ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تىرىك ئادەم تەجرىبىسى
1. تاسكېجى سىفلىس تەتقىقاتى. قارا تەنلىك ئەرلەرنى تەجرىبە ئوبيېكتى قىلغان تاسكېجى سىفلىس تەتقىقاتى بىر تۈرلۈك كلىنىكىلىق تەتقىقات، بۇ تەتقىقات 1932-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە ئامېرىكا ئالاباما شتاتىنىڭ تاسكېجى شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان.
سىفلىس تەجرىبىسىگە قاتناشقانلار ماقۇلنامىگە ئىمزا قويمىغان، شۇنداقلا ھېچقانداق دىئاگنوز نەتىجىسىگە ئېرىشەلمىگەن. ئەكسىچە ئۇلارغا قېنىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، ھەقسىز داۋالايدىغانلىقى، تاماق بېرىلىدىغانلىقى، تاسادىپىي ئۆلۈپ كەتسە، دەپنە پۇلى بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. 1932-يىلى تەجرىبە ئەمدى باشلانغاندا، ئادەتتىكى سىفلىس داۋالاش لايىھىسى زەھەرلىك ھەم خەتەرلىك بولۇپ ئۈنۈمىمۇ بولمىغان. بۇ تەجرىبىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ھېچقانداق داۋالاش قىلمىغان ئەھۋالدا، بىمارلاردا ياخشىلىنىش بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى كۆزىتىشتىن ئىبارەت بولغان. نەتىجىدە تەجرىبىگە قاتناشقان 399 كىشىدىن 74 ىلا ھايات قالغان. 28 نەپەر ئەر بىۋاسىتە سىفلىس بىلەن 100 ئەر ئەگەشمە كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەن، ئۇلارنىڭ جورىسىدىن 40ى يۇقۇملانغان، 19ىنىڭ بالىلىرىغا ئىرسىيەت قالغان.
2. ئىبلىس تەجرىبىسى. لوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋېندېر جونسون 1939-يىلى شۇ يەردىكى 22 يېتىم بالىنى تاللاپ، بىر تۈرلۈك تەجرىبە ئىشلىگەن. تەجرىبە ئوبيېكتلىرى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى بالىلارنىڭ راۋان سۆزلىشىگە ئىلھام بېرىلگەن ھەمدە ئۇلار دائىم ماختىلىپ ئېتىراپ قىلىنغان؛ ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى بالىلارنىڭ قىلغان گەپلىرىدىن پۇتاق تېپىپ، ئۇلار توختىماستىن گاچا، دەپ ئەيىبلەنگەن. نەتىجىدە نورمال سۆزلەيدىغان بالىلارنىڭ پسىخىكىسى سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىغان، ھەتتا بەزى بالىلار ئۆمۈر بويى تىل توسالغۇسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
3. رەزىل پىلان. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىرقچىلىق ئارمىيىسى 20-ئەسىرنىڭ 70-80-يىللىرى ئاق تەنلىك ئەر-ئايال ھەمجىنس ئەسكەرلەرنى جىنسىنى ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇش ھەمدە كۆپلىگەن كىشىلەرنى مەجبۇرىي خىمىيىلىك ئاختا قىلدۇرۇش، توك سوقتۇرۇش ۋە باشقا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تېببىي تەجرىبىلەرنى قىلغان. ئېنىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئىگىلىگىلى بولمىغان بولسىمۇ، ئىلگىرىكى ئىرقچىلىق ئارمىيىسىنىڭ دوختۇرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 1971-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە ھەربىي دوختۇرخانا «جىنسىنى ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيىسى»دىن 900 دىن ئارتۇقنى ئىشلىگەن.
4. چاۋشيەن تەجرىبىسى. چاۋشيەننىڭ ئادەم بەدىنى تەجرىبىسى قىلىش توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئىنتايىن كۆپ. چاۋشيەن ھۆكۈمىتى چاۋشيەندىكى بارلىق مەھبۇسلار ئىنسانپەرۋەرلىك مۇئامىلىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، دەپ تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ،قىلمىشىنى يوشۇرالمىغان. ئىلگىرى چاۋشيەن تۈرمىسىدە ياتقان بىر ئايالنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۈرمىدە 50 تەك ساغلام ئايال مەھبۇس تاللىنىپ، ئۇلارغا زەھەرلىك يېسىۋىلەك مەجبۇرىي يېگۈزۈلگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى 20 مىنۇتتىن كېيىن قان تۈكۈرۈپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.