خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مەكتەپ ھەممە ئىشنى ئاتا-ئانىلارغا يۈكلەپ قويماسلىقى كېرەك

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2014-10-21 21:16



مەكتەپ ھەممە ئىشنى ئاتا-ئانىلارغا يۈكلەپ قويماسلىقى كېرەك

مەكتەپ ھەممە ئىشنى ئاتا-ئانىلارغا يۈكلەپ قويماسلىقى كېرەك

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قىىزم ئوقۇۋاتقان سىنىپنىڭ ئۈندىدار توپىغا قاراش ھەر كۈنى چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشىمغا ئايلاندى. ئۈندىدار توپىنى ئېچىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ بەرگەن تاپشۇرۇقى ۋە باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىلار بىر-بىرلەپ بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرىدۇ، بولمىسا سىنىپ تەربىيەچىسى بىلەن مەكتەپ تەرەپ جاۋاب قايتۇرمىغان ئاتا-ئانىنى ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىز، دەپ قارايدۇ.

ھازىرقى بالىلارنىڭ ئوقۇش ئۇسۇلى كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدىكىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇقنى بالىلارغا ئەستايىدىل جېكىلمەيدۇ، ئەكسىچە ئاتا-ئانىلارغا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ، ئاتا-ئانىلارغا تاپشۇرۇقلارنى تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

ناۋادا بۇ دەۋرىدىكى چاقىرىق قىلىش ۋە سەپەرۋەرلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئەڭ ئىگە شەخسىنى تاللاش توغرا كەلسە، مېنىڭچە ئوقۇتقۇچى ئەڭ ياخشى نامزات بولالايدۇ، چۈنكى مەكتەپ ھەر قېتىم پائالىيەت قىلغاندا، ئوقۇتقۇچى ئۈندىدار توپىدا پىلاكات ياساش، كىيىم-كېچەك قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى بىرلا ئېلان بىلەن ھەل قىلىۋېتىدۇ، قايسى ئاتا-ئانىنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىنى سورىسا، ئۇزاق ئۆتمەيلا بەش-ئالتە ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ قىلالايدىغانلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىلدۈرىدۇ. مائارىپ بېسىمىنى يەڭگىللىتىشنىڭ نەتىجىسى مەكتەپنىڭ قىسمەن مەسئۇلىيىتىنى ئاتا-ئانىلارغا يۈكلەشتە ئىپادىلەندى.

ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى دەۋردە ئاتا-ئانىلارنىڭ بىر ئاز مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى بەرھەق، بىراق مەكتەپلەرنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ قىيىنچىلىقىنى ئويلىشىشىنى، كۆپلىگەن ئىشلارنى بىۋاستە ئوقۇغۇچىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، چۈنكى بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزى ئورۇنلاش زۆرۈر بولغان پەرمان ھېسابلىنىدۇ، ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسىمۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپىنى چوقۇم ئاڭلايدۇ.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار