يېزىلاردا ‹‹قوش تىللىق››ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى دەپ قارىغانلىرىم
تىل ئىنسانلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى ئالاقە قورالى بولۇپ، ئىنسانلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بىر – بىرى بىلەن ئالاقە قىلىشتا تىلدىن ئايرىلالمايدۇ. پەن – تېخنىكا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئۇچۇر ئالاقە مىسلىسىز تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، قوش تىللىق بولۇش، كۆپ خىل تىل بىلىش ۋە قوللىنىش ھەر مىللەت كىشىلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق مەسىلە. مەكتەپلەردە ‹‹قوش تىللىق›› ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇپ، ‹‹ئانا تىلنىمۇ، خەنزۇ تىلىنىمۇ بىلىش››نى ئىشقا ئاشۇرۇش جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا.
مېنىڭچە، يېزىلاردىكى ‹‹قوش تىللىق›› ئوقۇتۇشنى شەھەرلەردىكىگە ماس ھالدا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن:
1 . مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ‹‹قوش تىللىق›› ئوقۇتۇش توغرىسىدىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەكتەپنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكى ۋە قوماندانلىقى ئاستىدا روياپقا چىقىدۇ. دېمەك، ‹‹قوش تىللىق›› ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشتا مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ تونۇشى مۇھىم ئورۇندا بولۇپ، مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ تونۇشى يۇقىرى بولسا، ئوقۇتۇشنى ئالدىن پىلانلاش، ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاش، تەربىيەلەش، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش، ئوقۇتۇشنى باھالاش جەھەتلەردىكى كونكرېت خىزمەتلەر توغرا، ئەستايىدىل، ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
2 . ئوقۇتقۇچىلارنى ‹‹قوش تىللىق›› ئوقۇتۇش بويىچە تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹قوش تىللىق›› ئوقۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئانا تىلنىمۇ، خەنزۇ تىلىنىمۇ بىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش قەدىمىنى تېزلىتىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئىدىيە – سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، ساپاسى يۇقىرى، بىلىم قۇرۇلمىسى پۇختا، كەسىپلەشكەن، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىلغار، خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە، تولۇپ – تاشقان ھاياتىي كۈچ بىلەن يېڭىلىق يارىتالايدىغان ‹‹قوش تىللىق›› ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، ‹‹قوش تىللىق›› ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش نىشانى، پىلانىنى تۈزۈپ، تەربىيەلەش نىشانى ۋە تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹قوش تىللىق›› دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسىنى كۆپرەك ئۇيۇشتۇرۇش، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى ‹‹قوش تىللىق›› ئوقۇتۇش خىزمىتىدە تەجرىبىسى گەۋدىلىك مەكتەپلەرگە ئەۋەتىپ، تەجرىبە ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك.
3 . ‹‹قوش تىللىق›› ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشتا شەكىلۋازلىقتىن، قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. يېزىلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹قوش تىللىق›› ئوقۇتۇشنى قوبۇل قىلىشى بىر يېڭىلىق. شۇڭا، ‹‹قوش تىللىق›› ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشتا، ئىنچىكە پىلانلاش، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، شارائىت مەسىلىلىرىنى ئەستايىدىل ئويلىنىش، ‹‹قوش تىللىق›› ئوقۇتۇشقا ماس كېلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاش ۋە تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ‹‹قوش تىللىق›› ئوقۇتۇشقا ماس كېلىدىغان ئوقۇتۇش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەش لازىم.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]