. مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيۈپ ، ئۆز خىزمىتىنى خاتىرجەم ئىشلەش ئوقۇتۇش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، ئوقۇتۇش ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاش .
2. ئوقۇغۇچىلارنى ئاسراش ، ئوقۇغۇچىلارغا غەمغۇرلۇق قىلىپ ، سەۋرىچانلىق بىلەن تەربىيە ئىلىپ بىرىش ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىك .
3. دەرس بەرگەن پەننىڭ ئوقۇتۇش پىلانىنى تۈزۈش، ئوقۇتۇش پىروگراممىسىنى تۇتقا، ئوقۇتۇش ماتىرىيالىنى ئاساسى پىرىنسىپ قىلىش، ئوقۇتۇش ماتىرىيالىنى چۇڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ھەر بىر سائەتلىك دەرسنى ياخشى ئۆتۈش .
4. ئوقۇتۇش مىتودىنى تىرشىپ ئىسلاھ قىلىپ، ھەم ئادەم تەربىيلەش ھەم ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىلىم بىرىش بىلەن ئىقتىدار يىتىلدۈرۈشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئالدىن ئۈگىنىشكە يىتەكچىلىك قىلىش، سەۋرىچانلىق بىلەن تەكرار قىلىپ بىرىش، تاپشۇرۇقلارنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا تەكرارغا تەشكىللەپ، ئۈگۈنۈش ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەش .
5. ئۈزى باشلامچى بولۇپ ، باشقىلارغا ئۆلگە بولۇش . ئوقۇتقۇچىلار ئىددىيە- ئەخلاق ، مەدەنىي ساپا ، تۇرمۇش ئىستىلى ، گەپ – سۆز، يۈرۈش-تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوقۇغۇچىلارغا ئۆرنەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇش .
6. مەدىنيەت ، كەسپى بىلىملەرنى ، مائارىپ نەزىريىسىنى تىرشىپ ئۈگىنىپ ، ئۆزىنىىڭ ئىددىيۋى ئىڭى ۋە مەدىنىيەت ، كەسپى سەۋىيسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىرىش .