شىنخۇا تورى ئوبزورى : «ئوقۇش پۈتكۈزۈش مەدەنىيىتى »قۇرۇلۇشى دىققەتنى قوزغىشى كېرەك
ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش ئاياغلاشتى . بىر قىسىم ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار كېچىلەپ ناخشا ئېيتىش ، ھاراق ئىچىش ، تورخانىلاردا قاتىراپ يۈرۈش قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق ، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىپ بېسىمىنى يەڭگىللىتىشكە باشلىدى . تۈنۈگۈن ۋۇخەن سەيدىيەندىكى ئىمتىھان بەرگەن بىر ئوقۇغۇچى ئىككى كېچە–كۈندۈز سىرتتا تاماشا قىلغاچقا ، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى قوزغىلىپ ، ھوشىدىن كېتىپ كوچا بويىدىكى گۈللۈكتە يىقىلىپ قالغان . بەختكە يارىشا يولدىن ئۆتۈۋاتقان بىر ئادەم ئۆز ۋاقتىدا بايقاپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويغان . ( 12-ئىيۇن ‹‹ ۋۇخەن كەچلىك گېزىتى ››)
يىلدا بىر ئېلىپ بېرىلىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاياغلاشتى . ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ بىلەن غايەت زور ئىمتىھان تەييارلىقى بېسىمىدىن ئازاد بولۇپ ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە ئۆزىنى تەڭشەش باسقۇچىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى . يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان ، ئاخبارات ۋاستىلىرى بىر قىسىم ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇچىلارنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۇسۇللىرىنى خەۋەر قىلدى : بەزىلەر گۇرۇھلىشىپ KTV غا بېرىپ ناخشا ئېيتىپ ، مۇزىكا ئارىلىقىدا ‹‹ قاتتىق ۋاقىراپ ›› يىغىلىپ قالغان بېسىمىنى يېنىكلەتكەن ؛ بەزىلەر كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تورغا چىقىپ ئويۇن ئويناپ ، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرگەن ؛ يەنە بەزىلەر دەرسلىك كىتابلىرىنى ئېتىپ ، مەكتەپ فورمىسىنى يىرتىپ، بۇ ئارقىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەۋرى بىلەن خوشلاشقان ۋە باشقىلار . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ باققان بولۇشسۈپىتىم بىلەن مەن بۇ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك كەيپىياتىنى چۈشىنىمەن ، ئەمما ئۇلارنىڭ بەزى چەكتىن ئاشقان ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ھەرىكەتلىرىدىن كۆڭلۈمدە ئەندىشە قىلىپ قالدىم.
پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغۇچە بولغان بۇ بىر بۆلەك ئاسانلا سەل قارىلىدىغان ۋاقىت ئىچىدە ،% 60 ~ % 70 كىچە بولغان ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئەندىشە پەيدا بولىدىكەن . % 20 كە يېقىن ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلاردا ئادەتتىن تاشقىرى غەم قىلىش تۈپەيلىدىن كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسىر يېتىش كۆرۈلىدىكەن . بىر قىسىم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچ پۇشۇقىنى ئادەتتىن تاشقىرى چىقىرىۋېلىش ھەمدە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان كۆڭۈلسىزلىك تۈپەيلىدىن ، بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسىياتىنى مۇۋاپىق ئىپادىلەش جەھەتتىكى تەربىيەمىزنىڭ كەمتۈكلىكىنى ئاشكارلاپ قويىدىكەن .
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار دەل كىشىلىك تۇرمۇش تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، زۆرۈر بولغان كىشىلىك تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەجىرىبىلىرى كەمچىل بولۇپ ، چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان مۇھىت ئىچىدە قىسمەن چەكتىن ئاشقان ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەپ قويىدۇ . بۇنى نوقۇل ھالدىكى ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە باھالاپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ . ئەمما جەمئىيەت ، مەكتەپ ۋە ئائىلە ئالدىن كۆرۈش ئېڭىغا ئىگە بولۇشى ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشقا توغرا مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلىشى، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ، بېسىمىنى ئاقىلانىلىك بىلەن يېنىكلىتىشكە باشلىشى كېرەك . بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ‹‹ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مەدەنىيىتى ›› نى بەرپا قىلىش كېرەك. نۆۋەتتە، جەمئىيەتتە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن پائالىيەتلەر كۆپ ئەمەس ، مەكتەپ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ھېچقانچە باشقۇرۇپ كەتمەيدۇ ، شۇڭا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن تارتىپ ، ئالىي مەكتەپكە كىرگۈچە بولغان بىر مەزگىللىك ‹‹ ۋاكوئۇم ۋاقىت ›› ئىچىدە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۈتكۈزۈش مەدەنىيىتىنى يارىتىپ بېرىش ناھايىتى زۆرۈر.
ئوقۇش پۈتكۈزۈش مەدەنىيىتى مەكتەپ ۋە ئائىلىلەرنى ئاساس قىلغان، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەر ئورتاق ماسلاشقان ھالدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارنى بىر قىسىم مەكتەپ تۇرمۇشىنى ئەسلەش ، ئانا مەكتىپىنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش ، جەمئىيەت بىلەن ئۇچرىشىش ۋە چۈشىنىشكە دائىر پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن : ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش پۈتكۈزۈش كەچلىك كۆڭۈل ئېچىشى ، ساۋاقداشلار ئۇچرىشىشىنى پىلانلاشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئانا مەكتەپكە بەخت تىلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش؛ ئوقۇغۇچىلارنى قۇرۇلۇش تۈرلىرى، ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنى بىۋاستە ھېس قىلدۇرۇش؛ يېقىن تۇققانلىرى بىلەن ساياھەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغان جۇغراپىيە ، تارىخ ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى قاتارلىق بىلىملىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش؛ ئوقۇش پۇتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى دەرسلىك كىتابلىرىى، ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تۆۋەن يىللىق ساۋاقداشلىرى ۋە قىيىنچىلىقى بار ساۋاقداشلىرىغا ئىئانە قىلىشقا يېتەكلەش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ.بۇ ئەھمىيىتى مول ئەمەلىي پائالىيەتلەر ۋە قانۇنىيەتلىك بولغان مۇۋاپىق ئارام ئېلىش يالغۇز ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئېشىپ قالغان زېھنى كۈچىنى ساغلام ئىشىلتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى كىشىلىك تۇرمۇش ئۈچۈن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش باسقۇچىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا تېخىمۇ ياردەم بېرىدۇ.
بىر پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسنىڭ ‹‹ كېيىنكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى دەۋرى ›› دىن كۈتكەن ئۈمىدىگە ئوخشاش : ‹‹ ئۆگىنىشنى بىر خىل مەجبۇرىيەت ھېسابلىماستىن، بەلكى بىر خىل بەھىر ئېلىشقا ئايلاندۇرغاندا دۇنيانى پەقەت ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشكە باغلاپلا قويماستىن، بەلكى ھەر خىل مەنىلىك ئىشلارنىڭ قانات يېيىشى دەپ قارىغاندا پىكىر قىلىشنى بىلىم ئېلىش بىلەنلا چەكلەپ قويماستىن، بەلكى شەيئىلەرنىڭ ئۆزىگە باغلىغاندا، سىز تۇرمۇشنىڭ ئەسلىدە ئاجايىپ مول ، رەڭدارلىقىنى ھېس قىلالايسىز››. بىز قويۇق بولغان ئوقۇش پۈتكۈزۈش مەدەنىيىتىنىڭ مۇمكىنقەدەر تېزراق بەرپا قىلىنىپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ ، تېخىمۇ ياخشى مەنىۋىي ئوزۇق بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]