خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

دۆلەت تىلى ئېڭى ۋە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : 6352412012-03-12 14:25

دۆلەت تىلى ئېڭى ۋە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى


 

 

   ھەممىگە مەلۇم، دۆلەت دېگەندە دۆلەت تىلى بولىدۇ. ۋەتىنىمىز جۇڭگونىڭ دۆلەت تىلى خەنزۇ تىلىدۇر. شۇڭا دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىدە خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى، ئاپتونوم رايونىمىزدەك ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان. ئۇنداقتا، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى قانداق كۈچەيتىش كېرەك؟


 

   1. ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىغا بولغان تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. مەملىكىتىمىز كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالىستىك دۆلەت. ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت مىللەتلەرنىڭ پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل ۋە يېزىقىدا ئۆگىنىپلا قالماي، بەلكى دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىل – يېزىقىدىمۇ ئۆگىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق گۈللەندۈرۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتىشتىن ئىبارەت. شۇڭا ئالدى بىلەن ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش كېرەك.


 

 


 

   2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىگە دۆلەت تىلى ئېڭىنى سىڭدۈرۈش كېرەك. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى بەك يۇقىرى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلاردا تېخى دۆلەت تىلى ئېڭى مۇكەممەل شەكىللەنمىگەن. ئېنىقكى، بۇ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان بوشلۇق. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىمىز، خەنزۇ تىلى دەرسىنىڭ ئۆزلىشىش نىسبىتىنى ئاشۇرىمىز، دەيدىكەنمىز، ئىشنى مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشتىن باشلىشىمىز لازىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار يېڭى پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە يېڭى شەيئىلەر بىلەن تونۇشۇشتا خەنزۇ تىل – يېزىقى بىلەن ئانا تىل – يېزىقىنى بىرلەشتۈرۈپ قوللانسا، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇڭا، ھەر قېتىملىق خەنزۇ تىلى دەرسىنىڭ باشلانمىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلىنىڭ دۆلەت تىلى ئىكەنلىكىنى، دۆلەت تىلىنى بىلىشنىڭ شەرەپ ئىكەنلىكىنى، بۇ شەرەپ كەلگۈسىدە يەنە نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئىگە قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش زۆرۈر.


 

   3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹قوش تىل››لىق بولۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلاردا دۆلەت تىلى ئېڭى شەكىللەنگەندە ھېسسىيات جەھەتتە تەبىئىيلا دۆلەت تىلىغا مايىللىشىدۇ. مۇشۇ مايىللىقنى چىڭ تۇتقاندا، ئۇلارنىڭ ‹‹قوش تىل››لىق بولۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى، كەسپىي سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى، ھەم خەنزۇ تىلىدا، ھەم ئانا تىلىدا ئوقۇتالايدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا موھتاج. بۇ ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا، ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت تىلى ئۆگىتىۋاتىمەن، دېگەن جەڭگىۋار نۇقتىدا تۇرۇشى، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشى، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى خەنزۇ تىلىنىڭ بىپايان دالاسىغا باشلاپ كىرىشى زۆرۈر.


 

 


 

   4.  ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹قوش تىل››دەرسىنى جانلىق ئۆتۈش كېرەك. ‹‹قوش تىل›› دېسە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېڭىدا ناھايىتى چوڭ بىر ئۇقۇم پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئېھتىماللىقنى ھەرگىز چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. شۇڭا مائارىپ تارماقلىرى قەرەللىك ۋەپىلانلىق تەربىيەلەپ، ‹‹قوش تىل››لىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى زورايتىش كېرەك. ئاندىن ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ‹‹قوش تىل›› دەرسى ئۆتكەندە ھەيۋە كۆرسىتىپ ئۆتۈشتىن ساقلىنىش، ئىلاجى بار دەرسنى تونۇش مۇھىت، تونۇش شەيئىلەردىن باشلاپ ئۆتۈش لازىم. شۇنداق قىلىپمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹قوش تىل›› دەرسىنى جانلىق ئۆگىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.


 

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
635241 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07 22:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-03-07 22:03