلاندى. ئاساسىي مائارىپتىكى قوش تىل ئوقۇتۇشى مائارىپتىكى قىزىق نوقتا ۋە مۇھىم نوقتا قىلىندى. پارتىيە، ھۆكۈمەت بۇ خىزمەتكە ئادەم كۈچى، ئىقتىسادنى يىلسېرى ئاشۇردى. مەكتەپلەردە قوش تىللىق سىنىپلار بارا- بارا كۆپەيدى. ئوقۇتقۇچىلارمۇ تۈركۈم- تۈركۈملەپ قوش تىل بويىچە تەربىيىلىنىشكە ماڭدۇرۇلدى. مەنمۇ شۇ قاتاردا 2010-يىلى كۈزدە شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئونۋىرسىتىتىغا ئىككى يىللىق قوش تىل تەربىيىلىنىشىگە كەلدىم. راست گەپنى قىلسام، مەن ئۆزۈمنىڭ ئوتتەك تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقىم بىلەن بۇ ئوقۇشقا ئۆزۈم تەلەپ قىلىپ كەلدىم. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھېس قىلدىمكى، ئۈرۈمچى ياكى ئىچكىي ئۆلكىلەرگە قوش تىلغا ئوقۇش بارىدىغانلار ھەر خىل ئېھتىياج، سەۋەبلەر بىلەن بارىدىكەن. بەزىلىرى ھەقىقەتەن تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن بارسا، بەزىلىرى «ئارام ئېلىش» ئۈچۈن بارىدىكەن. بەزىلىرى مەكتەپ تەرىپىدىن مەجبۇرىي ماڭدۇرۇلىدىكەن. بەزىلىرى ئائىلە بەختسىزلىكى تۆپەيلىدىن ئوقۇشقا بېرىپ، كاللىسىنى تۇرمۇشنىڭ دەردلىرىدىن بىر دەم بولسىمۇ خالى توتۇشنى ئىستەيدىكەن. ھەتتا بەزى مەكتەپ مۇدىرلىرى باشقۇرالمىغان «ئۆكتىچى»لەرنى بىر ئىلاج قىلىپ، تۈرلۈك ئوقۇشلارنىڭ «سان»ىغا تۇتۇپ بېرىدىكەن.
قوش تىل ئوقۇتۇشىنى بىر خىل مەجبۇرلاش دەپ چۈشىنىش مېنىڭچە، ئانچە ئاقىلانىلىق ئەمەس. بىزنىڭ كۈپىنچىلىرىمىزدە قوش تىل ھەققىدە ئىلمىي تونۇش يوق، پەقەت سىياسەتكە ماسلىشىش قىزغىنلىقى بار خالاس.
قوش تىل مەسىلىسى قەدىمدىمۇ، ھازىرقى زاماندىمۇ، جۇڭگۇدىمۇ، چەتئەلدىمۇ تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ۋە شۇنداق بولىدىغان مەسىلە. كانادادىمۇ قوش تىل بار، ئامىرىكىدىمۇ قوش تىل بار. ئاۋىسترالىيىدىمۇ، ئەنگلىيەدىمۇ، ھىندىستان، پاكىستاندىمۇ قوش تىل بار. ئىسلام دىنىدىمۇ تىل ئۆگىنىش تەكىتلەنگەن. «ئېھ، ئىنسانلار، مەن سىلەرنى ياراتتىم. سىلەرنى ئەر- ئايال قىلىپ ئايرىدىم. ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە قۇۋملارغا بۆلدۈم. سىلەر ئۆز ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىڭلار. سىلەرنىڭ شان- شەرىپىڭلارنى ئاللا بەرگەن.» («قۇرئان كەرىم» 49-سۈرە 13-ئايەت)
قوش تىل ئۆگىنىش قەدىمدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلەرگە قويغان مۇھىم تەلىپى بولۇپ كەلگەن. دىنىي ئېتىقاد ئېھتىياجىدىن بولسۇن، مەدەنىيەت نوقتىئىنەزەرىدىن بولسۇن، ئۇيغۇرلار قوش تىللىق بولۇشنى دونياغا يۈزلىنىشنىڭ يول خېتى دەپ قاراشقان. بىزنىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك تارىخىمىز 2000 يىلغا بارىدۇ. مانى تىلى، شامان دىنىغا ئائىت ۋەسىقىيلەر، سانسىكىرت تىلىغا ئائىت ۋەسىقىلەرنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى بۇنىڭ مىسالى. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن باشلاپ، ئەرەب، پارس تىللىرى بىزنىڭ تۈرك تىلىمىز بىلەن ياندىشىپ كەلگەن. قاراخانىلار دەۋرىدە مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار تۈرك تىلىدىن باشقا ئەرەب، پارس تىللىنىڭ تىل ئۇستىلىرى ئىدى. چىڭگىزخاننىڭ چوڭ مەسلىھەتچىلىرىمۇ بىزدىن بولغان. ئەمىر تۆمۈرنىڭ دەۋرىدە دۆلەتنىڭ چوڭ مەكتۈپلىرى، ھۆججەتلەر بىزنىڭ يىزىقىمىزدا يېزىلغان.
دىمەككى، تارىختىن بويان ئەجدادلىرىمىز قوش تىلغا ئاكتىپ ھالدا ياندىشىپ كەلگەن. بىزنىڭ رايۇنىمىز يېپەك يولىنىڭ تۈگۈنىدە بولغانلىقتىن، كۆپ خىل تىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. مەدەنىيەت تەرەققىي قىلغان، ئىقتىزاد گۈللەنگەن.
يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە بىز ئەندىزىلەرنى رۇسلاردىن قۇبۇل قىلدۇق. 60-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگىچە رۇس تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدۇق.ئىبراھىم مۇتئىي، سەيپىدىن ئەزىزى، سەيپۇللايۇف قاتارلىقلار رۇسىيىدە ئوقۇپ كەلگەن زىيالىلاردۇر. دۆلىتىمىز بىلەن سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى بىر مەزگىل سۇسلاشقاندا، رۇس تىلىنىڭ تەسىرىمۇ ئاجىزلاشتى. كېيىن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلىنىپ كەتتى. ھەممىمىز سىياسىي قىزغىنلىق ئىچىدە ئۈزۈندە يادىلاپ يۈردۇق. 80-يىللاردا يەنە رۇس تىلى سەل مودا بولسا، 90-يىللارنىڭ بېشىدا سۆۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، غەربنىڭ تەسىرى زورىيىپ، ئالىي مەكتەپلەردە ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش مودا بولدى.
ھازىرمۇ بىزدە قوش تىلدا ئۆزىنى ئىپادىلەپ، ھاياتقا ئۈمىد ۋە نۇسرەت بىلەن ياندىشىپ كېلىۋاتقانلار خېلى بار. ھۆرمەتلىك ئۇستازىمىز، ئېتىقادلىق مائارىپچى، ئىجتىھادلىق پەيلاسوپ ئابدۇقادىر جالالىددىن خەنزۇچە كۈرەلەيدۇ، ئىنگلىزچە كۆرەلەيدۇ، تۈركچە كۆرەلەيدۇ. سىلاۋىيانچە كۆرەلەيدۇ. ئەكبەر غۇلام، غەيرەت ئاسىم، دىلمۇرات تەلئەت، تۇراخان توختى قاتارلىق ئەدىبلىرىمىز بىۋاسىتە خەنزۇچە يازىدۇ.
بىز تەرەققىي قىلغانلارغا يېتىشىۋىلىش، ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن جەزمەن ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۆگەنمىسەك بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلگەندىلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىلغارلىقىنىڭ نەدىلىكىنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن ئىجادىي پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. بۇ ھەقتە مۇھەممەت ئەلەيھىسالام: «ئىلىم يىراق چىندا بولسىمۇ ئۆگىنىڭلار» دەپ ئېيتقان.
«تارىختا تىلنىڭ دونيادىكى تارقىلىش ئەھۋالى دونيادىكى كۈچنىڭ تەقسىملىنىش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئەڭ كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان ئىنگلىز تىلى، خەنزۇ تىلى، ئىسپان تىلى، پارس تىلى ، ئەرەب تىلى، رۇس تىللىرى ھەممىسى ئېمپىرىيە تىلى ياكى تارىختا شۇنداق ئىدى. بۇ ئېمپىرىيىلەر باشقا مىللەتلەرنىڭ بۇ تىلنى ئىشلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلغان.»①
مەشھۇر تەسەۋۋۇپ جالالىددىن رومىنىڭ بىر ھېكايىتى:
تۈرك، ئەرەب، پارس، يۇناندىن بولغان تۆت كىشى سەپەرگە چىقىدۇ. يولدا ساخاۋەتلىك بىر كىشى ئۇلارغا بىر تەڭگە سوۋغا قىلىدۇ.
ــ بۇ پۇلغا ئەنگۈر ئالايلى، ــ دەيدۇ پارس ئۆز تىلىدا.
ــ ياق، بۇ پۇلغا ئەيناپ ئالايلى، ــ دەيدۇ ئەرەب ئۆز تىلىدا.
ــ ياق، بۇ پۇلغا ئۈزۈم ئالايلى، ــ دەيدۇ تۈرك ئۆز تىلىدا.
ــ ياق، بۇ پۇلغا سىتافىل ئالايلى، ــ دەيدۇ يۇنان ئۆز تىلىدا.
ۋاھالەنكى، يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى «ئۈزۈم» دېگەن مەنىدە ئىكەن. لىكىن ئۇلار بىر- بىرىنى چۈشەنمەي ماجرالىشىپ قالىدۇ.
بۇ پەقەت ئۆز ئارا تىل ئالاقىسىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە پەلسەپە خاراكتېرلىك ئاددىي مىسال.
ھاياتلىق رىقابىتىدە ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ «كېمىسى»گە ئېسىلىۋېلىش كېرەكمۇ ياكى ئۆزى سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەكمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۆزىمىزدە مەيلى ئۆستەڭگىمۇ، دەرياغىمۇ، دېڭىز- ئوكيانغىمۇ ماسلىشالايدىغان ئۈزۈش ماھارىتى بولۇشى لازىم.
مەن ئوقۇغان سىنىپتا خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا سەككىزىنچى دەرىجىنى ئالغانلارمۇ، ئاران تۆتىنچى دەرىجىنى ئالغانلارمۇ بار. ئۇلارنىڭ ئوقۇش مەقسىتىمۇ ھەر خىل. كىچە- كۈندۈر دېگەندەك لوغەت ۋە كىتابلار ئىچىدە باش چۈكۈرۈپ ئۆگىنىۋاتقانلارمۇ بار، كۈننى كەچ قىلالماي، نىمە قىلىشىنى بىلمەي، دەرسخانىدا ئۇخلاپ، كەچلىرى ھاراق بىلەن ئۆتىۋاتقانلارمۇ بار.
ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بۇ خىل چوڭ شەھەردە ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ. مەھىشەت سورۇنلىرىمۇ سىزنى توختىماي ئوۋلاپ تۇرىدۇ. سىز سەللا بىخەستە بولسىڭىز، ئىرادىڭىزنى بۇشاشتۇرسىڭىز، ماددىي پاراغەت ۋە مەنىۋىي ئېزىتقۇلار ۋاقتىڭىزنى، زېھنىڭىزنى ئىگىلىۋالىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، مېنىڭچە، ئۈرۈمچىگە قوش تىلغا ئوقۇشقا كەلگەنلەرنىڭ بەزىلىرى ئۈرۈمچىگە قانداق كەلسە، شۇ سەۋىيە بىلەن، ھەتتا ئۇنىڭدىن تۆۋەن سەۋىيىدە يۇرتلىرىغا قايتىشىدۇ. بىلگەنلىرى بەزى كىچىلىك بەزمىخانىلار، پۇت يۇيۇش ئورۇنلىرى، ھورداقخانىلار، داڭلىق تاماكا، ھاراق، ياكى كىيىملەرنىڭ ماركىلىرى خالاس.
تىل ئۆگىنىش ئادەمدىن پولاتتەك يېمىرىلمەس ئىرادە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. كۆپ ئاڭلاش، كۆپ يېزىش، كۆپ سۆزلەش، كۆپ مەشىق قىلىش ئارقىلىقلا بەلگىلىك نەتىجە كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئازراقلا ئۆگىنىپ بولدى قىلىش، كىچىككىنە نەتىجىدىن مەغرۇرلىنىش ئادەمنى غەلىبىگە ئەمەس، ئوڭۇشسىزلىققا باشلايدۇ. بۇ جەھەتتە ئاز بىر قىسىملارنىڭ غەيرىتى بىزنىڭ ھەۋىسىمىزنى ۋە ھۆرمىتىمىزنى قوزغايدۇ. ئەتىگىنى تاڭ يۇرۇشى بىلەن مەيدانلاردا تېكىست يادىلىۋاتقان، ئېغىز مەشىقى قىلىۋاتقان، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كۈتۈپخانىلاردا كىتاب كۆرىۋاتقان، تىل ئۆگىنىۋاتقان، ئاخشاملىرى ياتاقلاردا، ئۆگىنىش ئۆيلىرىدە سائەت 11، 12 لەرگىچە ئۆگىنىش قىلىۋاتقانلار دەل بىزگە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلار. بەلكىم، شۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرتكىسى بولسا كېرەك، مەنمۇ ئالدىنقى ئوقۇش يىلىدا دۆلەت بەلگىلىگەن قوش تىللىق تەربىيىلىنىشنىڭ دىپلومىنى ئىلىشقا زۆرۈر بولغان ئىمتىھانلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتۈم. خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدىن سەككىزىنجى دەرىجىدىن ئۆتتۈم. يەنە كومپيۇتېردىن دەرىجە ئىمتىھانى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى سىناش ئىمتىھانى، خەنزۇ ئورتاق تىلى ئىمتىھانى بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.
ئەنگىلىيە قوش تىل مۇتەخەسىسى كولىن بېكىر قوش تىلچىلارنى ئاكتىپ قوش تىلچى، پاسسىپ قوش تىلچى دەپ ئايرىغان. مەن ئۆزۈمنى پاسسىپ قوش تىلچى دەپ ھېسابلىدىم. مەلۇم دەرىجىدىكى كۆرۈش، تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدىم. ئەمما يېزىش، سۆزلەش جەھەتتە سەل ئاجىز. ئالىي نۇتۇقلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش مەن ئۈچۈن يەنىلا يىراقتا. بىزدە پىشىپ يېتىلگەن پاسسىپ قوش تىلچىلاردىن رەھمەتلىك رەھمۇتۇللا جارى، توختى باقى ئارتىشى قاتارلىقلار بار. ئۇلار شولۇخۇۋنىڭ «تىنچ دون»، رافائىل جۇۋايلىنىڭ «سىپارتاك»، شەيىخ سەئىدىنىڭ «گۈلىستان»، لۈشۈن ئەسەرلىرى،.. قاتارلىقلارنى تەرجىمە قىلغان. رەھمۇتۇللا جارى قەشقەر شەھرىدە بىر موزدۇز ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. خەنزۇ تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. پارىسچىمۇ بىلىدۇ. لىكىن، سۆزلىشى ياخشى ئەمەس. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىمۇ «سۇ بويىدا»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»لەرنى تەرجىمە قىلغان.
ئاخىرىدا يەنە كەسىپداشلىرىم، ئوقۇتقۇچىلارغا شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ: قوش تىل ئۆگىنىشنى نۇقۇل خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىش دەپلا چۈشىنىۋىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بۇ كىچىككىنە تونۇش خاتالىقى بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ يامىنى ئۆزىگە، ئۆزلۈكىگە بولغان خاتا سېگنالدۇر. تىل ئۆگىنىشتە ئانا تىلنى ئۆگىنىشنىمۇ تەڭ ئېلىپ بېرىش كېرەك. چىڭغىز ئايتماتوف: «كۆپ تىل بىلىش شەرەپلىك، ئانا تىلنى بىلمەسلىك نومۇس.» دېگىنىدەك، ئانا تىلدىن ئايرىلىش ئۆزىمىزدىن ئايرىلغىنىمىز بىلەن باراۋەر. ئانا تىل بىر ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكىنى بەرپا قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل. كېيىنكى مۇرەككەپ بىلىشلەرنىڭ ئاساسى پەقەت ئانا تىل بىلەنلا سېلىنىدۇ. ئانا تىل ئادەمگە ئادەم بولۇشنى، نېمىنى سۆيۈش، نىمىدىن نەپرەتلىنىشنى ئەڭ ياخشى ئۆگىتىدۇ. «ئىنسان خاراكتىرى ئانا تىل ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ تاكاممۇلۇقىنى يارىتىدۇ. بىز ئانا تىلىمىز ئاساسىدا ئىنگلىز تىلى ۋە باشقا تىللارغا ئۆتەلەيمىز.»② ئىنگلىز تىلى بىز ئۈچۈن خەلقئارا ئىلىم- پەن تىلىدۇر خالاس.
تىل- سىتالىن ئېيتقان مىللەتنى شەكىللەندۈرىدىغان تۆت مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى. شۇنداقلا بۇ ئامىللارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل. ماركىسىزىمنىڭ نوقتىئىنەزىرى بويىچە ئېيتقاندا، مىللەت ئاخىرى يۇقىلىدۇ. بىر مىللەتنىڭ يۇقىلىشى بىلەن بىر خىل تەپەككۈر، مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي تىل ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي قۇۋۋەت يۇقىلىدۇ. خۇددى تەبىئەت ئېكىئولوگىيىسىدىكى بىر زەنجىر ئۈزۈلۈپ، بىر تۈردىكى جانلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەندەك ئىش بولىدۇ. بۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئۈچۈن زور يۇقىتىش. لىكىن يۇقىتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار بولسا، مۇھىتنى بۇزغۇچىلارغا ئوخشاش جىنايەتچى ۋە جىنايەتنى ھېسىداشلىقنىڭ قانىتى ئاستىغا ئالغۇچىلاردۇر.
ياكوپ گىرىم: «بىر مىللەتنىڭ تىلى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ تامغىسىدۇر.بىر مىللەتنىڭ تارىخىغا نىسبەتەن ئۇستىخان- سۆڭەك، قەبرە- كېپەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق بىر پاكىت باركى، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ تىلىدۇر.» دەيدۇ.③
دىمەكچى بولغىنىم، قوش تىل ئۆگىنىش ھەم باشقا تىل ئۆگىنىش، ھەم ئانا تىلىنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت. ئەگەر مەكتەپ ئانا تىل ئۆگىتىشنى ئۈنۈملۈك ھالدا يولغا قويىدىكەن، ھەمدە شەرت-شارائىت يار بەرگەندە بالىلارنىڭ ئانا تىلىدىكى ساۋاتىنى تولۇق چىقىرىدىكەن، قوش تىللىق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئوقۇشىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر بالىلار ئانا تىلىنى تاشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدىكەن، ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلدىكى تەرەققىياتى كەينىگە چېكىندۈرۈلىدىكەن، ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىشتىكى كىشىلىك ۋە ئىدىيىۋى ئاساسى ئاجىزلاشتۇرۇلىدۇ.
مىللىي تىل مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئاساسى. تىل مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىللارنىڭ بىرى. «دونيا مەدەنىيەت تارىخىغا نەزەر تاشلىساق، بىر ئەل ياكى بىر خەلقنىڭ مەدەنىيىتى گۈللەنگەن دەۋرى دەل ئۇلارنىڭ تىلىنىڭمۇ زور دەرىجىدە تاكاممۇللاشقان دەۋرى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.»④
ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ تەپەككۈرى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. تىل بايلىقى تەپەككۈر بايلىقى دېگەن سۆز.
ئۆز تىلىغا قانداق مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىغا قاراپ، ھەر بىر كىشىنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسىنى، پۇخرالىق قەدىر- قىممىتىنى ئېنىق ئېيتىپ بەرگىلى بولىدۇ. (ك. گ. پائوستوۋىسكىي)
ئانا تىل تەربىيىسى ھازىرقى دونيادىمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ قەتئىي جىددى قاراشقا تېگىشلىك بىر چەكسىزلىك. ئانا تىل تەربىيىسىگە سەل قارىغانلىق باشقا تەربىيىلەرگە ھەم سەل قارىغانلىق بولۇپ قالىدۇ. پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئانا تىل ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى «تىلدا خەلقنىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ ۋەتىنى گەۋدىلىنىدۇ. تىل خەلقنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ھەم كېلىچەك ئەۋلادىنى مۇستەھكەم بىر پۈتۈنلۈككە، تارىخىيلىق ۋە جانلىقلىق جەھەتتە جىپسىلىققا ئايلاندۇرغۇچى ئەڭ ھاياتىي، ئەڭ باي، ئەڭ مۇستەھكەم ۋاسىتىدۇر.» (ئوشنىسكىي)
نەتىجە كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، ھالال تەر ئاققۇزغانلارغا، تىرىشقانلارغا مەنسۇپ. مەيلى قوش تىل تەربىيىلىنىشىدە بولسۇن، مەيلى باشقا تەرەپلەردە بولسۇن، گەپ ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدە. ئۆزىمىز ھاياتىمىزنىڭ ھەر بىر مىنۇت- سكۇنىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجاد ۋە مېھنەت قىلالىساقلا، نۇرانە مەنزىل ئۆزىنى بىزدىن پىنھان تۇتمايدۇ. ماڭغىنىمىز تىكەنلىك چىغىر يول ئەمەس، بەلكى چىچەكلەرگە پۈركەنگەن داغدام يول بولىدۇ.
سىتاتا مەنبەلىرى:
① ساموئىل خانتىڭتون: «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دونياۋىي تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 11-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 85-بەت ؛
② ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 283-بەت ؛
③ ئەسەت سولايمان ئۇيغار: «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 215-بەت ؛
④ ئەسەت سولايمان ئۇيغار: «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 215-بەت ؛
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ ۋە چۈمۈلە روھى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، شىنجاڭ ئۈن- سىن نەشرىياتى، 2009-يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
2. ئەسەت سولايمان ئۇيغار: «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
3. ساموئىل خانتىڭتون: «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دونياۋىي تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 11-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
4. مورتېمېر ئادلېر: «غەربنىڭ تەپەككۈرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
5. «يۈرەك سوۋغىسى ــ جەزبىدار گۈلدەستىلەر»-3، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2003-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
6. ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
7. ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
8. يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق: «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى»، شىجاڭ ئونۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 2001-يىل 4-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
2011)–يىل 26-ئاۋغۇست، ئونسۇ)
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:
ئۇنىڭ يىرىك مۇزىكا ئەسىرى يارىتىش ئويى بۇرۇندىنلا بولسىمۇ، بۇ مەقسىدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تامامەن تاسادىپىي ۋەقەدىن باشلاندى. ( )...[详细]
ئۆتكۈزۋېلىش ئۆلچىمى...[详细]
مەكتىۋىنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خۇلاسسى ناھىيلىك مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسىگە ناھىيلىك مائارىپ كوممىتىتى سىياسى خىزمەت بۆلۈمىگە 1-ئاسا...[详细]
ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى زاماندا ئەڭ بۇرۇن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن ۋاقتىنى, ئومۇمەن بۇنىڭدىن 4مىڭ يىل ئىلگىرىكى شىيا دەۋرىگە سۈرۈزشكە بولىدۇ ،...[详细]
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]
باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ئىلىم-پەن دەرسنىڭ كالىندار پىلانى -ئوقۇش يىلى1-مەۋسۇم ئۈچۈن ...[详细]