خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قانداق ئارىلىشىپ قالغان؟ـــ جەريان ۋە پاكىتلار

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2015-07-14 19:46


 
ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قانداق ئارىلىشىپ قالغان؟ـــ جەريان ۋە پاكىتلار

ئاپتورى: شېنجىخۇا

تەرجىمان: ئادىلجان ئابدۇرېھىم(نىدا)

چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى ــ ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە قاراتقان سىياسىتى ھەتتا يىراق شەرق سىياسىتىدە ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يىراق شەرق ئۇرۇش سېپىنىڭ مۇھاپىزەت چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسى ھەققىدىكى بارلىق پىلانلىرىنىڭ ھەممىسى چاۋشيەندىن قولىنى بوشىتىشنى ئاساسىي نۇقتا قىلغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىغان ئىدى. بۇ سىياسەتنىڭ نەزەرىيىۋىي ئاساسى بولسا ترۇمېننىڭ 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى باياناتى، ئەچېسۇننىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى نۇتقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ 68-نومۇرلۇق ھۆججىتى ئىدى، بۇ سىياسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان لايىھە بولسا 2-ئاينىڭ باشلىرىدا شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنى توكيودا تۈزگەن«ئافرىقا زەيتۇن توپى» ئۇرۇش قىلىش پىلانى ئىدى.[1] ھالبۇكى، ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېين ئامېرىكا پەقەت بەش كۈن ئىچىدىلا، ئارقا-ئارقىدىن بىر قاتار قارارلارنى چىقاردى ھەمدە قەدەممۇ-قەدەم دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا ئومۇمىيۈزلۈك ئارىلىشىپ قالدى. چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى، ۋاشىڭتونغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەقىقەتەنمۇ كۈتمىگەن يەردىن چىققان ئىدى. ھالبۇكى، ئامېرىكىنىڭ ئىنكاسى ئەكسىچە بىنورمال تېز سۈرئەتتە ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسكىن بولدى. ئەڭ دەسلەپتە ئۇرۇش خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى ھاڭ-تاڭ قېلىش ۋە ئالاقزادە بولۇشتىن، ئۇرۇشقا ئومۇمىيۈزلۈك ئارىلىشىدىغان ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقارغۇچە بولغان ئارىلىقتا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نەچچە كۈن ئۆتمىدى. بىز بىر ۋاقىت جەدىۋىلى تۈزۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆسۈش جەريانىغا قارايدىغان بولساق، ئامېرىكىنىڭ قانداق قىلىپ قەدەممۇ-قەدەم چاۋشيەن ئۇرۇشى پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلىقىنىڭ جەريانىنى كۆرۈۋالالايمىز.
24-ئىيۇن، شەنبە.
كەچ سائەت توققۇزدىن ئازراق ئۆتكەن چاغ، ۋاشىڭتوندىكى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ باش شتابى چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ چاۋشيەندە ئۇرۇش پارتلىغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ بەرگەن تۇنجى تېلېگراممىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇنىڭدا شىمالىي چاۋشيەن ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇم قوزغىغانلىقى، «كائېسوڭنىڭ قولدىن كەتكەن»لىكى يېزىلغان ئىدى. دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى (گوۋۇيۈەن) بۇ خەۋەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن، دەرھال سېئۇلدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا تېلېگرامما يوللاپ بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈردى. ئالاھەزەل شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنى 21:26 دە دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى باش ئەلچى مۇچىئو ئەۋەتكەن تېلېگراممىنى تاپشۇرۇۋالدى:« چاۋشيەن ئارمىيىسىنىڭ دوكلاتىغا ( بۇ دوكلات قىسمەن ھالدا چاۋشيەن ھەربىي ئىشلار مەسلىھەت ئۆمىكىنىڭ جەڭ مەيدانى مەسلىھەتچىسىنىڭ دوكلاتى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن) ئاساسلانغاندا، شىمالىي چاۋشيەن قىسىملىرى بۈگۈن سەھەردە كورىيە جۇمھۇرىيىتى زېمىندىكى بىرنەچچە تايانچ پونكىتلارغا ھۇجۇم قىلغان. ھەرىكەتلىنىشكە باشلىغان ۋاقتى تەخمىنەن سەھەر سائەت تۆت ئەتراپىدا. ئوڭجىن شىمالىي چاۋشيەن توپ-زەمبىرەكلىرىنىڭ بومباردىمانىغا ئۇچرىدى. سائەت ئالتە ئەتراپىدا، شىمالىي چاۋشيەننىڭ پىيادە ئەسكەرلىرى ئوڭجىن، كائېسوڭ ۋە چونچېن قاتارلىق رايونلاردا 38-پاراللېلدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى گاڭ نېئۇڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قۇرۇقلۇققا چىققان. كائېسوڭ ئېيتىشلارغا قارىغاندا چۈشتىن بۇرۇن توققۇزدا قولدىن كەتكەن، شىمالىي چاۋشيەننىڭ تەخمىنەن ئوندەك تانكىسى بۇ قېتىمقى جەڭگە قاتناشقان. شىمالىي چاۋشيەن قىسىملىرى تانكىنى ھۇجۇمچى قىلىپ، ئېيتىشلارغا قرىغاندا، چونچېنغا يېقىنلاپ كەلگەن. گاڭ نېئۇڭ رايونىنىڭ جەڭ ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس، بىراق شىمالىي چاۋشيەن قىسىملىرى تاشيوللارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۈزۈۋەتكەن. بىز بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن چاۋشيەن ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىدىكى مەسلىھەتچىلەر ۋە چاۋشيەن ئەمەلدارلىرى بىلەن يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز.
ھۇجۇمنىڭ خاراكتېرى ۋە بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قوزغاش شەكلىدىن قارىغاندا، بۇ كورىيە جۇمھۇرىيىتىگە قارىتىلغان ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم.»[3]
ئەينى چاغدا دەل ھەپتە ئاخىرى بولغاچقا، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دەم ئېلىۋاتاتتى ياكى سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى. رەئىس جۇمھۇر ترۇمېن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مىسسۇرى شىتاتىدىكى ئىندېپېندېنس (مۇستەقىللىق) شەھىرىدە جەم بولغان ئىدى، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئەچېسۇن، ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى ۋورېن ئاستىنلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەرىيلەند شتاتى ۋە ۋېرمونت شتاتىدىكى ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدە ئىدى. دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ يىراق شەرق ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى دالېسمۇ توكيودا بولۇپ تېخى دۆلىتىگە قايتمىغان ئىدى. تېلېفون ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىگە چاقىرىتىلىپ كېلىنگەنلەردىن ئاران ب د ت لاۋازىمەت ئىشلىرى ياردەمچىسى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جون خىكسون، يىراق شەرق ئىشلىرى ياردەمچىسى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى دىن راسك، ۋەزىپىگە قويۇلمىغان باش ئەلچى فىلىپ جېسۇپ، ب د ت سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى باشقارمىسى ئورۇنباسار (مۇئاۋىن) باشلىقى ۋىنتېرخۇس ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى يىراق شەرق ئىشلىرى باشقارمىسى ئەمەلدارى بېيكەن قاتارلىقلارلا بار ئىدى. ھەربىي تەرەپ رەھبەرلىرىگە كەلسەك، ترۇمېن ۋە ئەچېسۇننىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوھانسون ۋە شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنى رەئىسى بىرەدلېي ئەينى چاغدا توكيودىن ۋاشىڭتونغا قايتىش سەپىرىدە ئىدى.[4] قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى فرەنك پېرستىن باشقا ھېچقايسى مىنىستىر ۋە شتاب باشلىقلىرى بىلەن دەماللىققا ئالاقىلاشقىلى بولمىغان ئىدى.
سائەت 22 ئەتراپىدا، ئەچېسۇن تېلېفون ئۇقتۇرۇشىنى قوبۇل قىلدى، تېلېفوندا خىكسون چاۋشيەن توقۇنۇشى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى دوكلات قىلغاندىن كېيىن، 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ب د ت نىڭ بىر قېتىملىق خەۋپسىزلىك كېڭىش يىغىنى ئېچىپ، ئۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىش تەكلىپىنى بەردى. ئەچېسۇن ماقۇللۇق بىلدۈردى ھەمدە ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئورۇنباسار ئەلچى ئېرنېست گروسقا ب د ت باش كاتىپى ترىگۋا لېينى ئىزدەش ھوقۇقىنى بەردى. ئەچېسۇن يەنە دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىدىن پېرس ئارقىلىق بەش بۇرجەكلىك بىنا بىلەن ئالاقىلىشىپ، تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
23تىن 20 مىنۇت ئۆتكەن چاغ، ئەچېسۇن ترۇمېن بىلەن تېلېفونلاشتى. ئەچېسۇن مۇچىئونىڭ تېلېگرامما مەزمۇنى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى ئېچىش تەكلىپىنى رەئىس جۇمھۇرغا دوكلات قىلدى. ترۇمېن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم دەرھال ۋاشىڭتونغا قايتماقچى بولدى. كېچىدە ئۇچۇشنىڭ خەتىرى چوڭلۇقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چاۋشيەن ۋەزىيىتى ھەققىدە يەنىمۇبىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدىكى خەۋەر بولمىغانلىقتىن، ئەچېسۇن ترۇمېننى ئەتىسى يولغا چىقىشقا دەۋەت قىلدى.
23تىن 20 مىنۇت ئۆتكەن چاغ، خىكسون لېيغا تېلېفون قىلدى. لېي ئەتىسى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جىددىي يىغىنىنى ئېچىشقا قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنىنىڭ نۆۋەتچى ئەمەلدارى پودپولكوۋنىك چېستىر كلىفتونمۇ تاراتقۇلارنىڭ سۈرۈشتۈرگەنلىكى سەۋەپلىك چاۋشيەندە ئۇرۇش پارتلىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ھالبۇكى، ئارمىيە تەرەپ ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئايدىڭلىشىشىنى ساقلاشتىن باشقا، ھېچقانداق ئىش قىلالمىدى. ئەتىسى سەھەرگىچە، مۇچىئو ۋە سېئۇلدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ 1-تېلېگراممىسىدىن باشقا تېخىمۇ كۆپ ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىغاچقا، يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئورۇنباسار شتاب باشلىقى توماس تىمبېرمەن رىياسەتچىلىك قىلغان ۋاقىتلىق «قوماندانلىق شتاب» پەقەت دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىدىن كەلگەن ھەر خىل يوليورۇق ۋە ئاخباراتلارنى تېنچ ئوكياننىڭ قارشى قىرغىقىدىكى مەك ئارسۇرنىڭ قوماندانلىق شتابىغا يەتكۈزۈپ بېرىشكىلا كاپالەتلىك قىلدى، پۈتكۈل بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ قىلغىنى بولسا، پەقەت پودپولكوۋنىك كلىفتوننىڭ نامىدا تاراتقۇلارغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چاۋشيەندە ئۇرۇش پارتلىغانلىقىنى بىلگەنلىكىنى ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشمىغانلىقىنى جاكارلاشتەك ئاددىي ھەم قىسقا بايانات ئېلان قىلىشلا بولدى.
25-ئىيۇن، يەكشەنبە.
يېرىم كېچە سائەت 2دىن 30 مىنۇت ئۆتكەن چاغ، خىكسون ئاخىرى گروسنى تاپتى ھەمدە ئۇنىڭغا ۋىنتېرخۇس بىلەن بېيكەن تۈزگەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرۇدىغان تەكلىپ لايىھىسىنى ئېغىزچە بايان قىلدى، مەزمۇنى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تېلېگرامما ئارقىلىق جىددىي يىغىن چاقىرىش ھەققىدىكى ئىلتىماس ۋە ئامېرىكىنىڭ تەكلىپ لايىھىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باشقا ئەزا دۆلەتلىرىگە ئۇقتۇردى، ئاندىن ۋىنتېرخۇسنى ئۇچقۇ بىلەن تەكلىپ لايىھىسىنى نيۇيوركقا ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتتى.
دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى ئەتىگەندە جەنۇبىي چاۋشيەندىن كەلگەن يەنىمۇ بىر قەدەم ئىچكىرىلىگەن ھالدىكى خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالدى:« بىر تانكا كالوننىسىنى يادرو قىلغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم سېئۇل ۋە كىمپۇ ئايروپورتىغا قاراپ كەلدى. جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ قورال-جابدۇقلىرى قارشىلىشىشقا يارىمايدۇ.» ئەمدىلا مەرىيلەند شتاتىدىن ماشىنا بىلەن ۋاشىڭتونغا قايتىپ كەلگەن ئەچېسۇن چاۋشيەندە ئومۇمىيۈزلۈك ئۇرۇش پارتلىغانلىقىنى بېكىتتى، ۋەزىيەت خەۋپلىك ئىدى، شۇڭا ئۇ يەنە ترۇمېن بىلەن تېلېفونلاشتى. ترۇمېن دەرھال ۋاشىڭتونغا قايتىشنى ھەم شۇ كۈنى كەچتە بلايېر سارىيىدا دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى بىلەن يىغىن ئېچىشنى قارار قىلدى. ترۇمېن يەنە ئەچېسۇندىن قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئۈچ ئارمىيە مىنىستىرلىرى ۋە شتاب باشلىقلىرى بىلەن دەرھال تەتقىق قىلىپ، ئۆزى قايتىپ بارغۇچە بىر لايىھە تۈزۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.
10دىن 35مىنۇت ئۆتكەن چاغ، شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنى ھەربىي ئىشلار ئاخبارات باشقارمىسى مەك ئارسۇرنىڭ قوماندانلىق شتابى ئەۋەتكەن بىر ئومۇمىي ئەھۋال بايانىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇنىڭدا ۋەزىيەت بىر قەدەر خۇشاللىنارلىق مۆلچەرلەنگەن ئىدى. دوكلاتتا:« شىمالىي چاۋشيەننىڭ ھۇجۇمچى قىسىملىرى ئاران ئۈچ دىۋىزىيە، جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ مۇداپىئە قىسىملىرى بولسا تۆت دىۋىزىيە، ئۇندىن باشقا 5-دىۋىزىيە ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى.» دېيىلگەن ئىدى. شۇڭلاشقا، دوكلاتتا قولدىن كەتكەن بىر قىسىم زېمىنلارنىڭ ھەممىسى جىددىي مۇداپىئە پىلانىدا پەرەز قىلىنغىنىدەك بولدى، ئۇنى چوڭ ئىش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، دەپ قارالغان ئىدى. مەك ئارسۇر:« شىمالىي چاۋشيەننىڭ جەڭگە قاتناشتۇرغان ئەسكىرىي كۈچى ۋە ستراتېگىيىلىك مۇددىئاسىدىن قارىغاندا، گەرچە ئۇلارنىڭ ھۇجۇمى كۈچلۈك، تاكتىكىسى جەھەتتىمۇ تۇيۇقسىزلىق پەيدا قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھەرقانچە قىلغان بىلەن ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى ئېنىق ئەمەس.» دەپ قارىدى. ھەر ئېھتىمالغا قارشى، مەك ئارسۇر جەنۇبىي چاۋشيەنگە ئوق-دورا يۆتكەشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھەمدە فىلىپپىنگە توپلاشقان 7-فلوتنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى چاۋشيەنگە ئاتلاندۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى. ھەربي تەرەپ ئەسلىدىنلا چاۋشيەننىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى يوق دەپ قارىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە ئاي ئىلگىرى تاجاۋۇزغا ئۇچرىغاندا جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى تۈزگەن بولغاچقا، بۇ چاغدا، شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنىنىڭ خەۋپكە تۇتقان پوزىتسىيىسى پۈتۈنلەي بۇ جىددىي پىلاننى (ئۇرۇش پارتلىسا، ئامېرىكا تېز سۈرئەتتە بارلىق ھەربىي خادىم، دىپلوماتلار ۋە پۇقرالارنى چېكىندۈرۈش، لازىم بولغاندا ھاۋا ئارمىيىسىنى يۆتكەپ قوغداش) ئىجرا قىلىشنى ئۈمىد قىلىشلا بولدى.
11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەن چاغ، ئەچېسۇن ترۇمېننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەربىي تەرەپ خادىملىرى قاتناشقان يىغىن ئاچتى. دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىدىن يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى باشلىقلار ئىدى، يەنى ئەچېسۇن، ۋېبېر ۋە راسكلار ئىدى، ئەمما بەش بۇرجەكلىك بىنا تەرەپتىن يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر پەقەت قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتاب باشلىقى لاۋتون كوللىنىس ۋە ئورۇنباسار شتاب باشلىقى توماس تىمبېرمەنلا ئىدى. روشەنكى، ھەربىي تەرەپ بۇ يىغىنغا ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەن ئىدى. يىغىن ھەرىكەت پىلانى تەكلىپىنى ماقۇللىدى:« ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى ۋە دېڭىز ئارمىيىسى كۈچلىرى سېئۇل، كىمپۇ ئايروپورتى ۋە ئىنچون پورتى ئەتراپىدا مۇداپىئە چەمبىرىكى قۇرۇپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەر چېكىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم؛ مەك ئارسۇرنىڭ ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن جەنۇبىي چاۋشيەننى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىشىگە ھوقۇق بېرىش، ئىلگىرىكى ھەربىي ياردەم پىلانىنىڭ چەكلىمىسى ئۇچرىماسلىق؛ پەقەت كورىيە قىسىملىرىنىڭ يەنىلا جەڭ قىلغۇدەك كۈچى بولسىلا، ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلىرى چېكىنىشكە بولمايدۇ؛ مەك ئارسۇرنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەندىكى بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قوماندانلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم؛ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بېلەت تاشلاپ چاۋشيەندە بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىشنى ماقۇللىسىلا، مەك ئارسۇرنىڭ 7-فلوتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كۈچلەرنى يۆتكەپ، ئىمكانىيەت يار بەرگەن ئاھۋال ئاستىدا،38-پاراللېلنىڭ ئەسلىدىكى پاسىل سىزىقى بولۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ھوقۇق ۋە يوليورۇق بېرىش لازىم.» گەرچە بۇ تەكلىپلەر تېلېفوندا شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ پىكىرى ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنىنىڭ كېيىنكى ھۆججەتلىرىدە يەنىلا بۇ ھەرىكەت پىلانى دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان دېيىلدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى بولغان چاغ، ترۇمېننىڭ «مۇستەقىللىق» ناملىق مەخسۇس ئۇچقۇسى كەنساس ئايروپورتىدىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى، ۋاقىت قىس بولغانلىقتىن، رەئىس جۇمھۇرنىڭ ئىككى ھەمراھى ئۇچقۇغا ئۈلگۈرەلمىدى. ترۇمېن ئۇچقۇدا تېلېگرامما ئارقىلىق ئەچېسۇنغا كەچ سائەت 7:30دا دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدىكى ئالاقىدار خادىملار بىلەن بىللە بلايېر سارىيىدا كەچلىك تاماق يېيىشنى ھەمدە جىددىي يىغىن ئېچىشنى ئۇقتۇردى. دەل ترۇمېننىڭ مەخسۇس ئۇچقۇسى ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن چاغدا، نيۇ يوركتىكى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جىددىي يىغىنىمۇ باشلانغان ئىدى. لېي ب د ت نىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، شىمالىي چاۋشيەننىڭ ب د ت نىڭ نىزامنامىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەدبىر قوللىنىپ، بۇ رايوندا تېنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشى لازىم دەپ قارىدى. ئارقىدىنلا گروس ئامېرىكىنىڭ قارار لايىھىسىنى ئوقۇپ ئۆتۈپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن شىمالىي چاۋشيەننىڭ دۈشمەنلىك ھەرىكىتىنى توختىتىپ، قوشۇنىنى 38-پاراللېلغا چېكىندۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. ئەچېسۇننىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تەييارلىغان قارارىدا ئەسلىدە «شىمالىي چاۋشيەننىڭ  كورىيە جۇمھۇرىيىتىگە قىلغان ئاساسسىز قوراللىق ھۇجۇمى تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ» دېيىلگەن ئىدى. بىراق خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا باشقا بىر نەچچە دۆلەتلەر ھازىرقى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن بۇ خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇنى «تېنچلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دېيىش بىر قەدەر مۇۋاپىق ئىدى. ئامېرىكا بۇ پىكىر بويىچە قارار لايىھىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى. شۇڭا چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىدىن ئىلگىرى، يىغىننى قىسقىغىنە ۋاقىتلىق توختىتىپ ئويلانغاندىن كېيىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋەكىللىرى ئامېرىكىنىڭ قارار لايىھىسىنى قوبۇللاشقا ماقۇللۇق بىلدۈردى، پەقەت يۇگوسلاۋىيىلا ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.
چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتىن ئازراق ئۆتكەندە، ترۇمېن ۋاشىڭتونغا يېتىپ كەلدى-دە، ئۇدۇل بلايېر سارىيىغا باردى. يىغىنغا قاتناشقىلى كەلگەن دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى ئەمەلدارلىرىدىن ئەچېسۇن، ۋېبېر، راسك،خىكسۇن، جېسۇپلار، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئەمەلدارلىرىدىن يوھانسون، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى پېرس، دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرى فرانسىس مەتىۋز، ھاۋا ئارمىيە مىنىستىرى توماس فىنلېتېر، قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتاب باشلىقى لاۋتون كوللىنىس، ھاۋا ئارمىيە شتاب باشلىقى خويت ۋېندېنبېرگ، دېڭىز ئارمىيە شتاب باشلىقى فوررىستال شېرمەن ھەمدە برەدلېي قاتارلىق 13 ئادەم بار ئىدى. يىغىن رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇن، خۇددى ھازىر مۇزاكىرىلىشىدىغان مەسىلە چاۋشيەن ۋەزىيىتى بولماستىن، بەلكى تەيۋەننىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدەك، يوھانسون برەدلېينى ئۇ مەك ئارسۇردىن ئېلىپ كەلگەن تەيۋەن ستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى ئەسلەتمىنى ئوقۇتتى. ئەچېسۇن بۇنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بىلەن دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، ھەربىي تەرەپنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسىگە ئىزچىل قىزىقمايۋاتقانلىقىنى، دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بولسا جياڭ جيېشىدىن ۋاز كېچىش سىياسىتىدىن غەم قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ترۇمېن گەپنىڭ بېلىدىن ئۈزىۋەتكەنلىكتىن، بۇ مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنمىدى.
كەچ سائەت يەتتىن 45 مىنۇت ئۆتكەن چاغ، كەچلىك تاماقتىن كېيىن يىغىن رەسمىي باشلاندى. ترۇمېن ئەچېسۇننى ئاۋال سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. ئەچېسۇن دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى ئاخبارات مەھكىمىسى تەمىنلىگەن چاۋشيەن مەسىلىسى ھەققىدىكى تەھلىل دوكلاتىغا ئاساسەن، جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ ۋەزىيىتىنى بايان قىلدى. بۇ دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، شىمالىي چاۋشيەن ئارمىيىسى يەتتە كۈن ئىچىدە سېئۇلنى ئىشغال قىلىۋالاتتى ھەمدە 72 سائەتتىن كېيىن جەنۇبىي چاۋشيەنگە «تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىش تەكلىپى»نى بېرىپ، ئى سۇڭمەننىڭ تەسلىم بولۇشىنى تەلەپ قىلاتتى. ئەگەر ئامېرىكا ئوتتۇرىغا چىقمىسا، جەنۇبىي چاۋشيەن بىتچىت بولاتتى. ئارقىدىن، ئەچېسۇن تەييارلاپ قويۇلغان تەكلىپىنى ئوقۇدى. ئەچېسۇننىڭ ئېيتىشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ ئىشخانىسىدا يالغۇر ئولتۇرۇپ، ھەرىكەت لايىھىسىنى ئويلانغان ئىدى. شۇڭا، ئوقۇغان تەكلىپ بىلەن چۈشتىن بۇرۇن كېڭەشكەن مەزمۇنلار ئوتتۇرىسىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولغان ئىدى. ئۇ بۇنى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلىدى: (1) مەك ئارسۇر ھەربىيلەر ئاھالە تاۋاباتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى چاۋشيەندىن چېكىندۈرۈشى، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ، كىمپۇ، ئىنچون قاتارلىق جايلاردىكى ئايروپورت ۋە پورتلاردىكى ھۇجۇمنى چېكىندۈرۈشى لازىم. بىراق ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى قىسىملىرى پەقەت 38-پاراللېلنىڭ جەنۇبىدىلا ھەرىكەتلىنىشى كېرەك. (2) مەك ئارسۇرغا ھاۋادىن تاشلاش ۋە باشقا ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ كورىيە قىسىملىرىغا قورال-ياراغ ۋە تەمىناتلارنى تەمىنلەش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈش لازىم. (3) 7-فلوتقا دەرھال فىلىپپىندىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىدىن چىقىپ، شىمالغا مېڭىپ، ئۇرۇشنىڭ بۇ رايونغا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تەيۋەن بوغۇزىغا كىرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر تۈرلۈك باياناتنى ئېلان قىلدى: 7-فلوت تەيۋەنگە قارىتىلغان ھەرقانداق ھۇجۇمنى توسۇشى، شۇنداقلا تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلىشىنىمۇ توسۇشى لازىم. ترۇمېن سۆز قىستۇرۇپ، 7-فلوتقا دەرھال شىمالغا يۈرۈش قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرسە بولىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ فلوت بەلگىلەنگەن رايونغا بېرىشتىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شۇنىڭدىن كېيىنكى مۇزاكىرىلەردە، ھەر بىرەيلەن ئوخشىمىغان كونكرېت تەپسىلاتلارنى سۆزلەپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ تۈرلۈك تەكلىپنى قوللايدىغانلىقلىرىنى، يۇقىرىقىدەك ھەرىكەت قوللىنىشقا قوشۇلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. شېرمەن ۋە ۋېندېنبېرگ دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىلىرى ئىشقا سېلىنسا، ھازىرقى ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ھاۋادىن زەربىسى ۋە دېڭىزدىكى كۈچلۈك بومباردىمانى بولسا جەڭ بەلكىم ئاياقلىشىشى مۇمكىن، دېيىشتى. كوللىنىس بۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمما زور كۆپ قىسىم ئادەملەر ئامېرىكىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئىشلىتىشكە قارشى تۇردى. ترۇمېن يەنە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرنى تەپسىلىي سورىغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا ئەچېسۇننىڭ ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپىنى قوبۇل كۆرۈشنى قارار قىلدى. ترۇمېن ئۈچ خىل ئارمىيىنىڭ شتاب باشلىقلىرىغا زۆرۈر تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىپ، ب د ت شىمالىي چاۋشيەنگە ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىق قىلىشى بىلەنلا دەرھال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئامېرىكا قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىش ھەققىدە يوليورۇق بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كوللىنىسنىڭمۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، مەك ئارسۇرغا جەنۇبىي چاۋشيەنگە بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ياردەم بېرىش شەكلى ۋە يىراق شەرقتىكى ئامېرىكا ئارمىيىسى كۈچىنى قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە بىرىنچى قول مۆلچەر قىلىش ھوقۇقىنى بەردى. ترۇمېن يەنە 7-فلوتنى مەك ئارسۇرنىڭ قوماندانلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى، ئۇنىڭ بازىسىنى ياپونىيىنىڭ ساسىبودا قۇرۇشنى قارار قىلدى. يىغىن سائەت 23 ئەتراپىدا ئاياقلاشتى.
25-ئىيۇندىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئانچە ئاكتىپ ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئەكسىچە، دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى بىرقەدەر ئاكتىپ ئىدى. دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تەكلىپىدە تەيۋەن مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقتىن، چاۋشيەن مەسىلىسى ھەققىدىكى بۇ تەكلىپلەر ھەربىي تەرەپنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىمىدى. گەرچە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنى جەڭگە قاتناشتۇرۇش قارار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى مەقسەد يەنىلا چاۋشيەندىن چېكىنىشتىن ئىبارەت ئەسلىدىكى لايىھىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىدى. ئامېرىكا ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ شىمالىي چاۋشيەننىڭ ھۇجۇمىنى توسۇش-توسۇماسلىق، جەنۇبىي چاۋشيەن ھاكىمىيىتىنى قۇتقۇزۇش-قۇتقۇزماسلىق قاتارلىقلاردا، روشەنكى، يەنىلا ئىككىلىنىپ قارار قىلىنمىغان ياكى ھېچبولمىغاندا مەسىلە ئايدىڭلاشتۇرۇلمىغان ئىدى. ئۇنىڭدىكى سەۋەپ، ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە قارىتا تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچە بولمىغانلىقىدا ئىدى.
26-ئىيۇن، دۈشەنبە.
چاۋشيەندىن كەلگەن ئۇچۇر ئاقساراينى غەمگە چۆكتۈردى: جەنۇبىي چاۋشيەن قىسىملىرى ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى، شىمالىي چاۋشيەن قىسىملىرى بولسا قەدەممۇ-قەدەم قىستاپ ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار مەسىلھەتچىلەر ئۆمىكى ئى سۇڭمەننىڭ قىسىملىرىنىڭ خان گاڭدىن ئىبارەت بۇ 38-پاراللېل بىلەن سېئۇل ئوتتۇرىسىدىكى بىردىنبىر تەبىئي توسۇقنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىدىن گۇمانلاندى. باش ئەلچى مۇچىئو مەك ئارسۇرنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، ـــ بۇ گېنېرال ئالاقزادە بولۇش ۋە ئالدىراقسانلىق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارايتتى ـــ سەھەر سائەت ئىككىدە، گەرچە ئۆزى يەنىلا سېئۇلدا قالسىمۇ، ئەلچىخانىنى سېئۇلدىن چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى. ئى سۇڭمەننىڭ ھۆكۈمىتى بولسا سېئۇلنىڭ جەنۇبىدىن 240 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تېگۇغا يۆتكىلىشنى قارار قىلىپ بولغان ئىدى. مەك ئارسۇرنىڭ كېيىنرەك ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى ترۇمېننى ھەيران قالدۇردى:
جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ 3- ۋە 5- دىۋىزىيىلىرىنىڭ سېئۇل يېنىدىكى جەڭگە پارچە-پۇرات قاتنىشىشى دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزىنى توسۇپ قالالمىدى، بۇ خىل تاجاۋۇزچىلىق ئۆتكەن ئىككى كۈندىكى دۈشمەن ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق تىرىشچانلىقى دەپ قارالدى، ئۇنىڭ مەقسىدى بولسا پايتەخت سېئۇلنى ئىشغال قىلىش ئىدى. دۈشمەن تانكىلىرى سېئۇلنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونلىرىغا كىرىپ كېلىۋاتىدۇ... نۆۋەتتىكى بۇ خىل تېز سۈرئەتتە ناچارلىشىۋاتقان ۋەزىيەت ئاستىدا، يىراق شەرق قوماندانلىق شتابى چاۋشيەنگە ئەۋەتكەن ھەربىي ئىشلار تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى قايتىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى.
جەنۇبىي چاۋشيەن قىسىملىرى شىمالىي چاۋشيەننىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىنى توسۇيالمىدى. دۈشمەنگە پايدىلىق ئامىل تامامەن ئۇلارنىڭ تانكا ۋە جەڭ ئۇچقۇلىرىغا ئىگە بولغانلىقىدا ئىدى. جەڭ ئەھۋالى كۆرسەتكۈچىدىن قارىغاندا، جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار سانى يېتەرلىك قارشىلىق كۈچى ۋە جەڭ قىلىش ئىرادىسىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ مۆلچەرىمىزچە، ناھايىتى تېزلا پۈتۈنلەت تارمار بولىدۇ.[5]
چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن 15 مىنۇت ئۆتكەن چاغ، جەنۇبىي چاۋشيەن باش ئەلچىسى چاڭ ميون ترۇمېنغا ئى سۇڭمەننىڭ ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان خېتىنى تاپشۇردى. ترۇمېن ئەسلەپ مۇنداق دېدى:« چاڭ ميون ئىنتايىن مەيۇس كۆرۈنەتتى، يىغلىۋەتكىلى ئازلا قالغان ئىدى.» روشەنكى، ۋەزىيەت ئادەتتىن تاشقىرى جىددىي ئىدى.
كەچ سائەت توققۇز بولغان چاغ، ترۇمېن يەنە بىر قېتىم بلايېر سارىيىدا جىددىي يىغىن ئاچتى، تۆنۈگۈنكى يىغىنغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ كەيپىياتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. ئالدى بىلەن برەدلېي چاۋشيەننىڭ جەڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، جەنۇبىي چاۋشيەن ئارمىيىسىنىڭ پۈتۈن لېنىيە بويىچە چېكىنىۋاتقانلىقىنى، «ئۈنۈملۈك قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى ۋە جەڭگىۋارلىقى»نى پۈتۈنلەي دېگۈدەك يوقاتقانلىقىنى، سېئۇلنىڭ «ئادەتتىن تاشقىرى خەۋپلىك» ئىكەنلىكىنى، شىمالىي چاۋشيەننىڭ تانكىلىرى «شەھەرگە قىستاپ كېلىپ بولغان»لىقىنى، ئى سۇڭمەننىڭ قىسىملىرىنىڭ «پۈتۈنلەي يىمىرىلەي دەپ قالغان»لىقىنى جاكارلىدى. ۋېندېنبېرگ دوكلاتىدا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ سۆۋېت ئىتتىپاقى پاسونىدىكى ياك تىپلىق بىر ئۇچقۇنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. ترۇمېننىڭ تەكلىپ بېرىش تەلىپىگە بىنائەن، ئەچېسۇن مۇنداق تەكلىپ بەردى:
ـــ ھاۋا ئارمىيىسى ۋە دېڭىز ئارمىيىسى چاۋشيەن ئارمىيىسىگە ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىشى كېرەك. نۆۋەتتە ھەرىكىتى 38-پاراللېنىڭ جەنۇبىدىلا چەكلەنسە بولىدۇ.
ـــ 7-فلوتقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ فورموساغا بولغان ھۇجۇمنى توسۇش، گومىنداڭچىلارغا چوڭ قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلماسلىقنى ئېيتىش، 7-فلوتقا ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى توسۇشىنى ئېيتىش كېرەك.
ـــ ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندىكى ئارمىيىسىنى كۈچەيتىش ھەمدە فىلىپپىن ئارمىيىسىگە بېرىدىغان ياردەمنى تېزلەشتۈرۈش كېرەك.
ـــ ھىندىچىنىغا بولغان بولغان ياردەمنى كۆپەيتىش ھەمدە فرانسىيىلىكلەرگە بىزنىڭ كۈچلۈك بىر ھەربىي ئىشلار ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىش كېرەك.
ـــ ئەگەر رەئىس جۇمھۇر يۇقىرىقى نۇقتىلارغا قوشۇلسا، رەئىس جۇمھۇرنىڭ قوللىنىلىدىغان ھەرىكەت تەكلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۆزىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەييارلانغان باياناتنى ئېلان قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن!
ـــ ئەتە چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدىغان خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا، بىز يېڭى بىر قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى چاۋشيەنگە ياردەم بېرىپ، قوراللىق ھۇجۇمغا قايتۇرما زەربە بېرىش ۋە بۇ رايوندا تېنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلىشىمىز كېرەك.[6]
بۇ تەكلىپلەر بىردەك قوللاشقا ۋە رەئىس جۇمھۇر ترۇمېننىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشتى. بىراق، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ جەنۇبىي چاۋشيەن قىسىملىرىغا ياردەم بېرىپ ئۇرۇش قىلىشى نەتىجىلىك بولامدۇ-يوق دېگەن مەسىلىدە يەنىلا پىكىر ئىختىلاپى پەيدا بولدى. دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ كۆز قارىشى بىرقەدەر ئۈمىدۋار بولدى، بىراق قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتاب باشلىقى بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن ترۇمېن ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى، كوللىنىس ۋە برەدلېينىڭ قايتا-قايتا تەخمىنىي ھېسابلىشى ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى كۆرۈنەرلىك يېتىشمەيدۇ، ئەگەر قۇرۇقلۇق قىسىملىرى ئىشقا سېلىنىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ خەلق ساقچىلىرىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش ۋە دۆلەت مەجلىسى (پارلامېنت)دىن مەبلەغ ئاجرىتىشنى تەلەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، دەپ قارالدى. ترۇمېن بۇنىڭغا قارىتا دەرھال تەتقىق قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى.
يىغىن پەقەت بىر سائەتلا داۋام قىلدى، ترۇمېن ھەم دېڭىز ئارمىيىسى ھەم ھاۋا ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ جەنۇبىي چاۋشيەن ئارمىيىسىگە ياردەم بېرىشنى، ئەمما پەقەت 38-پاراللېلنىڭ جەنۇبىدىلا ھەرىكەتلىنىشنى ئۇقتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. يىغىندىن كېيىن، پېرس دەرھال مەك ئارسۇرغا ئۇرۇش قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى: 38-پاراللېلنىڭ جەنۇبىدىكى «بارلىق ھەربىي نىشانلارنىڭ ھەممىسىگە ھاۋا ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىشقا بولىدۇ»، «دېڭىز ئارمىيىسى بارلىق دېڭىز قىرغىقى سۇ دائىرىسى ۋە پورتلاردا ئەركىن ھەرىكەت قىلسابولىدۇ.»
مانا مۇشۇنداق قىلىپ، چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلاپ ئىككىنچى كۈنى، ئامېرىكا ئۇرۇشقا ئارىلىشىپ قېلىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باستى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىق كۈرىشىگە تۇنجى ئۇل تېشىنى قويدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشقا مەيلى بولسىمۇ، ئەمما كۈچى يېتىشمىگەنلىكى ۋە دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىشقا ئۈمىد باغلىغانلىقتىن دەرھال ھەرىكەت قوللانمىغانلا يېرى بار ئىدى. يەنە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئامېرىكا رەئىس جۇمھۇرى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرىنىڭ بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەندە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىن ئېچىپ ئاتالمىش جەنۇبىي چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش قارار لايىھىسىنى تېخى ماقۇللىمىغان ئىدى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىمۇ بۇ مەسىلە توغرىلىق تېخى مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىغان ئىدى. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قوللانغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ھەتتا ھېچقانداق تاشقىي جەھەتتىن قانۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئاقساراي بۇنى كۆڭلىگە ئالماي قالمىغان ئىدى. مەك ئارسۇر بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، «ياردەم چارىسى»نى دەرھال جەنۇبىي چاۋشيەنگە جاكارلاپ، ئۇلارنىڭ «جەڭگىۋارلىقىنى رىغبەتلەندۈرۈش»كە ھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، بىراق دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى قوشۇلمىدى، ۋېبېر جاۋاپ بېرىپ، رەئىس جۇمھۇر بىلەن دۆلەت مەجلىسى ئالاقىلىشىشتىن بۇرۇن، بۇ خەۋەرنى ئاشكارا ئېلان قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، «دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان قوللىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى. بىراق مەك ئارسۇر جەنۇبىي چاۋشيەن قىسىملىرىغا ئازراق روھلاندۇرۇش ئۇكۇلى ئۇرۇپ قويۇلمىسا، نەچچە سائەتكە قالمايلا ئۇرۇش ئاياقلىشىدۇ، دەپ قارىدى. شۇنداق قىلىپ، مەك ئارسۇرنىڭ قايتا-قايتا چىڭ تۇرۇۋېلىشى ئاستىدا، ۋېبېر بىلەن پېرس ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى، شەرتى بولسا ترۇمېننىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، بۇ قارارنى ئېنگلىز تىلىدا رادىئودا ئاڭلاتماسلىق ئىدى.
27-ئىيۇن، سەيشەنبە.
چۈشتىن بۇرۇن، ترۇمېن دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنى باشلاپ دۆلەت مەجلىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە باردى. ئەچېسۇن ئەھۋالنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ترۇمېن دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى ئۇنىڭغا تەييارلاپ بەرگەن باياناتنى ئوقۇپ، دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرىنىڭ بۇ باياناتقا قارىتا پىكىرىنى ئالدى. دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرى ترۇمېن ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىگە بىردەك قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولدى. كېڭەش ئەزاسى (پارلامېنت ئەزاسى) ۋىللىي ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىش دەرىجىسىنى سورىدى. يوھانسون ئېنىق جاۋاپ بېرىپ، مەك ئارسۇرنىڭ بۇيرۇق تاپشۇرۇۋېلىش بىلەنلا دەرھال ھاۋا ئارمىيىسى ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كېڭەش ئەزاسى پەقەت ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەندە ھەربىي كۈچىنىڭ بارلىقىنى بىلۋالسىلا بولىدىغانلىقىنى ھەمدە رەئىس جۇمھۇر بۇ كۈچلەرنى يېتىشىدۇ دەپ قارىسىلا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كېڭەش ئەزاسى تايدىڭس دوكلات قىلىپ، ئۇ رەھبەرلىك قىلغان ھەربىي مەجبۇرىيەت كومىتېتى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئەسكەر ئېلىش قانۇنىدىكى ۋاقىت چەكلىمىسىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ھەمدە رەئىس جۇمھۇرغا خەلق ساقچىلىرى كۈچىنى يىغىش ھوقۇقىنى بېرىش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. مەسىلە سىياسىي دائىرىگە بۇرالغاندىن كېيىن، ترۇمېن چۈشەندۈرۈپ، نۆۋەتتە قوللانغان ھەرىكەتنىڭ ب د ت نىڭ چاۋشيەن رايونىدىكى تېنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللاش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، تەيۋەن توغرىلىق بولسا، ئۇنىڭ بۇيرۇقىنىڭ قوشۇمچە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىكى مەقسەدنىڭ ھەرقانداق يېڭى بىر ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىدىن ساقلىنىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. سۆھبەتتە يەنە ئامېرىكىنىڭ ب د ت غا سۇنىدىغان قارار لايىھىسى مۇزاكىرە قىلىندى، بىر قىسىم سۆزنى تاللاپ ئىشلىتىش مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن باشقا، بۇ قارار لايىھىسىمۇ بۇ كېڭەش ئەزالىرىنىڭ بىردەك قوشۇلۇشىغا ئېرىشتى. شۇ كۈنى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى رەھبىرى توماس دېۋېيمۇ تېلېفوندا ئەچېسۇنغا ئۆزىنىڭ باياناتىنى جاكارلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ چاۋشيەندىكى ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىغا كاپالەت بەردى.
يىغىندىن كېيىن، ترۇمېن ئاخبارات ساھاسىدىكىلەرگە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ جەنۇبىي چاۋشيەننى قوغدايدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى ھەمدە 7-فلوتقا تەيۋەن بوغۇزىغا كىرىپ، تەيۋەنگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ھەمدە تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قىلغان ھۇجۇمىنى توسۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ترۇمېننىڭ ئىككىنچى تۈرلۈك بۇيرۇققا ئىزدىگەن ھەرىكەت ئاساسى بولسا تەيۋەننىڭ كەلگۈسىدىكى ئورنىنىڭ تېخى بېكىتىلمىگەنلىكى، تېنچ ئوكياندا بىخەتەرلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى، ياپونىيىگە قارىتا سۈلھى شەرتنامىسى مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىنى ياكى ب د ت نىڭ قاراپ چىقىشىنى چوقۇم ساقلاش كېرەكلىكى ئىدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىن ئېچىپ، ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان «ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كورىيە جۇمھۇرىيىتىگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمنى توسۇش ۋە بۇ رايوندىكى خەلقئارالىق تېنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە لازىملىق ياردەم بېرىش تەكلىپى» ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. يىغىندا نەچچە سائەت تالاش-تارتىش قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە نەچچە سائەت ئارام ئېلىنىپ ھىندىستان ۋە مىسىر ۋەكىللىرىنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ يوليورۇقىنى ئېلىشىنى ساقلاشتى. تا يېرىم كېچە سائەت 11 دىن 50 مىنۇت ئۆتكىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى تېخى ب د ت غا قايتمىغان ئەھۋال ئاستىدا، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئاندىن يەتتە ئاۋاز قوللىغان، بىر ئاۋاز (يۇگوسلاۋىيە) قارشى تۇرغان، ئىككى ئاۋاز (ھىندىستان ۋە مىسىر) ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن نەتىجە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان «جىددىي جازالاش لايىھىسى»نى ماقۇللىدى.
28-ئىيۇن، چارشەنبە.
ئۈچ خىل ئارمىيە شتاب باشلىقلىرى چاۋشيەن ۋەزىيىتى ھەققىدە كېچىلەپ قىلغان تەتقىقاتنىڭ خۇلاسىسى چىقتى: پەقەت دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىلىرىگىلا تايىنىپ جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ خەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ئوڭشىغىلى بولمايدۇ. جەڭ ئۇچقۇلىرىنىڭ بومباردىمانى كۈندۈزى شىمالىي چاۋشيەننىڭ تانكا ئەترىتىنى پاچاقلاپ تاشلىيالىغىنى بىلەن، ئون مىڭدىن ئارتۇق پىيادە ئەسكەرلىرىنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ تۆتتىن بىرىگىلا توغرا كېلىدىغان جەنۇبىي چاۋشيەن قىسىملىرىغا قىلغان ھۇجۇمىنى توسۇپ قالالمايدۇ. چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىندا شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنى ئۆز قول ئاستىدىكى بىرلەشمە ستراتېگىيە كومىتېتىغا ئەگەر نۆۋەتتىكى چاۋشيەنگە قوللانغان ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى تۆۋەن بولسا، ئۇنداقتا ھەربىي ئىشلار نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ قانداق قارشى تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكىنى تەتقىق قىلىپ بېقىش ھەمدە 48 سائەت ئىچىدە لايىھىنى تۈزۈپ چىقىش ھەققىدە يوليورۇق چۈشۈردى. بۇ كومىتېت ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 38-پاراللېلنىڭ شىمالىدىمۇ ھەرىكەت قوللىنىشىنى ھەمدە «قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئەۋەتىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشنىمۇ ئويلىشىشى كېرەك ئىدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە، ترۇمېن ئاقسارايدا دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى يىغىنى ئېچىپ، چاۋشيەن ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلدى. ھاۋا ئارمىيە مىنىستىرى فىنلېتېر ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ پەقەت 38-پاراللېلنىڭ جەنۇبىدىلا ھەرىكەت قىلىش چەكلىمىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، جەنۇبىي چاۋشيەن ئارمىيىسىگە «تولۇق بولغان ھاۋا ياردىمى» بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ترۇمېن بىر قارارغا كېلەلمىدى. ئۇ ھاۋا ئارمىيە شتاب باشلىقى ۋېندېنبېرگنى بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسى شىمالىي چاۋشيەننىڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە ماي باكىنى «بەلكىم ئامالسىز» بومباردىمان قىلىشى مۇمكىن، ئەمما ھازىرچە ئۆزىنىڭ قارار قىلىشقا رايى يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ۋېندېنبېرگ مەسىلىنىڭ ئىنتايىن نازۇك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، چۈنكى شىمالىي چاۋشيەننىڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسى 38-پاراللېلنىڭ شىمالىدىن تەخمىنەن 60 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىدى، ئامېرىكا ئۇچقۇلىرى «چېگرىدىن خاتا ئۆتۈپ قالغان»لىقىنى باھانە قىلىپ ئۇنى بومباردىمان قىلالمايتتى. ئەچېسۇن بىلەن يوھانسونمۇ بۇنداق قىلىشقا مايىل ئەمەس ئىدى. ترۇمېن ئەڭ ئاخىرىدا:« بىز ئۇنداق قىلمايمىز»دېدى. گەرچە ترۇمېن 24 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەك ئارسۇر ئاللىقاچان يىراق شەرق ھاۋا ئارمىيىسى ئورۇنباسار قوماندانى پارترىجغا يوللىغان ئاغزاكى تېلېگراممىسىدا «دەرھال شىمالىي چاۋشيەننىڭ ئايروپورتىنى پاچاقلاپ تاشلاش» ھەمدە بۇنى داۋراڭ سالماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى. مەك ئارسۇرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئۇنىڭ چاۋشيەندە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىملىق، ئەمما ھەرگىز ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىقى بولمىغان رەئىس جۇمھۇر ئۇنىڭغا بەرگەن ھوقۇقىدىن ھالقىشى ئىدى.
29-ئىيۇن، پەيشەنبە.
مەك ئارسۇر چاۋشيەنگە ئەۋەتكەن برىگادا گېنېرالى جون چۇرچ باشچىلىقىدىكى ئالدىن ئەۋەتىلگەن تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەگەر ئامېرىكا ئارمىيىسى جەڭگە چۈشمىسە، جەڭدىن ئىلگىرىكى پاسىل سىزىقى ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مۇمكىن بولمايدىغانلىقى، شىمالىي چاۋشيەن قىسىملىرىنىڭ ئاللىقاچان سېئۇلنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ بولغانلىقى ھەمدە ئۇ يەردىكى ئى سۇڭمەننىڭ ئارمىيىسىنى يوقىتىپ بولغانلىقى، ھازىر داۋاملىق جەنۇپقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، جەنۇبىي چاۋشيەن ھۆكۈمىتى ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان جاي سۇۋانغا ئۇدۇل كېتىپ بارغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئەۋەتتى. يوھانسوننىڭ جىددىي تەكلىپ بېرىشى ئاستىدا، ترۇمېن چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە يەنە ئورۇنباسار رەئىس جۇمھۇر باركلېي، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، ئۈچ خىل ئارمىيە مىنىستىرلىرى ۋە شتاب باشلىقلىرى، مالىيە مىنىستىرى ھەمدە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى قاتارلىقلار قاتناشقان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى يىغىنى ئاچتى. يىغىندا يوھانسون ئالدى بىلەن مەك ئارسۇرغا چۈشۈرۈلگەن يوليورۇق توغرىسىدىكى بىر تۈرلۈك تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يوھانسوننىڭ قارىشىچە، پەقەت ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر بازا قۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىمۇ ئىشقا سېلىش كېرەك ئىدى. چۈنكى ياپونىيىدىكى بازىدىن ئۇچقان جەڭ ئۇچقۇلىرىنىڭ نىشان ھاۋا رايونىدىكى ھەرىكەت ۋاقتى ئىنتايىن چەكلىك ھەمدە ئۇلار ياردەم قىلىدىغان جەنۇبىي چاۋشيەن قىسىملىرى بىلەن ئالاقىلىشالمايتتى. يوھانسون يەنە دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكىتىنى 38-پاراللېلنىڭ جەنۇبىدىلا چەكلەپ قويۇلغانلىقتىن، شىمالىي چاۋشيەننىڭ تەمىنات بويۇملىرى ۋە ياردەمچى قوشۇنلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا جەنۇپقا يەتكۈزۈلگەنلىكىدىن ئاغرىنىپ، ئەگەر قوغداشقا ئېرىشكەن بىر ھاۋا ئارمىيىسى بازىسى قۇرۇلسا، يەنە ئۇ يەردىكى ئامېرىكىلىق خادىملارنىڭمۇ بىخەتەر چېكىنىشىنى قوغدىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئومۇمەن، يوھانسوننىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبىي چاۋشيەندە ئاز دېگەندىمۇ پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك بىرەر جايى بولۇشى كېرەك ئىدى. ترۇمېن قوللانغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى پىلانلاش مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماسلىقىنى، بەلكى پەقەت «شىمالىي چاۋشيەنلىكلەرنى 38-پاراللېلنىڭ شىمالىغا چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىق»ىنىلا ئىپادىلىشى لازىملىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھەرىكەتنىڭ يەنە ئامېرىكىنىڭ «چاۋشيەنگە زىيادە چوڭقۇر پېتىپ قېلىپ، بىزنىڭ باشقا جايلاردا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارغا قارىيالماسلىقىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىق»قا كاپالەتلىك قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى. پېرسنىڭ قارىشىچە، 38-پاراللېلنىڭ شىمالىدا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش مەسىلىسىگە قارىتا چوقۇم ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولۇش ھەمدە بۇ خىل ھەرىكەتكە ئېنىق چەكلىمە قويۇش كېرەك ئىدى. ئەچېسۇن يىغىندا دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرىكىتىگە قىلغان مۆلچەرى ھەققىدىكى ئومۇمىي مەلۇماتىنى دوكلات قىلدى، دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تەھلىلىچە، «جۇڭگولۇقلار ئارىلىشىشى مۇمكىن، ئەمما روسىيىلىكلەر ئارىلاشماسلىقى مۇمكىن» ئىدى.
ترۇمېننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىدىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە مەك ئارسۇرغا 84681-نومۇرلۇق بۇيرۇقنى چۈشۈردى. ئۇنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى مۇنداق ئىدى: (1) مەك ئارسۇرغا چاۋشيەندە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىش، بىراق نىشانى جەڭ رايونى بولغان پۇساننىڭ پورت، ئايروپورت ۋە قاتناش ئەسلىھەلىرىدىن يىراق بولۇش. (2) دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ يىراق شەرقتىكى بارلىق كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ 38-پاراللېلنىڭ شىمالىدىكى بارلىق ھەربىي نىشانلارغا زەربە بېرىشكە ئىجازەت بېرىش، بىراق چوقۇم «شىمالىي چاۋشيەندىكى ھەرىكىتىنىڭ مانجۇرىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسىدا ئېنىق توختاپ قېلىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش». (3) «ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى بىزنىڭ چاۋشيەندىكى جەڭ ھەرىكىتىمىزگە ئاكتىپلىق بىلەن ھۇجۇم قىلسا، شتابىڭىز ئۆزىنى قوغدىسا بولىدۇ، بىراق ۋەزىيەتنى يامانلاشتۇرىۋېتىدىغان ھەرىكەتنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، چوقۇم ۋاشىڭتونغا ئەھۋالنى دوكلات قىلىشىڭىز لازىم.»[7]
بۇ بىر كۈندە، ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىدى. دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىدىكى مەقسەد ئاللىقاچان پەقەت ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ چېكىنىشىنى قوغداش بولۇپلا قالماستىن، يەنە شىمالىي چاۋشيەننىڭ، بولۇپمۇ، 38-پاراللېلنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي نىشانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بېرىش بولدى. ئۇندىن باشقا، ئامېرىكا يەنە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىمۇ چاۋشيەنگە ئاتلاندۇرۇشنى قارار قىلدى، گەرچە بۇ پەقەت قوغدىنىش خاراكتېرلىق بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ھەقىقىي قاتنىشىشقا پەقەت بىر قەدىمىلا قالغان ئىدى.
يىغىندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەچېسۇن جياڭ جيېشىنىڭ تەكلىپىنى ئېلىپ ئاقسارايغا قايتتى. جياڭ جيېشى جەنۇبىي چاۋشيەنگە 33000 كىشىلىك ھەربىي قوشۇن ئاتلاندۇرۇشنى، ئامېرىكىنىڭ توشۇشى ۋە تەمىنات بېرىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ترۇمېن بۇنىڭغا قارىتا ئۆزىنىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما ئەچېسۇن بۇنىڭغا قارشى چىقتى، سەۋەبى بولسا «بۇ قوشۇننىڭ فورموسانى قوغدىشى چاۋشيەننى قوغدىشىغا قارىغاندا تېخىمۇ پايدىلىق» ئىدى. ترۇمېن ئەتىكى يىغىندا بۇ مەسىلىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
30-ئىيۇن، جۈمە.
مەك ئارسۇر شەخسەن ئۇچقۇغا ئولتۇرۇپ جەنۇبىي چاۋشيەننى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، يېرىم كېچە سائەت بىردە بەش بۇرجەكلىك بىناغا 2000 خەتتىن ئارتۇق بىر پارچە تېلېگراممىنى يوللىدى. تېلېگراممىدا جەنۇبىي چاۋشيەن قىسىملىرىنىڭ ئاللىقاچان «قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان»لىقى، نۆۋەتتە سېئۇلنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرۇش سېپىنى ساقلاپ قالالايدىغان بىردىنبىر ئۈمىد بولسا «چاۋشيەن ئۇرۇش رايونىغا ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئاتلاندۇرۇش» ئىكەنلىكى يېزىلغان ئىدى. مەك ئارسۇر دەرھال تەخمىنەن ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىش، ئاندىن كېيىن يەنە ياپونىيىدىن ئىككى دىۋىزىيە ئەسكىرىي كۈچنى يۆتكەپ، دەسلەپكى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئىشلىتىش تەكلىپىنى بەردى. كوللىنىس بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ نۆۋەتچى خادىمى تەرىپىدىن كارىۋاتتا ئۇخلاۋاتقان يېرىدىن ئويغىتىلغاندىن كېيىن، ئالدىراش-تېنەش ئىشخانىسىغا كەلدى. ئۇ دەرھال مەك ئارسۇر بىلەن بىۋاسىتە تېلېكسلىق خەت يېزىشىپ مەسلىھەتلەشتى. مەك ئارسۇر دەرھال ئۆزىنىڭ تەكلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەب قىلدى ھەمدە ئالدىنقى سەپنىڭ ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ياردىمىگە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. كوللىنىس ئامالسىز قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى پېرسنى ئويغاتتى. پېرس رەئىس جۇمھۇردىن يوليورۇق سوراشقا ماقۇل بولدى ھەمدە سەھەر سائەت بەشتە ترۇمېندىن يوليورۇق سورىدى. پېرس مەك ئارسۇرنىڭ تېلېگراممىسىنى ئاغزاكى بايان قىلغاندىن كېيىن، ترۇمېن يەنە بىرنەچچە ئېغىز سۇئال سورىدى، ئاندىن پېرسقا دەرھال مەك ئارسۇرغا ئالدى بىلەن بىر پولك ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشقا بۇيرۇق قىلدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت سەككىز يېرىم بولغان چاغ، ترۇمېن يەنە بىر قېتىم بلايېر سارىيى گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە يىغىن ئېچىپ، چاۋشيەندە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئاتلاندۇرۇپ جەڭ قىلىش مەسىلىسى ۋە جياڭ جيېشىنىڭ چاۋشيەنگە قوشۇن ئەۋەتىش تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلدى. ترۇمېن يەنىلا جياڭ جيېشىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا مايىل ئىدى، چۈنكى ۋاقىت ئىنتايىن قىس بولۇپ، جياڭ جيېشى قىسىملىرى بولسا بەش كۈن ئىچىدىلا پاراخوتقا ئولتۇرۇپ يولغا چىقالايتتى. بىراق ئەچېسۇن ۋە ئۈچ خىل ئارمىيە شتاب باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى جياڭ جيېشىنى چاۋشيەن ئۇرۇشىغا ئارىلاشتۇرۇشقا قارشى تۇردى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يېتەرلىك سەۋەب بولسا بۇ خىل ھەرىكەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئارمىيىسىنىڭ چاۋشيەنگە ئارىلىشىشى ياكى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىدى. ترۇمېن كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلىپ، جياڭ جيېشىنىڭ تەكلىپىنى سىلىق سۆزلەر بىلەن رەت قىلىشنى قارار قىلدى. ئاندىن كېيىن، مەك ئارسۇرنىڭ چاۋشيەندە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش ھەققىدىكى تەلىپى ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىماي ئوڭۇشلۇق ھالدا ماقۇللاندى. ترۇمېن ئېلان قىلىنماقچى بولغان بۇيرۇقنى تەستىقلىدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە، ئاقساراي دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنى ئاچتى. ترۇمېن دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرىگە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بېرىپ، ئۆزىنىڭ ھېلىلا ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قاتنىشىشقا بۇيرۇق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇزۇن ھەم جىددىي سۈكۈتتىن كېيىن، پەقەت بىر نەپەر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كېڭەش ئەزاسىلا رەئىس جۇمھۇرنىڭ دۆلەت مەجلىسى بىلەن كېڭەشمەي تۇرۇپ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئىشلىتىشنى قارار قىلغانلىقىغا باشقىچە پىكىرى بارلىقىنى بىلدۈردى، ترۇمېن ۋاقىتنىڭ تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ بۇ ئەيىپلەشكە جاۋاپ قايتۇردى. دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى پالاتاسى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ترۇمېننىڭ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنى مەك ئارسۇرغا 84718-نومۇرلۇق بۇيرۇقنى چۈشۈردى:« 84681-نومۇرلۇق بۇيرۇقتىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش ھەققىدىكى بەلگىلىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى»، پەقەت « نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ياپونىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا»، مەك ئارسۇرغا ئۆزى قوماندانلىق قىلىۋاتقان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى ئىشلىتىپ چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى بېرىلدى، ئۇندىن باشقا، «دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بۇيرۇققا بىنائەن، رەئىس (ۋېييۈەنجاڭ) جياڭ جيېشىغا ئۇنىڭ قوشۇن تەمىنلەش تەكلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.»[8]
مۇشۇنداق قىلىپ، ترۇمېن ھۆكۈمىتى ئەڭ ئاخىرىدا ئىنتايىن ئاسانلا ئامېرىكىنى جەڭگە ئومۇميۈزلۈك ئارىلاشتۇرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قەدەمنى باستى. 7-ئاينىڭ 5-كۈنى 24-دىۋىزىيە 1-پولكى سىمىس ئالاھىدە ئەۋەتكەن ئەترىتى ئوساندا جەڭگە قاتنىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا رەسمىي يوسۇندا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قاتناشتى. ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا، قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقى ئۇرۇش قىلىش ھالىتىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى، ھالبۇكى، ترۇمېن جەڭ ئېلان قىلماي تۇرۇپلا ـــ بۇ ئامېرىكا تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىش، شۇنداقلا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپلا ـــ ئۇرۇشقا قاتناشتى، بۇ ئىلگىرىكى ئەھۋالدا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرايتتى، ئامېرىكا دۇچ كەلگەن ئۇرۇش ياكى تېنچلىقتىن بىرىنى تاللاشنى قارار قىلدى. ھالبۇكى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە جامائەتچىلىكى بولسا خاتىرجەم ھالدا بۇ ئاللىبۇرۇن ئەمەلىيەتكە ئايلانغان ئىشنى قوبۇل قىلدى. ئامېرىكىمۇ مانا مۇشۇنداق بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن چاۋشيەن ئۇرۇشى پاتقىقىغا پېتىپ قالدى.
چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ يىراق شەرقتىكى مۇداپىئە چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدا تۇراتتى، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپمۇ نەچچە قېتىم تۈزگەن چاۋشيەندە ئۇرۇش پارتلىسا قوللىنىدىغان جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىدىمۇ تېز سۈرئەتتە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىن چېكىنىپ، ياپونىيىنى قوغداش بەلگىلەنگەن ئىدى. دېمەكچىكى، چاۋشيەندىن قولىنى بوشىتىش ئامېرىكىنىڭ بەلگىلىنىپ بولغان دۆلەت سىياسىتى ئىدى. ئەمما نېمىشقا ئۇرۇش پارتلاپ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان سىياسىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، ھېچنېمىگە قارىماستىن چاۋشيەن ئۇرۇشىغا ئومۇميۈزلۈك ئارىلىشىدۇ؟
ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن ئۇرۇشىغا ئارىلىشىش قارارىنى چىقىرىشى ھەقىقەتەنمۇ بىرقەدەر مۇرەككەپ مەسىلە، بۇنىڭدا بىر نەچچە ئالدىنقى شەرتنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
(1) چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىغاندا، ئامېرىكا شىمالىي چاۋشيەننىڭ ھۇجۇم قوزغاشتىكى غەرىزىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالمىغان ئىدى، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ كۆز قاراشتا بىرقەدەر بىردەكلىككە كەلگەندىن تاشقىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىنىڭ تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ كۆز قارىشى بىر-بىرىگە ئوخشىمايتتى. بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ نىشانى زادى پەقەت جەنۇبىي چاۋشيەننى ئىشغال قىلىشمۇ ياكى جەنۇبىي چاۋشيەننى تاختا كۆۋرۈك قىلىپ ياپونىيىگە ھۇجۇم قىلىشمۇ؟ پەقەت يىراق شەرق تەۋەسىدىلا چەكلىنەمدۇ؟ مەسىلەن: تەيۋەن، ۋيېتنام، فىلىپپىن قاتارلىقلار، ۋەياكى شەرقتىن شەپە بېرىپ غەرپكە ھۇجۇم قىلامدۇ؟ ئامېرىكىنىڭ يىراق شەرقتە ئەسكىرىي كۈچ توپلاۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سوۋېت ئىتتىپاقى غەربىي ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلامدۇ؟ پەقەت شىمالىي چاۋشيەننىڭ مۇستەقىل ھەرىكىتىمۇ ياكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھەتتا جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلىنىۋاتقان يامان غەرەزلىك ئومۇمىي ستراتېگىيىنىڭ قاراۋۇللۇق قوغدىنىش جېڭىمۇ؟ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى مەسىلىلەردە، ھەتتاكى ئىنچوندا قۇرۇقلۇققا چىققۇچە تېخى بىردەك كۆز قاراشقا كېلىنمىگەن ئىدى. بۇ خىل ئۇرۇش مۇددىئاسىغا بولغان گاڭگىراش مۇقەررەر ھالدا تەدبىر بەلگىلەشتىكى نىشانسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
(2) ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ساھەسىدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىدىن تۇيۇقسىزلىق ھېس قىلدى. گەرچە يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، نۇرغۇن ئاخبارات ئورگانلىرى ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىك ئالامەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي باشقۇرغۇچى تارماقلىرىغا دوكلات قىلغان بولسىمۇ، بىراق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ھالىتىدىكى جىددىي ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ساقلانغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، چاۋشيەن جەنۇپ-شىمال ھەربىي توقۇنۇشى داۋاملىشىۋاتقىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولغاچقا، مەيلى سىياسىي ساھەدىكىلەر بولسۇن ۋە مەيلى ھەربىي ساھەدىكىلەر بولسۇن بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىغان ئىدى. ھەتتا ئۇرۇش باشلىنىپ بولغاندىمۇ شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنى ۋە مەك ئارسۇر يەنىلا بىپەرۋالىق قىلىپ، بۇ بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىق ئۇرۇش ئەمەس دەپ قارىدى.[9] ئۇرۇشقا نىسبەتەن پىسخىك تەييارلىق كەمچىل بولغانلىقتىن ياكى پەقەت ئۇرۇش پارتلاپ قالسا ياپونىيىگە چېكىنىش تەييارلىقىلا قىلىنغانلىقتىن، ئامېرىكا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بۇ مۇھىتتا ھودۇقۇپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى، شۇڭلاشقا تەدبىر بەلگىلەشتە نۇقسان بولۇشتىن ساقلىنىشى ئىنتايىن تەس بولدى.
(3) گەرچە ئۇرۇش پارتلاش مۇمكىنچىلىكى ئويلىشىلغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ مەۋقەسى جەنۇبىي چاۋشيەن قوشۇنى ھەرقانداق ھۇجۇمنى تامامەن توسۇپ قالالايدۇ دېگەن بۇ بىر تەھلىل ئاساسىدا بولدى. ئۇرۇش ھارپىسىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا چاۋشيەن مەسىلىسىگە بولغان تالاش-تارتىش پەقەت جەنۇبي چاۋشيەنگە يەنە ياردەم بېرىش كېرەكمۇ-يوق؟ زادى قانچىلىك ياردەم بېرىش كېرەك؟ دېگەندەك مۇشۇ بىرلا مەسىلىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ شەخسەن ئەسكەر چىقىرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى ئەزەلدىن ئويلىشىلمىغان ئىدى. ھەربىي تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ھالدا پەقەت يەنە ئازراق قورال-ياراق بېرىلسە، جەنۇبىي چاۋشيەن قىسىملىرى جەڭ سېپىنى تۇتۇپ تۇرالايدۇ دەپ قارايتتى. ھۇجۇم باشلىنىپ بىر كۈندىن كېيىن، مەك ئارسۇر تېخى دالېس ھەمدە ئۇنىڭ ياردەمچىسىگە ھۆددە قىلىپ جەنۇبىي چاۋشيەن قىسىملىرى تامامەن تاقابىل تۇرالايدۇ، دېگەن ئىدى.[10] دېمەكچىكى، ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ھېچقانداق تەييارلىق قىلمىغان ئىدى. شۇڭلاشقا، 1-قارارى يەڭگىلتەكلىك بىلەن چىقىرىلغاندىن كېيىن، 2-قارارىمۇ ئاسانلا چىقىرىلغان ئىدى. پۈتكۈل ئۇرۇش جەرياندىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تەدبىرلىرى ئازدۇر-كۆپتۇر بىر قىسىم ھەربىي ئىشلار تەرىپىدىن بۇرنىدىن يېتىلەپ مېڭىلغان ئىدى.
(4) ھەربىي ئىشلار نەزەرىيىسىدىن ئېيتقاندا، ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولغانلىقى، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى تەجرىبىسى ھەمدە ئۇرۇشتىن كېيىنكى زور تۈركۈمدە قوشۇن قىسقارتقان ھازىرقى ھالىتى سەۋەپلىك، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار ستراتېگىيە نەزەرىيىسى بىر تەرەپلىمە ھالدا، قۇرۇلۇپ بولغان ھاۋادىن يادرو قوراللىرىدا زەربە بېرىش كۈچى ئاساسىغا مەركەزلەشكەن ئىدى، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە كۈچلىرىگە ھەددىدىن زىيادە بېقىنىپ قالغان ئىدى. ئۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار ستراتېگىيىسى پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا ياكى غەربىي ياۋروپاغا تۇيۇقسىز قوزغايدىغان بىر مەيدان ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقىلا تەييارلىق قىلىش بولۇپ، بۇ خىل ھۇجۇم بولسا ستراتېگىيىلىك ھاۋا ئارمىيىسى كۈچىنىڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربىسىگە ئۇچرايتتى. خۇددى رىجۋېي ئېيتقاندەك:« چاۋشيەن ئۇرۇشىدىن بۇرۇن، بىزنىڭ بارلىق ھەربىي ئىشلار پىلانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دۇنيانى قاپلىغان بىر مەيدان ئۇرۇش قىلىشنى پەرەز قىلىش ئىدى ھەمدە بۇ خىل مۇھىت ئىچىدە، يىراق ھەم مۇداپىئە قىلىشقا ئامالسىز بىر يېرىم ئارالدا مۇداپىئەلىنىش بىر خىل ئەخمىقانە ھەرىكەت دەپ قارىغان ئىدۇق.» «چەكلىك ئۇرۇش، بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخى بىرقەدەر ناتونۇش ئۇقۇم ئىدى.»[11] نەتىجىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرىنى مىدىرلاتماستىن، ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمى خاتا بولغانلىقتىن، تېنچ ئوكياننىڭ ئۇ قىرغىقىدىكى ئالقانچىلىك يەردە نۇرغۇن ئەسكىرىي كۈچىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، خەلققە زۇلۇم سېلىپ، مال-مۈلۈككە زىيان سالىدىغان، بىر مەيدان ئاپەت خاراكتېرلىق ئۇرۇشقا ئارىلىشىپ قالدى.
دەل مانا بۇ خىل تونۇشتىكى قارىغۇلۇق، ھۆكۈم قىلىشتىكى خاتالىق ھەمدە پىسخىك ۋە ھەربىي جەھەتتە تەييارلىقلىرىنىڭ ھەممىسى تېخى يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇرۇش ھالىتىگە كىرىشتەك بۇ مۇھىم قارارنى ئالدىراش-تېنەش ھالدا چىقاردى. بۇنىڭدا بەلگىلىك تاسادىپىيلىق يوق دېيىشكە بولمايدۇ. بىراق، بىز يەنە شۇنى چوقۇم كۆرۈۋېلىشىمىز لازىمكى، بۇ خىل تاسادىپىيلىقنىڭ كەينىدە، ھەر خىل تاسادىپىيلىقلار گىرەلىشىپ كەتكەن، يەنىلا مەلۇم خىل مۇقەررەرلىك ساقلانغان، ئامېرىكىنىڭ جەڭگە ئارىلىشىشىدىكى تارىخىي ئاساس ساقلانغان ئىدى.
بىرىنچىسى، ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيا سوتسىيالىزم ۋە كاپىتالىزمدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ لاگېرغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۆزئارا قارىمۇ-قارشى ۋە دۈشمەنلىشىش نەزىرىدىكى ئىككى خىل ئىدىيىۋىي ھالەت ساقلىنىپ تۇرۇۋاتاتتى. ئامېرىكا ئۆزىنى كاپىتالىزم دۇنياسىنىڭ داھىيسى دەپ قاراپ، پۈتكۈل كاپىتالىزم دۇنياسىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا سوتسىيالىزم لاگېرىنىڭ داھىيسى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن تىكلىگەن ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىۋاتاتتى، بۇ خىل ئۈستۈنلۈك ـــ ئاتوم قوراللىرىغا ئىگە بولغانلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەھدىت خاراكتېرىگە ئىگە بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۆزىنىڭ ئىزچىل تەشۋىق قىلىۋاتقان نىشانى ـــ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئازاد قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يالتا سىستېمىسى ئاللىقاچان ئومۇمىي جەھەتتىن ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەتنىڭ ياكى ئىككى چوڭ لاگېرنىڭ تەسىر دائىرىسىنى بۆلۈپ بەرگەن ئىدى. ھالبۇكى، ترۇمېنىزمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى يەنە ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئويۇن قائىدىسىنى بەلگىلىدى. شۇڭا، ئامېرىكىنىڭ قارىشىچە، جەنۇبىي چاۋشيەنگە ھۇجۇم قىلىنغانلىقنىڭ ئۆزى سوتسىيالىزم لاگېرىنىڭ كاپىتالىزم لاگېرىغا ئوچۇق ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلغانلىقى ئىدى. 1950-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىنىڭ بىر قېتىملىق گاللۇپچە خەلق رايىنى سىناش خەلق رايىنى تەكشۈرۈشىدە، %75 ئادەم سوۋېتلىكلەر «پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى»نى قولغا كىرگۈزۈشنى كۆزلەۋاتىدۇ دەپ قارىغانلىقىنىڭ ئۆزى دەل مۇشۇ خىل پىسخىك ھالەتنىڭ ئىپادىسى ئىدى.[12]
ترۇمېنىزمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ئاللىقاچان مۇنداق بىر ئاساسىي مۇقامنى بېكىتكەن ئىدى: غەرپ دۇنياسىنىڭ داھىيسى بولۇش سۈپىتىدە، ئامېرىكا چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاقى قوزغىغان ھەرقانداق ھۇجۇم ياكى پەيدا قىلغان جىددىي ۋەزىيەتنى توسۇشى لازىم. گرېتسىيىدىن بېرلىنغىچە، ئىراندىن جۇڭگوغىچە، غەربىي ئاسىيادىن يىراق شەرققىچە، ئۇرۇشتىن كېيىنكى بىرنەچچە يىللىق تارىخىي مۇساپە مانا مۇشۇنداق بېسىلغان ئىدى. گەرچە ھەربىي ئىشلار ستراتېگىيىسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئامېرىكىنىڭ يىراق شەرقتىكى قوغدىنىش چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق سىياسىي ستراتېگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، جەنۇبىي چاۋشيەن قانداقلا بولمىسۇن ئامېرىكىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە تەۋە ئىدى، قانداقلا بولمىسۇن ئامېرىكىنىڭ قوغدىنىشىغا ئېرىشكەن غەرپ دۇنياسىنىڭ ئالدىنقى سەپ ئىستىھكامى ئىدى. ئامېرىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى بۇ خىل ئىناۋىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، «ئەركىن دۇنيانىڭ داھىيسى»دىن ئىبارەت بۇ يۈزىنى چۈشۈرۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، گەرچە ھەربىي ئىشلار ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئامېرىكىغا ئانچە مۇھىم بولمىغان چاۋشيەن يېرىم ئارىلى، يەنىلا ئامېرىكىنىڭ غەرپ دۇنياسىنىڭ «كوممۇنىزمنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى»غا ئۇچرىماسلىقىنى قوغداشقا بەل باغلىشىدىكى سىمۋولىغا ئايلاندى. 1949-يىلى جۇڭگونى «يوقۇتۇپ قويغان»دىن كېيىن، جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ يىراق شەرقتىكى بۇ سىمۋوللۇقى تېخىمۇ مۇھىملىققا ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگە بولدى.
ترۇمېن چاۋشيەن ئۇرۇشىنى ئەسلىگەندە دەل مانا مۇنداق دېگەن ئىدى:
بىزنىڭ ئەينى چاغدىكى ھېسسىياتىمىز بولسا: ئەركىن بىر دۆلەتكە قىلىنغان بۇ خىل قوراللىق تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى چوقۇم قەتئىي توسۇش لازىم، بۇ تېنچلىقنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم. بىز كۆپچىلىككە شۇنى جاكارلىدۇق، بىزنىڭ قارىشىمىزچە،  چاۋشيەن ۋەزىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن چوڭ، چۈنكى بۇ خىل ۋەزىيەتتىن غەرپنىڭ كۈچى ۋە ئىرادىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەرنى توسۇشنى ئويلايدىكەنمىز، ئۇنداقتا، بىردىبىر چارە بولسا قەتئىي ھەرىكەت قوللىنىشتىن ئىبارەت. بىزنىڭ قارىشىمىزغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر بىز ھەرىكەت قوللىنىپ بىزنىڭ قوللىشىمىز ئاستىدا قۇرۇلغان ھەمدە ب د ت ھەرىكەت قوللىنىپ ئۇنىڭ ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىۋاتقان بىر دۆلەتنى قوغدىمىساق، ئۇنداقتا، ئاسىيادىلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا جايلاردىكى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېقىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىسى ئىنتايىن ناچار تەسىرگە ئۇچرايدۇ.[13]
ئەچېسۇن بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى:
بۇ بىر قېتىملىق ئاشكارا ۋە ئوچۇقتىن-ئوچۇق بىزنىڭ خەلقئارادا ھەممە ئېتىراپ قىلغان جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ قوغدىغۇچىسىلىقتىن ئىبارەت ئورنىمىزغا جەڭ ئېلان قىلغانلىق. جەنۇبىي چاۋشيەن بولسا ئامېرىكا ئىشغالىيىتىدىكى ياپونىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن مۇھىم رايون. بىزنىڭ جەڭنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىمىزغا كەلسەك، بۇ ئېلان قىلىنغان جەڭدىن ئۆزىمىزنى چەتكە ئالساق، ئامېرىكىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئىناۋىتىنى ئىنتايىن زور زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە، ئىناۋەتنىڭ مەنىسى بولسا ھوقۇقنىڭ سايىسىدۇر، ئۇ تەھدىت سېلىشتا غايەت زور مۇھىملىققا ئىگە. شۇڭلاشقا، بىز بىرمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى قورچىقىنىڭ بىزنىڭ مۇداپىئە لېنىيىمىز ئوت كۈچى دائىرىسىدە بۇ مۇھىم رايوننى ئىشغال قىلىشىغا قاراپ تۇرساق خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە پەقەت بىرنەچچە ئېغىز سۆزلەپلا قويۇپ، پوزىتسىيىمىزنى بىلدۈرۈپلا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ قايتۇرما زەربە بەرمىسەك بولمايتتى. قارىغاندا، بىز چوقۇم قورال كۈچى ئىشلىتىشكە بەل باغلىشىمىز لازىم ئىدى.[14]
ئەلۋەتتە، ترۇمېن بىلەن ئەچېسۇننىڭ ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن ئۇرۇشىغا ئارىلىشىشىدىكى ئاساسلىق تەدبىر بەلگىلىگۈچى بولۇش سۈپىتىدە، ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇنداق دېيىشىدە، ئامېرىكىنىڭ خاتا ھالدا بۇ بىر مەيدان ئۇرۇشقا ئارىلىشىپ قېلىشىغا قارىتا ئازدۇر-كۆپتۇر ئاقلاش غەزىرى بار ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى پۈتۈنلەي ئامېرىكىنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا جامائەت پىكىرى ۋە خەلق رايى ئۇرۇش تېخى ئاياقلاشماي تۇرۇپلا ئۆزگىرىشكە باشلاپ، ئەڭ دەسلەپكى ئۇرۇشقا بولغان قىزغىنلىقتىن بۇ تۈگىمەس ئۇرۇشتىن ئاغرىنىش ۋە نەپرەتلىنىشكە ئۆزگەردى. ئەمما، ئەينى چاغدىكى ئامېرىكىنىڭ قارارىدا ئىدىيىۋىي ھالەت جەھەتتىكى ئىنتايىن زور ئامىل مەۋجۈت ئىدى. دۆلەت مەجلىسى ترۇمېننىڭ ئۇرۇشقا ئارىلىشىش ھەققىدىكى قارارىنى ئوڭۇشلۇق ماقۇللىغاندىن كېيىن، ئورېگۇن شتاتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كېڭەش ئەزاسى مورز ئىنتايىن ۋەكىللىك خاراكتېرىغا ئىگە مۇنداق بىر جۈملە سۆز قىلدى:« رەئىس جۇمھۇرنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىق باياناتى دۇنيادىكى ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان كىشىلەرگە بىزنىڭ ھەرگىزمۇ كومپارتىيىنىڭ ئەركىن دۇنياغا تاجاۋۇز قىلىشىغا تاقەت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى ئېنىق ئىپادىلەپ بەردى.»[15]
ئىككىنچىسى، ئامېرىكا بەلگىلىگەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇش پرىنسىپى بولسا توسۇش سىياسىتى، بۇ سىياسەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئامېرىكا چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز تەسىر دائىرىسىگە تاجاۋۇز قىلىدىغان ھەربىر قەدەم كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىنى توسۇشى لازىم ئىدى. شۇڭا چاۋشيەنگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشى يۈز بەرگەندە، ئامېرىكا بۇنى سوۋېت ئىتتىپاقى پىلانلىغان پۈتۈن لېنىيىلىك ھۇجۇمنىڭ تۇنجى قەدىمى ياكى سىناق خاراكتېرىدىكى ھۇجۇم دەپ قارىدى. شۇڭلاشقا، ئامېرىكا چوقۇم بەكرەك توسۇشى لازىم ئىدى.
ئۇرۇش پارتلىغان ئىككىنچى كۈنى، دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات تەھلىلچىلىرى خۇلاسە چىقىرىپ مۇنداق دېدى: شىمالىي چاۋشيەن ئىشتىن ئاۋال موسكۋانىڭ يوليورۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرگىز بۇ بىر مەيدان ئۇرۇشنى قوزغىمايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ ھەرىكەتنى چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرىكىتى دەپ قاراش كېرەك، بۇ ئۆتكەن 18 ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھەربىي كۈچنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىنىڭ تەركىبىي قىسمى. بىراق، پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا سوۋېت ئىتتىپاقى، روشەنكى، بىر مەيدان ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش پارتلاش خەتىرىگە تەۋەككۈل قىلدى.[16] ئەچېسۇنمۇ:« شۇنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ھۇجۇمنى سوۋېت ئىتتىپاقى قوزغىغان، قوللىغان ۋە كۈشكۈرتكەن.» دەپ قارىدى.[17]
ئامېرىكا جەنۇبىي چاۋشيەنگە قارىتىلغان ھۇجۇمنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ستراتېگىيىلىك ھۇجۇمىنىڭ تۇنجى قەدىمى دەپ قارىغانلىقتىن، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاقىۋىتىنى ئىنتايىن ئېغىر دەپ پەرەز قىلدى. 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى بلايېر سارىيى يىغىنىدىن كېيىن، ئەچېسۇن ترۇمېنغا دالېسنىڭ توكيودىن ئەۋەتكەن بىر پارچە تېلېگراممىسىنى تاپشۇردى. دالېسنىڭ تەھلىلى بولسا:« چاۋشيەننىڭ ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق ئەھۋال ئاستىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئىشغال قىلىنىشىغا قاراپ تۇرۇلسا، بىر قاتار ئاپەت خاراكتېرلىق ئاقىۋەت پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭدىن دۇنيا ئۇرۇشى پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن.»[18] ئىككىنچى كۈنى، ترۇمېن مەك ئارسۇرنىڭ جەنۇبىي چاۋشيەن قىسىملىرىنىڭ تارمار بولۇشقا ئاز قالغانلىق ھەققىدىكى تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مەسلىھەتچىلىرىگە:« ئەگەر كومپارتىيە چاۋشيەندە غەلىبە قازانسا، ئۇنداقتا ياپونىيە قىزىل ئارمىيە ۋە ئۇچقۇلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئاسان ئۇچرايدىغان ئارىلىق ئىچىدە قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوكىناۋا ئارىلى ۋە فورموسامۇ ئالدى ئارقىسىدىن دۈشمەننىڭ ئارىسىدا قالىدۇ.» «چاۋشيەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتى، مېنىڭ قارىشىمچە، بېرلىن ۋەقەسىنىڭ تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدىكى قايتا ئوينىلىشى. كوممۇنىستلار دائىم بىزنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ئاجىز نۇقتىلىرىمىزنى ئىزدەپ تېپىپ ھۇجۇم قىلىدۇ؛ بىز دۇنيا ئۇرۇشىغا ئارىلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىمىز لازىم.» دېدى.[19] دەل مۇشۇنداق ئويلىشىش سەۋەبىدىن، ئامېرىكا دەرھال دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىلىرىنى ئىشلىتىپ چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى قارار قىلىپلا قالماي، يەنە تەيۋەن بوغۇزىغا دېڭىز ئارمىيىسى فلوتىنى ئەۋەتتى، فىلىپپىن ۋە ھىندىچىنىغا ياردەم بەردى، ھەتتا ھاۋا ئارمىيىسىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقتىكى بارلىق ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاش پىلانىنى تۈزۈشنى باشلاشقا بۇيرۇق بەردى ھەم بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىملىرى ئۇرۇشقا ئاتلىنىشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلدى.
ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ ئۆزى دېگەندىن كۆرە، بۇ ئۇرۇشنى ئاقىۋىتى دېيىش ياخشىراق ئىدى. نۇرغۇن غەرپ ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇشقا ئارىلىشىشىدىكى سەۋەپ، بۇ خىل ئارىلىشىش سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقا رايونلاردىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قارايدۇ. ئۇلار يەنە ئامېرىكىنىڭ قارارى چوقۇم ميۇنخېن (ئەسلىدە «مۇنچېن» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىكەن) ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، شۇڭا 30-يىللاردىكى مەغلۇپ بولغان تېنچلاندۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن تىرىشىپ ساقلىنىشى لازىم دەپ قارايدۇ. بۇ خىل تەھلىل ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىنتايىن تەبىئىي ئىدى. برەدلېي ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن:« ئاشۇ كۈنلەردە، بىز ئىنتايىن نوقۇل ھالدا دۇنيادىكى بارلىق كومپارتىيىلەرنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ھەممىسىنى ستالىن موسكۋادا شەخسەن ئىدارە قىلىدۇ دەپ قارىغان ئىدۇق. ئاشۇ كۈنى كەچتە، بىز ستالىن ئۆزىنىڭ بېقىندى دۆلىتىنىڭ يىراق شەرقتىكى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى پىلانىدىن ۋاقىتلىق ۋاز كەچتى. چاۋشيەن بەلكىم پەقەت بۇ ھۇجۇمنىڭ تۇنجى قەدىمى، كېيىنكى قەدىمى بولسا تەيۋەن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى قەدىمى بولسا ھىندىچىنى، فىلىپپىنمۇ نىشانىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلغان ئىدۇق.»[20]
ھىتلېرنىڭ قانداق قىلىپ غەرپ تېنچلاندۇرۇش سىياسىتىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ئاستىدا، ياۋروپانى پىلە قۇرۇتىدەك بىرقەدەم-بىرقەدەمدىن يۇتۇۋالغانلىق ئەھۋالى يەنىلا كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدە چوڭقۇر تۇرماقتا، بۇ ناھايىتى ئاسانلا يىراق شەرق دومىنو قارتىسىنىڭ يەكۈنىنى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سالىدۇ. بۇ خىل قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا بولغان ئەنسىرەش، شەكسىزكى، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە ئەسكەر چىقىرىشىنى قارار قىلىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى. بولمىسا، ئامېرىكىنىڭ ھېچقانداق تەييارلىقى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەسلىدە ۋاز كېچىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر يېرىم ئارالغا نېمىشقا زورمۇزور ئەسكەر چىقارغانلىقىنى چۈشىنىش تەسكە توختايدۇ. ترۇمېننىڭ ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن ئۇرۇشىغا ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىش قارارىنى چىقارغاندىن كېيىنكى ھېسسىياتى مانا مۇشۇنداق ئىدى. ئۇ ئىشخانىسىدىكى بىر چوڭ گلوبۇسنىڭ ئالدىقا كېلىپ، چاۋشيەننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:« بۇ يىراق شەرقتىكى گرېتسىيە. ئەگەر ئەگەر بىزنىڭ ھازىرقى پوزىتسىيىمىز قاتتىق بولسا، ئۇنداقتا ھېچقانداق كېيىنكى قەدەمدىكى ئاۋارىچىلىقلار بولمايدۇ.» دېدى.[21]
ئۈچىنچىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش پارتلاپ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە چاۋشيەنگە قاراتقان سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرتىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەپ بولسا دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي كۈرەشنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئامېرىكىنىڭ ئىككى پارتىيە تۈزۈمى ۋە كېڭەش (پارلامېنت) تۈزۈمى ھەمدە جامائەت پىكىرى ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسىتىنى بەلگىلىشىدە زور تەسىرگە ئىگە.
گەرچە تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىگە سېلىشتۇرغاندا، دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى چاۋشيەن مەسىلىسىدە پوزىتسىيىسى ئازراق قاتتىق بولسىمۇ، ئەمما ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا دېمۇكراتىكلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسىي مۇقامى يىراق شەرقتىن قولىنى بوشىتىپ، ستراتېگىيىلىك مۇھىم نۇقتىنى ياۋروپاغا قويۇش ئىدى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا ھەرقانداق ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تېخىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگودىن قولىنى بوشىتىش سىياسىتىنى بەلگىلىگەندىن باشلاپ، بولۇپمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم بومبىسىنى پارتلىتىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ۋە جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش بولغانلىقىدىن كېيىن، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ يىراق شەرق دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئومۇميۈزلۈك ھالدا نارازىلىق دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى «يوقۇتۇپ قويغان»لىقىدىكى مەسئۇلىيەتنى دېمۇكراتىكلار پارتىيىسىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە دۆڭگەپ قويدى. مەك كارسي (لۇغەتلەردە «ماكارتيى» دەپ ئېلىنىپتۇ) پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى ئىچىدە زور تۈركۈمدە كوممۇنىستلار بار دەپ ئەيىپلەپ، تېخىمۇ ئوتقۇيرۇقلۇق رولىنى ئوينىدى. دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تازىلاندى، ئەچېسۇن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، ئىنتايىن زور بېسىمغا دۇچ كەلدى، ھەتتا مارشالمۇ چېتىلىپ قېلىشتىن ساقلىنالمىدى. بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، ئەچېسۇننىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىمۇ ھەربىي تەرەپنىڭ ئەيىپلىشى ۋە ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئۇرۇش پارتلاشتىن ئىلگىرىكى بىرنەچچە ئاي ئىچىدە، ئەچېسۇن باشچىلىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى ھەرۋاقىت ئېھتىياتچان بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى قاتتىق قوللۇق تەرەپدارلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى. رەئىس جۇمھۇر بولۇش سۈپىتىدە ترۇمېن دۆلەت ئىچىگە، بولۇپمۇ، دۆلەت مەجلىسىنىڭ جامائەت پىكىرى مايىللىقىغا تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەرقايسى كومىتېت رەئىسلىرىنىڭ پوزىتسىيىسىگە تېخىمۇ بەكرەك دىققەت قىلدى، چۈنكى ئۇلار دۆلەتنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇشى ۋە قانۇن لايىھىسىنىڭ ماقۇللىنىشىدا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىق رول ئوينايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى بارلىق كومپارتىيە دۆلەتلىرىگە قاتتىق قوللۇق مەيداندا تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دېمۇكراتىكلار پارتىيىسى دىپلوماتىيە سىياسىتىگە بولغان كۈچلۈك ھۇجۇمى يەنە ترۇمېننى جامائەت پىكىرىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن يول قويۇشقا مەجبۇر قىلدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئاساسلىق باياناتچىسى دالېسنىڭ دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىگە كىرىشى مانا مۇشۇنداق مۇرەسسەنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئەگەر دېمۇكراتىكلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى 1950-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، جامائەت پىكىرىگە باقىدىغان، دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ھۆكۈمرانلىقىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان بىر پۇرسەتنى ئىزچىل ئىزدەپ كەلدى دېيىلسە، ئۇنداقتا، چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى دەل مۇشۇنداق بىر پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. ئەمەلىيەتتە، چاۋشيەن مەسىلىسىدە قورال كۈچى ئىشلىتىش تەشەببۇسىنى دەل جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى ۋەكىلى دالېس ئاۋال ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىغاندا، دالېس ئەمدىلا جەنۇبىي چاۋشيەننى زىيارەت قىلىپ بولۇپ توكيودا تۇرۇۋاتقان ئىدى. ئۇ ئۇرۇش خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تېخى ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالماي تۇرۇپلا، دەرھال ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى ئالىسون قاتارلىقلار بىلەن ئەچېسۇنغا بېرىلگەن بىر پارچە تېلېگراممىنى تەييارلىدى. تېلېگراممىدا:« جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ ئۆزىنىڭ بەلكىم ھۇجۇمغا بەرداشلىق بېرىش ۋە زەربە بېرىپ چېكىندۈرۈشكە كۈچى يېتىشى مۇمكىن. ئەگەر مۇشۇنداق بولسا، ئۇنداقتا ئەڭ ياخشى بولىدۇ. بىراق، ئەگەر ئۇلارنىڭ كۈچى يېتىشمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىشىمىز لازىم، ئەگەر بۇنداق قىلساق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىپ ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدىغان ئىش بولسىمۇ مەيلى.» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى.[22] بۇ دالېسنى ئامېرىكىنىڭ قورال كۈچى ئىشلىتىپ چاۋشيەن ئۇرۇشىغا ئارىلىشىشنى تۇنجى بولۇپ يازمىچە ئوتتۇرىغا قويغان ئادەم قىلىپ قويدى. ئەچېسۇن دالېسنىڭ پىكىرىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، ئۇ ئەستايىدىل ئوقۇغاندىن كېيىن، تېلېگراممىنى يالغۇز ترۇمېنغا سۇندى. بۇ تېلېگرامما، شەكسىزكى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى قاتتىق قوللۇق تەرەپدارلىرىنىڭ مەيدانىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىدى، شۇنداقلا ترۇمېن ۋە ئەچېسۇننىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى بلايېر سارىيىدىكى يىغىندا دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇشنى قارار قىلىشىغا شەكسىز مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.
ترۇمېننىڭ ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن ئۇرۇشىغا ئومۇميۈزلۈك ئارىلىشىشنى قارار قىلىشى دۆلەت مەجلىسى ۋە جامائەت پىكىرىدە پەيدا قىلىدىغان ئىنكاسى، يەنە بىر نۇقتىدىن ترۇمېن ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ بېسىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. تافت ترۇمېننىڭ دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپلا قارار چىقارغانلىقى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇرۇش ئېلان قىلىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ دەپ ئاغرىنغاندىن باشقا، ترۇمېننىڭ قارارى دۆلەت مەجلىسىدە بىردەك ئالقىشقا ئېرىشتى. ئىلگىرى ھۆكۈمەتنىڭ يىراق شەرق سىياسىتىنىڭ ئەڭ قاتتىق سۆككەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كېڭەش ئەزاسى ۋېرى:« رەئىس جۇمھۇرنىڭ نۆۋەتتىكى بۇ يولى مېڭىشقا بولىدىغان بىردىنبىر شەرەپلىك يول.» «رەئىس جۇمھۇر ئەڭ ئاخىرىدا بىز بىرنەچچەيلەننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى، ئۇ سەۋرچانلىقنىڭ چېكىنى بېكىتتى، تېنچ ئوكيان مەسىلىسىدە، ئارىسالدىلىقنى تاشلاپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئارام تاپقۇزدى.» دېدى.[23] ترۇمېننىڭ قارارى يەنە جامائەت پىكىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» ترۇمېننىڭ قارارى بولسا «بىر زور ۋە باتۇرانە ھەرىكەت» دېدى. « خرىستىئان ئىلمى رىسالىسى» ماقالە ئېلان قىلىپ:« ۋاشىڭتوندا بۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قارارىدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك بىردەك رازى بولغانلىقى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان» دېدى. ھەتتا پاي چېكى نەرخىمۇ ئۆرلىدى.[24]
قورال كۈچى ئىشلىتىپ چاۋشيەن ئۇرۇشىغا بىۋاسىتە ئارىلىشىش قارارى، ھەقىقەتەنمۇ، ترۇمېن ھۆكۈمىتىنى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان شەكىللەنگەن سىياسىي قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزۈپ قويغان ئىدى. ھالبۇكى، بۇ پەقەت ۋاقىتلىق ئىدى. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى مەغلۇبىيىتى ترۇمېن ھۆكۈمىتىنى ناھايىتى تېزلا تېخىمۇ زور سىياسىي كرىزىسكە پاتۇرۇپ قويدى.
تۆتىنچىسى، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن ئۇرۇشىغا ئارىلىشىشىنى قارار قىلىشى يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشقا بولغان پوزىتسىيىسى بىلەن ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى ئامېرىكىنىڭ قارىشىچە، ئۇرۇش گەرچە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا پارتلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقىي رەقىبى موسكۋادا ئىدى. خۇددى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئامېرىكىنىڭ قارارى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىتىلغان ئىدى. شۇڭا، پۈتكۈل ئۇرۇش جەريانىدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىغا ئۇچۇر يەتكۈزەتتى. شۇ سەۋەپتىن ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى تۈرلۈك قارارى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۆنىلىشى ۋە پوزىتسىيىسىنى تەتقىق قىلىش ئىدى.
ستالىن ئەسلىدە ئۇرۇش قوزغاشنى خالىمايتتى، ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە تىغ كۆتۈرۈشۈپ چىقىشنى تېخىمۇ خالىمايتتى، بۇمۇ دەل سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى ئىدى. بىراق، ئەگەر شىمالىي چاۋشيەن تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم قىلىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلىسە ھەمدە كىم ئىلسۇڭ (بىزدە كىم ئېرسىن دەپ ئومۇملىشىپتىكەن، ئۇنىڭ ئوغلى دەل ھازىرقى چاۋشيەن رەئىسى كىم جۇڭئىل) دېگەندەك، ئامېرىكا تېخى ئەسكەر چىقارماي تۇرۇپلا چاۋشيەننىڭ بىرلىككە كېلىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، بۇنىڭ بولمايدىغان نېمىسى بار؟ قانداقلا بولمىسۇن، ستالىننىڭ قارىشىچە، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي بازىسى بولغان لۈشۇن پورتىغا 150 مىل، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پورت شەھىرى ۋلادىۋوستوكقا ئاران 25 مىل كېلىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا بىلەن تېنچ ئوكيان ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ستالىنمۇ ئاكتىپلىق بىلەن شىمالىي چاۋشيەننىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللىدى. بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقى ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىپ چاۋشيەن مەسىلىسىگە ئارىلىشىشنى قەتئىي خالىمىدى، ئامېرىكا ۋە دۇنيا جامائەت پىكىرىگە ئەيىپلەيدىغانغا دەستەك ۋە ئىسپات قالدۇرۇشقا تېخىمۇ يول قويمىدى. شۇڭلاشقا، سوۋېت ئىتتىپاقى ھەممە يەردە ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتتى، ھالبۇكى، بۇ نۇقتا دەل ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى رىغبەتلەندۈرۈدى.
ئۇرۇش پارتلاپ ئىككىنچى كۈنى، دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلېگرامما يوللاپ، باش ئەلچى ئەلىن كىركنى دەرھال سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋىشىنىسكىي بىلەن كۆرۈشۈپ، شىمالىي چاۋشيەننىڭ ھۇجۇم قوزغىغانلىق خەۋىرىنى رەسمىي يوسۇندا يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن تەسىر كۆرسىتىپ شىمالىي چاۋشيەننىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن قوشۇنىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىشنى ئېيتتى. ھالبۇكى، چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىدىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى مەسلىھەتچىسى ۋالۋورس باربېر جاۋاب تېلېگرامما يوللاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرىنىمۇ تاپقىلى بولمايۋاتقانلىقىنى، مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مۇھىم ئەربابلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شەھەردە ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.[25] بۇ كىشىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتۇۋاتقاندەك تەسىر بېرەتتى. 6-ئاينىڭ 29-كۈنى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى خىلېن كوتتېر دوكلات قىلىپ:« سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي چاۋشيەنگە ياردەم بېرىدىغان ھېچقانداق ئالامەتلىرى ئىپادىلەنمىدى، يىراق شەرقتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىدىمۇ ھېچقانداق شەپە يوق.» دېدى.[26] 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جاۋاپ نوتىسىنى تاپشۇرۇۋالدى، جاۋاپ نوتىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارىشىچە، چاۋشيەندە يۈز بەرگەن ئىش چاۋشيەننىڭ ئىچكى ئىشلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ھەمدە چەتئەلنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى جاكارلانغان ئىدى. بۇ خىل روشەن ھالدا چەتتە تۇرۇۋېلىش پوزىتسىيىسى، روشەنكى، قارار بەلگىلەۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەلكىسىدىن تاغدەك يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك بولدى. دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئەچېسۇننىڭ قارىشى بولسا، بۇ نوتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشقا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيتتى.[27] شۇنىڭ بىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى، شەكسىزكى، ئامېرىكىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشتىكى دەرۋازىنى داغدام ئېچىۋەتتى.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ب د ت غا تۇتقان پوزىتسىيىسى چاۋشيەن ئۇرۇشى تەتقىقاتىدىكى گۇمانىي تۈگۈنلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشقا تۇتقان پوزىتىسيىسىنى تەھلىل قىلىشتىكى ئاساسى.
نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەممىسى:« سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلىنىڭ 1950-يىلى 1-ئايدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىقىشى دىپلوماتىيە جەھەتتىكى بىر خاتالىق سادىر قىلغانلىق، بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقىنىڭ ب د ت دا رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسىدە قىلغان-ئەتكەنلىرىنى توسۇشقا ئامالسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،» دەپ قارايدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىنكى ب د ت خەۋپسىزلىك يىغىنىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى دائىم رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتتى، ھەتتا بەزىبىر پارچە-پۇرات ئىشلاردىمۇ مۇشۇنداق قىلدى. شۇڭا، ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى يەنىلا خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بولغان بولسا، رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەندە قوللانغان ھەرىكىتىنى ناھايىتى ئاسانلا توسۇپ قالالايتتى. ئۇندىن باشقا، ئەگەر نۇرغۇن ياۋروپا ئەللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەگىشىپ ب د ت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقمىغان بولسا، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئامېرىكا ھەرگىزمۇ ب د ت دا بۇنىڭدەك خالىغانچە ھەرىكەت قىلالمىغان بولاتتى. ئەلۋەتتە، ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى يېرىم يىل ئاۋاللا چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلايدىغانلىقىنى ئالدىنئالا كۆرۈۋېلىپ، شۇ ئارقىلىق يۈزەكى جەھەتتىكى ئۆزىنى قاچۇرۇش پوزىتىسيىسىنى تۇتتى دېيىلسە، ئۇنداقتا بۇ مۇبالىغە قىلغانلىق بولىدۇ. بىراق، چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ب د ت غا قايتىپ كېلىشتىكى سوغۇق پوزىتىسىيىسى تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا خېلىلا ئەرزىيدۇ. ئەلۋەتتە، مۇھىم مەسىلىلەردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىنكاسىنىڭ بۇنداق سۇس بولۇشى، ئەينى چاغدىمۇ ئامېرىكا تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرىنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئالاھىدە سازاۋەر بولدى.
بۇنىڭ ئاساسى يوق ئەمەس ئىدى. 1950-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى مارېك ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قايتىشتىن بۇرۇن، ب د ت چاۋشيەن مەسىلىسى ئۈستىدە جەمئىي ئۈچ تۈرلۈك قارار ماقۇللىغان ئىدى، يەنى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى(ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) ماقۇللىغان ئۇرۇش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق، شىمالىي چاۋشيەننىڭ دەرھال 38-پاراللېلنىڭ شىمالىغا چېكىنىشى توغرىسىدىكى قارارى؛ 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ماقۇللىغان ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي چاۋشيەنگە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ياردەمنى بېرىشنى بۇيرۇش ئارقىلىق، قوراللىق ھۇجۇمنى چېكىندۈرۈش ۋە بۇ رايوندىكى خەلقئارالىق تېنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى قارارى؛ 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ماقۇللانغان ب د ت قىسىملىرىنى چاۋشيەنگە ئەۋەتىپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇش ھەققىدىكى قارارىدىن ئىبارەت.
1-قارار بولسا تەرتىپ خاراكتېرلىق ئىدى، ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چىقىرىشى ئۈچۈن ئەمەلىي ئەھمىيىتى يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىت زىچ بولغانلىقتىن، سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ب د ت غا قايتىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قايتقان تەقدىردىمۇ، بۇ خىل تېنچلىققا مۇراجەت قىلىدىغان ئادەتتىكى قارارغا رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىشى تەس ئىدى.[28]
2-قارار بولسا ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق ئىدى، چۈنكى ئۇ روشەن ھالدىكى ئاغمىچىلىق خاھىشىغا ئىگە ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىنىڭ دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ جەنۇبىي چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قانۇنىي ئاساس بولغان ئىدى. بىراق دەل مۇشۇ مۇھىم قارار ماقۇللىنىشتىن نەچچە سائەت ئىلگىرى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قايتىپ رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىدىغان پايدىلىق پۇرسەتتىن ۋاز كەچتى. 6-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتە، لېي، مارېك ۋە گروس بىرلىكتە چۈشلۈك تاماق يەۋاتاتتى. تاتلىق تۈرۈملەر يىيىلىپ بولغاندىن كېيىن، لېي مارېكقا ئۆزىنىڭ باشقا دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بېرىپ چاۋشيەن مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە ئۇنىڭدىن:« سىز بارامسىز؟ مېنىڭ قارىشىمچە، دۆلىتىڭىزلارنىڭ مەنپەئەتى سىزنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.» دەپ سورىدى. ئەينى چاغدا گروس ئارقىغا داجىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى. چۈنكى بۇ قېتىمقى يىغىندا قارار قىلىنىدىغان قارار دەل ئامېرىكىنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشىدىكى قانۇنلۇق نىقابى ئىدى، ئەگەر مارېك يىغىنغا قاتناشسا، شەك-شۈبھىسىزكى، تەكلىپ لايىھىسىنى رەت قىلاتتى، بۇنداق بولغاندا ئامېرىكىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان پىلانى ھەش-پەش دېگۈچە بىكار بولاتتى. ئۇ پۇتى بىلەن ئۈستەل ئاستىدىن لېينى تېپىپ قويۇپ، ئۇنىڭغا داۋاملىق سۆزلەۋەرمەسلىك ئىشارىسىنى بېرىشنى ئويلاپ تۇرۇشىغا، مارېك بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ:« ياق، مەن بارمايمەن.» دېدى.[29] مارېك، روشەنكى، دۆلەت ئىچىنىڭ يوليورۇقىنى ئالغان ئىدى. گرومىكونىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ ستالىنغا تەكلىپ بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلىنىىڭ 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قايتىشى لازىملىقىنى ھەمدە ئۇ يەردە رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، ب د ت نىڭ شىمالىي چاۋشيەننىڭ مەنپەئىتىگە پايدىسىز قارارنى چىقىرىشىغا قارشى تۇرۇش لازىملىقىنى ئېيتقان ئىدى، ئەمما ستالىن بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى.[30]
ھەرقانداق قىلغان بىلەنمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ۋاقتىدا قايتمىغانلىقى ئامېرىكىنى ب د ت دىن ئىبارەت بۇ بىر قورالنى خالىغانچە ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ قارارىغا مۇلازىمەت قىلدۇردى، يەنە كېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرىكىتى ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئامېرىكىنى ئۆزىنىڭ چاۋشيەنگە ئەسكەر چىقىرىش پىلانىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەلگە ئاشۇرغۇزدى.
3-قارارنىڭ ماقۇللىنىشىغا كەلسەك، ئۇىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېغىر بولدى، سوۋېت ئىتتىپاقى يىغىنغا قاتناشمىغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ پىلانلىشى بويىچە بۇ قارار ئوڭۇشلۇق ھالدا ماقۇللانغانلىقى سەۋەپلىك، ئامېرىكىنى ب د ت قوشۇنى نامىدا ئۇرۇشقا ئارىلاشتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئامېرىكىنىڭ 38-پاراللېلدىن شىمالغا ھالقىپ كىرىشىنى باھانە بىلەن تەمىنلىدى: دەل مۇشۇ ب د ت قوشۇنىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ بايراق بولغانلىقتىن، ئامېرىكا ب د ت ئوتتۇرىغا قويغان جەنۇپ-شىمالىي چاۋشيەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى سەۋەپ قىلىپ 38-پاراللېلدىن ھالقىپ ئۆتەلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر ھەرىكەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋىتى بولسا ئۇرۇشنى يالۈجياڭ دەرياسىنىڭ بويىغىچە كېڭەيتتى ھەمدە جۇڭگونى چاۋشيەنگە ئەسكەر چىقىرىشقا مەجبۇر قىلدى. ئامېرىكا ئۇرۇش پاتقىقىغا بارغانسېرى چوڭقۇر پېتىپ قالدى.
ئىزاھاتلار:
[1]دىن ئەچېسۇن:« ئەچېسۇن ئەسلىمىلىرى»، شاڭخەي تەرجىمە نەشرىياتى 1978-يىل نەشرى (1969-يىلىدىكى ئېنگلىزچە نەشرىدىن تەرجىمە قىلىنغان)، 227-~229-بەتلەر، 233-بەت؛ «ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئالاقىسى» (Foreign Relations of the United States)، 1950-يىلى، 1-توم، ۋاشىڭتون ئالاھىدە رايونى 1977-يىل نەشرى،237-،292-بەتلەر؛ كلېي بلەيېر رەتلىگەن:« گېنېرالنىڭ يۈز جەڭ توپلىمى ـــ برەدلېينىڭ تەرجىمىھالى»، ھەربىي ئىشلار تەرجىمە نەشرىياتى، 1985-يىل نەشرى (1983-يىلىدىكى ئېنگلىزچە نەشرىدىن تەرجىمە قىلىنغان)، 679-بەت؛ جوسېف گوردەن:«چاۋشيەن ئۇرۇشى ـــ ئاشكارىلانمىغان ئىچكى ئەھۋاللار»، ئازادلىق ئارمىيە نەشرىياتى 1990-يىل نەشرى (1982-يىلىدىكى ئېنگلىزچە نەشرىدىن تەرجىمە قىلىنغان)، 99-بەت.
[2]ۋاقىت جەدىۋىلى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ (نەقىل ئېلىنغان مەزمۇنلاردىكىسى يەنىلا سېئۇل ۋاقتى)، ۋاشىڭتون بىلەن سېئۇلنىڭ ۋاقىت پەرقى 14 سائەت. بۇ بىر جەريانغا بولغان بايانلار ئاساسلىقى «ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئالاقىسى»غا ئاساسلانغان، 1950-يىلى، 7-توم، ۋاشىڭتون ئالاھىدە رايونى 1976-يىل نەشرى،125-~269-بەتلەر؛ ھاررىي ترۇمېن:«ترۇمېن ئەسلىمىلىرى: سىناق ۋە ئۈمىدلىك يىللار(1946~1953)»، ئۈچ بىرلەشمە كىتابخانىسى 1974-يىل نەشرى (1956-يىلىدىكى ئېنگلىزچە نەشرىدىن تەرجىمە قىلىنغان)، 393-~413-بەتلەر؛ «ئەچېسۇن ئەسلىمىلىرى»، 261-~278-بەتلەر؛ گراھام پېيج:« چاۋشيەن توغرىسىدىكى قارار: 1950-يىل 6-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە» (The Korean Decision:June 24-30,1950)، نيۇيورك 1968-يىل نەشرى، 90-~241-بەتلەر؛ جوسېف گوردەننىڭ يۇقىرىدىكى كىتابى، 34-~114-بەتلەر؛ جون تولەند:« ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش ـــ ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى چاۋشيەن ئۇرۇشى»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، 1993-يىل نەشرى (1991-يىلىدىكى ئېنگلىزچە نەشرىدىن تەرجىمە قىلىنغان)، 21-~56-بەتلەر. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ماتېرىياللاردىن ئارىلاشتۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىنغانلىقتىن، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق خىللاندى ۋە رەتلەندى، مەخسۇس نەقىللەنگەن مەزمۇنلاردىن باشقىلىرىغا قايتا بىر-بىرلەپ نەقىل مەنزىلى ئەسكەرتىلمىدى.
[3]«ترۇمېن ئەسلىمىلىرى»، 395-بەت؛ «ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئالاقىسى»، 1950- يىلى، 7-توم، 125-، 126-بەتلەر.
[4]بەزى ئەسەرلەردە ھەربىي ساھەسىدىكى بۇ ئىككى نەپەر رەھبەر بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىپ بولغان، ئەمما ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن شۇ كۈنى كەچتىكى كېڭەش ۋە قارار چىقىرىشقا قاتناشمىغان دېيىلگەن ئىدى.
[5]«ترۇمېن ئەسلىمىلىرى»، 399-، 400-بەتلەر.
[6]«ئەچېسۇن ئەسلىمىلىرى»، 269-، 270-بەتلەر.
[7]«چاۋشيەن توغرىسىدىكى قارار»، 240-،241-بەتلەر.
[8]«ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئالاقىسى»، 1950- يىلى، 7-توم، 263-بەت.
[9]«ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئالاقىسى»، 1950- يىلى، 7-توم، 140-بەت.
[10]«ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئالاقىسى»، 1950- يىلى، 7-توم، 140-بەت.
[11]مەسېۋ بانكېر رىجۋېي:«چاۋشيەن ئۇرۇشى»، ھەربىي ئىشلار ئىلمىي نەشرىياتى، 1983-يىل نەشرى (1967-يىلىدىكى ئېنگلىزچە نەشرىدىن تەرجىمە قىلىنغان)، 3-، 20-بەتلەر.
[12]جون تولەندنىڭ يۇقىرىدىكى كىتابى، 19-بەت.
[13]«ترۇمېن ئەسلىمىلىرى»، 403-بەت.
[14]«ئەچېسۇن ئەسلىمىلىرى»، 266-بەت.
[15]گۇۋېيجۈن:« گۇۋېيجۈن ئەسلىمىلىرى»، 8-قىسىم، جۇڭخۇا كىتاب ئىدارىسى، 1989-يىل نەشرى، 649-بەت.
[16]جوسېف گوردەننىڭ يۇقىرىدىكى كىتابى، 55-بەت.
[17]«ئەچېسۇن ئەسلىمىلىرى»، 265-بەت.
[18]«ترۇمېن ئەسلىمىلىرى»، 398-بەت.
[19]«ترۇمېن ئەسلىمىلىرى»، 400-بەت.
[20]كلېي بلەيېرنىڭ يۇقىرىدىكى كىتابى، 693-بەت.
[21]جون سپانېر:« ترۇمېن بىلەن مەك ئارسۇرنىڭ توقۇنۇشى ۋە چاۋشيەن ئۇرۇشى» (The Truman-MacArthur Controversy and the Korean War)، نيۇيورك 1965-يىل نەشرى، 31-،32-بەتلەر.
[22]«ئەچېسۇن ئەسلىمىلىرى»، 268-بەت.
[23]گۇۋېيجۈننىڭ يۇقىرىدىكى كىتابى، 649-بەت.
[24]جون تولەندنىڭ يۇقىرىدىكى كىتابى، 39-بەت.
[25]جوسېف گوردەننىڭ يۇقىرىدىكى كىتابى، 55-بەت.
[26]«ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئالاقىسى»، 1950- يىلى، 1-توم، 329-بەت.
[27]جون سپانېرنىڭ يۇقىرىدىكى كىتابى، 33-بەت.
[28]ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئورۇنباسار باش ئەلچىسى گروسنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ 6-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەردە ب د ت باش كاتىپى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى بىلەن كېڭىشىپ، ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى چۈشتىن كېيىن خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قايتسا ھەمدە رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتسە، ئۇلار بىردەك 48 سائەت ئىچىدە ب د ت نىڭ جىددىي ئالاھىدە يىغىنىنى ئېچىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلسا بولىدۇ، دەپ قارىغان ئىدى. فرانسىس ھېللېر تۈزگەن:«چاۋشيەن ئۇرۇشى: 25 يىلدىن كېيىنكى كۆزىتىش» (The Korean War: A 25-Year Perspective)، لاۋرېنس 1977-يىل نەشرى، 22-بەت.
[29]جوسېف گوردەننىڭ يۇقىرىدىكى كىتابى، 86-بەت.
[30]رۇزمارىي فۇت:« چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ سىرىنى ئېچىش: ئون يىلدىن بۇيانقى چاۋشيەن توقۇنۇشى ھەققىدىكى سىياسىي تەھلىل» (Making Known the Unknown War: Policy Analysis of the Korean Conflict in the Last Decade)، «دىپلوماتىيە تارىخى»غا بېسىلغان، 1991-يىللىق 15-توم، 4-سان، 416-بەت. سېرگېي گونچاروۋ، جون لېۋز، شۆ لىتەي:« مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەن شېرىكلەر: ستالىن، ماۋزېدۇڭ بىلەن چاۋشيەن ئۇرۇشى» (Uncertain Partners: Stalin, Mao, and the Korean War)، ستەنفورد 1993-يىل نەشرى، 161-بەت. ئەينى چاغدا ستالىننىڭ قانداق ئويلاشقانلىقى ئېنىق ئەمەس، ياكى ئۇ بۇنداق بولۇشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شىمالىي چاۋشيەن ئۇرۇش غەلىبىسىگە ئېرىشسە بولىدۇ، دەپ قارىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، ۋەياكى  ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ب د ت دا رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، جامائەت پىكىرىنىڭ گۇمانى ۋە ئەيىپلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىشنى ئويلىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىراق مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، خۇددى گرومىكونىڭ كۆز قارىشىغا ئوخشاش، ستالىننىڭ قارارى «بىردەملىك ھاياجاندىن چىقىرىلغان ئەمەس» ئىدى.

---------------

بۇ ماقالە «دۇنيا تارىخى»نىڭ 1995-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان. تەرجىمە قىلىشتا پايدىلانغان مەنزىل:
ئەنقا تورى http://news.ifeng.com/history/zh ... _7324_1482443.shtml
تەرجىمىسى ئەسلى يوللانغان مەنزىل:
نىدا بلوگى http://www.nidablog.com/500.html
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار