قان ياشلىق ۋەتەن ئۇرۇشى
سۈلھەت جۈرئەت

1941-يىلى ئەتىياز كىرگەندە، سوۋېت ئۇچقۇچىسى ئۆزى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن دۈشمەن ئايروپىلانىدىكى ئوق ئىزلىرىنى مەغرۇر ساناۋاتاتتى. بۇ ئايروپىلاندا يولۇچىلار ئايروپىلانىدا بولىدىغان نومۇر تاختىسى بار بولسىمۇ، ئەمما ئىچىدە خەرىتە ۋە ئالاھىدە ئاپپاراتلار بار ئىدى. ئۇچقۇچىلارنى سوراق قىلغاندا، يول باشلاش سىستېمىسىدىن چاتاق چىققاچقا بۇ يەرگە كېلىپ قالغانلىقىنى، ھېچقانداق غەرىزى يوقلۇقىنى ئېيىتقان بولسىمۇ، ئەمما ئايروپىلاندىكى يەر شەكلى خەرىتىلىرى، ئالاھىدە دوكلاتلار، سوۋېت ئىتتىپاقىغا 400 كېلومېتىچە ئىچكىرلەپ كىرگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن جاسۇسلار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى.
بۇ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن گېرمانىيە ئايروپىلانى رازۋېتكا ئايروپىلانىنىڭ بىرى بولۇپ، بىر مەيدان دەھشەتلىك ئۇرۇشنىڭ بېشارىتى ئىدى. بۇ ئۇرۇش كېيىن ھەممىگە مەشھۇر بولغان، تۆت يىل داۋاملاشقان ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى ئىدى. گېتلىر ئۇرۇشتىن ئىلگىرىلا «ئۇرۇشنى تېز باشلاپ، تېز ئاخىرلاشتۇرۇپ، سوۋېتنى پۈتۈنلەي بېسىۋېلىش» توغرىسىدىكى 21-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قول قويدى. بۇ كىشىلەر بىلىدىغان «بارباروسسا پىلانى» بولۇپ، بۇ نام ئەينى ۋاقىتتىكى رىم ئىمپېراتورى باربباروسسانىڭ نامىدىن كەلگەنىدى. بۇ پىلاندىن كېيىن گېرمانىيەدىكى ئۇرۇش مەسلىھەتچىسى ئىشەنچىلىك ھالدا:«بۇ ئۇرۇش ياخشى بولسا كۈزدە، بولمىغاندا قىش چىققۇچە تۈگەپ بولىدۇ.» دەپ گېتلىرغا دوكلات قىلغانىدى. سوۋېت ئارمىيە ۋە خەلقىنىڭ ئىسسىق قان تۆكۈپ، تىرىشىشى نەتىجىسىدە بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشمىدى، ئەلۋەتتە. بۇ سوۋېت ئارمىيە ۋە خەلقىنىڭ ئىسسىق قېنىنى مۇشۇ كۆيۈۋاتقان تۇپراققا تۆكۈپ، قان بىلەن قوپارغان تاملىرى ئارقىلىق ئېرىشكەن نەتىجە ئىدى. 1941-يىلىغا كەلگەندە گېرمانىيە ئارمىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىدىكى پولشا، رۇمىنيە... لەرگە توپلىنىشقا باشلىدى. سوۋېت جاسۇسلىرى ئەۋەتكەن ئاخباراتلار پەقەت بىر-بىرىگە ئوخشىمايتتى. بەزىلىرى«ئۇرۇش بىر يىل سۈرۈلۈپتۇ» دېسە، يەنە بەزىلىرى «گېرمانىيە ئەتىيازدا ئۇرۇش قوزغايدىكەن» دەپ، سوۋېت ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرۋەتكەنىدى. سوۋېت ئاخبارات ئورگانلىرى ئېنىق ئىشەنچىلىك ئاخبارات بىلەن تەمىنلىيەلمەۋاتاتتى. نۇرغۇن مۇھىم ھۆججەتلەر كېرەكسىز ئۇچۇرلار بىلەن بېسىلىپ قالاتتى. گېرمانىيە ئارمىيەسى باش ئىشىتابى ئۇرۇش ۋاقتىنى 1941-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنىگە بېكىتكەنىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمى بولسىمۇ، سوۋېت ھۆكۈمىتى خاتىرجەم بولالمىدى. ئۇرۇش پارتلىشى ئېنىق ئىدى. بىراق سوۋېت ھۆكۈمىتى ئالدىنقى سەپتىكى ئەھۋالىنى ئۇقالماي، ئۇرۇشقا سەككىز كۈن قالغاندا ئاندىن ئەسكەرلەرنى غەربىي مۇداپىئە سېپىگە ئېلىپ ماڭدى.
1941-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تاڭ يورۇماستىنلا ناتسېسىت ئوفىتسېرلىرى گېتلىرنىڭ ئۇرۇش ئالدىدىكى نۇتۇقىنى ئۆز ئەسكەرلىرىگە ئوقۇپ بېرىۋاتاتتى. 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تاڭ سەھەردە گېرمانىيە ئارمىيەسى ئۈچ بۆلەك بولۇپ، شىمالىي ئارمىيە توپى لېنىنگېرادقا، ئوتتۇرا قىسىم ئارمىيە توپى موسكوۋاغا، جەنۇبىي ئارمىيە توپى كاۋكاز ئېگىزلىكىگە بېسىپ كىردى. شۇ كۈنى تاڭ سۈزۈلگەندە موسكىۋا، لېنىنگىراد، كىيېۋ...قاتارلىق جايلاردا گېرمانىيە بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ دەھشەتلىك ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاھالىلەر نېمە ئىشلىقىنى بىلىپ بولغۇچە گېرمانىيە ئايروپىلانلىرى ئاسماندىن بومبا ياغدۇرىۋەتتى. بۈيۈك ۋەتەن ئۇرۇشى رەسمىي باشلاندى. گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى قۇرۇقلۇقىغا ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىماي 70 كېلومېتېرچە ئىچكىرلەپ كىردى. گېرمانىيەنىڭ بىرونىۋىكىلىق قوشۇنلىرى بېلارۇسىيە ھەربىي رايونىنى قورشاپ، زەنجىر تاپىنى بىلەن سوۋېت تۇپرىقىغا قەدەممۇ قەدەم بۆسۈپ كىردى. سوۋېتنىڭ T- 26 ۋە KB تىپلىق تانكىلىرىنىڭ ئاجىزلىقلىرى كۆپ بولۇپ، ھەرگىزمۇ گېرمانىيە تانكىلىرىنىڭ رەقىبى ئەمەس ئىدى. تانكا زەمبىرىكىنىڭ دىئامېتىرى 45 مىللىمېتىر بولۇپ، پەقەت يېقىن ئارىلىقتىلا دۈشمەننىڭ بىرونىۋىكىنى تېشەلەيتتى. 1941-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى بېلارۇسىيە رايونىدا گېرمانىيە ئارمىيەسى بىلەن سوۋېت ئارمىيەسى يۈزمۇيۈز تۇتۇشتى. سوۋېت ئارمىيەسى شۇ بىر كۈندىلا 100 نەچچە T- 26 تىپلىق تانكىسىدىن، ئەتىسى 150 نەچچە تانكىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى ئۈمىدلىرى ئىس-تۈتەكلەر ئارىسىدا كۆيۈپ تۈگىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇزاق ئۆتمەي ئىقتىدارى خېلى ئۆسكەن T-34 تىپلىق ۋە KV تىپلىق تانكىلىرىنى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىپ، جان تىكىپ مۇداپىئە قىلغان بولسىمۇ موسكۋاغا ھۇجۇم قىلغان دۈشمەننى توسالمىدى. سوۋېت ئارمىيەسى قورشااۋدا قېلىپ چېكىندى. بىراق گېرمانىيە ئارمىيەسىنىمۇ خېلى تالاپەتكە ئۇچراتتى. گېرمانىيە جاسۇسلىرى سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ KV تىپلىق تانكىسىنىڭ گېرمانىيە ئارمىيەسىگە زور زەربە بەرگەنلىكى، بۇ خىل تانكىنىڭ لېنىنگىراددلا ئىشلەپ چىقىرىدىغانلىقى توغرىلىق گېتلىرگە دوكلات يازدى. گېتلىر دوكلاتنى كۆرگەندىن كېيىن ئالدىقى سەپتىكى گېنىراللارغا لېنىنگىرادنى تېز ئىشغال قىلىشنى تاپىلىدى. لېنىنگىرادنى بىر شۇملۇق ساقلاپ تۇراتتى.
لېنىنگىرادنىڭ ئەسلى ئىسمى پېتىرگىراد. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا قىسمىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت. مەدەنىيتى، دىنىي، ئىقتىسادىي، سانائىتى تەرەققىي قىلغاچقا سوۋېتنىڭ ئىككىنچى پايتەختى دەپ تەرىپلىنەتتى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابى مۇشۇ جايدا پارتلىغان. 1924-يىلى نامى لېنىنگىرادقا ئۆزگەرتىلگەنىدى. گېتلىر لېنىنگىرادنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۋېتىشنى مەقسەت قىلىپ 873 كۈن قورشاپ بومباردىمان قىلدى. 1941-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى گېرمانىيە شىمالىي ئارمىيە توپى 32 قۇرۇقلۇق دىۋىزىيەسى، 6 تانكا دىۋىزىيەسى، 6000 توپ زەمبىرەك، 1000دىن ئارۇق ئايروپىلان بىلەن لېنىنگىرادقا قارىتىپ كۈچلۈك زەربە بېرىپ ىان بلەن يول ئاچتى. قورال-ياراغ، ئەسكەر، تانكا، ئايروپىلان سانى سوۋېت ئارمىيەسىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ۋە كۈچلۈك ئىدى. بۇ ھال سوۋېت ئارمىيەسىگە ناھايىتى چوڭ بېسىم ئېلىپ كەلدى. سوۋېت ئارمىيەسى يېڭى ئۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، تانكىلارنى ئالدىنئالا كولاپ قويغان يوشۇرۇن ئازگاللارنىڭ كەينىگە ئۆتكۈزۈپ، مۇقىم زەمبىرەك ئورنىدا ئىشلەتتى. گېرمانىيە تانكىلىرى يېقىن ئارىلىقتىلا بۇنى بايقىيالايتتى. بىراق مۇداپىئە قىلىپ بولغۇچە ئۇنىڭ ئالدى بىرونىۋىكى تېشىلىپ پارتلاپ بولاتتى. ئەسكىرىي كۈچ پەرقى، گېرمانىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ تەجرىبىسى گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ توختىماي بۆسۈپ كىرىشىگە ئاساس بولدى. لېنىنگىراد پۈتۈن قورشاۋدا قالدى. شىمالدىن فىنلاندىيە ئارمىيەسى، ئوتتۇرىدىن ۋە جەنۇبىدىن گېرمانىيە قوشۇنى مۇستەھكەم بولغان قورشاۋ سىزىقى سىزىپ لېنىنگىرادقا كىرىدىغان تۆمۈر يول، تاشيول ۋە دېڭىز يولىنى توسۇۋەتتى. پەقەتلا رادوگا كۆلىنىڭ بىر قىرغىقىدىن پاراخوت ئۆتەلەيتتى. مۇشۇنداق جىددىي ۋاقىتتا سوۋېت ھەربىي باش ئىشتابى ژۇكۇفنى لېنىنگىرادقا ئەۋەتتى. ژۇكۇفنىڭ كېلىشى بىلەن لېنىنگىراد مۇداپىئە سېپىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ روھى كۆتۈرۈلۈپ، ژۇكۇفنىڭ:«ئەڭ ئاخىرقى تىنىققىچە كۈرەش قىلىمىز» دېگىنى بويىچە باتۇرلارچە كۈرەش قىلدى. ژۇكۇف كېلىپلا زەمبىرەكنى مۇداپىئەنىڭ ئاساسىي قىسمىغا ئۆزگەرتتى. كۆپلەپ زەمبىرەك پوتەيلىرىنى قۇرۇپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىدىكى چوڭ دىئامېتىرلىق زەمبىرەكلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى. زەمبىرەكنىڭ ئوقى يەتكەنلا يەر بولىدىكەن گېرمانىيە ئارمىيەسى بۆسۈپ كىرەلمەي توختاپ قالدى. گېرمانىيەنىڭ پولات قەدەملىرى توختاپ قالدى. گېرمانىيەنىڭ چاقماق زەربىسى پولشا ۋە غەربىي ياۋروپادا چوڭ ئۇتۇق قازانغان بولسىمۇ، بۇ زېمىندا پەقەتلا ئەسقاتمىدى.
سوۋېت ئارمىيەسى ۋەتەن-خەلقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۈچۈن، قان تۆكۈپ، جان بېرىپ كۆرەش قىلىپ سوۋېت تۇپراقلىرىنى زور چىقىم بىلەن قوغدىدى. لېنىنگىراد مۇداپىئە ئارمىيەسى تارىخ بەتلىرىدىن شانلىق ئورۇن ئالدى. ئالدىنقى سەپتىكى ئۇرۇش كەسكىن بولۇۋاتاتتى. شەھەرنىڭ ئىچى كۈندە دېگۈدەك ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرايتتى. شەھەرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋوگىزال ۋە تاشيول تىرانسىپورتى كونتىرول قىلىنغاندىن كېيىن، لېنىنگىراد ئاچلىق كىرزىسىغا ئۇچرىدى. ئىشچىلارنىڭ ئەسلىدىكى 500 گىرام بولكا يەيدىغان كۈنى تۈگەپ، 250 گىرامغا چۈشۈپ قالغانىدى. بولكىنىڭمۇ سۈپىتى كۈنسايىن تۆۋەنلەپ، باشقا يېگىلى بولىدىغان نەرسە بولسىلا ئارلاشتۇرۇلاتتى. ھەتتا باسمىچىلىق ئىدارىسى ئىشلەتمەيدىغان، بىراق يېگىلى بولىدىغان ياغاچنىڭ ئۇششاق قالدۇقلىرىمۇ بولكىنىڭ ئىچىدە بولاتتى. 1941-يىلى 11-ئايدا قىش كىرىپ لېنىنگىرادنىڭ ئەڭ جاپالىق كۈنلىرى يېتىپ كەلدى. سۇ يولى ئېتىلگەنىدى، ئايروپىلاندا توشۇلغان يېمەكلىكلەر ھەرگىزمۇ لېنىنگىرادنى قامدىيالمايتتى. دوختۇرخانىلاردا، كوچىلاردا نۇرغۇن ئادەملەر قورسىقى ئېچىپ، بەدىنىدە ماغدۇر قالمىغانلىقتىن يىقىلىپ قالاتتى. ئۇزۇنلارغىچە ئۆلۈكنى ئېلىپ كېتىدىغان ئادەم تېپىلمايتتى. لېنىنگىراد ئاھالىسىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە:«ئۆيدىن تالاغا چىققاندا جەسەتكە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشىمىز، كىشىلەردە ئۆزىنىڭ دوست-بۇرادەرلىرىنى كۆمگىدەكمۇ كۈچ قالمىغانىدى. بىر ئادەم كۆز ئالدىدا يىقىلىپ قالسىمۇ ئۇنىڭ يىقىلىپ قالغانلىقىنى ھېچكىم بايقىيالمايتتى. چۈنكى ئۇنى بايقىغۇدەك مادارمۇ قالمىغانىدى. ئادەملەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يىقىلىپ قالاتتى. كىمنىڭ ئىرادىسى كۈچلۈك بولسا شۇ داۋاملىق ياشايتتى»دە قالدۇرۇلغانىدى. كوچىنىڭ ھەممە يېرىدىكى ياڭراتقۇدا «تىك...تىك...تىك» قىلغان ئاۋاز ئاڭلىناتتى. بۇ ھال 873 كۈن داۋاملاشتى. بۇ ئاۋازنىڭ چاستوتىسى ئۆرلىسە گېرمانىيە بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. بۇ ئاۋاز لېنىنگىرادلىقلارنىڭ قۇلىقىدا مەڭگۈ جاراڭلىدى. ئەسلى ئاھالىسى 2 مىليون 500 مىڭ بولغان لېنىنگىرادتا ئۇرۇشتىن كېيىن پەقەت 500 نەچچە مىڭ ئادەم قالغانىدى. 700 مىڭ ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلگەنىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى باش ئىشتابى لېنىنگىرادقا مۇز يولى ئارقىلىق كېرەكلىك نەرسىلەرنى توشۇشقا بۇيرۇق قىلدى. 1941-يىلدىكى قىشنىڭ سوغۇقى 140 يىلدىن بۇيان ئەڭ سوغۇق ھالغا يەتكەنىدى. ئاسانلىقچە مۇز تۇتمايدىغان رادوگا كۆلىمۇ قېلىن مۇز تۇتۇپ لېنىنگىراد خەلقىگە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. سوۋېت ئارمىيەسى ھەر خىل قىيىن-قىستاقلاردىن قورقماي يۈك ماشىنىسىنى مۇز دەرياغا ھەيدەپ چۈشۈپ گېرمانىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ زەربىسى ئاستىدا ماللارنى لېنىنگىرادقا يۆتكىدى. لېنىنگىرادنىڭ يېمەكلىك تەمىنلىشى بارغانسېرى ياخشى بولدى. بەزىدە گۆشلەرمۇ تەمىنلىنەتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى موسكىۋانى قوغداش ئۇرۇشىدا غەلبى قىلغاندىن كېيىن قوشۇن تارتىپ قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ 1944-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى لېنىنگىرادتىكى تۆمۈر يوللارنى ئازاد قىلىپ، لېنىنگىرادىنى 873 كۈنلۈك قورشاۋدىن ئازاد قىلدى. لېنىنگىراد ئۇزاق ۋاقىتقىچە دۈشمەننىڭ چوڭ كۆلەمدىكى قوشۇنىنى توسۇپ قېلىپ ئارقا سەپتىكى سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەر توپلىشى، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشى ھەمدە كەڭ كۆلەمدە ھەربىي يۈرۈش قىلىشىغا قولاي مۇھىت ھازىرلىدى. بىر گېنىرال بىرەر جەڭدە ئۇتۇق قازىنىشى مۇمكىن بىراق خەلق پۈتۈن ئۇرۇشتا غەلبە قىلالايدۇ. باتۇر سوۋېت خەلقى جاپا-مۇشەققەتلەرگە باش ئەگمەي ئارمىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ سوۋېتنىڭ ئۇرۇشتا غەلبە قىلىشىغا مۇستەھكەم ئاساس سالدى.
ئىس-تۈتەك بىلەن تولغان ئۇرۇش ئاسمىنىدا يۈرەكنى روھلاندۇرغىدەك بىر مۇزىكا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. قىزىل بايراق مۇزىكا ئانسامبىلىنىڭ ناخشىچىلىرى ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ئالىكساندىروف يازغان «ئۇلۇغ ئۇرۇش» ئوركىستېرىنى ئۇرۇشقا ئاتلانماقچى بولغان ئەسكەرلەرگە ئاددى ئاككورد بىلەن جانلىق ئېيتىپ بېرىپ، ئەسكەرلەرنىڭ ۋۇجۇدىغا قورقماس روھنى سىڭدۈرمەكتە ئىدى. 1941-يىلى گېرمانىيە ئارمىيەسى سىمولوۋىسكىغا قاتتىق ھۇجۇم قىلدى. سوۋېت تەرەپنىڭ قاتتىق مۇداپىئەسى ئاستىدا گېرمانىيەنىڭ قورشاش تاكتىكىسى بىلەن چاقماق زەربىسى ئانچە ئۈنۈملۈك بولمىدى. گېرمانىيەنىڭ ھەربىر قەدىمىنى ئېلىشى ناھايىتى تەس بولدى. موسكىۋاغا 200 كېلومېتىر قالغاندا سوۋېت ئارمىيەسىگە ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلەيدىغان مۇنەۋۋەر گېنىرالدىن بىرسى كېرەك ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ئىشلار باش ئىشتابى لېنىنگىرادتىكى ژۇكۇفنى تېزدىن قايتۇرۇپ كېلىپ موسكىۋا رايونىدىكى مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ ھەممىسىنى ژۇكۇفنىڭ قوماندانلىقىغا ئۆتكۈزدى. ژۇكۇف تېزدىن تەدبىر قوللىنىپ موسكىۋانىڭ غەربىي جەنۇب، غەربىي ۋە غەربىي شىمال قىسمىدا قاتمۇقات مۇداپىئە سىزىقلىرىنى سىزىپ گېرمانىيە ئارمىيەسىگە كۈچلۈك زەربە بەردى. 1941-يىلى ياز پەسلىدە گېرمانىيە ئارمىيەسى 200-300 كېلومېتىر يولنى بىر كۈدە باسقان بولسا، 9-ئايغا كەلگەندە كۈندە نەچچە يۈز مېتىرلا ئالغا ئىلگىرلەيتتى. موسكىۋاغا سەككىز كېلومېتىر قالغان يەردە گېرمانىيە ئوفىتسېرلىرى دۇربۇندا شەھەرنى ئېنىق كۆرەلەيتتى. بىراق ئۇلارنىڭ ھۇجۇمى بىر قەدەممۇ چېكىنمەيدىغان سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ئالدىدا ئېگىز پولات تاملارغا ئۇرۇلۇپ يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىدىغان شامالغا ئوخشاش كەينىگە يېنىپ كېتەتتى. 11-ئاينىڭ 7-كۈنى قىزىل مەيداندا مەخپىي ھەربىي پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، پاراتتىن ئۆتۈپ بولغان ئەسكەرلەر ئۇدۇل ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ ئۇرۇشقا كەتكەنىدى. ئالدىنقى سەپتىكى ئۇرۇش ناھايىتى كەسكىن بولۇۋاتاتتى. سوۋېت ئەسكەرلىرى «بىر قەدەممۇ چېكىنمەيمىز» دېگەن ئىددىيەدە ئىدى. مۇداپىئە ۋاقتى 1941-يىلى 30-سېنتەبىردىن 5-دېكابىرغىچە داۋاملاشتى. ئۇزاققىچە گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ، ھەربىي كۈچى ۋە ماددىي بويۇملىرىنى زور دەرىجىدە خورىتىۋەتتى. سوۋېت ئارمىيەسىمۇ ئۇرۇشقانسېرى تەجرىبىلىك بولۇپ چوڭ كۆلەمدە قايتارما ھۇجۇمغا تەييارلاندى. 6-دېكابىر سەھەردە كاتيۇشانىڭ ئاۋازى بىلەن قايتارما ھۇجۇم پەردىسى ئېچىۋېتىلدى.
كاتيۇشا بىر يۈك ماشىنىسىنىڭ كەينىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تاختاي ئېگىز-پاكار، ئوڭ-سولغا بۇرۇلاتتى. باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار كەڭ دائىرىگە چېچىلىپ كەتكىنى بىلەن 10 سېكۇنىتتا 16 نى ئېتىپ چىقىرىپ كەمچىلىكنى ئۈنۈملۈك تولۇقلايتتى. بۇ بومبىلار چۈشكەنلا يەردە ھاياتلىقنى يەپ تۈگىتەتتى. گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى ئوت دېڭىزىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. سوۋېت ئارمىيەسى گېنىرال ژۇكۇفنىڭ باشچىلىقىدا پۈتۈن سەپ بويىچە كۈچلۈك قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتتى. گېرمانىيە ئارمىيەسى زور چىقىم تارتقاچقا سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى توسىغۇدەكمۇ ماغدۇرى قالمىغانىدى. ژۇكۇف سىبىرىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى قوشۇنلارنى ئىشقا سېلىپ، ئۇرۇشنىڭ ئوقۇشلۇق بولۇشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى. 8-دېكابىر گېتلىر سوۋېت گېرمان ئۇرۇش مەيدانىدىكى قوشۇننىڭ مۇداپىئە ھالەتكە ئۆتۈشى توغرۇلۇق ھۆججەتكە قول قويدى. موسكىۋادىكى ئارمىيەلەرنىڭ ئۇزاق مۇدددەت بېسىلىپ قالغان چۈشكۈن كەيپىياتى تېزلا يوقىدى ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالدىنقى سەپكە ئېتىلىپ بېرىپ، ناتسىست ئالۋاستىلىرىنى ھەمدە زۇلۇمدا قالغان سوۋېت تۇپراقلىرى ۋە بىگۇناھ خەلقنى ئازات قىلدى. سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ كۈچلۈك زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ گېنېراللىرى گېتلىرغا قوشۇننى چېكىندۈرۈش توغرىسىدىكى ھۆججەتكە قول قويۇشنى بېسىم قىلغان بولسىمۇ، گىتلېرنىڭ جاھىللىقىدا بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشمىدى. گېتلىرنىڭ بۇ قېتىم ئەسكەر چېكىندۈرمەي ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى 1818-يىلىدىكى ناپالېئون ئارمىيەسىدىنمۇ ئېچىنىشلىق كۈنگە قېلىشتىن ساقلىدى. 2-،3-ئايلارغا كەلگەندە گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ياردەمچى قوشۇنى يېتىپ كېلىپ قايتارما زەربىلەرنى ئۈنۈملۈك توسىدى. ئۆز ئەھۋالىنىڭ تازا ياخشى بولمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان سوۋېت ئارمىيەسى 1942-يىلى 20-ئاپرېل سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي باش ئىشتابىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ھۇجۇمنى توختىتىپ مۇداپىئە ھالىتىگە ئۆتتى. موسكۋانى قوغداش ئۇرۇشىدا سوۋىت ئارمىيەسى دۈشمەننىڭ كۈچلۈك زەربىسىدىن قورقماي باتۇرلارچە ئۇرۇش قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىنى ئازاد قىلدى. گېرمانىيە ئارمىيەسىدىن 500مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ئۆلدى ۋە يارىلاندى. بۇنىڭدىن نەچچە يىل بۇرۇن گېرمانىيە پولشانى پۈتۈنلەي بېسىۋېلىش ئۈچۈن 30 مىڭ ئەسكەر، فىرانسىيەنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن 5مىليون270مىڭ ئەسكەر ئىشلەتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقىدا بولسا بىر شەھەرنى بېسىۋېلىشقا ئىككى دۆلەتكە كەتكەن ئەسكەر كۈچىدىنمۇ جىق ئەسكەر ئىشلەتتى. گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ موسكۋادا مەغلۇپ بولۇشى گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ «مەغلۇپ بولماس ئارمىيە» دېگەن نامىنى يوق قىلىپ گىتلېرنىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇش خىيالىنى بىتچىت قىلىۋەتتى. موسكۋادىكى غەلىبە ئۇرۇشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان ئىستالىنگراد جېڭىدە ئۇتۇق قازىنىشىغا ئاساس سالدى ۋە دۇنيادىكى فاشىزمغا قارشى، ئەركسۈيەر خەلقىنىڭ كۆڭلىنى يورۇتقان، فاشىزم كۈچلىرىنى يەڭگەن بىرىنچى مەيدان ئۇرۇش بولدى.
1942-يىلى20-ئىيۇن گېرمانىيە جەنۇبىي ئارمىيەسى كۆك رەڭ ھەرىكىتى پىلانىغا كىرىشتى. كۆك رەڭ ھەرىكىتىدە جەنۇبىي ئارمىيە A بىلەن B ئارمىيەگە بۆلۈنۈپ، A ئارمىيە شىمالىي كاۋكاز ئېگىزلىكى ۋە شۇ يەردىكى قارا مايلىققا، B ئارمىيە بولسا شەرققە مېڭىپ ۋولگا دەرياسى ۋە ئستالىنگرادنى نىشان قىلدى. ئىستالىنگرادنىڭ شەرقىگە 300 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا سوۋېت ئارمىيەسى قاتمۇ-قات قورشاۋدا قالغان ھەم يوقىتىۋېتىلگەنىدى. باشقا جايلاردىمۇ تەسلىم بولغان سوۋېت ئەسكەرلىرى ۋە ھەتتا گېرمان پىدائى ئەسكەرلىرى توپىغا قاتناشقانلارمۇ بار ئىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالمىغان ئىستالىن داڭلىق 227-نومۇرلۇق بۇيرۇققا قول قويدى. بۇ بۇيرۇقنىڭ «بىر قەدەممۇ چېكىنمەسلىك» دېگەن نامىمۇ بار. بۇ بۇيرۇق كۆپ سانلىق ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئۇلار :«بالدۇر مۇشۇ بۇيرۇق بولغان بولسا، بىزمۇ بۇ كۈنگە قالمىغان بولاتتۇق» دېيىشتى. بۇ چاغدا گېرمانىيە گېنىرالى پاۋروسنىڭ قول ئاستىدىكى 27مىڭ ئەسكەر، 350 تانكا، 3400 زەمبىرەك، ئايروپىلانىدىن تەشكىل تاپقان 6-ئارمىيە قاتمۇ-قات توساقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ دون دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى 30 مىڭ ئەسكەر، 230 تانكا، 5500 زەمبىرەك، 1000 ئايروپىلانىدىن تەشكىل تاپقان ئىستالىنگراد يۆنىلىش ئارمىيەسىگە ئۇچرىدى.
ئىستالىنگىراد يۆنىلىش ئارمىيەسى ھەربىي جەھەتتىن ئازىراق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بىلەن 500 كېلومېتىر كەڭلىككە چېچىۋېتىلگەچكە ۈستۈنلۈكنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. پاۋرۇس قوشۇننى شىمالىي قىسىمغا يىغىپ بىر قايدىكى مۇداپىئەنى يېرىپ ئېچىپ سوۋېت ئارمىيەسىنى كەينى تەرەپتىن قورشاشنى پىلانلىدى. بىراق ئىشلار ئويلىغاندەك ئوڭۇشلۇق بولمىدى. سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ باتۇرلارچە قارشىلىقىدا ئۇرۇش بىر ئاي داۋاملاشتى. پاۋرۇس قوشۇننى ئىستالىنگىرادقا يېقىنلاشتۇردى ھەمدە ئىستالىنگرادنى قاتتىق بومباردىمان قىلدى. ئىستالىنگرادتىكى ئىمارەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياغاچ بىلەن قوپۇرۇلغاچقا، بومباردىماندا شەھەر كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىستالىنگرادتىن 65 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى يېزىدىكى كىشىلەر ئىستالىنگرادتا كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ نۇرىدىن پايدىلىنىپ كىتاب ئوقۇغانىكەن. نەتىجىدە 62-ئارمىيە ئىستالىنگىرادتىكى بىردىنبىر سوۋېت قوشۇنى بولۇپ قالدى. 14-سېنتەبىر ئىستالىن داڭلىق گېنىرال چۇيكوفنى 62-ئارمىيەنىڭ قوماندانى قىلدى. گىتلېرنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن پاۋرۇس 6-ئارمىيەسىنى ئىستالىنگرادقا ئېلىپ كىردى. بومباردىماندا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنالارنىڭ خىش-تاشلىرى يوللارنى توسۇۋېلىپ، تانكىلار راۋان ماڭالماي قالدى. سوۋېت ئەسكەرلىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بېنزىن ۋە تانكائاتارلار بىلەن كۆپلىگەن گېرمانىيە تانكىلىرىنى پاچاقلىۋەتتى. ئىستالىنگرادتتا كوچا ئۇرۇشلىرى ئۇزاق داۋاملاشتى. چۇيكوف ئالدىقى سەپتە تۇرۇپ ئوفىتسېرلارنى ئەسكەرلەر بىلەن جانپىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. سوۋېت ئەسكەرلىرى گۈرجەكنى قورال قىلىپ، دۈشمەن ئارمىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقنىڭ 30 مېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە تانكا ۋە ئايروپىلان قىسىملىرى ئۆز ئەسكەرلىرىنى يارلاندۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، بومباردىماننى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئارىلىقى يېقىن بولغانلىقتىن گىرەلىشىپ مۇشتىلىشىپ كەتتى. گېرمانىيە ئەسكەرلىرى بۇ ئەھۋالدىن ناھايىتى چۆچۈدى. ئىستالىنگرادتتا ئۇرۇش شۇ قەدەر كەسكىن بولدىكى، سوۋېت ۋە گېرمانىيە ئارمىيەلىرى بىر كوچا ياكى بىر بىنانى تالىشىپ ئۇرۇشۇپ كېتەتتى. بەزى بىنالارنىڭ بىرىنچى قەۋىتىنى سوۋېت ئەسكەرلىرى، ئىككىنچى قەۋىتىنى گېرمانىيە ئەسكەرلىرى، ئەڭ ئۈستىنى يەنە سوۋېت ئەسكەرلىرى تىزگىلەپ، قاتمۇ-قات ئۇرۇشىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەنىدى. ئەسكەرلەر بەزىدە فاتېفون ياكى فاتېفون تەخسىلىرىنى تېپىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ياڭرىغان مۇزىكا ئاۋازلىرى كەسكىن ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ئاسمىنىدا شامال بىلەن تەڭ ئۇچۇپ يۈرەتتى. گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئىلگىرلىگەندىكى بىرلىكى كېلومېتىر بولسا ئىستالىنگىرادتا ئىلگىرلەش بىرلىكى مېتىرغا ئايلىنىپ قالغانىدى.
ئامېرىكا مۇخبىرى مۇشۇ مەزگىلدە ئېلان قىلغان ئۇرۇش خەۋرىدە:«گېرمانىيە پولشانى بېسىۋېلىش ئۈچۈن 28 كۈن سەرپ قىلغان، ئىستالىنگرادتا بولسا بىر ئىككى بىنانىلا بېسىۋالالايدۇ.فىرانسىيەنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن 38 كۈن سەرپ قىلغان، ئىستالىنگرادتا بولسا بىر ئىككى كوچىنى ئىگلىيەلەيدۇ» دەپ يېزىپ، سوۋېتتىن يىراق زېمىنلاردا فاشىزمغا قارشى خەلقلەرنىڭ گېرمانىيەنىڭ مەغلۇبىيتىنى بىلىۋېلىشىغا مەنىۋى كۆۋرۈك سېلىپ بەردى.
چۇيكوف ئالدىنقى سەپتە مەزمۇت تۇرۇپ ئۆز ئەسكەرلىرىگە مەدەت بەردى،. سوۋېت ئارمىيەسى دۈشمەن بىلەن بولغان ئارىلىقنى 30 مېتىر ئەتىرىپىدا ساقلاپ، دۈشمەننى بومباردىماننى توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى. سوۋېت ئەسكەرلىرى گېرمانىيە ئەسكەرلىرى بىلەن گىرەلەشمە جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى زور چىقىمدار قىلدى. گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كەيپىياتى چۈشۈپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ جەڭ ناھايىتى كەسكىن بولدى. پاۋرۇسنىڭ 6-ئارمىيەسى ئىستالىنگرادنىڭ %90 تىن ئارتۇق زېمىنىنى ئىگىلەپ بولغاندا، توساتتىن شەھەرنىڭ شىمال ۋە جەنۇبىدىن سوۋېت ئارمىيەسى تۇيۇقسىز بۆسۈپ كىرىپ، پاۋرۇس قوشۇنىغا ئېغىر زەربە بەردى. 1942-يىلى 20-نويابىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دون دەرياسى يۆنىلىشى ئارمىيەسى، شەرقىي جەنۇب يۆنىلىشى ئارمىيەسى، ئىستالىنگراد يۆنىلىشى ئارمىيەسى ۋە باشقا قوشۇنلىرى ئىستالىنگراد ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى قورشىدى. پاۋرۇسنىڭ خىيالى ئىستالىنگرادتىلا قېلىپ، ئىككى تەرەپتىكى مۇداپىئەگە ئەھمىيەت بەرمىگەچكە، سوۋېت ئارمىيەسى تېزلا مۇھاسىرە ھالقىسى تۈزۈپ، دۈشمەن ئارمىيەسىنىڭ تەمىناتىنى ئۈزىۋەتتى. قورشاۋدا قالغان گېرمانىيە ئارمىيەسى سوغۇق ۋە ئاچلىق ئازابى تارتىپ ئىستالىنگرادنىڭ شىمالىغا، جەنۇبىغا قاپسىلىپ قالدى ۋە 1943-يىلى 2-فېۋرال پاۋرۇس قوماندان ۋە ئەسكەرلىرى بىلەن بىللە سوۋېت ئارمىيەسىگە تەسلىم بولدى. بىر مەھەل قۇتراپ خېلى كۆپ دۆلەتلەرنى بېسىۋالغان گېرمانىيە فاشېستلىرىنىڭ بۇ مەغلۇبىيىتى، ئۆزلىرى «تۆۋەن تەبىقە» دەپ كەمسىتىۋاتقان سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ بىر قوشۇق قېنىنى تىلىشى ئۇلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان زومىگەرلىكىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن سوۋېت ئارمىيەسى شىددەتلىك قايتارما ھۇجۇم قىلىپ، شىمالىي كاۋكاز ئېگىزلىكى ۋە دون دەرياسى قىرغىقىدىكى گېرمانىيە، ئىتالىيە، بۇلغارىيە ئارمىيەلىرىنى خېلى يىراققىچە چېكىندۈرۈپ، ئىككىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان ئىستالىنگراد جېڭىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ جەڭدە گېرمانىيەنىڭ تۆتىن بىر قىسىم سەرخىل قوشۇنى يوقىتىلدى. سوۋېت ئارمىيەسى غەلبەسېرى ئىلگىرىلەپ، ئۆز بايرىقىنى گېرمانىيەنىڭ پارلامېنت بىناسى ئۈستىگە قادىدى. 1945-يىلى 30-ئاپرېل گىتلېر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. 2-ماي كۈنى بېرلىندىكى مۇداپىئە ئارمىيەسى قورال تاشلاپ تەسلىم بولدى. 1945-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيە شەرتسىز تەسلىم بولدى، بۇ دۇنياۋى ئۇرۇش فاشىست كۈچلەرنىڭ ھالاكىتى بىلەن تۈگەللەندى. 24-ئىيۇن كۈنى گېنېرال ژۇكۇفنىڭ تەشكىللىشىدە ھەيۋەتلىك ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلۈپ، ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسى تەبرىكلەندى.
ئاپتور: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3-يىللىق 11-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى
مۇھەررىر: مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار(تەكلىپلىك)
مەنبە: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى