ئوقۇغۇچىنىڭ خاسلىقى،خاتالىق سادىر قىلىشتىكى سەۋەپلەر ۋە ئۇنى تۈزۈتۈش ئۇسۇللىرى
تۇردى توختى
(ئۇقۇتقۇچىلار ۋە سىنىپ مەسئۇللىرىغا سۆزلەنگەن ماتىريال)

سويۇملۇك تورداشلار ،ياخشىمۇ سىلەر! مەن مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ۋە خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن تورغا ئاساسەن چىقمىدىم،شۇنداقلا ئانچە - مۇنچە ئۇقۇتۇش ۋە مائارىپقا بولغان تەجىربىلەرنى تەسىرات سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشتەك -«يېزىقچىلىق» ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقىمۇ پۇرسەت كام بولدى(بۇ ئۆزەمنىڭ بوشاڭلىغى ) .مۇشۇنداق بانا سەۋەپلەر بىلەن بىر نەرسە يازمىغىلى ۋە يوللىمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن،يۇقۇرقىدەك بىر مەجبۇريەتلەر تۈپەيلىدىن بۇ ماتىريالنى تەييارلىغان ئىدىم،كەسىپداشلارغا ياردىمى بوپ كالا دىگەن ئۈمۈتتە بۇ مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم. قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئالغان بولسام ۆۆچۈرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
بارلىق تورداشلارغا سالاملار بولغاي،ئىشلىرىڭلارنىڭ ئاسىيىشلىق بولىشىنى تىلەيمەن!
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار،سۆيۈملۈك سىنىپ مۇدىرى يولداشلار،جاپالىق ۋە شەرەپلىك خىزمەتنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولغان مېھرىبانلار.بۇگۇن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىلەرگە مەكتەپ كوللىكتىۋى نامىدىن ئالى ئېتىرام بۈلدۈرىمەن! سىلەرنىڭ كۇنلىرىڭلارنىڭ ئاسىيىشلىق ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتىشىنى،كەلگۈسىڭلارنىڭ خەيرىلىك بولىشىنى تىلەيمەن! سىلەرنىڭ جاپا ئىچىدىن خۇشاللىق،قىيىنچىلىق ئىچىدىن ئەقىل-پاراسەت،كەسىپ ئىچىدىن ئاۋانگارتلىق ، پەرزەنتىلىرىمىز ئارسىدىن تەپەككۈر تېپىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن!.سىنىپ مەسئۇلىرى، سىلەر ئۇقۇتقۇچىلار قوشىنىدىكى ئەڭ جاپاكەش،ئەڭ مىننەتسىز بىر توپ بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن ئادەم تەربىلەش ۋە باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدىيىۋىلىكى ۋە ئىجدىمائىلىغى كۈچلۈك ، ئەڭ مۇرەككەپ بولغان ئادەمنى ئادەم قىلىپ تەربىلەپ چىقىشتەك يادۇرۇلۇق ۋەزىپىنى ئۈستۈڭلەرگە ئالغان ئۇلۇغ ئىنسان سىلەر! مەن بۇ يەردە سىلەرگە پۈتۈن خەلقىمىز نامىدىن ئۇتۇقلار تىلەيمەن!
بىز ئۇقۇتقۇچىلارمۇ ئاددىي بىر ئادەم ،بىز ئەۋلىيا ئەمەس،بىزمۇ ئاددىي ئادەملەرگە ئوخشاشلا تەربىلىنىشكە،بىلىم ئېلىشقا،كىشلىك مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ، تۈرلۈك ئېتىياچلىرىمىزنى قاندۇرۇشقا ھەتتا «خاتالىق» سادىر قىلىشقا ئېتىياچلىق بولۇپ تۇرىمىز. لىكىن نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بىز بۇ ئېتىياچلىرىمىزدىن ۋاز كىچىپ ، بارلىغىمىزنى پەرزەنەت تەربىلەشكە بېغىشلايمىز.بۇنى بىزنىڭ خىزمىتىمىزنىڭ ئالاھىدىلىگى بەلگىلىگەن. بۇ بىر يۈكسەكلىك. بۇنىڭ يۈكسەكلىكى ئۆزىنىڭ باللىرىنى تەربىيلەشكە ۋاقتى يوق،باشقىلارنىڭ باللىرىنى تەربىلەشكە ۋاقىت يىتىشتۈرۈپ بولالمايۋاتقانلىقىمىزدا كونكىرىت ئىپادىلىنىدۇ.دۇنيادا ئۇقۇتقۇچىدىن باشقا ئۆزىنىڭ باللىرغا بېرەلمىگەن مىھرى – مۇھابەتنى باشقىلارنىڭ باللىرىغا ئاتا قىلالايدىغان يانا بىر ئىسان يوق ! مانا بۇ بۇيۈكلۈك،مانا بۇ ئالىجاناپلىق،مانا بۇ بېغىشلاش!
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك تەلىم – تەربىيە جەريانى ماھىيىتىدىن قىلىپ ئېيتقاندا ئادەملەر ئارىسىدىكى ھىسىيات ئالماشتۇرۇش جەريانى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇ خىلدىكى ھىسىيانى قانداق ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن بىزدە بەلگۈلۈك ھالدىكى پىسخىك چۈشەنچە بولۇشى كېرەك. ئۇقۇتقۇچى بولغان بۇلۇپمۇ سىنىپ مۇدىرى بولغان ئۇقۇتقۇچىلاردا بۇ خىلدىكى چۈشەنچە ئەلۋەتتە بار.سىلەر ئۆزگۈچە تەربىلەش ئۇسۇلىنى ياراتقان ، نۇرغۇنلىرىڭلار پىشىپ يىتىلگەن پىداگوك - « ئىنسان روھىنىڭ لاھيىلىگۈچىلىرى » شۇنىڭغا مۇناسىپ ھادا ئارىمىزدا ياش ، سىنىپ مۇدىرلىق ۋە ئادەم تەربىلەش خىزمىتىگە بولغان تۇنۇش ئايدىڭلىشىپ كەتەلمىگەن ئۇقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ بار. قانداق بولۇشتىن قەتتىئى نەزەر بىز ئۇقۇتقۇچى ھەم سىنىپ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاز –تولا پىسخىك تەربىيەگە ئىگە بولۇپ تۈرۈشقا ئېتىياچلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن مۇشۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ سىلەرگە « ئۇقۇغۇچىنىڭ خاسلىقى،خاتالىق سادىر قىلىشتىكى سەۋەپلەر ۋە ئۇنى تۈزۈتۈش ئۇسۇللىرى » توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىنى يەتكۈزۈپ،سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى مەن. قىممەتلىك ۋاختىڭلارنى ئېلىپ قويغان بولسام سىلەردىن ئۆزرە سورايمەن.
1.ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خارەكتىر خاسلىقى (تىمپىرامېنىت – مىجەزى)
ئۇقۇتقۇچى بولغان ئادەم ،بۇلۇپمۇ سىنىپ مۇدىرى بولغان ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خارەكتىر ئالاھىدىلىگىنى (خاسلىقىنى)يىتىدۈرىدىغان خىلىتلارنى چۇقۇم بۈلىۋېلىشى كېرەك.بۇ خىل تىمپىرامېنىت بىلەن ياخشى تۇنۇشۇش ماھىيەتتە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىنى چۈشۈنۈپ ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن ئوخشاش بولمىغان مىجەزگە ئىگە ئۇقۇغۇچىلارنى تەربىيەشتە ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
تىمپىرامېنىتنى قەدىمقىلەر تۆت تۈرگە بۆلگەن بۇلۇپ ھازىرقى زاماندىكى پىسخىك ئالىملارمۇ مۇشۇ تۆت تۈرلۈك تىمپىرامىنىتنى شۇ بۇيۇچە قوللىنىپ كىلۋاتىدۇ.مىلادىدىن ئىلگىركى 5-ئەسىردە قەدىمقى گىرىتسىيەلىك دوختۇر ھىپپىگرات بىلەن رىم دوختۇرى گالىن تىمپىرامىنىت ھەققىدىكى تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ئۇلار ئادەم تىمپىرامىنىتىنى تۈۋەندىكىدەك بۆلەكلەرگە بۆلگەن.يەنى قان،بەلغەم،قارا ئۆت ،سېرىق ئۆت دەپ قارىغان.يۇقارقىلارنىڭ ئىلمىي ئاساسى كەمچىل بولسىمۇ ئۇ تىمپىرامىنىتنىڭ دەسلەپكى ئاساسى بولۇپ،ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلىش ۋە مۇكەمەللىشىشكە ئاساس سالغان.
بىز تۈۋەندە تىمپۇرامىنىتنىڭ تۆت خىل ئاساسلىق شەكلىنىڭ ئالاھىدىلىگى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتىمىز.بۇنى ئىگەنلەش بولسا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خارەكتىر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ماس ھالدىكى تەربىيە ئېلىپ بېرىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
كۆپ قانلىقلار(سېرىق ئۆت سۇيۇقلۇقى) – بۇلار جانلىق،تىتىك كېلىدۇ.زېرەك ، چىچەن،ئىنكاسى تىز بۇلۇپ ،سەزگۈر كېلىدۇ.كەيپىيات ئىپادىسى تىز بۇلۇپ،ئۆزگۈرۈشچان كېلىدۇ.سەمىمى بولۇپ،باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. ناھايتى پائالىيەتچان كېلىدۇ. ئاجىزلىغى بولسا يىنىكلىك،ئالدىراقسانلىق،چىدامسىز ئۆزگۈرۈشچان خاراكتىرگە ئىگە.
سەپرا(قان) – بۇلارنىڭ كۈچ قۇۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ،قىزغىن،كەيپىياتى تىز ھەم جانلىق ، ئىنكاسى تىز ، ھەركىتى جانلىق كېلىدۇ.يۈرەكلىك بۇلۇپ ئۈنلۈك گەپ قىلىدۇ.ئاجىزلىغى- ئۆزىنى تۇتالماسلىق،مىجەزى پارتىلاش خارەكتىرلىك بولۇپ چېچىلاڭغۇ،باشقىلار بىلەن ئاسانلا توقىنىشىپ قالىدۇ.چۈشەنمەي پىكىر قىلىشقا ئالدىرايدۇ.
بەلغاملەر – بۇلار جىمغۇر ئېغىر بېسىق كېلىدۇ،كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولۇشى ئاستا ھەم ئاجىز بولىدۇ.گەپ سۆزى،تەپەككۇرى بىر قەدەر ئاستا بولىدۇ.دىققىتى تۇراقلىق بۇلۇپ ئاساسنلىقچە يوتكەلمەيدۇ.سالماق ،چىداملىق كېلىدۇ.تەرسا، جايىل بۇلۇپ باشقىلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ.مۇتىئەسسىپ بولۇپ،يېڭىلىققا ئىنتىلمەيدۇ.
سەۋدالار(قارا ئۆت) – بۇ خىل تىمپۇرامىنىت تىپىدىكىلەر سەزگۈر كېلىدۇ.چىدامچانلىغى تۈۋەن بولغانلىقتىن كۈچلۈك غىدىقلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.ھىسىياتى نازۇك بولۇپ كۆڭلى ئىنىچكە كېلىدۇ.باشقىلاردىن ئاسانلا گۇمانلىنىدۇ.ئىنكاسى سۇس بۇلۇپ مەسىلىلەرنى ئاڭقىرىشى تۈۋەن بولىدۇ.ئۆزىنى تۈۋەن چاغلايدۇ ،ئۇ ئىچىگە مايىل تىپ بولۇپ،مىجەزى يۇشۇرۇن بولىدۇ.(تورموزىلىنىش خارەكتىرگە ئىگە)
شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى ئاز ساندىكى كىشىلەر تىپىك ھالدىكى تۆت خىل تىمپىرامىنىت تىپىنىڭ ۋەكىللىرى بولسىمۇ ،نۇرخۇن كىشىلەر تۆت خىل تىمپىرامىنىت تىپىنىڭ ئارالاشما خارەكتىرىگە ئىگە بولغاچقا مۇرەككەپ خارەكتىر ئالاھىدىلىگىگە تەۋە بولۇپ،بىز ئۇقۇغۇچىلارنى گۈزەتكەندە ئۇنىڭ قايسى تىپقا مايىل ئىكەنلىگىنى ئىنىچكىلىك بىلەن گۈزۈتۈپ ، ئوخشىمىغا خارەكتىر ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان تەربىيە ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقا ماھىر بولىشىمىز لازىم. بۇ ئۇقۇتقۇچىدىن كەڭ قوساق،سەۋرىچان ، زېرەك ، پەزىلەتلىك ، ئىلمىي ھەم گۈزۈتۈشكە ماھىر بولىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇقۇتقۇچى يەڭگىللىك بىلەن ئۇقۇغۇچىلارغا تەربىيە ئېلىپ بارغاندا تەربىيە دەل بولماي ،ئۇقۇغۇچىنىڭ غۇرۇرىغا تىگىپ قۇيۇپ ، ئۆزىمىزنىڭ ھەم ئۇقۇغۇچىنىڭ كۆڭلىنى مالال قىلىپ قويىمىز.
بىز ئۇقۇتقۇچى بولۇش سۇپىتىمىز بىلەن ئۇقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشىمىز ھەم ئۇلارنىڭ ئەڭ تۈۋەن چەكتىكى قەدىر – قىممەتكە ئىرشىش ھۇقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىم.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تۆت خىل تىمپىرامىنىت تىپىدىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىك ۋە ئاجىزلىقلارنى توغرا ئىگەنلەپ، ئۇقۇغۇچىلارغا پەرىقلىق تەربىيە ئىشلەشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۇگىنىۋېلىشىمىز لازىم بۇنىڭدا تۈۋەندىكى ماھارەتنى ئىگەنلىۋېلىش زۇۈرۈر.
كۆپ قانلىق ئۇقۇغۇچىلارغا مۇۋاپىق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسىتى ۋە ۋەزىپىسىنى يارتىپ بىرىشىمىز،ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ تەربىيەگە ئىگە قىلىپ،پۇختا ،ئەسدايىدىل ۋە قىيىنچىلىقنى يىڭىش ئىختىدارىنى يىتىلدۈرۈشىمىز لازىم.سەپرا تىپىدىكى ئۇقۇغۇچىلارغا قارتا سەۋرىچان بولىشىمىز، ئۇلارنى يىنىكلىك بىلەن تىرىكتۈرۈپ قويماسلىغىمىز ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋالالماسلىق خارەكتىرى بىلەن شەيئىلەرگە ئېتىبارسىز قارايدىغان ناچار پەزىلىتىنى ئاڭلىق ھالدا چېنىقتۇرىشىمىز كېرەك.بەلغەم تىپىدىكى ئۇقۇغۇچىلارغا قاراتا سەۋرى تاقەتلىك بولىشىمىز،ئۇلارنىڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىنىشقا، ئىنكاس قايتۇرۇشىغا ۋاقىت بىرىشىمىز لازىم.سەۋدا تىپىدىكى ئۇقۇغۇچىلارغا كۆپرەك غامخورلۇق قىلىشىمىز،دەردىگە دەرمان بولىشىمىز ،ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇلارنى ئەيىپلەشتىن ساقلىنىشىمىز،غۇرۇرىغا تىگىپ قۇيۇشتىن ساقلىنىشىمىز،ئۇلارنى كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇشىمىز،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بىرىشىمىز كېرەك.
يۇقىرقىدەك ئۇسۇللارنى قوللىنىش بىلەن بىرگە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدال خارەكتىرىگە ئالاھىدىلىگىگە ئەھمىيەت بىرىپ،ئۇلارنى قىزىقىشى ئاساسىدا يىتەكلەپ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئاساس سېلىشقا ماھىر بولىشىمىز كېرەك.چۈنكى خارەكتىر تىپلىرىنىڭ ئۆخشىماسلىقى تەبىئى ھالدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقى (ئىندىۋىداللىقىنى) پەيدا قىلغان بولغاچقا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتەك تەربىيە ئۇسۇلىدىن ساقلىنىپ،ئوخشىمىغان ئۇبىكتىپلارغا قارتا ماس ھالدىكى تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەك.
2.ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خاتالىق سادىر قىلىشىدىكى سەۋەپلەر
بىز يۇقىردا يۈزەكى بولسىمۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەپلەر ۋە خاسلىققا ئىگە ئۇقۇغۇچىلارغا قانداق تەربىيە ئۇسۇلى قوللىنىش كېرەكلىكى ئۇستىدە قىسمەن چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇق.ئەمدى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خاتالىق سادىر قىلىشىدىكى سەۋەپلەر بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خاتالىق سادىر قىلىشتىكى سەۋەپلەر ۋە خاتا ھەركەتلەر بىلەن ناچار ئەخلاقى پەزىلەت ھەركىتىنىڭ چەك – چىگىرىسىنى ئايرىۋالغاندا ئۇقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ دەل ،ئۈنۈملۈك تەربىيە ئېلىپ بېرىشىمىزغا ياردىمى بولىدۇ.
بىز ئالدى بىلەن قانداق ھەركەتنىڭ ئۇقۇغۇچىنىڭ خاتا ھەركىتى، قايسىلىرنىڭ ئۇقۇغۇچىنىڭ ناچار ئەخلاقى پەزىلەت ھەركىتى ئىكەنلىگى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتەيلى.
خاتا ھەركەتلەر دىگىنىمىز : - ئەخلاق تەلىۋىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەركەتلەر بۇلۇپ، ئۇ ئاساسنلا ئائىلىگە ۋە مەكتەپكە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.دىققەت قىلمىغاندا ناچار ئەخلاقى پەزىلەت ھەركىتىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.ئۇنىڭ ئالاھىدىلىگى بولسا قارغۇلارچە بولۇش،تاسادىبىيچانلىققا ئىگە بولۇش،ھالەتچانلىققا ئىگە بولۇش ، ئۆزگۈرۈشچانلىققا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت.مەسىلەن : مودا قوغلىشىش ، قارغۇلارچە چوقۇنۇش...
ناچار ئەخلاقى پەزىلەت ھەركەتلىرى دىگىنىمىز : - خاتا ئەخلاقى ئاڭنىڭ قوماندانلىغىدا ئەخلاق قايدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ ، باشقىلارنىڭ ياكى كوللىكتىپنىڭ مەئەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ھەركەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.ئۇ بىر خىل جىددىي،تۇراقلىق ھەركەت بولۇپ،دائىملىققا ، ئىختىيارلىققا ، مايىللىققا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.مەسىلەن ئۇمۇمنىڭ نەرسىسىنى بۇۋېتىش،ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ،باشقىلارنىڭ ئۆگۈنۈش تۈرمىشىغا تەسىر يەتكۈزۈش...
تەتقىقاتلارغا قارغاندا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ 13 – 15 ياش ۋاختى ناچار ئەخلاقى پەزىلەتنى يىتىدۇرۋالدىغان ، ياكى ناچار ھەركەتلەرنى ئەڭ دەسلەپ سادىر قىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھىسالىنىدىكەن ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ 15 – 18 ياش ۋاقتى بولسا ئۇلارنىڭ جىنايەت ئۆتكىزىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ھىساپلىنىدىكەن،شۇنداقلا ھازىر جىنايات ئۆتكۈزۈش يېشى كۈنسىر كىچىكلىككە قاراپ يۈزلىنىۋېتىپتۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇشۇ ھالقىلىق ياش مەزگىلدىكى ئۇقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ،ئۇلارغا ئادەم بولۇشنىڭ يۇلىنى كۆپرەك ئۈگۈتۈش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم . بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خاتا ھەركەت سادىر قىلىشنىڭ ئۇبىكتىپ ۋە سۇبىكتىپ سەۋەپلىرنى ياخشى ئىگەنلىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق قىلالىساق بىز خاتالىق سادىر قىلىشتىكى ماھىيەتنى ئىگەنلەپ ، مەسىلىنى تۈپ يىلتىزدىن ھەل قىلىشقا ئاساس سالالايمىز.
1) ئۇقۇغۇچىلاردا خاتا ھەركەتلەرنى پەيدا قىلىدىغان ئۇبىكتىپ سەۋەپلەر
ئىجىدىمائى مۇھىتتىكى پاسىسپ ئامىللارنىڭ تەسىرى : (1) جەمىيەتتىكى ھەر خىل خاتا ئىدىيەلەر،ناتوغرا كەيپىياتلار ، ئىجدىمائى مەدىنىيەت تۇرمۇشى(تور ، ئەدىبىيات – سەنئەت، كىنو ، تىلىۋۇزۇر قاتارلىقلاردىكى ساغلام بولمىغان مەزمۇنلار) (2) جەمىيەتتىكى ناچار،بۇزۇق ئادەملەرنىڭ تەسىرى (3) ياش – ئۆسمۈرلەر ئىچىدكى مەدىنىيەتسىزلىك ۋە قارغۇلارچە ئاغاينىدارچىلىق قىلىش ئامىللىرى.
ئائىلە قۇرۇلمىسىنىڭ ناچار تەسىرى : (1) ئائىلە قۇرۇلمىسىنىڭ ۋەيران بولۇش تەسىرى (ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاجرىشىپ كىتىشنىڭ تەسىرى) (2)ئائىلە مۇناسىۋەت قۇرۇلمىسىنىڭ بۇزۇلۇشى (ئائىلىدىكى تۈگىمەيدىغان ئىچكى نىزانىڭ تەسىرى) (3) ئائىلە ئاڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ياخشى بولماسىلىغى (ئائىلە ئازالىرىنىڭ ئىدىيىسىدىكى خاتا ،ناچار ئىللەتلەرنىڭ تەسىرى) (4) ئائىلە باشلىغىدىكى ناچار خارەكتىرنىڭ تەسىرى.
ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ناچارلىغى ۋە ناچار شارايىتنىڭ تەسىرى (1) ئائىلە تەربىيەسى شارايىتى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سەۋىيەسىنىڭ بەك تۈۋەن بولۇشى (2) ئائىلە تەربىيەسىدىكى خاتا پۇزۇتسىيە ۋە ئۇسۇللار
مسىلەن: بەك ئەركىلىتىش،ئەقلى جەھەتتىنلا تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرشى ۋاھاكازالار.
مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىغى : مەكتەپ سېسىتمىلىق ۋە ئورگانىك ھالدا تەربىيە ئېلىپ بېرىشىنى مەقسەت قىلسىمۇ بىراق ئۇنىڭمۇ تەربىيە ئۇسۇلىدا يىتىشسىزلىك ئىللەتلىرى ساقلانغان بولىدۇ. بۇ ھال قىسمەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسۈتۈپ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خاتا ھەركەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا سەۋەچى بولۇپ قالىدۇ.
مەسىلەن: مەكتەپ يۇقىرىلاپ ئۇقتۇش نىشانى قوغلۇشۇپ ، ئەخلاقى پەزىلەت تەربىيەسىگە سەل قاراش ، شەكىلۋازلىق قىلىش ئىللەتلىرى... قاتارلىقلار.
پىسخولوگىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا مەكتەپتە تۈۋەندىكىدەك مەسىلىلەر ساقلانغان بولىدۇ.
(1) ھەدىدىن ئارتۇق تەلەپ قۇيۇپ،ئۇقۇغۇچىنىڭ ياش ۋە جىنسى ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلماي،ئۇلارغا چوڭ ئادەملەرگە مۇئامىلە جىلغاندەك مۇئامىلە قىلىش.
(2) ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنى بويسۇنغۇچى دەپ قاراپ ھەممىدە ئۆزى مەرگەز بولىۋېلىپ،ئۇلارنىڭ پىسخك ئالاھىدىلىگىگە ۋە ئادىمىيلىك ئىمتىيازىغا ئېتىۋار بەرمەسلىك،ئۇقۇغۇچىنى ھۆرمەتلىمەسلىك.
(3)ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم بىرىشكىلا ئەھمىيەت بىرىپ،تەربىلەشكە سەل قارىشى
(4) مەكتەپتىكى تۈرلۈك بېسىملار م : ئىمتىھان،ئۈگۈنۈش بېسىمى
(5) مەكتەپ جەمىيەت ئائىلىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ تەربىيەسىنىڭ بىر بىردىن ئايرىلىپ قېلىشى
ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىغىنىڭ تەسىرى :
ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىغىمۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خاتا ھەركەت سادىر قىلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ.(1) ئۇقۇتقۇچىنىڭ پىداگوكىكا ۋە پىسخولوگىيە بۈلۈملىرنىڭ كام بولىشى (2) مىجەزىنىڭ ئىتتىك،ئۆزىنى كۆنتۇرۇل قىلىش كۈچۈنىڭ تۈۋەن بولىشى(3) ئۇقۇتقۇچىنىڭ تىلى گۈزەل بولماسلىق،قوپال،سەت گەپلەردىن خالى بولالماسلىق ئەھۋالى (4) ئۇقۇغۇچىنىڭ شەخسىيىتىگە تىگىش ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى چىشلەپ تارتىشتەك توغرا بولمىغان تەربىيە ئۇسۇلى (5) ئۇقۇغۇچىغا تەن جازاسى بىرىش ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بىرىش ئەھۋالى (6) ئۇقۇتقۇچىنىڭ سورۇنغا دىققەت قىلماي ئېلىپ بارغان تەنقىتلىرى (7) ئۇقۇغۇچىغا ئىشەنمەسلىك ۋە خاتا قوللىنىلغان تەقدىرلەش ، تەنقىتلەش ئەھۋاللىرى
2 ) ئۇقۇغۇچىلاردا خاتا ھەركەتلەرنى پەيدا قىلىدىغان سۇبىكتىپ سەۋەپلەر(پىسخىكىلىق سەۋەپلەر)
ئۇقۇغۇچىلاردا خاتا ھەركەتلەرنىڭ سادىر بولىشىغا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىدىكى پىسخىكىلىق(سۇبىكتىپ) سەۋەپلەرمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
(1) ساغلام بولمىغان شەخسى ئېتىياچلار : ئېتىياج كىشىلەر پائالىيىتىنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچى.ساغلام بولمىغان ئېتىياچلار خاتا ھەركەتنى پەيدا قىلىپ، ناچار ئەخلاقى پەزىلەتنى شەكىللەندۈرىدۇ،ساغلام بولغان ئېتىياجلار بولسا ياخشى ئەخلاقى پەزىلەتنى يىتىلدۈرۈشتە تۈرۈتكىلىك رول ئوينايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ساغلام بولغان ئېتىياجلارنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلىنىپ،ناچار ئېتىياجلارنى ياخشىلىققا يىتەكلىشىمىز كېرەك.
مەسىلەن: ئۇقۇغۇچىنىڭ ھۆرمەتلىنىش ئېتىياجى،ئىستىمال ئېتىياجى،ھىسىيات ئېتىيۇاجى... جىنسى ئېتىياچ قاتارلىقلارنى يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بىرىپ،ئۇقۇغۇچىدا ساغلام ھەركەت پائالىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
(2) توغرا ئەخلاقى بىلىشنىڭ كەمچىل بولىشى : بەزى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى بىلىشى كەمچىل بولىدۇ،توغرا – خاتا قارىشى ئېنىق ئەمەس،گۈزەللىكتىن بەھىرلىنىش ،ئۇنى يارتىش ئېڭى يۇقىرى ئەمەس،رەزىللىكنى پەرىق ئېتىش ئىختىدارى تۈۋەن بولىدۇ.قانۇن-تۈزۈم ساۋادى كەمچىل ، ھەق ناھەقنى ئاستىن ئۇستۈن قىلىۋاتىدۇ.
(3) پاسسىپ كەيپىيات تۇيغۇسى : پاسسىپ كەيپىيات تۇيغىسىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ھەر خىل بولىدۇ. مەسىلەن: گوروھ بولىۋېلىش، «مەرتلىك»نى ئەلا بىلىش،ھەر تەرەپتىن كەلگەن بېسىم،كەمسىتىشلەرگە ئۇچراش، ئۆزىنى قۇبۇل قىلىدىغان شەخسى ياكى توپقا ئىرشەلمەسلىك قاتارلىقلار ئۇقۇغۇچىنىڭ كەيپىياتىنى تۈۋەنلىتىپ،ئۇلاردا چۈشكۈنلۈكنى پەيدا قىلىدۇ.بۇ خىل چۈشكۈلۈك تېبىئى ھالدا خاتا ھەركەتنىڭ كىلىپ چىقىشىنى تىزلىتىدۇ.
(4) ئەخلاقى ئىرادىسى ئاجىز بۇلۇش : بۇنداق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلەقى بىلىمى يىتەرلىك،ياخشى- يامان،ھەق- ناھەق قارشى ئېنىق،توغرا- خاتانى پەرىقلەندۈرش ئىقدىدارى يۇقىرى بولۇپ،ئەخلاقى ئىرادىسى ئاجىز بولغانلىغى ئۇچۇن ئۇلار «قىلماي دەپ تۇرۇپ، قىلىشتەك»ئىرادە ئاجىزلىقىنىڭ قۇللىرى بولۇپ كېتىدۇ.بۇنداق ئۇقۇغۇچىلارنى ئىرادىسىنى مۇستەككەملەش پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك يىتەكلەش كېرەك.
(5) كىشلىك مۇناسىۋەتتىكى نورمالسىزلىقلار : ئائىلىدىكى نورمالسىزلىق،تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ خاتا بولۇشى،مەكتەپ سىنىپتا بولسا ئۇقۇغۇچى-ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماسلىق قاتارلىق كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى نورمالسىزلىقلار ئۇقۇغۇچىلاردا ئېغىر ھالدىكى يىتىسىراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ئاخىرقى ھىساپتا ئۇ «كۆڭلى سۇ ئىچىدىغان » كىشىلەر توپىنى ۋە ھەركەتلەرنى ئائىلە ۋە مەكتەپ سىرتىدىن ئىزدەشكە مەجبۇ بولىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۇقۇغۇچىدا خاتا ھەركەتلەر كۆرىلىدۇ.
(6) ئۇقۇغۇچىدىكى ناچار ئادەتلەر : ناچار ھەركەتلەر دەسلەپتە تاسادىي يۈز بېرىدۇ،بۇنى ۋاختىدا سېزمىسە بۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ شەخسى ھەۋىسىنى قاندۇرىدىغان ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
مەسىلەن:ئۇقۇغۇچى تاساددىبىي قىمار ئويناپ ناچچە ئون يۈئەننى ئۇتىۋالغان بولسا،ئۇنى توسىدىغان قىمارنىڭ زىيىنى بىلدۇردىغان ئادەم بولمىسا قىمار ئويناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۋېلىشى مۇمكىن.ئوغۇرلۇق قىلىش،شەۋھانىلىققا ئىنتىلىش،ئىسراپخورلۇق،جىدەل ماجرادىن يانماسلىق... دىگەنلەرنى ئۇقۇغۇچى نەچچە رەت تەكرارلىسىلا ئۇ يامان ئادەتكە ئايلىنىپ قېلىشى ئېتىماللىق زور بولىدۇ.
(7) پىسخىك تەرەققىياتىدىكى ئالاھىدىلىكلەر : ئۇقۇغۇچىلاردىكى پىسخولوگىيەلىك ۋە پىزىلوگىيەلىك كەمتۈكلۈكلەر،ئۇقۇغۇچىلادىكى ھەددىندىن ئارتۇق قىزىقىش،ھەددىن ئارتۇق چۇقۇنۇش قاتارلىقلارمۇ ئۇقۇغۇچىلاردا خاتا ھەركەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرسى.
مەسىلەن : ئۇقۇغۇچىلاردىكى پىزىلوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق كەمتۈكلۈكلەر ئۇلارنى چۈشكۈلۈشتۈرۈپ،ياشاشقا بولغان ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرۋېتىشىمۇ مۇمكىن،كۈچلۈك قىزىقىش ھەددىن ئارتۇق چۇقۇنۇش قاتارلىقلار بولسا ئۇقۇغۇچىنى ئەسىبىيلەشتۈرۋېتىشى مۇمكىن.
3.خاتا ھەركەتلەرنى تۈزۈتۈشتىكى پىسخىكىلىق تاكتىكىلار
ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى بىر قەدەر چوڭراق بولىدۇ.پەقەت ئۇقۇتقۇچىلار ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، سەۋەپنى ئىگەنلەپ، ماھيىتىنى تۇنۇپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىگىگە ماس كېلىدىغان تەربىيە ئۇسۇللىرىنى قوللىنالىغاندىلا ئاندىن ئۇقۇغۇچىلاردىكى خاتا ھەركەتلەر بىلەن ناچار ئەخلاقى – پەزىلەتلەرنى تۈزىتەلەيدۇ.بۇنداق ئۇسۇللارنى ئىگەللىيەلمىگەن ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتىنى ئوڭۇشلۇق بىر ياقلىق قىلالمايدۇ.
تۈۋەندە خاتا ھەركەتلەرنى تۈزۈتۈشنىڭ پىسخىكىلىق تاكتىكىسى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتىمىز.سىنىپ مەسئۇللىرى ۋە ئۇقۇتقۇچىلار بۇنىڭدىن مۇۋاپىق دەپ قارىغانلىرىنى ئۇقۇتۇش،ۋە سىنىپ باشقۇرۇش جەھەتلەرگە تەتبىقلاپ كۆرسە ،ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولۇدۇ دەپ قارايمەن.
1) كەيپىيات جەھەتتىكى توسالغۇنى تۈگۈتۈپ ، كىشلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش
خاتا ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ناچار ئەخلاقى پەزىلەتكە ئىگە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتى ئۇمۇمى يۈزلۈك تۈۋەن،كىشلىك مۇناسىۋىتى ئۇمۇمى يۈزلۈك قاتمال بولىدۇ.بۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار بولسا ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئۇقۇتقۇچىلىرنىڭ تەنبىلىرى، جازالىرى، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئەيىپلىشى ۋە مەسخەرىسى بۇلۇپ بۇنداق ئەھۋالدا ئۇقۇغۇچىدا خۇدۇكسىراش،قارىشىشلىش پىسخىكىسى مەۋجۇت بولىدۇ.شۇڭا ئۇلار ئۇقۇتقۇچىلىرى،ساۋاقداشلىرى ھەتتا ئاتا-ئانىسىغىمۇ ئىشەنمەيدۇ، گۇمانلىنىش ۋە دۈشمەنلىشى كەيپىياتىدا بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچى ئۇلارنى ھەركەت جەھەتتىن تەسىرلەندۈرۈپ،كەيپىيات جەھەتتىكى توسالغۇنى تۈگۈتىش كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن:
(1) ئۇقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈپ ۋە ئۇلارنى ئاسراپ، خۇدۇكسىرەش پىسخىكىسىنى تۈگۈتۈش كېرەك،
ئۇقۇغۇچىلارنى سۆيۈش ئۇلارنى تەربىلەشنىڭ ئاساسلىق شەرتى،سۆيۈش بولمىسا خۇدۇكسىرەش پىسخىكىسىنى تۈگۈتۈش مۈمكىن ئەمەس.خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئۇقۇغۇچىغا تېخىمۇ كۆيۈنۈش ،ئۇنى ئاسراش،ئۇنىڭ بىلەن ھال – مۇڭ بۇلۇش كېرەك،قارىسىغا جازا بىرىشتىن،سەۋەبىنى بىلمەي تۇرۇپ، تەنبىئى بىرىشتىن چۇقۇم ساقلىنىش كېرەك.ئەپۇچان بۇلۇپ «قەلبىدىكى جاراھەتىنى ئىللىقلىق بىلەن داۋالاش » ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەك.دۇنيادا كۆيۈنۈشتىن،سويۈشتىن،تەسىرلەنمەيدىغان ئىنسان يوق.
(2) كىشلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ،ياخشى مۇھىت يارتىپ بىرىش كېرەك
كەيپىياتتىكى توسقۇنلۇق بىلەن كىشلىك مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى بولماسلىغى ئۆز ئارا باغلىنىشلىق بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچى خاتالىق سادىر قىلغان ئۇقۇغۇچىدىكى بىزارلىق كەيپىياتى بىلەن ئىشەنمەسلىك پىسخىكىسىنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن تىرشىشى لازىم.ئۆزى بىلەن ئۇقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى تەشەبۇسكارلىق بىلەن ياخشىلىشى،دوستانە،باراۋەر سۆبەتتە بولۇشى كېرەك.ساۋاقداشلار بىلەن ،ئاتا – ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا چىن كۆڭلىدىن ياردەم بىرىشى لازىم.قىسقىسى ئۇنىغا ياخشى كەيپىيات مۇھىتى يارتىپ بەرەلىسەك ،ئۇقۇغۇچىنىڭ ناچار ھەركەت ۋە خاتا ھەركەت ئادەتلىرىنى تۈزۈتىشىگە زور ياردىمىمىز بولىدۇ.
2) ئۇقۇغۇچىلارنىڭ غۇرۇرىنى ئاسراپ،كوللىكتىپ شان – شەرەپ ھىسىيادىنى يىتىلدۈرۈشىمىز كېرەك.
غۇرۇر دىگىنىمىز شەخسىنىڭ جەمىيەت ۋە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر خىل ھىسىياتتۇر.غۇرۇر بىلەن كاللىكتىپنىڭ شان – شەرەپ ھىسىيادى ئۇقۇغۇچىلارنى تىرىشىپ ئالغا بېسىشقا ئۇندەيدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ.ناچار ھەركەتلەرنى تۈزۈتىشتە ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى ئاسراپ،شۆرەتپەرەسلىك ياكى ئۆزىنى كەمسىتىش ھىسىيادىنى تۈگۈتۈپ،كوللىكتىۋىزىملىق روھىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن:
(1) ئۇقۇغۇچىلارنىڭ «يۇرۇق» ( ياخشى ئالاھىدىلىگى) نى تۇنۇشقا ئەھمىيەت بىرىش لازىم.
ئۇقۇتقۇچىلار ئادەتتە ئەخلاقى پەزىلىتى ناچار ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كەمچىلىك تەرەپلىرىنى كۆرۈشكە «ماھىر»بولۇپ،ئارتۇقچىلىقىنى كۆرۈشكە سەل قارايدۇ.ئارتۇقچىلىق بولسا شۇ كىشىنىڭ غۇرۇرى ،ئۆزىگە ئىشىنىش كەيپىياتنىڭ ئاساسى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدىلىكنى كۆرۈش كۆرمەسلىك ئاكتىپ ئامىللاردىن پائال پايدىلىنىپ،پاسسىپ ئامىللارنى تۈگۈتۈش،ئۆزگۈرۈش قىلىش ، قىلالماسلىقنىڭ مۇھىم ھالقىسى.
ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرنىڭ غۇرۇرى كۈچلۈك بولىدۇ.ئەخلاقى پەزىلىتى ناچار ئۇقۇغۇچىلارنىڭ غۇرۇرى بولسا ئىنتايىن سەزگۈر ۋە نازۇك بولىدۇ.ئۇلار بەزىدە ئۆز ئۈزىدىن قانائەتلەنسە،بەزىدە ئۆزىنى پەس كۆرىدۇ.سوخۇمۇلىسكى ئۇقۇتقۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دىگەن « ئەترىگۈل ئىغاڭلىغاندا، دومىلاپ چۈشۈپ كىتىش ئالدىدا تۇرغان شەبنەم تامچىسىدەك ئېتىياتچان بولىشىمىز كېرەك» بۇنىڭدىن ئۇقۇتقۇچىلار ئەخلاقى ھەركىتى ناچار ئۇقۇغۇچىلارنىڭ غۇرۇرىنى قوغدىشى ، كۆمۈلۈپ قالغان ئالاھىدىلىكلىرنى قېزىپ چىقىپ،رىغبەتلەندۇرىشى،يىتەكلىشى،شۇ ئاساستا ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
(2) كۆللىكتىپنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولىشىمىز كېرەك،
ناچار ئەخلاقى پەزىلەتلىك ۋە خاتا ھەركەت سادىر قىلىدىغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەركىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا سىنىپ كوللىكتىۋىنىڭ رولىدىن تۇلۇق پايدىلىنىش لازىم،ئۇقۇغۇچىنىڭ خاتا ھەركىتىنى سىنىپتىكى ئۇقۇغۇچىلار قوللاپ،ئۇقۇتقۇچىنىڭ تەربىيە ئۇسۇلنى قوللىمىسا بۇ ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئىنتايىن زور مەغلۇبىيىتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچى سىنىپتىكى ئۇقۇغۇچىلارنى ياخشى ئىتىپاقلاشتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ھۆرمەت تۇيغۇسىنى قوزغاپ،خاتا ھەركەت سادىر قىلغۇچىنى ھەممە ئەيىپلەيدىغان بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلالىسا ، بۇنداق ئۇقۇغۇچىنىڭ خاتا ھەركىتىنى تەدرىجى ياخشى تەرەپكە يىتەكلىگىلى بولىدۇ.
3) ئىچكى جەھەتتىن ھاياجانلاندۇرۇپ،ئىدىيەۋى تۇنۇشتا بۇرلۇش ھاسىل قىلىش. بۇنىڭ ئۈچۈن:
(1) ئەخلاقى پەزىلىتى ناچار ئۇقۇغۇچىلار ئادەتتە تەنبىئى ئاڭلاشقا كۆنۈپ قالغانلىقتىن ئادەتتىكى سۆزلەر،نەسىھەت،تەنقىتنىڭ ئانچە ئۈنىمى بولمايدۇ.ئۇقۇتقۇچىلار ئۇلارنىڭ قەلبىدە توقۇنۇش،كەيپىياتىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىشى،ئۇلارغا جامائەت پىكىرى ۋە ۋىجداننىڭ ئەيىپلىشىنى ھىس قىلدۇرالىشى،ناچار كەيپىيات ،ناچار ئەخلاقى پەزىلەت پەيدا قىلغان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى تۇنۇتۇش ۋە ئويغۇتۇش لازىم.
(2) سۆبەتلىشىش سەنئىتىگە ئەھمىيەت بىرىپ،ئەخلاقى تۇنۇشنى ئۆستۈرۈش لازىم.
ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىنىڭ ناچار بولۇشى كۆپ ھاللاردا ئەخلاقى تۇنۇشىنىڭ تۈۋەن بولىشىدىن بولىدۇ.شۇڭا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەق ناھەق تۇيغۇسىنى توغرىلاپ،ھەق-ناھەق قارىشىنى ئاشۇرۇش لازىم.بۇ جەرياندا سۆبەتلىشىش سەنئىتىگە ئەھمىيەت بىرىش ئىنتايىن مۇھىم. سۆھبەتلەشكەندە ئۇقۇغۇچىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئارقىلىق،قانداق ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى چۈشەندۈرۈش لازىم.ناچار ئەخلاقى پەزىلەتنىڭ ئۆزىگە، جەمىيەتكە، باشقىلارغا، ئۇرۇق-تۇققان، يېقىن كىشىلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى بىلدۈرۈش،قۇرۇق گەپ قىلىشتىن ساقلىنىش،مەجبۇرى سۈڭدۈرۈشكە ئۇرۇنماسلىق كېرەك.
سۆبەتلەشكەندە تۈۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم.بىرىنچىدىن: پىسخىكىلىق ئۇچرىشىشقا دىققەت قىلىش.يەنى سۆبەتلەشكۈچىنىڭ سۆزى ئۇقۇغۇچىنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىش، روھى دۇنياسىغا تاقىلىش، قەلىپ يوللىرىنى ئېچىشى،ئۇقۇغۇچىلاردا ساقلىنىۋاتقان مۇداپىيە پىسىخىكىسى، قارىشىلىش پىسخىكىسى ، قورقۇش پىسخىكىسى گۇمانلىنىش پىسخىكىسى ۋە ئۈمۈتسىزلىك ۋە غەيرى ئۈمۈت قىلىش پىسخىكىسىنىڭ ئورننى ئىگەنلىيەلىشى لازىم.ئىككىنچىدىن: پىسخىكىلىق قىياپات ، بۇنىڭدا سىردىشىش ، كۆڭۈل بىرىش ئارقىلىق ھۆرمەت قىلىش ھىسىيادى، مىھرىبانلىق ھىسىيادى ، چۈشۈنۈش، ھىسىداشلىق قىلىش ھىسىيادى قاتارلىقلارنى تۇرغۇزۇش لازىم.سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلىدۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ قۇبۇل قىلىش سەۋىيەسى،مىجەزى، خارەكتىر ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا قەتتىئى بولمايدۇ.ئۈچۈنچىدىن : پىسخىكىلىك قايتىما تەسىر بۇ سۆبەت جەريانىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ھالقا بۇلۇپ ئۇقۇغۇچىنىڭ شۇ خىلدىكى سۆھبەتكە بولغان قارىشىنى ئىپادىلەشتىكى بەلگە، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچىلار ئاشۇ ئىنكاسىنى يىپ ئۇچى قىلىپ، سۆھبەتنى قاتماللىقتىن ئازادىچىلىككە يىتەكلەپ چىقىشقا ماھىر بولىشى كېرەك.ئاكتىپ ،توغرا بولغان قايتىما ئىنكاستىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ماھىرلىق بىلەن ئۇقۇغۇچىلارغا خۇشال كەيپىيات ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈش كېرەك.
4) ھەركەت جەھەتتىكى ئۆزگۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئىرادىنى چېنىقتۇرۇش كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن:
(1) خاتا ئەخلاقى پەزىلەتنىڭ ئۆزگۈرۈش جەريانىنى ياخشى ئىگەنلەش كېرەك بۇنىڭدا تۈۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز لازىم.يەنى ئويغۇنۇش باسقۇچى، ئۆزگۈرۈش باسقۇچى، مۇستەككەملەش باسقۇچى. ئۇقۇتقۇچى ماھىرلىق بىلەن بۇ ئۆزگۈرۈشلەرگە دىققەت قىلىپ،ئۇقۇغۇچىنىڭ ھەركەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىشىنى تېخىمۇ تىزلىتىشكە ماھىر بولىشى كېرەك.
(2) ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇپ يېڭى ئادەت يىتىلدۇرۇش.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇغۇچىلارنى تۈۋەندىكى تەرەپلەردىن يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بىرىش لازىم.يەنى ، مۇھىتنى تەڭشەش ئۇسۇلى،پائالىيەت جاريانىدا تۈزۈتۈش ئۇسۇلى،ھەركىتىنى كۈچەيتىش ئۇسۇلى،ئۈلگە ئارقىلىق يىتەكلەش ئۇسۇلى،ھەركىتىنى سىناش ئۇسۇلى بۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن تەربىيە ئېلىپ بارغاندا تەربىيەنىڭ ئۈنىمى ئۆسۈپ،ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئېشىپ،ئۇنىڭ ھەركەت جەھەتتىن ئۆزگۈرىشىنى تېخىمۇ كۆرىنەرلىك تىزلەتكىلى بولىدۇ.
5) ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئايرىم پەرىقلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ،زەرەكلىك بىلەن تەربىيلەش
ئۇقۇغۇچىلارنىڭ يېشى، جىنسى، ئىندىۋىداللىقى ئوشاش بولمايدۇ،شۇنىغا مۇناسىپ ھالدا سادىر قىلغان ناچار ئەخلاقى پەزىلىتىنىڭ دەرجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن تەربىيەنىڭ ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئايرىم پەرىقلىرىگە ئاساسەن،پەرىقلەندۈرۈپ تەربىيە بىرىشكە ئەھمىيەت بىرىش لازىم.
6) مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشنى مۇۋاپىق قوللىنىش كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن:
(1) تەنقىتلەشنىڭ پىرىنسىپلىرىغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم.بۇ پىرىنسىپلار ئاساسەن تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت. تەربىيەنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپ، ئۇبىكتىپ ئادىل بولۇش پىرىنسىپ، مۇۋاپىق بولۇش پىرىنسىپ، چوڭلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلماسلىق پىرىسىپ، ۋە زىرەك بولۇش پىرىنسىپىدىن ئىبارەت.
(2) جازالاش مۇۋاپىق بولىشى كېرەك
جازالاش ئاز بولۇش،ئۇنى ئېتىياتچانلىق بىلەن قوللىنىش،جازالاشتا سەللا ئېتىياتسىزلىق قىلىنسا ئۇ غايەت زور ئەكسى تەسىر پەيدا قىلىپ،سىنىپ ئىچىدە ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئىناۋىتىنى سۇسلاشتۇرۋاتىدۇ؛ جازالاشتا ئۇقۇغۇچىنىڭ كىشىلىك قەدىر – قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك.ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە جازانى كۆچۈرۈم قىلىش پۇزۇتسىيەسىدە بولۇش كېرەك،بۇنىڭ رولى جازانىڭ رولىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ؛ جازانى قوللانغاندا قايدە سۆزلەپ،چۇقۇم ئۇقۇغۇچى قايىل بولغاندا ئاندىن يۈرگۈزۈش،مەجبۇرى قۇبۇل قىلدۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ جازالاشنى مۇۋاپىق شارايىتتا ئېلىپ بېرىش كېرەك.يەنى ئۇقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا ،شەرت – شارايىتىغا ئۇيغۇن بولىشى لازىم؛ جازالاش ئۇقۇغۇچىنىڭ ياش ئالاھىدىلىگىگە ۋە جىنسى ئالاھىدىلىگىگە مۇۋاپىق كىلىش لازىم؛ قالايمىقان جازالىماسلىق كېرەك،مەسىلەن: جىرمانە قۇيۇش،مەجبۇرى ئەمگەك قىلدۇرۇش،مەجبۇرى ھالدا تاپشۇرۇقنى كۆپەيتىپ بىرىش... قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.
ھۆرمەتلىك سىنىپ مەسئۇلى ۋە ئۇقۇتقۇچى يولداشلار بىز .ئۇقۇ – ئۇقۇتۇش جەريانىدا يېڭىچە بولغان ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى تۇرغۇزۇپ،دىمىگىراتتىك،باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇقۇغۇچىنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك، ئۇقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بارلىغىمىزنى مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ئەۋلاتلىرىمىزنى ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىلەش ئۈچۈن تىرشايلى! بۇ دىمەككە ئاسان ئەمىليەتتە بىر مۈشكۈل جەريان بولسىمۇ بىز مېھرىمىزنى بالىلارغا ئاتا قىلالىساقلا ،ئۇقۇغۇچىلارنى ياخشى خارەكتىر پەزىلىتىگە ئىگە قىلىپ يىتىشتۈرۈشىمىزدە مەسىلە يوق!
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ئوتتۇرا مەكتەپ پىسخولوگىيەسى» دىگەن كىتاپتىن بىر قىسىم مەزمۇنلار ئۆزلەشتۈرۈلدى.
شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى مائارىپ كافىدىراسى 1997-يىلى باستۇرغان نۇسخىسىغا قاراڭ.