قىزىلبۇيى يېزا ئايدىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەكتەپ نىزامنامىسى
(2010-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئوقۇتقۇچىلار چوڭ يېغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللانغان)
مۇندەرىجە
1- باپ: ئومۇمى پىرىنسىپ؛ 2-باپ: مەمۇرى باشقۇرۇش؛ 3-باپ: ئوقۇ- ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش؛ 4-باپ: مالىيە، ئارقا سەپ خىزمىتىنى باشقۇرۇش؛ 5-باپ: مۇھىت باشقۇرۇش؛ 6-باپ: ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش؛ 7-باپ: ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش؛ 8-باپ: قوشۇمچە قائىدە.
1-باپ: ئومۇمى پىروگرامما
1. ماددا: يېتەكچى ئىدىيە- ماركىسىزىم، لېنىنىزىم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شىياۋپىڭ نەزىرىيىسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنى.
2. ماددا: تەربىيەلەش نىشانى- كىتاپ ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ئەخلاقى، ئەقلى، جىسمانى، گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققى قىلدۇرۇش.
3. ماددا: ئوقۇتۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسى- دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنى، مەجبۇرى مائارىپ قانۇنى، مائارىپ قانۇنى، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى ۋە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداشقا دائىر قانۇنلار.
4.ماددا: شۇئارىمىز- بارلىقىمىز بالىلار- ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن، بالىلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن دېگەن شۇئاردا چىڭ تۇرۇش.
5.ماددا: تەربىيەلەش يۆنىلىشى- مائارىپنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، ئېلىمىز سوتسىيالىزىم قۇرلىشى ئۈچۈن غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان بولغان سوتسىيالىزىمنىڭ ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەپ، چىقىشتىن ئىبارەت.
2-باپ: مەمۇرى باشقۇرۇش
6.مادا: مەكتىپىمىز پەيزاۋات ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە قىزىلبۇيى يېزىلىق پارتىكوم، خەلق ھۆكىمىتىنىڭ باشقۇرىشىدا بولۇپ، مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى، مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى، ئىلمى بۆلۈم، ئەخلاق تەربىيە بۆلۈم، ئارقا سەپ بۆلۈم قاتارلىق تەشكىلاتلاردىن تەشكىل تاپقان. «قاتلاملار بويىچە باشقۇرۇش، ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولۇش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزىمى بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئىجرا قىلىدۇ. مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن خىزمەت ئىھتىياجىغا ئاساسەن خادىملارنى مۇۋاپىق ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىدۇ ۋە ياكى تەكلىپنى بىكار قىلىدۇ.
7.ماددا: مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزىمى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش تۈزىمى، مۇكاپات- جازا تۈزىمىنى يولغا قويغان بولۇپ، مەكتەپ مۇدىرى تۆۋەندىكىدەك ھوقۇققا ئىگە.
(1) مۇھىم ئىشلارغا نىسبەتەن قارار چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى پىكىرلەرنى يەكۈنلەپ، مەكتەپنىڭ مۇھىم بولغان مەمۇرى ئىشلارغا نىسبەتەن ئەڭ ئاخىرقى قارار چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە.
(2) ئوقۇتقۇچىلارغا خىزمەت تەقسىماتى ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ بىرىش، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، بۆلۈملەرنىڭ مۇدىرلىرى، نامزاتنى كۆرسىتىش، بەلگىلىمە بويىچە بۆلۈم- ئىشخانا ئەزالىرى، سىنىپ مەسئۇللىرىنى ۋەزىپىگە قويۇش،سىنىپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە.
(3) مالىيە ۋە ئاساسى قۇرلۇش رېمونتىنى تەستىقلاش، مەكتەپ مالىيە ئىشلىرىنى بىر قوللۇق باشقۇرۇپ، تەستىقلاش، مەكتەپنىڭ رېمونت تۈرىنى بىكىتىش ۋە بۇ تۈرنى ئېلىپ بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە.
8.ماددا: مەكتەپ مۇدىرى تۆۋەندىكىدەك مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ.
(1) توغرا بولغان مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئاساسى قانۇن»، «مائارىپ قانۇنى» ۋە «مەجبۇرى مائارىپ قانۇنى»غا رىئايە قىلىدۇ. مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قائىدە- تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئوقۇ- ئوقۇتۇش، تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەيدۇ، قانات يايدۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. مىللى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرنى چەكلەش تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك مائارىپ بازىسىنىڭ پاكلىقىنى قوغدايدۇ.
(2) يۇقىرى دەرىجىلىك ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تاماقلار ۋە مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ رەھبەرلىكى، يېتەكچىلىكى ۋە نازارىتىنى قۇبۇل قىلىدۇ.
(3) تەربىيە كۆز قارشىنى ئۆزگەرتىپ، ساپا مائارىپىنى ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويۇپ، ھەرقايسى بۆلۈم تارماقلار خىزمەتلىرىنى تەكشى، ياخشى ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
(4) دىمىگۇراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزىمىدە چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىيەت رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىلىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قۇبۇل قىلىدۇ.
(5) ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرلىشى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش، تەلىم- تەربىيە سۈپىتىنىڭ مۇقىم يۇقىرى كۆتۈرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش.
(6) مەكتەپ ئىچىدىكى سىنىپ، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، ئۈسكىنە قاتارلىق قاتتىق دېتال قۇرلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان تەلىم- تەربىيە قۇرلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان تەلىم- تەربىيە قەدىمىنى تىزلىتىدۇ.
(7) ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەتەرلىك ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
(8) ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە پاك- دىيانەتلىك بولۇشنى ئۆزىدىن باشلاپ، ئومۇملۇقنى كۆزلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ بىردەكلىكنى ساقلايدۇ.
9. ماددا: مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى مائارىپ فاڭجىنى ۋە سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش تەشكىللەشتىكى يادرولۇق، نازارەتچىلىك ۋە كاپالەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغاندىن سىرت يەنە تۆۋەندىكىدەك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدۇ.
(1) پارتىيە تەشكىلىنى بىرلىك قىلغان پارتىيە، مەمۇرىيەت، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتىتى، پىئونىرلار باش ئەترىتى قۇرۇپ، ئاپراتلارنى تەڭ تۇتۇپ، تەڭ باشقۇرۇپ، مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە خىزمەت تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ جەڭگىۋارلىق، قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.
(2) مەكتەپ كادىرلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ، تەربىيەلەيدۇ، باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.
(3) مەكتەپنىڭ تەرەققىيات پىلانىغا نىسبەتەن مۇھىم بولغان ئىسلاھات لاھىيەسى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرىشىنى مۇناسىۋەتلىك يۆلىنىش ۋە سىياسەتلەرگە چېتىلدۇرۇپ، ئومۇمىلىق بولغان چوڭ مەسىلىلەرگە قارىتا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ ۋە قارار چىقىرىدۇ.
10.ماددا: ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چوڭ يېغىنىنىڭ ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك ھوقۇقلىرى:
(1) مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، مەكتەپ باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئوي- پىكىرى، تەرەققىيات پىلانى، ئىسلاھات لاھىيىسى ۋە مالىيە خامچوتى قاتارلىق چوڭ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
(2) ھەر ماۋسۇمدا ھەرقايسى بۆلۈم- ئىشخانىلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش دوكلاتىنى ئاڭلاپ، دىمىگۇراتىك باھالاش ئېلىپ بېرىپ، مەكتەپ رەھبەرلىك قوشۇنىدىكى رەھبىرى كادىرلارنى نازارەت قىلىدۇ. مەكتەپ مۇدىرىغا ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا تەكلىپ- پىكىر بېرىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئۆستۈرۈش ياكى جازا بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ.
(3) مەكتەپ ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزىمى لاھىيەسى، سىناپ تەكشۈرۈش لاھىيەسى ۋە مۇكاپاتلاش- جازالاش بەلگىلىمىسى ۋە تۈرلۈك قائىدە- تۈزۈملەرنى قاراپ چىقىپ تەستىلايدۇ.
3-باپ: ئوقۇ- ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش
11. ماددا: مەملىكەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ «ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىباشقۇرۇش قائىدە- نىزامى» ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە بىنائەن، مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
12. ماددا: مەكتەپ ئەخلاق تەربىيەنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە پىروگراممىسى» شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق تەربىيە ئاپپاراتى ۋە خىزمەت تور قۇرلۇشىنى يەنىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا مەكتەپنىڭ ئەخلاق- تەربىيە خىزمىتىنىڭ پىلانلىق، نىشانلىق، تەدبىرلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
(1) ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى ھەرقايسى پەن ئوقۇتۇشىغا ئورگانىك سىڭدۈرۈپ، «ئۈچنى قوغداپ، ئىككىگە قارشى تۇرۇش»نى دەرسخانىلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، سىنىپ ئىستىلى ۋە مەكتەپ ئىستىلى قۇرلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.
(2) مەكتەپنىڭ «ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى»نى يولغا قويۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەركەت ئۆلچىمى» ۋە «ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ قائىدە- يۇسۇن دائىملىق تەربىيە»سىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئادەتلەندۈرۈش تەربىيىسىنى كۈچەيتىدۇ.
(3) قانۇن- نىزام تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت ئۆتكۈزىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
(4) ئاتا- ئانىلار مەكتىپى قۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى بولغان تەربىيە ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىدۇ.
13. ماددا: «دۆلەت بايرىقى قانۇنى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش، چۈشۈرۈش تۈزىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دۈشەنبە سەھەردە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش.
14. ماددا: يېڭى دەرس ئۆلچىمى ۋە ئوقۇتۇش پىلانىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتمەيدۇ.
15. ماددا: دەرسلىك ۋە ئۆگىنىش ماتىرىياللىرىنىڭ مۇشتىرى بولۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەلىپى بويىچە خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئىلمى بۆلۈم ئۆزى مەسئۇل بولۇش ھەم ئوقۇغۇچىلارغا زورلاپ ئۆگىنىش ماتىرىيالىنى ساتماسلىقتا چىڭ تۇرىدۇ.
16. ماددا: دەرسخانا ئوقۇتۇشنى مەركەز قىلىپ، ئوقۇتۇش تەجىربىسى ۋە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، سۈپەت كۆز قارشى، سەرخىلاشتۇرۇش قارشىنى تىكلەپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تېرىشىپ ئۆستۈرىدۇ.
17. ماددا: مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى بىرلىك قىلىپ، كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش تۈزىمىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ۋە مائارىپ تەتقىقات خىزمىتىگە ئاكتىپلىق قاتنىشىشقا تەشكىللەيدۇ. ھەربىر ئوقۇتقۇچى كەم بولغاندا بىردىن ئىلمى ماقالە تاپشۇرىدۇ.
18. ماددا: مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەنتەربىيە ۋە تازىلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ساغلاملىق تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ ساغلام ھالدا تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
19. ماددا: ساپا مائارىپىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى قەرەللىك ھالدا جەمئىيەت ۋە دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە تەشكىللەپ، ئەمگەك تەربىيسى ئېلىپ بارىدۇ.
20. ماددا: مەكتەپ قىشلىق تەتىل ۋە يازلىق تەتىل، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ كوللىكتىپ دەرس تولۇقلاشقا، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتىشكە يول قويمايدۇ.
21. ماددا: ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كومپىيوتىر تور باشقۇرۇشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا مەكتەپكە يۆتكەلگەن، مەكتەپتىن قايتقان، باشقا تەۋەلىكتىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان، قايتا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىشتە قاتتىق قول بولۇپ، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش، ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومى تارقىتىش خىزمەتلىرىگە جىددى پۇزىتسىيە تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىنتىزام بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىدۇ.
22. ماددا: ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئەستايىدىل باشقۇرۇپ، ئاكتىپ پايدىلنىش، بولۇپمۇ «تۆت ئۆي» (كومپىيوتىر مەشغۇلات ئۆيى، تەجىربىخانا، ئۇچۇر قۇبۇل قىلىش ئۆيى، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۆيى)نىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشىنى ياخشى جارى قىلدۇرىلىدۇ.
23. ماددا: ئىلمى بۆلۈم ئوقۇتۇشنىڭ تەرتىپلىك باشقۇرىلىشىغا مەسئۇل بولۇش، ئۆز مەيلىچە دەرس قالدۇرۇش ياكى دەرس ئالماشتۇرۇش ئەھۋاللىرىنى قاتتىق چەكلەش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇتۇش، تەلىم- تەربىيە خىزمىتىگە ئالاقىدار ماتىرىياللارنى توپلاش، ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.
4-باپ: مالىيە، ئارقا سەپ خىزمىتىنى باشقۇرۇش
24. ماددا: مالىيە بۆلۈمنىڭ خىزمەتلىرىنى چوقۇم ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت قىلدۇرۇش كۆز قارشىنى تۇرغۇزۇپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك قائىدە- تۈزۈملەرنى بېكىتىپ، خىزمەتلەرنى سېستىمىلىق ئېلىپ بارىدۇ.
25. ماددا: «ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مالىيە باشقۇرۇش تۈزىمى»گە ئاساسەن، مالىيەگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تىجەشلىك بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش پىرىنسىپ بويىچە مەكتەپ ئىچىنى كۆكەرتىش، قاتتىقلاشتۇرۇش ۋە رېمونت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىردە تولۇقلىما بېرىش» تۈزىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش.
26. ماددا: مەكتەپ ئوقۇغۇچىلاردىن قالايمىقان ھەق يېغمايدۇ.
27. ماددا: مەكتەپ قۇرلۇشلىرى ۋە مەكتەپ مۈلكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمنىڭ مۈلكىنىڭ ئورۇنسىز يۈتۈپ كېتىشى ۋە ئىسراپ بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بۇزۇلغان مۈلۈكلەرنى تۆلەش مەسئۇلىيەت تۈزىمىنى يولغا قويىدۇ.
28. ماددا: ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىپ، مالىيە خىراجەت باشقۇرۇش ئىنتىزامىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، قەرەللىك ھالدا مەكتەپ ئىشلىرى، مالىيە ھېساباتىنى ئاممىغا ئاشكارىلاش تۈزىمىنى يولغا قويۇپ، باشقۇرغۇچى ئورۇننىڭ تەكشۈرىشى ۋە نازارىتىنى قۇبۇل قىلىدۇ.
5-باپ: مۇھىت باشقۇرۇش
29. ماددا: مەكتەپ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، مەكتەپ قۇرلۇشىنى رېمونت قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پەسىللەرگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىپ، پاكىزە، يېشىللاشقان، گۈزەل مەكتەپ مۇھىتى بەرپا قىلىنىدۇ.
30. ماددا: مۇكەممەل تازىلىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىپ، نازارەت قىلىپ باھالاش تۈزىمىنى يولغا قويۇپ، زۆرۈر بولغان تازىلىق ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاپ، پاكىزە، رەتلىك بولغان خىزمەت، ئۆگىنىش مۇھىتىنى تېرىشىپ بەرپا قىلىدۇ.
31. ماددا: بارلىق ئوقۇتقۇچىلار بىرلىكتە تېرىشىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، مەدەنىيەتلىك، ساغلام، ئالغا ئىنتىلىدىغان، ئىناق بولغان تەربىيە مۇھىتى بەرپا قىلىنىدۇ.
32. ماددا: مەكتەپ مۇھىتىغا بولغان باشقۇرۇشتا قاتتىق بولۇپ، ساغلام بولغان مەكتەپ مەدەنىيەت مۇھىتى تېرىشىپ بەرپا قىلىدۇ.
33. ماددا: بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەخلاق ساپاسى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە بولغان تەلەپنى كۈچەيتىپ، ئىناق بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغان، ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدىغان خىزمەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتىنى تېرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئىناق مەكتەپ بەرپا قىلىنىدۇ.
34. ماددا: سىنىپ، ئىشخانا، يېغىن ئورۇنلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ ئەينەكلىرى تولۇق، ئۈستەل- ئورۇندۇقلىرى رەتلىك، پاكىزە بولغان بولۇش، يۇرۇق بولغان بولۇش، ھەممە بۇيۇملار ئۆز جايىغا رەتلىك قويۇلغان بولۇش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.
35. ماددا: مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋەلىسپىت، موتسىكىلىت قاتارلىق قاتناش قوراللىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئورۇنغا رەتلىك قويۇش، سىرتنىڭ ماشىنىسىنى كىرگۈزمەسلىك، مەكتەپ ئەتراپىدا مەكتەپ ئوقۇتۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا يول قويۇلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
36. ماددا: خوجۇلۇق بۆلۈم بىخەتەرلىك ئامانلىق خىزمەت سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئوتتىن، ئوغرىدىن، توكتىن، زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىش، يۇشۇرۇن ئاپەتنى ۋاقتىدا بايقاپ، بىرتەرەپ قىلىپ، مەكتەپتە خەتەرلىك ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
6-باپ: ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش
37. ماددا: مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق- مەنپەئەتتىن بەھرىمان بولىدۇ. «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىدۇ.
38. ماددا: ئىش ئورنىنى قىزغىن سۆيۈپ، كەسپنى قەدىرلەپ، مائارىپ قانۇن- تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ، رەھبەرلەرگە بويسۇنۇپ، سەمىمى خىزمەت قىلىدۇ.
39. ماددا: خىزمەت ئىنتىزامىغا ۋە مەكتەپ قائىدە- تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ، كىيىنىشتە رەتلىك، ھەركىتى قائىدىلىك، سۆزدە ئىلمى بولۇشنى ئۆزىدىن باشلاپ، ياخشى بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىلىق ئوبرازىنى ساقلايدۇ.
40. ماددا: ئوقۇتقۇچىلار مىللى بۆلگۈنچىلىككە ۋە قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرگە قەتئى قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، دىنغا ئىشەنمەيدۇ ۋە ھەرقانداق شەكىلدىكى دىننى پائالىيەتلەرگە قەتئى قاتناشمايدۇ.
41. ماددا: ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئاڭلىقلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەستايىدىل دەرس تەييارلاپ، كۆڭۈل قويۇپ دەرس ئۆتۈپ، ئورۇنلاشتۇرغان تاپشۇرۇقلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ، ئەستايىدىل مۇزاكىرىگە تەشكىللەپ خۇلاسە قىلىدۇ. يىل بېشىدا پىلان بولغان بولۇشنى، يىل ئاخىرىدا خۇلاسە بولغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
42. ماددا: مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنى دۆلەت سىياسىتى بەلگىلەپ بەرگەن تەمىناتلاردىن بەھرىمان قىلىدۇ. تۆھپىسى بار ئوقۇتقۇچىلارنى تەقدىرلەيدۇ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا يوللاپ مۇكاپاتلايدۇ.
43. ماددا: ئوقۇتقۇچىلار چۇقۇم زۆرۈر بولغان ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمى ياخشى بولغان ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىنى ھازىرلاش لازىم. ئاڭلىق ھالدا گەپ- سۆزىگە، ئىش- ھەركىتىگە دىققەت قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلىمەسلىك، تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىك، ئوقۇغۇچىلاردىن قالايمىقان ھەق ئالماسلىق، ئۆگىنىش ماتىرىيالى ياكى باشقا ماتىرىياللارنى ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىشقا زورلىماسلىق، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولماسلىق، ئوقۇتقۇچىلار ئاتا- ئانىسىنىڭ مېھمان قىلىشىنى قۇبۇل قىلماسلىق، سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرمەسلىك، قىمار ئوينىماسلىق، زەھەر چەكمەسلىك، شۇنداقلا ھەرقانداق دىننى خۇراپى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق لازىم.
44. ماددا: مەكتەپ دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلار سالاھىيەت تۈزىمى ۋە ئوقۇتقۇچىلار كەسپى- تېخنىكا باھالاش تۈزىمىنى ئىجرا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنىدا تەربىيەلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ ياكى باشقا شەكىلدىكى تەربىيەلەشلەرگە قاتناشتۇرىدۇ.
45. ماددا: ئوقۇتۇش نەتىجىسى كۆرىنەرلىك ياكى مەكتەپكە شان- شەرەپ كەلتۈرگەن ئوقۇتقۇچىلارنى مۇناسىۋەتلىك بەلگۈلىمىلەرنىڭ روھى بويىچە تەقدىرلەيدۇ.
46. ماددا: «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» ۋە «ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمى»گە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلار يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇن ۋە مەكتەپنىڭ ئالاقىدار تۈزۈملىرى بويىچە بىرتەرەپ قىلىنىدۇ. ھەريىلى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنى دەرىجىگە تىزىپ، ئارقىدا قالغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلمايدۇ ھەم مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
7-باپ: ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش
47. ماددا: ئوقۇغۇچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مائارىپ ئادىللىقىدىن بەھرىمان بولىدۇ.
48. ماددا: ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەن ۋە مەكتەپكە شان- شەرەپ كەلتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار تەقدىرلىنىدۇ.
49. ماددا: مەكتەپكە كىرىش شەرتى توشقان، بىراق ئائىلىسىدە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى ئېغىر بولۇش سەۋەپلىك ئوقۇيالمىغانلار «ئوقۇشقا ياردەم بېرىش» مىھرى- شەپقەت پائالىيەت شەكلى ئارقىلىق ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
50. ماددا: ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكىدەك ھوقۇقلارغا ئىگە:
1) مەكتەپ باشقۇرۇش، ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنى باھالاشقا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.
2) مائارىپ ئادىللىقىنى قۇبۇل قىلىش، مۇكاپاتلاش- جازالاش ئىشلىرىدا ئادىل بولماسلىقتەك ئەھۋاللارغا قارىتا مەكتەپ ئىچىدە پىكىر بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە.
3) مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، مەكتەپ ئەسلىھەلىرىنى ۋە كۈتۈپخانا كىتاپلىرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە.
4) ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە ئەخلاقىغا باھا بېرىشتە ئادىل باھاغا ئېرىشىش، شۇنداقلا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.
51. ماددا: ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكىدەك مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدۇ.
1) دۆلەتنىڭ قانۇن، بەلگىلىمىلىرىگە ۋە مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قائىدە- تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىش.
2) ھەركەتتە مەدەنىيەتلىك بولۇپ، ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش، ساۋاقداشلار بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈشتەك ئىسىل ئەخلاقى پەزىلەتنى ھازىرلاش.
3) جاپاغا چىداپ تېرىشىپ ئۆگىنىپ، بەلگىلەنگەن ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىپ ياراملىق ئادەم بولۇشقا ئىرادە باغلاش.
4) مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان بولۇش، خالىغان يەرگە تۈكۈرمەسلىك، قەغەز پارچىلىرى ۋە كېرەكسىز نەرسىلەرنى قالايمىقان تاشلىماسلىق، قالايمىقان خەت يازماسلىق، رەسىم سىزماسلىق، مەكتەپ ئىچىدە ۋەلىسپىت مىنمەسلىك، گۈل- گىياھلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىك، ئاشلىقنى ئىسراپ قىلماسلىق، قوپال، سەت گەپلەرنى قىلماسلىق.
5) مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىننى ھەركەتلەرگە قەتئى قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، دىنغا ئىشەنمەسلىك، ھەرقانداق شەكىلدىكى دىننى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق ۋە يەر ئاستى دىننى ئوقۇتۇش نوقتىسىدا ئوقۇماسلىق.
8-باپ: قوشۇمچە قائىدە
52. ماددا: بۇ نىزامنامە مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر چوڭ يېغىنىدا ماقۇللانغاندىن كېيىن، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىغا يوللىنىپ تەستىقلىنىدۇ.
53. ماددا: مەكتەپ مەزكۇر نىزامنامىغا ئاساسلىنىپ، تۈرلۈك- قائىدە تۈزۈملەرنى تۈزىدۇ.
54. ماددا: مەزكۇر نىزامنامىدا ئەگەردە قانۇن، قائىدە- تۈزۈم، نىزامنامىلارغا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى بىلەن توقىنىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە بىردەك يۇقىرنىڭ قانۇن- تۈزۈم، نىزامنامىلىرى ۋە سىياسەتلىرى ئاساس قىلىنىدۇ.
55. ماددا: مەزكۇر نىزامنامىگە نىسبەتەن ھەر يىلدا بىر قېتىم مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنىڭ تۈزىتىش پىكىرى ئېلىنىپ مۇكەممەللەشتۈرىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر يېغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللانغاندىن كېيىن تۈزىتىش كىرگۈزىلىدۇ.
56. ماددا: مەزكۇر نىزامنامە تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ.
قىزىلبۇيى يېزا ئايدىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 20كۈنى