باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى
گوۋۇيۇەننىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ھەپتىسىگە 40 سائەت، كۈنىگەسەككىزسائەت خىزمەت قىلىش تۇغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىنى قەتئى ئىجرا قىلىپ، مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقو- ئوقوتۇش، تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنىڭ ساغلام ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يوقىرى دەرىجىلىك ئورونلارنىڭ موناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن مەكتىۋىمىزنىڭ ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ بۇ مەسئۇلىيەت تۈزۈمى تۈزۈپ چىقىلدى.
1.مەكتەپنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلىيتىنى ئىلمى بۆلۈم يۇرگۈزىدۇ. بارلىق ئوقوتقوچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىگە ئاڭلىق ھالدا رىئايە قىلىشى، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىقىشى،خىزمەت ئورنىدىن، ئىشخانىسىدىن، دەرىسخانىدىن، يىغىن مەيداندىن، پائالىيەت سورۇنلىرىدىن خالىغانچە چىقىپ كەتمەسلىكى لازىم.
2. ئىلمىي بۆلۈم، ئوقوتۇش گورۇپپىللىرى ۋە ئوقوتقوچىلارنىڭ تۈرلۈك پىلانلىرى، خاتىرلىرى تۇلۇق بولۇشى بىلەن بىللە، ئىلمى بۆلۈم ئوقوتقوچى،ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كىلىپ- كېتىش ئەھۋالىنى تەكشۇرۇپ، يوقلىما قىلىپ، ئايدا بىر قېتىم خۇلاسە قىلىشى، ئاشكارىلىشى لازىم.
3. ئوقوتقوچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەشكىلى تۈزۈم كۆز قارىشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تۈزۈمىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، رۇخسەت سورسىمۇ– سورمىسىمۇ بۇلىدىغان ئىشلار ئۈچۈن رۇخسەت سورماسلىق، رۇخسەت سۇراشقا توغرا كەلسە چوقوم ئىلتىماس يېزىشى، ئىلتىماسىغا رۇخسەت سوراشتىكى سەۋەبىنى، ۋاختىنى ئېنىق يېزىش بىلەن رۇخسەت سوراش ئىلتىماسىنى تەستىقلىتىپ ئىلمىي بۆلۈمگە تاپشۇرۇش لازىم. رۇخسەت سورغان ئوقوتقوچىلار شۇكۈنلۈك خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
رۇخسەت سورغانلارنىڭ دەرسىنى ئېلىپ ئۆتكەن ۋە باشقا خىزمەتلەرنى قوشۇمچە ئۆتىگەن ئوقوتقۇچىلارنىڭ خىزمەت مىقدارىنى ئىلمىي بۆلۈم تىزىملاپ ئەنگە ئالىدۇ، بۇ ئوقوتقۇچىلارغا ماۋسۇم ئاخىرىدا باھالاش نومۇرىغا نومۇر قوشۇپ بىرىلىدۇ ياكى ئەمەلى ئەھۋالغا ئاساسەن مۇكاپات سوممىسى تارقىتىپ بىرىلىدۇ. ھاۋالە بىلەن، تىلفۇن بىلەن، ئۇچۇر يوللاپ، خەت ئەۋەرتىپ رۇخسەت سورماسلىق لازىم. چۇقوم ئۆزى كىلىپ تەرتىپ بۇيىچە رۇخسەت سۇرىشى كىرەك. رۇخسەت سۇراش ئىلتىماسى تەستىقلانماي خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلسا خىزمەت تاشلىغانلار قاتارىدا بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.
4.ئىلمىي بۆلۈم ۋە ئوقوتۇش گۇرۇپپا مەسئۇللىرىنىڭ خالىغانچە رۇخسەت بىرىشى قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپتە بولمىغان شارائىتتا ئىلمىي مۇدىر بىر كۈندىن تۈۋەن، باش ئوقوتقۇچى ياكى ئوقوتۇش گۇرۇپپا مەسئۇللىرى بىر سائەت رۇخسەت بەرسە بۇلىدۇ. ئەمما بىر نەچچە ئادەمگە كوللىكتىپ رۇخسەت بىرىشكە بولمايدۇ. چۇقۇم ئىلتىماس يازدۇرۇپ، تەستىقلاپ رۇخسەت بىرىش، ئىلتىماس يازماي رۇخسەت سورغۇچىلارنى قەتئىي رەت قىلىش، ئىلتىماسى مەكتەپ دىجۇرنىسىنىڭ قولىغا تەگمىسە شۇكۈندىكى دىجۇرنى شۇ ئوقوتقۇچىنى سەۋەپسىز خىزمەت قالدۇردى دەپ ئەنگە ئېلىش، رۇخسەت سورغان ئىلتىماسىنىڭ رۇخسەت ۋاختى توشمىغان بولسا شۇكۈنلۈك دىجۇرنى ئەتىلىك دىجۇرنىغا ئىلتىماسىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش، رۇخسەت توشقان كۈنى ئىلتىماس قەغىزىنى مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمگە تىزىمغا ئالدۇرۇش، ئىلمىي بۆلۈم مەخسۇس خاتىرە تۇتۇپ ئەنگە ئېلىشى لازىم . «ئىككى ئاساسەن» ئارخىپلىرىغا، قىلىشقا تىگىشلىك تۇرلۈك ئارخىپلارغا، مەكتەپنىڭ ئارقاسەپ خىزمىتىگە مەسئۇل ئوقوتقۇچى- ئىشچى خىزمەتچىلەرگە خىزمەتتە مۇۋاپىق ئىتىبار بىرىلىدۇ، ئوقوتقۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلىشقا توغرا كەلسە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. قانۇنلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن، تۇرلۈك ئارخىپ ئىشلىرى بىلەن ۋە ياكى ئۆزلۈگىدىن خىزمەت قىلغانلارغا «خىزمەت پوزىتسىيسى ياخشى» دەپ قاراپ دەم ئېلىش ۋاختى تۇلۇقلاپ بىرىلىدۇ.
5.ھەر كۈندىكى دىجورنى مەكتەپ مەمۇرىيىتىدىن بەلگىلىگەن كۈندىلىك مەشغۇلىيەت تەرتىۋى بويىچە مەكتەپنىڭ شۇبىر كۈنلۈك ئومومى خىزمەتلىرىنىڭ نورمال، جانلىق، ۋاقتىدا ئېلىپ بىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. دىجورنى ئوقۇتقۇچى مەشغۇلىيەتتىن 20 مىنۇت بۇرۇن كەلمىسە، مەيلى مەشغۇلىيەت باشقۇرۇش ياكى تۈرلۈك ئورۇنلاشقا تىگىشلىك پائالىيەت تۈرلىرى بولسۇن ئىجرا قىلىنمىسا، كىچىكىپ كەلگەن ئوقوتقۇچىلارنى كىچىككەن ۋاقتى بۇيىچە تىزىملىمىسا، دىجورنىلىك دەپتىرى، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى خاتىرىسى دەپتىرى ۋاقتىدا تولۇق ئەمىلى ئىشلەنمىسە شۇكۈندىكى دىجورنىنىڭ دىجورنىلىقى لاياقەتسىز باھالىنىپ ئەتىسى قايتا دىجورنىلىككە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ ۋە كىچىكىپ كەلگەن ئوقوتقۇچىلارنىڭ كىچىككەن ۋاقتى شۇ كۈندىكى دىجۇرنىنىڭ ئۆزىگە يېزىلىدۇ. ئەتىسىمۇ دىجورنىنىڭ دىجورنىلىقى لاياقەتسىز باھالانسا
30يۈەن تۇتۇلىدۇ. 6.تۆۋەندىكى ئىشلار ئۈچۈن ئوقوتقۇچىلار رۇخسەت سورسا رۇخسەت بىرىلىدۇ:
- ئۆلۈم يىتىم ئىشلىرىدا :ئاتا-ئانىسى،يولدىشى ۋە بىۋاستە تۇققانلىرى (چوڭ دادا،چوڭ ئانا،قېيىنئاتا، قېيىنئانا، ئاكا- ئاچا، ئىنى- سىڭىل ) پەرزەنىتلىرىنىڭ دەپنە ئىشلىرى ئۈچۈن سەككىز كۈن(بۇۋاقىت، ئۆلۈم، نەزىرە ۋە قىرىق نەزىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ)، باشقا تۇققانلىرىنىڭ (تاغىسى، ھاممىسى) دەپنە ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈچ كۈن، باشقا تۇغقانلىرىنىڭ دەپنە ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كۈن رۇخسەت بىرىلىدۇ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتسە، رۇخسەتسىز خىزمەت تاشلىغانلار قاتارىدا بىرتەرەپ قىلىنىپ، ئېشىپ كەتكەن ھەربىر كۈنى ئۈچۈن 3 نۇمۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ .
- پەرزەنىتلىرىنىڭ توي ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈچ كۈن، بىۋاستە تۇققانلىرىنىڭ توي ئىشلىرى ئۈچۈن ئىككى كۈن، باشقا تۇققانلىرىنىڭ توي ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كۈن رۇخسەت بىرىلىدۇ . ئۆزىنىڭ تويى بولسا سەككىز كۈن، كىچىكىپ توي قىلغانلارغا (ئازسانلىق مىللەت ئەرلەر 23ياشقا، ئاياللار21 ياشقا توشۇپ توي قىلسا، خەنزۇ ئەرلەر 25 ياشقا، ئاياللار 23 ياشقا توشۇپ توي قىلسا) كىچىككەن ھەر يىلى ئۈچۈن ئۈچ كۈن ئاشۇرۇپ رۇخسەت بىرىلىدۇ. ئەڭ كۆپ بولغاندا 21كۈن بىلەن چەكلىندۇ. قايتا توي قىلغان بولسا بەش كۈن رۇخسەت بىرىلىدۇ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتسە، رۇخسەتسىز خىزمەت تاشلىغانلار قاتارىدا بىرتەرەپ قىلىنىپ، ئېشىپ كەتكەن ھەربىر كۈنى ئۈچۈن 3 نۇمۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
- دۆلەت ئورگىنى خىزمەتچى خادىملىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات،كارخانا،كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن كىچىكىپ پەرزەنىت كۆرگەنلەر دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن بەلگىلىگەن تۇغۇت رۇخسىتى (بىرىنجى تۇغۇتى بولسا) 120كۈن، ئوپراتسىيە قىلىپ تۇققان بولسا يەنە 10كۈن، «شەرەپ گۇۋانامە» ئالغانلارغا يەنە 10كۈن تۇغۇت ئارام ئېلىش ۋاختى قۇشۇپ بىرىلىدۇ؛ (ئىككىنچى تۇغۇتى بولسا) 90كۈن، ئوپراتسىيە قىلىپ تۇققان بولسا يەنە 10 كۈن تۇغۇت ئارام ئېلىش ۋاختى قۇشۇپ بىرىلىدۇ، تەتىل مەزگىلىدە تۇققان بولسا 15كۈن قوشۇپ بىرىلىدۇ، دەم ئېلىشقا بۇرۇن كىرىپ كەتسە،كىرىپ كەتكەن كۈنىدىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ، ئەر تەرەپ ئاپتۇنۇم رايۇن بەلگىلىگەن 15كۈن (ئۇدا15كۈن ئەمەس) قاراش رۇخسىتىدىن بەھرىمان بولىدۇ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتسە، رۇخسەتسىز خىزمەت تاشلىغانلار قاتارىدا بىرتەرەپ قىلىنىپ، ئېشىپ كەتكەن ھەربىر كۈنى ئۈچۈن 3نۇمۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ. بالا قىردۇرۇش، بالا چۈشۈرۈش، ئۈزۈك سالدۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسپىراپكىلىق دەم ئالىدىغانلار 5 كۈن ئارام ئالسا بولىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىنىڭ ئىسپاتى (ياتاقتا يېتىپ داۋالانغان بولسا، ياتاقتا يېتىش، ياتاقتىن چىقىش ۋاقىت چىسلا، ھىساۋات تالۇنلىرى بۇلۇشى ياكى ئىسپىراپكا، ھىساۋات تالۇنلىرى) بۇلۇشى، ئىسپاتنى خىزمەت ئورنىغا ۋاقتىداتاپشۇرۇشى كىرەك، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتسە، رۇخسەتسىز خىزمەت تاشلىغانلار قاتارىدا بىرتەرەپ قىلىنىپ، ئېشىپ كەتكەن ھەربىر كۈنى ئۈچۈن 3 نۇمۇر تۇتۇپ قىلىنىدۇ.
- كىسەل كۆرسۈتۈش ئۈچۈن يېرىم كۈن رۇخسەت بىرىلىدۇ، رۇخسەت سورغان ۋاختى ئىچىدە كىسەلنى كۆرسۈتۈپ، ئىسپاتنى ئېلىپ چىقىپ، ئىلمىي بۈلۈمگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ، بولمىسا خىزمەت قالدۇرغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
- يېشىغا توشمىغان پەرزەنىتلىرىنى ياتاقتا ياتقۇزۇپ داۋالىتىشقا توغرا كەلسە ئاياللارغا پەزەنىتى ياتاقتا يېتىپ داۋالانغان مەزگىلدە رۇخسەت بىرىلىدۇ، پەرزەنتى ياتاقتا يېتىپ داۋالانغان مەزگىل ئىچىدە ئەرلەر ئۈچۈن يېرىم كۈن رۇخسەت بىرىلىدۇ، يېشىغا توشۇپ ئاشقان پەرزەنىتلىرىنى ياتاقتا ياتقۇزۇپ داۋالىتىشتا ئەر- ئاياللار نۆۋەتلىشىپ داۋلىتىشقا رۇخسەت بىرىلىدۇ. چوقوم پەرزەنتىنىڭ ياتاقتا يېتىش، ياتاقتىن چىقىش، ھىساۋات تالۇنلىرى تۇلۇق بۇلىشى، مەكتەپ ئىلمىي بۈلۈمگە كۆرسۈتۈپ ئەنگە ئالدۇرىشى كىرەك. بولمىسا خىزمەت قالدۇرغانلار قاتارىدابىرتەرەپ قىلىنىدۇ.
(6) يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلار، مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك تەربىيلەش، بىلىم ئاشۇرۇشقا قاتناشقان بولسا ئۇقتۇرۇشتىكى ۋاقىت ئۆلچىمى بۇيىچە رۇخسەت بىرىلىدۇ. مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىغا ئاڭلىق بويسۇنىدۇ.
(7) شەخسى ئىش بىلەن رۇخسەت سورغانلارنىڭ بىر كۈنلىكى ئۈچۈن 1 نۇمۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ئىسپىراپكا ئارقىلىق دەم ئالغانلارنىڭ ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە بولسا 1 نۇمۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئىسپىراپكا راست بۇلۇشى، دەم ئېلىشتىن ئىلگىرى تەرتىپ بۇيىچە تەستىقلىتىپ، مەكتەپ دىجۇرنىسىغا تاپشۇرغاندىن كىيىن دەم ئېلىشى لازىم. ئىسپىراپكابەش كۈندىن ئېشىپ كەتسە خىزمەت قالدۇرغانلار قاتارىدابىرتەرەپ قىلىنىدۇ.
(8) پۈتۈن بىركۈن سەۋەپسىز خىزمەتكە كەلمىگەنلەرنىڭ بىركۈندىن ئۈچ كۈنگىچە ھەربىر كۈنىگە 3 نۇمۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە كەلمىگەنلەرنىڭ، ھەربىر كۈنىگە 5 نۇمۇردىن تۇتۇپ قېلىنىدۇ. بەش كۈندىن ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ 6 ئايلىق ئىش ئۈنۈم مۇئاشى تۇتۇپ قېلىنىدۇ. 15كۈندىن ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ خىزمىتى توختۇتۇلۇپ، دوكلات يېزىلىپ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ خىزمىتىنى بىرتەرەپ قىلىشقا يوللىنىدۇ.
9. خىزمەتكە كىچىكىپ كەلگەن، خىزمەتتىن بالدۇر قايىتقانلارنىڭ بىر قېتىملىقى ئۈچۈن 2 نۇمۇر تۇتۇپ قېلىنىغاندىن سىرىت، كىچىككەن ۋاختى ئاي ئاخىرىدا (يەنى ئايلىق خۇلاسىدە) يىرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتسە بىر سائەت 0.5 نۇمۇر تۇتۇپ قىلىنىدۇ. 10.كىسەللىك سەۋەبى بىلەن ياتاقتا يېتىپ داۋالانغانلارنىڭ ياتاقتا يېتىپ داۋالانغىنى ئۈچۈن نۇمۇر تۇتۇلمايدۇ، ياتاقتىن چىققاندىن كىيىنكى دەم ئېلىشىدا ئىسپىراپكا ئارقىلىق دەم ئالغانلار قاتارىدا 0.2 نۇمۇر تۇتۇلىدۇ. ياتاقتا يېتىپ داۋالانغانلىق ئىسپاتى دوختۇرخانىنىڭ ياتاققا كىرىش، ياتاقتىن چىقىش ۋە ھىساۋات تالۇن رەسمىيتىدىكى ۋاقىت ئاساس قىلىنىدۇ. 11.ئوقوتقۇچىلارنىڭ دەرىسكە كىچىكىپ كىرگەن، بالدۇر يېنىپ چىققان، دەرىس ئارلىقىدا سىرىتقا چىققان، ئولتۇرۇپ دەرس ئۆتكەن، ئوقوغۇچىلارنى ئۈگۈنۈشكە قۇيۇپ بىرىپ ئۆزى باشقا تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن، دەرسخانىغا تىلىفۇن ئېلىپ كىرگەن، دەرسخانىدا تىلىفۇندا سۆزلەشكەن، تىلىفۇننىڭ يۇقۇرى ئاۋازلىق مۇزىكىلىرىنى ئېچىپ قويغان ئەھۋاللىرىنى ئىلمىي بۈلۈم ۋە دىجۇرنى ئوقوتقۇچى قەرەلسىز تەكشۈرۈپ ئەنگە ئالىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللارنى سادىر قىلغان ئوقوتقۇچىلارنىڭ ھەر قېتىملىقى ئۈچۈن 0.5 نۇمۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
12. سىنىپ يىغىنى، سىياسىي ئۈگۈنۈش، كەسپىي ئۈگۈنۈش، پارتىيە ئىتتىپاق ئەزالىرى ئۈگۈنۈشى، يىغىن ۋە مەكتەپ ئىچى سىرتىدىكى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلغان كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە ئۆزى شۇ ئوروندا تۇرۇپ سەۋەپسىز قاتناشمىغان ئوقوتقوچىلارنىڭ ھەربىر قېتىملىقى ئۈچۈن 0.5 نۇمۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ. (ئەسكەرتىش: مەكتەپ خىزمىتى بىلەن قاتنىشالمىسا نۇمۇر تۇتۇلمايدۇ). دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا كىچىككەن ياكى قاتناشمىغانلارنىڭ بىر قېتىملىقى ئۈچۈن 0.5 نۇمۇر تۇتۇپ قىلىنىدۇ.
13.تەييارلىقسىز، دەرس ئۆتكەنلەرنىڭ ھەربىر سائەتلىكى ئۈچۈن 1 نۇمۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ. تەستىقسىز دەرس ئۆتكەنلەرنىڭ ھەربىر سائەتلىكى ئۈچۈن 0.5 نۇمۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ. سەۋەپسىز دەرس قالدۇرغانلارنىڭ ھەربىر سائەتلىكى ئۈچۈن 0.5 نۇمۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ. بەلگىلەنگەن تاپشۇرۇق قېتىم سانى بۇيىچە دەرسلىك تاپشۇرۇق ۋە يانداشما مەشىق تاپشۇرىقىنى تۇلۇق بىرىشى، ۋاختىدا تەكشۈرۈپ ئەنگە ئېلىشى كىرەك، تاپشۇرۇق ۋاختىدا بىرىلمەي بىر قىتىم كەم بىرىلسە 0.5 نۇمۇر، ۋاختىدا تەكشۇرمىسە 0.2 نۇمۇر، ۋاختىدا ئەنگە ئالمىسا 0.2 نۇمۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تىگىشلىك سىياسى ئۈگۈنۈش، كەسپىي ئۈگۈنۈش، قوشتىل ئۈگۈنۈش، دەرس ئاڭلاش،يىغىن ئاڭلاش قاتارلىق پىلان خاتىرلىرى تۇلۇق بولۇشى كىرەك. ئۈگەنگەن خاتىرە قالدۇرغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىتىم كەم بولسا ھەر بىر قىتىملىقى ئۈچۈن 0.2 نۇمۇر تۇتۇلىدۇ.
14.ۋەتەن خەلقنى قىزغىن سۆيۈش ،جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسىنى ھىمايە قىلىش، دۆلەتنىڭ سىياسەت- قانۇن نىزاملىرىنى ياخشى ئۈگۈنۈش، رىئايە قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئۆز- ئارا ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بىرىش، مۇقۇملۇق بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلماسلىق، سۆز- ھەرىكەتتە ئىلمىي بۇلۇش، ئۆز خىزمەت مەجبۇرىيتىنى تولۇق تۇنۇپ، مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسى، مەكتەپ مەمۇرىيتى، ئىلمىي بۈلۈم ئورونلاشتۇرغان ئىشلارنى شەرتسىز ئىجراقىلىش، باشقىچە پىكىر بولسا تەكلىپ يۇسۇنىدا مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئويلۇنۇپ كۆرۈشىگە سۇنۇش، كۆپچىلىك ئوتتۇرسىدا قارشى پىكىر ئېقىمى پەيدا قىلىپ جامائەت پىكىرى توپلاپ، رەھبەرلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىغا قارشى چىقماسلىق، باشقىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا سوغوق سۇ سىپىشتىن ساقلىنىش، غەيۋەت- شىكايەت قىلىپ باشقىلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ۋە گوروھۋازلىق قىلماسلىق، ئەگەر خىلاپ ئەھۋاللار كۆرۈلسە مەسلىنىڭ ئېغىر– يىنىكلىكىگەقاراپ، قاتتىق تەنقىد- تەربىيە بەرگەندىن تاشقىرى 200يۈەندىن 500يۈەنگىچە تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ئۆچ ئېلىش، جىدەللىشىش، تاپا تەنە قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۇلسە ۋە قايتا سادىر قىلسايۇقۇرى دەرىجىلىك ئورونلارنىڭ، مائارىپ تارماقلىرىنىڭ، ھەمدە قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بىرىلىدۇ.
15.ئوقوتقۇچىلارنىڭ ۋە سىرىتتىن مەكتەپ ئىچىگە كىرگەنلەرنىڭ مەكتەپ ھويلىسىدا ئوقوغۇچىلار بار ئورۇندا تاماكا چىكىشى مەنئىي قىلىنىدۇ. تاماكا چىكىدىغان ئەر ئوقۇتقۇچىلار يىغىن زالىدا، ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چەكمەسلىكى لازىم. ئەگەر خىلاپ ئەھۋاللار كۆرۈلسە ھەربىر قېتىمى ئۈچۈن 0.2 نۇمۇر تۇتۇپ قىلىنىدۇ. پەرزەنىتلىرىنى خىزمەت ئورنىغا ئەكىلىپ بېقىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ.
16.مۇقۇملۇق بىخەتەرلىك خىزمىتىدە دۇجۇرنى خادىم مەكتەپ ۋە يۇقۇرىنىڭ تارقاتقان ئۆلچەملىك بىر تۇتاش كىيمىنى تولۇق كىيىپ تۇرۇش، لازىم،ئەگەر كىيىم كىيمىسە ھەر قىتىملىقى ئۈچۈن 0.5 نۇمۇر تۇتۇپ قىلىنىدۇ. يەڭ بەلگىسىنى تاقىمىسا 0.2 نۇمۇر تۇتۇپ قىلىنىدۇ. جەمئيەت، مەكتەپنىڭ ئامانلىق بىخەتەرلىك خىزمىتىدە ئوقوتقۇچى– ئىشچى خىزمەتچىلەر مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان كىچە- كۈندۈزلۇك،24 سائەتلىك دىجۇرنىلىكتە بىر قېتىم تۇرمىسا ھەر قېتىملىقى ئۈچۈن 200-500يۈەنگىچە جەرىمانە تۆلىگەندىن سىرىت، يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورونلارنىڭ تەكشۈرۈشىدە دىجۇرنىلىك ئورنىدا بولمىسا بارلىق جەرىمانە ۋە بارلىق مەسئۇلىيەتنى شۇ دىجۇرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. خىزمەت ۋاختىدا، كىچە- كۈندۈزلۈك دىجۇرنى ۋاختىدا ھاراق ئىچمەسلىك، ئۇخلىماسلىق قىمار ئوينىماسلىق لازىم. خىزمەت ۋاختىدا، دىجۇرنىلىك مەزگىلدە ھاراق ئىچىپ خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزگەنلەرنىڭ شۇكۈنلۈك خىزمىتى توختۇتۇلۇپ تەنقىدى- تەربىيە بەرگەندىن باشقا بىركۈن سەۋەپسىز خىزمەت قالدۇرغانلار قاتارىدابىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
17.ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ غورورىغا تەككەن ھاقارەتلىگەن، تەن جازاسى بەرگەن،غەيرى تەن جازاسى بەرگەن، سىنىپتىن ھەيدەپ چىقارغان، شەخسىي ئىشىغا سالغان ۋە شۇسەۋەپلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەپچى بولغان ئوقۇتقۇچىلارغا تەنقىد- تەربىيە بەرگەندىن باشقا كىلىپ چىققان ئاقىۋەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇپ، ئەھۋالنىڭ ئېغىر- يىنىكلىكىگە قاراپ 100يۈەندىن 500يۈەنگىچە تۇتۇپ قېلىنىدۇ. جەمىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارنى سادىر قىلغان، قانۇن تەرپىدىن مەمۇرىي توختۇتۇلۇپ، خىزمەتكە قاتناشمىغانلار، باشقىلار بىلەن ئۇرۇش- جىدەل قىلىپ يارىلىنىپ داۋالىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن خىزمەتكە قاتناشمىغانلارنىڭ ئەھۋالنىڭ ئېغىر- يىنىكلىكىگە قاراپ، 100يۈەندىن 500 يۈەنگىچە جەرىمانە ئالغاندىن سىرىت خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزگەن كۈنى بۇيىچە ھېساپلاپ، سەۋەپسىز خىزمەت تاشلىغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
18 .ئاتا- ئانىسىنى داۋالىتىشقا ئاپىرىش، ئۇزۇن مەزگىل ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە داۋالىتىشقا توغرا كەلسە، ئۆزىدىن باشقا بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئادەم بولمىسا (يولدىشىنى داۋالىتىش ۋە كىسەللىك سەۋەبى بىلەن ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، رۇخسەت سۇراشقا توغرا كەلسە ئىلتىماسىنى مەكتەپكە تەستىقلىتىپ، يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كىيىن ئىش ئورنىدىن ئايرىلىشقا بۇلىدۇ، بۇ جەرياندا يوقۇرى دەرىجىلىك ئورونلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىملىرى بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
19.تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا خىزمەتكە قاتنىشالمىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۇمۇرى ۋە ئىش ھەققى تۇتۇپ قېلىنمايدۇ.
(1)پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بۇيىچە كېچىكىپ توي قىلىپ، كىچىكىپ پەرزەنت كۆرۈپ ، توي ۋە تۇغۇت مۇناسىۋىتى بىلەن ئارام ئالغانلاردىن بەلگىلەنگەن رۇخسەت كۈنى ئىچىدە نۇمۇر ۋە پۇل تۇتۇلمايدۇ.
(2) پىلانلىق تۇغۇت ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇپ قۇلىغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى ئالغانلارنىڭ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ داۋالانغان مەزگىلدە نۇمۇر ۋە پۇل تۇتۇلمايدۇ.
(3) خالىسانە قان تەقدىم قىلىپ دەم ئالغانلار.
(4) كوللىكتىپنىڭ ئىشى ۋە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يارىلىنىپ، داۋالىنىپ دەم ئالغانلار.
20.تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرنى سادىر قىلغان ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت ئىلغارى قىلىپ باھالانمايدۇ، ئەھۋالنىڭ ئېغىر- يىنىكلىكىگە قاراپ يوقورنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىغا يوللىنىدۇ.
(1) ئوقوغۇچىلارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيىتمەي، سىنىپىدا قانۇنسىز دىنىي ھەركەتلەر ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغان ھەم شۇنىڭغا ياتىدىغان ئەھۋاللارنى سادىر قىلغان ئوقوتقۇچىلار.
(2) مەكتەپتە جامائەت پىكىرى توپلاپ، گوروھۋازلىق ۋە ئىتتىپاقسىزلىق ئەھۋاللىرىنى سادىر قىلىپ، خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە سەۋەپچى بولغانلار.
(3)قانۇن ئورۇنلىرى تەرپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغانلار ۋە ئۇرۇش جىدەل قىلىپ يارلىنىپ داۋالانغان ۋە دەم ئالغانلار.
(4) شەخسى ئىشى ۋە كىسەللىك سەۋەبى بىلەن رۇخسەت سورغان ۋاختى بىر ماۋسۇمدا سەككىز كۈندىن، بىر ئوقۇش يىلىدا 15كۈندىن ئېشىپ كەتكەنلەر.(ھەركۈنلۈك سەۋەبلىك روخسەت سورىغان تەرتىپ بويىچە نۇمۇر تۇتۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ)
(5) ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ياكى غەيرى تەن جازاسى بەرگەنلەر، بولمىغۇر تىل ھاقارەتلەر بىلەن غورورىغا تەككەنلەر. 1 نۇمۇردىن 3 نۇمۇرغىچە نۇمۇر تۇتۇپ قىلىنىدۇ.
(6) ھەر ئايلىق ئوقۇغۇچىلار داۋامىدا ئوتتۇرچە داۋام خۇلاسسى باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپلىرىنىڭ%98دىن تۆۋەن بولغان سىنىپ مۇدىرى. ( تۆۋەنلىگەن ھەر بىر پىرسەنت ئۈچۈن 0.2 نۇمۇردىن تۇتۇپ قىلىنىدۇ.)
(7) يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا سەۋەنلىك كۆرۈلسە، تەكشۈرگەن ئورۇن چارە كۆرگەندىن باشقا، مەكتەپ مەمۇرىيتى ھەر بىر قىتىملىقى ئۈچۈن ئىغىر يىنىكلىكىگە قاراپ 1 نۇمۇردىن 3 نۇمۇرغىچە تۇتۇپ قىلىنىدۇ.
(8) دەرسنىڭ لاياقىتى ۋە ئۆزلىششى ئۆزى بىرىۋاتقان پەننىڭ ئوتتۇرچە خۇلاسسى سۇپەت ئۆستۈرۈش توختامدىكى نۇمۇردىن تۆۋەنلەپ كەتسە تۆۋەنلىگەن ھەر بىر پىرسەنتى ئۈچۈن 0.2 نۇمۇر تۇتۇپ قىلىنىدۇ.
(9) مەكتەپ رەھبەرلىكى ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك خىزمەت (يەنى ئىجدىمائى خىزمەت، تۈرلۈك ئارخىپ) لەردىن ئۆزىنى قاچۇرسا، ياكى مۇشۇ خىزمەتكە باشقا ئىشلارنى چىتىلدۇرۇپ بانا سەۋەپ كۆرسىتىپ ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتنى تاشلىۋەتسە 2 نۇمۇردىن 5 نۇمۇرغىچە تۇتۇپ قىلىنغاندىن سىرت ماۋسۇم ئاخىرى ۋە يىل ئاخىرىدىكى خىزمەت باھالاشتا بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىنىدۇ.
(10) مەكتەپنىڭ كەچلىك،كۈندۈزلۈك دىجۇرنىلىك، ئامانلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلار.
(11) مەكتەپ ئامانلىق قوغدىغۇچى خادىملار كۈنلۈك خىزمەتنى تولۇق تاماملىشى لازىم. كىچە كۈندۈزلۈك مۇقۇملۇق بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش. كۈندۈزى يەنى ئەتىگەن خىزمەت باشلانغاندىن كەچ خىزمەتتىن چۈشكىچە ھەر ئىككى ئامانلىق قوغدىغۇچى خادىملار خىزمەت ئورنىدا مۇقىم تۇرىدۇ. چۈشلۈك تاماق ۋاختىدا نۆۋەتلىشىپ تاماق يەيدۇ. بىر قىتىملىق يوقلىمىدا يوق بولسا 10 يۇەن تۇتۇپ قىلىنىدۇ.
(12) ئامانلىق قوغدىغۇچى خادىملار تۇتۇشقا تىگىشلىك خاتىرلەرنى (كىرىپ چىققانلارنى تىزىملاش خاتىرىسى، دۇجۇرنىلىكنى ئۆتكۈزىۋىلىش، ئۆتكۈزۈپ بىرىش خاتىرىسى، مەكتەپ ئىشچىسىنىڭ يوقلىما خاتىرىسى) تولۇق تۇتۇش، ئەگەر ماتىرياللىرىنى ۋاقتىدا ئىشلىمىسە، ھەر بىر قىتىملىقى ئۈچۈن 10 يۇەن تۇتۇپ قىلىنىدۇ. ماتىريالنى يوقۇتۇپ قويسا 50 يۇەندىن 100 يۇەن تۇتۇپ قىلىنىدۇ.
(13) ئامانلىق قوغدىغۇچى خادىملار روخسەت سوراشقا توغرا كەلسە مەكتەپ مۇدىرىدىن سوراش لازىم. رۇخسەت سورىغان ھەر بىر كۈنلىكى ئۈچۈن 10 يۇەن تۇتۇپ قىلىنىدۇ. ئەگەر روخسەتسىز بىر كۈندىن 3 كۈنگىچە كەلمىسە ھەر كۈنلىكى ئۈچۈن 30 يۇەن تۇتۇپ قىلىنىدۇ. ئەگەر 3 كۈندىن 5 كۈنگىچە بولسا ھەركۈنلىكى ئۈچۈن 50 يۇەن تۇتۇپ قىلىنىدۇ. 5 كۈندىن يۇقۇرى خىزمەتكە قاتناشمىسا 6 ئايلىق كىرا پۇلى تۇتۇپ قىلىنغاندىن سىرت ماتىريالى يىزىلىپ يۇقۇرىغا يوللىنىدۇ.
21. قوشۇپ بىرىلىدىغان نۇمۇرلار مەكتەپنىڭ تۈرلۈك ئارخىپلىرىغا ماۋسۇم ئاخىرىدا ئارخىپلارنىڭ ئىشلىنىش ئەھۋالىغا قارىتا مەسئۇل بولغان خادىملارغا تۆۋەندىكىدە نۇمۇر قوشۇپ بىرىلىدۇ.
تازغۇن يىزا ئاراقولچا باشلانغۇچ مەكتەپ مەمۇرىيەت ئەزالىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئارخىپ مەسئۇلىيەت دائىرسى
ئومۇميۈزلىك خىزمەتلەرنى باشقۇرۇشقا ئابدىريىم جۈمە(مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسىنىڭ شۇجىسى،مەكتەپ مودىرى)مەسئۇل بولىدۇ.
ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋە تۈرلىك ئارخىپ خىزمىتىنى باشقۇرۇش،تەشكىللەشكە مەمەتيۇسۇپ ئەخەت(مەكتەپنىڭ ئىلمىي مودىرى،مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسىنىڭ تەشكلىي ھەيئىتى)مەسئۇل بولىدۇ.
مەكتەپنىڭ ئامانلىق –بىخەتەرلىك،مالىيە-ئارقا سەپ خىزمىتىگە (مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسىنىڭ تەشۋىقى ھەيئىتى)مەسئۇل بولىدۇ.
6-يىللىق1-سىنىپ مۇدىرى: تۇرسۇنگۇل ساۋۇت
5-يىللىق1-سىنىپ مۇدىرى: خەيرىنسا تۇرسۇن
4-يىللىق1-سىنىپ مۇدىرى: خەيرىنگۇل تۇراپ
3-يىللىق1-سىنىپ مۇدىرى: ئەمەتجان بىلال
2-يىللىق1-سىنىپ مۇدىرى: چىمەنگۇل ھۇسىيىن
1-يىللىق1-سىنىپ مۇدىرى: زورىگۇل مەخەت
بىرىنچى :«ئىككى ئاساسەن»ئارخىۋىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار. 1.
A1ئومۇملاشتۇرۇش دەرىجىسى
九年义务教育普及率 مەسئۇل ئوقۇتقۇچى: نۇرسىمانگۇل ئابلا
2.
A2ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشى
教师队伍 مەسئۇل ئوقۇتقۇچى: خەيرىنسا تۇرسۇن
3.
A3ئوقۇتۇش شارائىتى
办学条件 مەسئۇل ئوقۇتقۇچى: ئابلىكىم مەمىتمىن
4.
A4مائارىپ خىراجىتى
教育费用 مەسئۇل ئوقۇتقۇچى: ئابلىكىم مەمىتىمىن
5.
A5باشقۇرۇش ۋە سۈپەت
管理和素质 مەسئۇل ئوقۇتقۇچى: ئەمەتجان بىلال
6.
A6ياش-ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش
青壮年扫盲工作档案 مەسئۇل ئوقۇتقۇچى: زورىگۇل مەخەت
ئىككىنچى: مەكتەپ خىزمىتىنى باھالاپ بىكىتىش سىستىمىسى(41قاپ)غا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار. مەمەتيۇسۇپ ئەخەت 学校工作考核评分体系 ئۈچىنچى:باشقا ئارخىپ ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار. 1. پارتىيە قۇرۇلۇش خىزمىتى ئارخىۋى
党建工作档案 مەسئۇل خادىم: تۇرسۇنگۇل ساۋۇت
2.ئەخلاق تەربىيە خىزمەت ئارخىۋى
德育工作 档案 مەسئۇل خادىم:
3. ئىشچىلار ئۇيۇشما ئارخىۋى
工会工作档案 مەسئۇل ئوقۇتقۇچى: خەيرىنسا تۇرسۇن
4. ئاياللار خىزمىتى ئارخىۋى
妇女工作档案 مەسئۇل ئوقۇتقۇچى: خەيرىنگۇل تۇراپ
5. تەنتەربىيە خىزمىتى ئارخىۋى
体育工作档案 مەسئۇل ئوقۇتقۇچى: ئابلىكىم مەمىتىمىن
6. تەجىربىخانا باشقۇرۇش خىزمىتى
实验室 مەسئۇل ئوقۇتقۇچى: تۇرسۇنگۇل ساۋۇت
7. قىرائەتخانا باشقۇرۇش خىزمىتى
图书室 مەسئۇل ئوقۇتقۇچى: خەيرىنسا تۇرسۇن
8. مەكتەپ مۈلكىنى باشقۇرۇش خىزمىتى
学校公物工作 مەسئۇل ئوقۇتقۇچى: ئابلىكىم مەمىتىمىن
9.مەكتەپ دەرۋازىسىنى قوغداش خىزمىتى
门卫 مەسئۇل كىشى : نۇرئالىم روزى، تۇرئەخمەت ساۋۇت
10. پىئونىرلار خىزمىتى
少先队员工作 مەسئۇل ئوقۇتقۇچى : ئابلىكىم مەمىتىمىن
11. كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۆيىنى باشقۇرۇش خىزمىتى
مەسئۇل ئوقۇتقۇچى: چىمەنگۇل ھۇسىيىن
12. قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى ئارخىۋى
普法工作档案 مەسئۇل ئوقۇتقۇچى: ئابدىريىم جۈمە
13.مەكتەپنىڭ ئىچى- سىرتىنىڭ مەيدان تازىلىقى، تەشۋىقات دوسكىللىرىغا ئابلىكىم مەمىتىمىن مەسئۇل بۇلىدۇ
14.قۇدۇق،مەكتەپ تۇكى،كىچىك رىمۇنىت قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بۇلىدۇ.
15.سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىگە خەيرىنگۇل تۇراپ مەسئۇل بولىدۇ.
16.مۇقۇملۇق بىخەتەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئارخىپ خىزمىتىگە چىمەنگۇل ھۇسىيىن مەسئۇل بولىدۇ.
17. ئايلىق ۋە ماۋسۇملۇق ئىمتاھان ئالغاندىن سىرت، ئۆزى نوقتىلىق ئىمتاھان ئالغان بولسا 0.5 نۇمۇر قوشۇپ بىرىلىدۇ. (ئەسكەرتىش: ئايلىق ئىمتاھان سۇئالىنى ئىلمىي بۆلۈمگە تەسدىقلىتىپ، قەغەزنى تەكشۈرگەندە نەتىجىسىنى ئىلمىي بۆلۈمگە يوللاش، قەغەزنى ئىلمىي بۆلۈمگە ئەنگە ئالدۇرۇش، قەغەز تەكشۈرگەن يىل، ئاي، كۈن يىزىلىشى، نەتىجە بىردەك بولۇش لازىم)
18. كۇرژۇك پائالىيتىگە تولۇق تەشكىللىگن بولسا، خاتىرىسى تولۇق بولسا 0.5 نۇمۇر قوشۇپ بىرىلىدۇ.
19. ماۋسۇم ئىچىدە بىر قىتىم ئىلمىي ماقالە يىزىپ مەكتەپكە تاپشۇرسا 0.5 نۇمۇر قوشۇپ بىرىلىدۇ. مەتبۇئاتتا نەشىر قىلدۇرسا 2 نۇمۇر قوشۇپ بىرىلىدۇ.
20. ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان دەرستىن سىرت سورىغان، كىسەللىك سەۋەبىدىن دەم ئىلىۋاتقانلارنىڭ دەرسىنى ۋاكالىتەن ئىلمىي بۆلۈمنىڭ تەسدىقىنى ئالغان ئاساستا تەييارلىق قىلىپ دەرس ئۆتكەن بولسا ھەر بىر سائىتى ئۈچۈن 0.5 نۇمۇر قوشۇپ بىرىلىدۇ. (ئەسكەرتىش: ئۆزىنىڭ دەرسى يوق بولغان ۋاقىتلاردا)
21. ماۋسۇم ئىچىدە ئۆزى تەلەپ قىلىپ ئىلمىي بۆلۈمگە تەسدىقلىتىپ مەكتەپ بويىچە ئۈلگىلىك دەرس ئۆتكەن بولسا ھەر بىر قىتىملىقى ئۈچۈن 0.5 نۇمۇر قوشۇپ بىرىلىدۇ.
22. خىزمەت ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتلاردا (يەنى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار نورمال ئارام ئالغان مەزگىللەردە، خىزمەتتىن چۈشكەندە قوشۇپ خىزمەت ئىشلىگەندە ھەر سائەتلىكى ئۈچۈن 0.3 نۇمۇر قوشۇپ بىرىلىدۇ.بۇ نۇمۇر كۈنلىكىگە 2 نۇمۇردىن ئىشىپ كەتمەيدۇ.
23. يىزا ۋە ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تۈرلۈك ئىجدىمائى پائالىيەت ۋە ئوچۇق دەرس ئۆتۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللىگەن بولسا ۋە قاتناشسا 1 نۇمۇر، مۇۋاپىق دەرىجىگە ئىرىشكەن بولسا 3 نۇمۇر قوشۇپ بىرىلىدۇ.
ئىزاھات: دەرس تەقسىمات ئەھۋالىدا (ھەپتىلىك دەرس تەقسىمات) مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە قوش تىلدا ماتىماتىكا دەرسنى ئۈستىگە ئالغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەر بىر سائىتى ئۈچۈن 2 نۇمۇر قوشۇپ بىرىلىدۇ. خەنزۇتىلى، ئادەتتىكى ماتىماتىكا دەرسى ئۈچۈن 1.5 نۇمۇر قوشۇپ بىرىلىدۇ، ئەدەبىيات دەرسى ئۈچۈن 1.2 نۇمۇر قوشۇپ بىرىلىدۇ. باشقا ئالاھىدە پەنلەرگە 0.7 نۇمۇر قوشۇپ بىرىلىدۇ. بۇ ماۋسۇم ئاخىرىدىكى خىزمەتلەرنى باھالىغاندا يەنى ئىش ئۈنۈم ئىش ھەققىنى باھالىغاندا بىر تۈر قىلىپ بىكىتىلىپ چىقىلىدۇ.