خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پارتىيە ياچىكىسىنىڭ يىغىن تۈزۈمى؛

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ياخشى ئادەم2012-02-27 22:13

 

 پارتىيە ياچىكىسىنىڭ يىغىن تۈزۈمى؛
پارتىيە مەركىزى كوممىتىتنىڭ پارتىيەي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە دائىر بەلگىلىمىلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىلەشتۈرۈپ، مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى كۈچەيتىش، دىمۇگراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ھەقىقى ئىجرا قىلىش، پارتىيەي ياچىكىسى يىغىنىدا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان تەدبىرلىك، ئىلمىيلىكى ۋە دىمۇگراتىكلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بۇ تۈزۈم تۈزۈپ چىقىلدى.
9-ماددا: ياچىكا يىغىنىنىڭ مۇھاكىمە دائىرىسى؛
1. پارتىينىڭ لۇشىيەن، سىياسەتلىرىنى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئۇرۇنلىرىنىڭ مۇھىم خىزمەت ئۇرۇنلاشتۇرىشى ۋە يۇقىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش ۋە ئۆگىنىش، ئوقۇتۇش ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىلەشتۈرۈشنىڭ كونكىرت چارە-تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بىكىتىش.
2. تۆۋەندىكى بىر قاتار خىزمەتلەرنى يەنى، 1) پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى؛ 2)مەنىۋى-مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى خىزمىتى؛ 3) جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ تۈزەش خىزمىتى؛ 4) ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ قارار چىقىرىش، پىلان تۈزەش ۋە ئۇرۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
3. مۇدىرنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ھەققىدىكى مەلۇماتىنى ئاڭلاش، باشقا ياچىكا ھەيئەتلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش.
4. ئاممىنىڭ جەامئىيەتكە، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىگە چېتىلىدىغان مۇھىم مەسلىلەرنى يەنى، 1) مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانى؛ 2) تەلىم-تەربىيە، ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ لاھىيەسى؛ 3) مەكتەپنىڭ يىللىق خامچوت، نەخ چوت ۋە ئاساسى قۇرۇلۇش پىلانى؛ 4) ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىنى ۋەزىپىگە قۇيۇش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش، مۇكاپاتلاش، جازالاش.
5. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كوممىتىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش، تەستىقلاش.
6. پارتىيلىك كادىرلارنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ مەسلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش.
7. پارتىيە ياچىكىسىدا ھەر خىل قائىدە-تۈزۈم، بەلگىلىمىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ بىكىتىش.
8. ياچىكا ھەيئەتلىرى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قارىغان باشقا مۇھىم مەسلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش.
10-ماددا: رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنىڭ دىمۇگراتىك تۈرمۇش يىغىنى تۈزۈمى؛
مەكتەپ پارتىيەي ياچىكىسىنىڭ يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيۋى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىپىنى ئىنەق، ئىتىپاق بولغان، زىچ ھەمكارلاشقان، يىڭىلىق يارىتىش روھىغا باي، جەڭگىۋار رەھبەرلىك كوللىكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بۇ تۈزۈم-تەدبىر تۈزۈپ چىقىلدى.
1. رەھبەرلىكى بەنزە ئەزالىرىنىڭ دىمۇگراتىك تۇرمۇش يىغىنى يىلدا ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ. دىمۇگراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى ۋە ياچىكا ھەيئەتلىرى قاتنىشىدۇ. ئوتتۇرا قاتلامدىكى مەسئۇل خادىملارنى سىرتتىن قاتناشتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.
2. رەھبىرى كادىرلارنىڭ دىمۇگراىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىشقا تىگىشلىك خادىملار توللۇق قاتنىشىشى، ئالاھىدە ئەھۋال بىلەن قاتنىشالمايدىغانلار يازمىچە ماتىرىياللارنى ھاۋالە قىلىشى كىرەك. يىنىندا چۈشكەن پىكىرلەر ۋەقتىدا يەتكۈزۈلۈشى لازىم.
3. دىمۇگراتىك تۇرمۇش يىغىنىدىن ئىلگىرى پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەممىنىڭ پىكرىنى ئېلىش ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا يەتكۈزۈش لازىم. پىكىر ئېلىشتا رەھبىرى كادىرلار ئۆزلىرى پىكىر ئېلىش ۋە ياچىكا ئادەم ئۇرۇنلاشتۇرۇپ پىكىر ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
4. رەھبىرى كادىرلارنىڭ دىمۇگراتىك تۇمۇش يىغىنى «ئۈچكە ئەھمىيەت بىرىش»، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» تەلىپى بويىچە، تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئاساسىدا تۇنۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئۆز-ئۈزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
1) ئۈگىنىشكە ئەھمىيەت بىرىپ، مۇستەھكەم سىياسى ساپاغا ئىگە بولۇش ئەھۋالى، پارتىينىڭ لۇشىيەن، فاڭجىن، سىياسەتلىرىنى ۋە تۈرلۈك قارارلارنى ئىجرا قىلىش، ئىزچىلاشتۇرۇش ئەھۋالى.
2) رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ ئىتپاقلىقى، ھەكارلىققا ئەھمىيەت بىرىش، پارتىينىڭ دىمۇگراتىك مەركەزلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش ئەھۋالى.
3) پەك-دىيانەتلىك بولۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھۋالى.
4) ئاممىۋى ڭۇشىيەندە چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك ئىستىلىنى ياخشىلاش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتتىن ئىزلەش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش، چاكارلىق تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈش ئەھۋالى.
5) دىمۇگراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى بىر قېتىملىق تەربىيەگە ئىگە بولۇش پۇرسىتى دەپ قاراپ، كۆڭۈل ئازادىلىكى بولغان ھالدا، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۈزىنى تەنقىد قىلىشنى ھەقىقى قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ئىستىل جەھەتتە يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. دىمۇگراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى دوكلات يىغىنىغا ئايلاندۇرۇپ قۇيماسلىق لازىم.
6) دىمۇگراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش، ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە ئاممىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى 10كۈن بۇرۇن يەتكۈزۈش، يىغىندىن ئەستايدىل خاتىرە قالدۇرۇپ ۋاقتىدا خۇلاسىلاپ يۇقىرىغا تاپشۇرۇش لازىم.
7) رەھبىرى كادىرلارنىڭ دىمۇگراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى سىكىرتار تەشكىللەيدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.
8) رەھبىرى كادىرلار دىمۇگراتىك تۇمۇش يىغىنىغا ياخشى تەييارلىنىشى كىرەك. بىر پارچە تەپسىلى ماتىريال ۋە بىر پارچە قىسقا ماتىرىيال بولۇپ، جەمئى ئىككى پارچە ماتىرىيال تەييارلايدۇ. ماتىرىياللارنى دىمۇگراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ياچىكىغا تاپشۇرىدۇ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ياخشى ئادەم تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-01 15:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-06-16 13:06