لو يەن
‹‹چوڭ بولغاندا نېمە بولىسىز؟›› دېگەن سوئال دائىم بالىلاردىن سورىلىپ تۇرىدۇ. بالىلار بۇ سوئالغا: مۇئەللىم بولىمەن، دوختۇر بولىمەن، ئالىم بولىمەن... دېگەندەك جاۋابلانى بېرىدۇ. بىراق، ئۇلار چوڭ بولۇپ كەسىپكە ھەقىقىي يۈزلەنگەندە، قانداق قارار چىقىرىشنى بىلەلمەي قالىدۇ.
تورداشلار يېقىندا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغانلارنى گرافىك تولدۇرغاندا ‹‹ھەرگىز xx كەسىپلەرنى تولدۇرماڭ›› دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىلىرىچە ئەسقاتمايدىغان بىر نەچچە كەسىپنى يەكۈنلەپ چىققان. ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدىمۇ، بەزىلەر ئەينى چاغدا تاللىغان كەسپىدىن بەكمۇ پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆسمۈرلۈك چاغلاردىكى ئارزۇلار نېمە ئۈچۈن بەختلىك رېئال تاللاشقا ئايلىنالمىدى؟ بۇ بىر تەرەپتىن شەخسىي قىزىقىش، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى، ئىش ھەققىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى، تەرەققىيات ئىستىقبالى قاتارلىق دەڭسەش ئامىللىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى بىلەن باغلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كەسىپ بىلەن خىزمەت دائىرىسىنى چۈشىنىش كەمچىل بولۇش، ئۆز ئورنىنى توغرا بېكىتەلمەسلىك بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. نۇرغۇن كىشى تېخى بالىلىق دەۋرىدىكى ھېسسىي خىيالى دۇنياسىدىلا تۇرۇپ قالغان، خالاس. ئۇلار كەسىپ تاللاشقا دۇچ كەلگەندە ئىككىلىنىپ قالىدۇ، بەزىلىرى جەمئىيەتكە قەدەم باسقاندىن كېيىن ئاندىن ھوشىغا كېلىپ، ئۆزىگە ئەسلى باشقا كەسىپ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
غايە بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا پەرق بار، قارىماققا شەخسىي تاللاشتىكى خاتالىق ئەمەلىيەتتە كەسپىي پىلان تەربىيەسىدىكى كەمتۈكلۈكتۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كەسپىي پىلان جەھەتتىكى يېتەكچىلىك كەمچىل بولۇۋاتىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئارزۇ تولدۇرۇش مەزگىلىدىمۇ، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى، ئاتا – ئانا، ئوقۇغۇچى ھازىرقى كەسىپ ئەھۋالى ۋە كەلگۈسىدىكى كەسپىي پىلان توغرىسىدا يېتەرلىك تونۇشقا ئىگە بولمىغانلىقتىن ياكى ئاتالمىش ئېقىۋاتقان كەسىپلەرگە بىر تەرەپلىمە ھالدا ئىشىنىپ كەتكەنلىكتىن، شۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەكتە ياكى ساددىلارچە ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە تايانماقتا، بۇنداق ئەھۋالدا خاتا تاللاشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
قول سانائىتى دەۋرىدە، بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن، ئۇستا تۇتۇپ شاگىرت بولۇشقا بالدۇر تۇتۇش قىلىناتتى، ئۇلار ئۇزاق مۇددەت كۆز بىلەن كۆرۈپ، قول بىلەن مەشغۇلات قىلىپ، ئاندىن بىرەر ماھارەتنى ئىگىلەيتتى. ھازىرقى جەمئىيەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش كۈندىن كۈنگە كۆپ مەنبەلەشتى، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى كۈنسېرى ئىنچىكىلەشتى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرمۇ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلمەكتە، كىشىلەرنىڭ كەسىپنى توغرا تونۇشى كەسىپلەشكەن يېتەكلەشكە تېخىمۇ موھتاج بولماقتا، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بىر ئىككى يىللىق كەسپىي كۇرسلاردا ئوقۇتۇش بىلەنلا ئىشقا ئاشىدىغان ئىش بولماي قالدى. يىڭنە بىلەن داۋالاش، ئۇۋىلاشقا ماھىر جۇڭگوچە داۋالاش ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بىر تىۋىپ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: داۋالاشنىڭ ئاچقۇچى يىڭنە سانجىش، قول ھۈنىرىگە باغلىق، بۇ كىچىكىدىن تارتىپ نەچچە ئون يىللىق مەشىقتىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، دېگەن؛ دۆلەت بويىچە فارفور بۇيۇم ياساش ئۇستىسى يەن لىفۇ، ئون نەچچە يېشىدىلا فارفۇر بۇيۇملارغا قىزىقىپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاخىرى پىر ئۇستازغا ئايلانغان.
ھازىرقى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ قانداق كەسىپكە مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق بېكىتەلمەيدۇ. ئاساسىي مائارىپتا تېخنىكا مەشغۇلاتى، كەسپىي قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بالىلار ئېرىشكەن تەجرىبە، بىلىملەر ۋاستىلىق، ساۋات خاراكتېرلىك، رىئاللىقتىن چەتنىگەن نەرسىلەر بولماقتا، دەسلەپكى ئارزۇ – ئىستەكلەر يىراقتىكى مەنزىرىدەك، يەتكىلى بولمايدىغان ھېسسىي تۇيغۇغا ئايلىنىپ قالماقتا. ئۆسۈپ – يېتىلىش يولى بىلەن كەسىپ تەرەققىياتى پاراللېل سىزىقتەك بىر – بىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولماقتا، ئوقۇش بىلەن كەسىپ بىر – بىردىن ئېغىر دەرىجىدە چەتنىمەكتە.
ئادەمنىڭ تەربىيەلىنىشى تەبىئەت، ئادەم، شەيئىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىن كېلىدۇ. بۇ ئۈچ تەربىيە بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئوقۇغۇچى ئۆز نىشانىغا يەتكەندە ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ، بۇنداق ئوقۇغۇچى ياخشى تەربىيە ئالغان بولىدۇ. ھىندىستانلىق بىر دانىشمەن ‹‹ھەقىقەت، پاكىت، ھازىرقى ئەھۋالغا يۈزلىنىش مائارىپنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى قىلىنىشى كېرەك›› دېگەن ئىدى.
20 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ بوستۇن، نيۇيۇرك شەھەرلىرىدىكى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ تاللىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش يولغا قويۇلغان؛ كانادانىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ياغاچچىلىق، سىرچىلىق، سودا قىلىش، بوغالتىرلىق قاتارلىق كەسپىي دەرسلەر تەسىس قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ تاللىشى ۋە كەسىپ جەھەتتە ئىزدىنىشىگە ياردەم بېرىلگەن؛ گېرمانىيەدە بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 – يىللىقىدىلا كەسىپ تاللاش سىناقلىرىغا قاتناشتۇرۇلغان.
كەسىپ تاللاش يوللىرى كۆپ، مەسىلەن كەسىپ سېستىمىسىنى جىپسىلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى يېڭىلاش قاتارلىقلار. شۇڭا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىغا كەسپىي پىلان تۈزۈش مەزمۇنىنى قوشۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەسىپ تەلىپىنى چۈشىنىشىگە قولايلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرىدىغان كەسىپلەرنى بايقىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
كەسىپ غايىدۇر، ئۇ ھەم رېئاللىقتۇر. بۇ بىزدىن ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا تېخىمۇ بالدۇر سىڭىپ كىرىپ، بالىلارغا خىزمەت دۇنياسىنى تونۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئەركىن تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىمىزنى جىددىي تەلەپ قىلىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]