ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى 1. ھەربىر دەرسلىكنى ئەستايىدىل تەييارلاش بولۇپمۇ ماقالىنىڭ قۇرۇلمىسى ، يىزىقچىلىق ماھارىتى ، مۇھىم ، قىيىن نوقتىلىرى، خەت سۆز مەنىسى، ئوقۇتۇش نىشانى ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەييارلاش . ھەربىر دەرسنى ئۆتكەندە نىشانى ئىنىق ، مەزمۇنى ھەقىقى ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىلمى بولۇش .
2. مەزمۇنى راۋان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش ،دەرس سۆزلىگەندە دەرسنىڭ ئىددىيۋى مەزمۇنى ئىچىپ بىرىش ، ئۆتۈلگەن دەرستىن پايدىلنىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەننى ، خەلقنى ، ئەمگەكنى ، ئىلىم – پەننى ، ھەقىقەتنى ، گۈزەللىكنى سۆيۈش قاتارلىق تەربىيەلەرنى ئىلىپ بىرىپ ، ئوقۇغۇچىلاردا ئىسىل ئەخلاقى پەزىلەت يىتىلدۈرۈش .
3. ئاساسى بىلىمنى چىڭ تۇتۇپ ، ئەدىبىيات دەرسنىڭ قۇرالچانلىق رولىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ ، خەت، سۆز، جۈملە قاتارلىق ئاساسى بىلىم ئوقۇتۇشىغا ئەھمىيەت بىرىش ، ئوقۇتۇش پىروگراممىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقايسى باسقۇچ ، ھەرقايسى يىللىقلارغا قويغان تەلەپلىرىنى پىششىق بىلىش ، ھەرقايسى باسقۇچ ، ھەرقايسى يىللىقلارغا ئىگەللىتىشكە تىگىشلىك مەزمۇنلارنى ئەمىللەشتۈرۈش .
4. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئەتراپلىق يىتىلدۈرۈپ ، قوزغىتىش ئۇسۇلىنى كۆپ قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش ، سۆزلەش ، يىزىش ، ئوقۇش ئىقتىدارىنى تىرشىپ يىتىلدۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئابىستىراكىت تەپەككۇر قىلىش بىلەن ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى تىرشىپ يىتىلدۈرۈش .
5. ماقالە يىزىش ئوقۇتۇشنى تىرشىپ ياخشىلاش. ماقالە ئوقۇتۇشىدا سىستىمىلىق ، ئىلمىيلىق ، باسقۇچلۇق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ، ھەرقايسى يىللىقلارنىڭ ماقالە يىزىش مەشىقىدە موھىم نوقتا گەۋدىلىك ، مىقدارى مۇۋاپىق ، شەكلى كۆپ خىل بولۇش ، ماقالە تەكشۈرۈشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىزىقچىلىق قابىليىتىنى يۇقىرى كۆتىرىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى قىلغان بولۇش ، ماقالە تاپشۇرۇقى بىرىش ۋە ئوقۇغۇچىلار يازغان ماقالىنى تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش لازىم .