«مۇنەۋۋەر» ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش تۈزۈمى؛
1. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەر ئايلىق ئىشلىگەن خىزمىتىگە نىسبەتەن ئاي ئاخىرىدا نومۇر قويۇپ باھالاپ چىقىلىدۇ. ماۋسۇم ئاخىرىدا تۆت ئايلىق نومۇرنىڭ ئووتۇرىچە نومۇرى چىقىرىلىپ خۇلاسە نومۇر چىقىرىلىپ، نەتىجە شەكىللەندۈرىلىدۇ. ئىككى ماۋسۇملۇق خىزمەت نەتىجىسىگە ئاساسەن ئۈنۋان قاتلىمى بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىمۇگراتىك ھالدا كۆرسىتىشى، ھەمدە مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى يىللىق سىناپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ قارارىدىن ئۆتكەندىن كىيىن «مۇنەۋۋەر» ئوقۇتقۇچىلار تۇرغۇزۇپ چىقىلىدۇ. ئەگەر تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنامە، تۈزۈم تەدبىرلەرنىڭ «مۇنەۋۋەر»لىك سالاھىيىتى بىر بىلەت بىلەن ئىنكار قىلىنىدىغان ماددىلىرىغا خىلاپ مەسىلە سادىر قىلغان بولسا بۇنداق ئوقۇتقۇچىنىڭ «مۇنەۋۋەر»لىك سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىپ، ئورنىغا ئۈنۋان قاتلىمىغا ئاساسەن يۇقارقى تەرتىپ بويىچە يىڭىدىن تۇرغۇزۇپ چىقىلىدۇ. «مۇنەۋۋەر» ئوقۇتقۇچىلار تۇرغۇزۇلۇپ بولغاندىن كىيىن، ئاممىغا ئۇچۇق ئىلان قىلپ، ئاخىرىدا ناھىيلىك ئۇنۋان باھالاش ئىشخانىسىگە يوللىنىلىدۇ.
2. ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرىنى دىمۇگراتىك باھالاش ئېلىپ بېرىلىپ، بىرنەپەردىن ئىككى نەپەرگىچە «ئىلغار پارتىيە ئەزاسى»، «ئىلغار ئىتتىپاق ئەزاسى» تۇرغۇزۇلۇپ مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
3.ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئىلغار سىنىپ مۇدىرى، ئىلغار ئوقۇتۇش ماھىرى مۇۋاپىق نىسبەتتە تۇرغۇزۇلۇپ مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
4. ھەر يېرىم يىلدا بىر نەپەر مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخىس تاللاپ چىقىلىپ مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5. ھەر ئوقۇش ماۋسۇمىدا مۇكاپاتلىق ئوچۇق دەرس ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ نەتىجىگە ئىرىشكەنلەر مۇكاپاتلىنىدۇ.
6.مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى چۆرىدىگەن ھەر ساھە خىزمەتلەر يىل ئاخىرىدا خۇلاسە قىلىنىپ، ھەر قايسى خىزمەت ھالقىلىرىغا قەدەر مۇۋاپىق نىسبەتتە ئىلغارلار تۇرغۇزۇلۇپ مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
7.ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەرنى تۇرغۇزۇشتا خىزمەت مىقدارى ۋە خىزمەت نەتىجىسى تەڭ ئىتىبارغا ئېلىنىدۇ.
8. ئەگەر ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت تۈزۈمىگە رىئايە قىلماي، سادىر قىلغان قىلمىشى تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنامە ۋە نىزامنامىدىكى ئىلغار، مۇنەۋۋەر قىلىپ بىكىتىشكە بولمايدۇ دېگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن بولسا ئىلغار، مۇنەۋۋەر قىلىپ باھالانمايدۇ ياكى باھالانغان بولسا ئىلغار، مۇنەۋۋەرلىك سالاھىيتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.