ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى 1. دەرسلىكنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ، دەرس لاھىيەسىنى ئەستايىدىل تەييارلاش ، ماتىماتىكىلىق ئوقۇم دەرسى ، مەشىق دەرسى ۋە تەكرار دەرسىنى ياخشى ئۆتۈش .
2. ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ ، موھىم نوقتىنى چىڭ تۇتۇپ ، قىيىن نوقتىنى بۆسۈش نوقتىسى قىلىپ ، مەشىقلەندۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش ، ئوقۇغۇچىلاردا ئىقتىدار يىتىلدۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوشلۇق تەسەۋۋۇر قابىليىتى ، لوگىكىلىق تەپەككۇر قابىليىتى ۋە ھىساپالاش قابىليىتىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىرىش .
3. دەرستىن سىرتقى تاپشۇرۇقلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ، ئىنكاسقا دىققەت قىلىش ، مەسىللەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ، ئوقۇمنى چۈشەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش ھەمدە بىلىم نوقتىسىنى ئەستايىدىل ئەمىللەشتۈرۈش .
4.دەرستىن كىيىنكى تەكرارلاشنى ئەستايدىل ئىلىپ بىرىش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇئاللىرىغا قىزغىن ، سەۋرىچانلىق بىلەن جاۋاپ بىرىش ، ماتىرىيالغا ئاساسەن ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىپ ، سەۋىيسى ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىشدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش .
5. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشى تەس بولغان بىلىملەرگە قارىتا ، ۋاقتىدا تولۇقلاش تەدبىرىنى قوللىنىپ ، دەرستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بىرىپ ، ئۉزگەرتىش ئىلىپ بىرىش ، بۇ ئارقىلىق ماتىماتىكا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئوموميۈزلۈك يۇقىرى كۆتىرىش .
6. كوللىكتىپقا كۆڭۈل بۆلۈش ، چوڭ ۋەزىيەتنى نەزەرگە ئىلىپ ، 2- دەرسخانا پائالىيىتىنى تەشكىللەش ، تەكرارلاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ ، ماتىماتىكىدا ئالاھىدىلىكى بولغان ئوقۇغۇچىلارنى نوقتىلىق تەربىيلەش ئىلىپ بىرىش .
7. ئوقۇتۇش ۋە يىتەكچىلىككە ماھىر بولۇپ ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەش ، سىياسىي – ئىددىيىۋى تەربىينى ماھىرلىق بىلەن ماتىماتىكا ئوقۇتۇشىغا سىڭدۈرۈپ ، ئەقلى ئىقتىدار يىتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش .
8. كەسپى جەھەتتىكى ئۆزلىگىدىن تەربىيلىنىشنى تەشەببۇس قىلىش ، پىسخولۇگىيە ، ماتىماتىكا پىداگوكىسىنى تىرشىپ ئۈگىنىپ ، كەسپى سەۋىيسى ۋە ئوقۇتۇش مىتودىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىرىش .