خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە مائارىپتىكى سىر

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : Abduwayit2012-04-09 11:59

 

 

ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە مائارىپتىكى سىر

 

 

ئابدۇۋاھىد مەتنىياز ئەمىن

 

«ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئېچىش− 20- ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىجادىيەتتۇر.»[1]

− گاۋ چۈنمېي

 

ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك. ئومۇمەن ئالغاندا، مەدەنىيەت، سىياسىي تۈزۈم، ئىقتىسادىي جۇغلانما، جۇغراپىيىلىك مۇھىت، ھۆكۈمەت فۇنكىسىيىسى، ئىلىم مۇھىتى ۋە ئىجادچانلىق، تەربىيە سۈپىتى، نوپۇس سانى… قاتارلىق ئامىللار تارىختىن بۇيان دۆلەت ۋە قوۋملارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئوخشىمىغان شەكىللەردە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. ئۇرۇش  ئولجىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جۇغلانمىنى كۆپەيتىش رولىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە دۇنيانىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى ئىككى چوڭ باي دۆلەت. بىراق، بىز بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ 20-ئەسىردىكى ئىقتىسادىي گۈللىنىش سىرى ھەققىدە ئىزدەنسەك، ياخشى ئىلىم مۇھىتى يارىتىپ، ئىلىم-پەننى ئىقتىساد ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ۋە پۇقرالارنىڭ ئىجادچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشتەك ئالاھىدىلىكنى بايقايمىز. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قوللانغان شەرقتىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ.

1

ئامېرىكا يېڭىدىن گۈللەنگەن ياش دۆلەت بولۇپ، دەسلەپتە ئاساسلىقى ياۋروپاغا تايىنىپ تېخنىكا «ئىمپورت» قىلىپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ئىدى. 1790- يىلى مۇستەقىل بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي دۇنيادا تۇنجى بولۇپ پاتېنت قانۇنى تۈزۈپ يولغا قويۇلدى. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ قوللىنىشچان يېڭى تېخنىكىنىڭ قىممىتىگە قانچىلىك ئەھمىيەت بىلەن قارىغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىجاد قىلىش، كەشىپ قىلىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىلدى. بۇنداق ئىلھام ۋە رىغبەتلەر ئىجاد قىلىش، كەشىپ قىلىش پائالىيىتىگە، بۇ بېرىپ ئامېرىكىنىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. 1876- يىلى تېلېفوننىڭ كەشپىياتچىسى بېل كىچىك تىپتىكى تەتقىقات ئورنى قۇردى. ئېدىسون 1876- يىلى ۋە 1880- يىلى ئىككى يەردە كەشپىيات زاۋۇتى قۇردى. كېيىنكى يىللاردا كۆلىمى بىرقەدەر زور بولغان پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورگانلىرى قۇرۇلۇپ، كوللېكتىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىلدى. نەتىجىدە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە بازار رىقابىتى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تەبىئىي پەن ۋە ئىنژېنېرلىق تېخنىكىسى ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن ئىجادىيەت، كەشپىياتلار يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، «پەقەت 1900- يىلىلا ئامېرىكىدا ئىلتىماس قىلىنغان پاتنېت سانى 4 مىليون خىلغا يەتكەن بولۇپ، … تېخنىكىدىكى تەقلىدچىدىن بىر سەكرەپلا يېڭى تېخنىكىنىڭ ئاساسلىق كەشپىياتچىسى، يېڭىلىق ياراتقۇچىغا ئايلانغان ئىدى… ھەتتا، ئامېرىكا پاتنېت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پرېزىدېنتتىن كەشىپ قىلغىلى بولىدىغان ھەممە نەرسىنىڭ كەشىپ قىلىنىپ بولۇنغانلىقىنى، شۇڭا پاتنېت ئىدارىسىنى تارقىتىۋىتىشنى ئۆتۈنگەن ئىدى.»[2] 

كەشپىيات يارىتىش جەھەتتە كىشىلەرگە ئىلھام بېرىش بىلەن بىللە، ئىجادىيەت تەتققاتى ۋە ئىقتىساد بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇناسىۋەت مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولۇپ، 1912- يىلى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئاۋسترىيىلىك ئىقتىسادشۇناس شۇمپېتېر (Joseph Alois Schumpeter، 1883−1950) «ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى» دېگەن ئەسىرىدە كارخانا ئىشلەپچىقىرىشىنى يېڭىلىق يارىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ نەزەرىيىۋى تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتى «يېڭىلىق يارىتىش» نەزەرىيىسىنى ئارقىلىق شەرھىيلىگەن بولۇپ، «تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچ كارخانىچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىدىن كېلىدۇ. يەنى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى بىرلەشتۈرۈش جەريانىدىكى ئىنقىلاب تەرەققىياتنىڭ ماتورىدۇر. يېڭىلىق يارىتىش ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، تەرەققىيات بەزىدە تېز بولىدۇ، بەزىدە ئاستا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئىقتىساد دەۋرىيلىكى شەكىللىنىدۇ»[3] دېدى. ئومۇمەن، ئىجادشۇناسلىق تەتقىقاتى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىدا ئىزچىل ئىزدىنىش باسقۇچىغا كىرىپ، ئامېرىكىدىكى سەزگۈر ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ دىققەت مەركىزىدىكى تېمىغا ئايلانغان، ئىنسانلارنىڭ ئىجادىيەت-كەشپىياتلىرى، يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتىنىڭ قانۇنىيەتلىرى، ئىجادىيەتنىڭ شەرتى ۋە ئۇسۇلى، ئادەملەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تونۇشىغا ئىلھام بېرىش، ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئېچىش، ئىجادچان ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەش مەسىلىلىرى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. دۆلىتىمىز ئىجادىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتچىسى گاۋچۈنمېي يازغاندەك، «ئامېرىكىدا ناھايىتى تېزلا ئىجادىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىسى تەتقىقاتى ۋە پۇقرالارغا قارىتا ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئېچىش تەربىيىسىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت بىر مەيدان ئەمەلىي پائالىيەت دولقۇنى باشلانغان ئىدى… شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكىدا يەنە ئۇچۇر تېخنىكا ئىنقىلابىنى مەركەز قىلغان، ئېلېكترون ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋەكىللىكىدىكى بىر يۈرۈش يېڭى ئىلىم-پەن توپى، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش توپى، يېڭى بىلىم توپىنىڭ گۈللىنىشىنى بەلگە   قىلغان يېڭى پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى دولقۇنى قوزغالغان ئىدى… بۇ ئىككى دولقۇن بىربىرىگە زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، بىربىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، سەۋەب-نەتىجىلىك مۇناسىۋەت بىلەن بىربىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇراتتى. ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئېچىش بىلەن يېڭى پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى يېقىلغۇ بىلەن ماتور سىستېمىسىغا ئوخشاش، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ دەۋر چاقىنى ئۇچقاندەك ئالغا سىلجىتاتتى.»[4] بۇ بىر تاسادىپىيلىق بولماستىن، چوڭقۇر ئىچكى لوگىكىلىققا، تارىخي مۇقەررەرلىككە، دەۋر قانۇنىيىتىگە ئىگە ئىدى.

ئامېرىكا ئىجادىيەتنى ئېچىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىجادىيەتنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە ھەقىقەتەنمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن ئىدى. كۆرسىتىلىشىچە، «نوپۇس بويىچە ھېسابلىغاندا، 1909- يىلىدىن 1949-يىلىغىچە ئارىدىكى 40 يىلدا، ئامېرىكىنىڭ نوپۇسقا توغرا كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %90 ئاشقان ئىدى. بۇنىڭ ھەممىسى كەشپىياتتىن كەلگەن ئىدى. 1930- يىلىدىن 1965-يىلغىچە ئارىدا ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئادەم سانى %10، پەن- تېخنىكا ساھەسىدىكى ئادەم سانى 5 ھەسسە كۆپەيگەن ئىدى.»[5] پەن-تېخنىكا، ئىقتىساد تەرەققىياتى تەسىرىدە ئۇنىڭ ھەربىي قۇدرىتى شۇنچىلىك تېز ئاشقان ئىدىكى، «2- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكا 180 مىڭ پەن-تېخنىكا خادىمىنى تەشكىللىيەلىگەن، ئىككى مىليارد دوللار سەرىپ قىلغان ئىدى.»[6]

2

مەلۇمكى، ياپونلار ياتلارنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش− ئەكىلىشپەرۋەرلىك روھى بەك كۈچلۈك  مىللەت. ياپونىيەدە 20-ئەسىرنىڭ ھارپىسىدىلا غەربتىن تېخنىكا ۋە ئىدىيە كىرگۈزۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن ئىدى. سانائەتلىشىش، ئېلېكترلىشىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، 1920- يىلى ئېلېكتر ماتورىنىڭ سانائەتتە ئىشلىتىلىشى %52.3 كە يەتكەن ئىدى. بۇ نىسبەت ئامېرىكىدا 1919- يىلى %31.6، 1929-يىلى %53 ئىدى. ئەمما، ئۇرۇشتىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ سانائىتى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان بولۇپ، «%40 سانائەت ئەسلىھەلىرى ۋەيران بولغان ئىدى. ئەسلىھە كاشىلىسى سەۋەبدىن، ھەر يىلنىڭ 3/1 قىسىم ۋاقتىدا ئىشلەپچىقىرىش توختايتتى. بۇنىڭ بىلەن، دۆلەت ئىقتىسادى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. 1950- يىلى ياپونىيىنىڭ دۆلەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئەنگلىيىنىڭ 29/1 ىگە، فرانسىيىنىڭ 38/1 ىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن 20−30 يىل كېيىن قالغان ئىدى.»[7] ئېچىنىشلىق پاجىئەگە يولۇققان بۇ دۆلەتتە، ئوتتۇرىچە مىللىي دارامەت ئاران 20 دوللارغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.

ئۇرۇشتا ئەنە شۇنداق تەلتۆكۈس دېگۈدەك مەغلۇب بولغان بۇ دۆلەت قانداقسىگە شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر پارچە خارابىلىك ئۈستىدە ئىقتىساد، تېخنىكا جەھەتتە يۇقىرى سەۋىيىدە تەرەققىي تاپقان دۆلەتكە ئايلىنالىدى؟

بۇمۇ ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ تېخنىكا يېڭىلاشقا، كەشپىيات، ئىجادىيەتكە ئەھمىيەت بېرىشىدىن بولغان ئىدى. ياپونىيە 20- ئەسىرنىڭ بېشىدا مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇراتتى. ئىجادىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى ھەققىدىمۇ ئىزدىنىۋاتقان مەزگىللەر ئىدى. شۇنداقلا، ياپونىيىنىڭ مائارىپقا سالغان مەبلىغى ئىنتايىن كۆپ ئىدى. «1905- يىلىدىن 1960- يىلىغىچە ئارىدا، ياپونىيىنىڭ مىللىي دارامىتى 10 ھەسسە ئاشقان ئىدى. ھالبۇكى، ماددىي سېلىنمىسى 6 ھەسسە ئاشۇرۇلغان بولسا، مائارىپ سېلىنمىسى 22 ھەسسە ئاشۇرۇلغان ئىدى.»[8]  بۇ ئۇلاردىكى تەبىئىي خۇرۇچ ھېسابلىناتتى. بىراق، ئۇرۇشتىن ئاۋۋال ئۇلار مائارىپنى سۈپەت جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى سان جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرغان ئىدى. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇنقى ياپونىيىنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى ئىلغار ئەمەس ئىدى.

پسىخولوگىيىدە «مېڭىنى يۇيۇش» دېگەن بىر ئاتالما بار. مېڭىنى يۇيۇش دېگەنلىك باشقىلارنىڭ مېڭىسىدىكى ئىدىيەنى پاك-پاكىز يۇيۇپ تاشلىۋېىتىپ، يېڭى ئىدىيە قاچىلاش دېمەكتۇر. يەنى، زور مىقداردىكى چۈشەنچە، بىلىمنى ئالدانغۇچىنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈپ، ئۇنىڭ كۆز قارىشىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.  مېڭىنى يۇيۇش باشقىلارنىڭ ئىدىيە، ھېسسىيات ۋە ھەرىكىتىنى كونترول قىلىپ، ئۇلارنى مەلۇم گۇرۇھ ياكى شەخسنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇندۇرۇش، ئۇلارنى مەجبۇرى باشقۇرۇش ئۈچۈندۇر. زور كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى مۇستەھكەم بولمايدۇ. ئوخشاش ئىدىيەدىكى كىشىلەر توپىغا ئوڭايلا «يەم» بولۇپ ئۆزگىرىپ− ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كېتىدۇ. بۇ، مېڭى يۇيۇشنىڭ پرىنسىپىدۇر. قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش، مەنپەئەتنى يەمچۈك قىلىش، ئۆزىنى ماختاپ ئۇچۇرۇش ياكى ئىلاھلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپلىگەن شەكىللەر ئارقىلىق مېڭىنى يۇيۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

نۆۋەتتە مائارىپ بىلەن مېڭىنى يۇيۇشنى ئوخشاش دېگۈچىلەرمۇ، پەرقلىق ئىش دېگۈچىلەرمۇ بار. سىر ئەمەسكى، شىياسىي ئىستىلىدا شەخسكە، گۇرۇھقا چوقۇنۇش-چوقۇندۇرۇش خاھىشى ئېغىر بولغان، كوللېكتىپ مەنپەئەت، مىللىي مەنپەئەت، دۆلەتكە بولغان ساداقەت زىىيادە كۆپ تەكىتلىنىدىغان، مائارىپ نىشانى ئىلمىي بولمىغان ئەللەرنىڭ مائارىپىدىن بۇ خىل ئامىلنى بايقىۋالغىلى بولىدۇ. ياپونىيىلىك مەشھۇر پسىخولوگ، ياپونىيە ئۇنىۋرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئوخمۇرا ماساۋ(Ohmura Masao، 大村政男، 1925−)نىڭ يەكۈنىچە، «مىڭجى دەۋرى(1867- يىلى)دىن 1945- يىلى 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقىچە ئارىدىكى ياپونىيە مەكتەپ مائارىپى ‹مېڭىنى يۇيۇش› ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىدى.»[9]

شۇنداقتىمۇ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياپونىيىدە يەنە ئۆزىگە خاس بولغان ئەۋزەللىكلەرمۇ يوق ئەمەس ئىدى. يەنى، ئۇرۇشتىن بۇرۇن ئۇلار بىر تەرەپتىن ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، فرانسىيە، ئاۋستىرىيە، غەربىي گېرمانىيە، شىۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئۇزاق مەزگىللىك تېخنىكا كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن، 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن باشلاپلا غەربنىڭ ئىجادىيەتشۇناسلىق نەتىجىلىرىنى كىرگۈزۈش ۋە «ھەزىم قىلىش»نى باشلىغان ئىدى. شۇڭىمۇ، «2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، … دۆلەتكە بولغان ساداقەتنى بىردىنبىر قىممەت يۆنىلىشى قىلىۋالغان مائارىپ قارىشى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. شەخس ئەركىنلىكىنى چوڭ بىلىدىغان، قىممەت قاراشنىڭ كۆپ خىل بولۇشىنى قوغلىشىدىغان مائارىپ دەۋرى يېتىپ كەلدى...»[10]

ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، نەتىجىسى زور بولغان ئىجادىيەتشۇناسلار بارلىققا كەلدى. ئۇلار ياپون مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئىجادىيەت ماھارەتلىرىنى تېپىپ، پاپونىيىگە خاس بولغان دەرسلىك ماتېرىيالى ۋە ئىجادىيەت نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. كەشپىيات ئىلمىي جەمئىيىتى، يەكشەنبىدە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان نەچچە ئونلىغان كەشپىيات مەكتەپلىرى قۇرۇلدى. ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئېچىش ۋە ئىجادچان ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەيدىغان ئىستىراتېگىيىلىك پىلانلار تۈزۈلدى. ياپونىيىنىڭ بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، سانائەت ساھەسى ۋە رادىئو-تېلېۋىزىيىلىرى ئىجادىيەتشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىش جەھەتلەردە ئالاھىدە خىزمەتلەرنى ئىشلەشنى باشلىدى. پۇقرالار ئارىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەشىپ قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى. بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، ئىجادىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى ساھەسىدىكى ئىلگىرىلەشلەر ناھايىتى تېزلا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلار يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى.

20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىنىڭ بېشىدا ياپونىيىدە «دۆلەت قۇرۇشتا ئىجادچانلىققا، پەن-تېخنىكا تايىنىش»تەك نېگىزلىك دۆلەت سىياسىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، مەكتەپلەردە ئىجادىيەت تەربىيىسى تەشەببۇس قىلىنىش ھالىتىدىن تېزلا مەخسۇس ئىجادىيەت-كەشپىيات تەربىيىىسى تۈزۈلمىسى شەكىللىنىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ، كەشپىيات تەربىيىسى، ئىجادىيەت تەربىيىسى، قابىلىيەت تەربىيىسىدىن ئىبارەت ئۈچ سىستېما پۈتۈنلۈك ھاسىل قىلىپ، مەكتەپ، تەتقىقات تەشكىلاتلىرى، كارخانا، جەمئىيەت ھەممىسى تەڭ تۇتىدىغان مۇكەممەل، تورلاشقان تەربىيە ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن ئىدى. بالىلار باغچىسىدىكى ئىجادىيەت تەربىيىسىدىن پارلامېنت ئەزالىرى كەشپىيات بىرلەشمىسىگىچە، پادىشاھتىن ئاۋام خەلىققىچە كەڭ، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە داۋام قىلغان ئىجادىيەت تەربىيىسى نەتىجىسىدە، 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا مەخسۇس نامدىكى ئالتە مىليون كەشپىياتچى، ئىجادىيەتچىلەر قوشۇنى تەربىيلەنگەن ئىدى.

1970- يىلى ياپونىيە تۈزگەن «يېڭى ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات پىلانى»دا ھۆكۈمەت ئۈچىنچى قېتىملىق مائارىپ ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشنى قايتا تەكىتلىگەن بولۇپ، مۇشۇ پىلاندىن باشلاپ ئىجادىيەت تەربىيىسى رەسمىي يۇسۇندا مەكتەپ مائارىپىغا قەدەر كېڭەيتىلدى. بۇ مەزگىللەردە ياپونىيە ئىجادىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى ۋە ئۇنى ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئېچىش ئەمەلىيىتىدە قوللىنىش جەھەتتە ئامېرىكىدىن يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن ئىدى. يىللىق پاتنېت ئىلتىماسىمۇ ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كۆپ بولۇپ، پاتېنت جەھەتتە دۇنيانىڭ پاتېنت ئومۇمىي سانىنىڭ %40 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئىدى. ئېلان قىلىنغان پەن-تېخنىكا ماقالە سانى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇراتتى. بۇ يىللاردىكى ياپونىيىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى كاپىتالىزم دۇنياسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 1948- يىلىدىكى %1 تىن ئۆرلەپ، %9.5 كە يەتكەن ئىدى. مىللىي ئىقتىسادى 1962- يىلى ئەنگلىيىگە، 1964- يىلى فرانسىيىگە يېتىشىۋالغان، 1979- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى.

  20- ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئېچىشنى دۆلەتنىڭ 21- ئەسىرگە كىرىشتىكى ئىستىراتېگىيىلىك كاپالەت دەپ قارىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت ۋە كارخانا ساھىسىدىكىلەر ھەر خىل مۇكاپات تۈزۈمى ۋە مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئورگانلارنى تەسىس قىلغان ئىدى. كارخانىچىلار دائىم: «بىز بايلىق مەنبەسىنىڭ كەملىكىدىن غەم قىلمايمىز، ئەقىل-پاراسەت ۋە ئىجادچانلىقنىڭ كەملىكىدىن قورقىمىز»[11] دېگەن گەپنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيتتى. مانا مۇشۇنداق ئۇرۇنۇشلار نەتىجىسىدە ئۇ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا «كەشپىيات چوڭ دۆلىتى» دەپ ئاتالغان ئىدى. بۇ مەزگىللەردە ياپونىيىنىڭ پەن-تېخنىكا سەۋىيىسى ئامېرىكىغا يېتىشىۋالغان بولۇپ، نۇرغۇن ساھەلەردە ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك رەقىبىگە ئايلانغان ئىدى.   

دېمەك، ئىجادىيەت تەربىيىسى ياپونىيىنى دۇنيانىڭ يېڭى تېخنىكا ئىنقىلابىدا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئۇلار ئۇنىۋېرسال يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكا قوبۇل قىلىش ئىشىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىپ، پۈتۈن دۇنيادا ئالدىنقى يېرىم ئەسىر ئىچىدە كەشىپ قىلىنغان ۋە قوللىنىلغان ھەممە ئىلغار سانائەت تېخنىكسىنى ئىگىلەپ بولغان ئىدى. ئۇنىۋېرسال يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى تېخنىكا شەكىللەندۈرگەن ئىدى. ئىلغار تېخنىكا ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تاۋار ئاساس قىلىنغان خەلقئارا بازار رىقابىتىدە، پەقەت 30 يىل ئىچىدىلا نۇرغۇن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇرۇش مەغلۇبىيىتىدىن  كېيىنكى «تەبىئىي بايلىقى، تېخنىكىسى، بازىرى يوق»  ئاجىز دۆلەتتىن بىر «سەكرەپ»لا ئامېرىكىدىن كېيىن قالسىلا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىساد دۆلىتى بولۇپ قالغان ئىدى. ھەتتا بەزى ساھەلەردە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. بەزى ئىقتىسادشۇناسلار: «ياپونىيە ئىجادىيەت ۋە كەشپىياتلارنى توپلىدى ۋە ئىقتىساد چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى» دېيىشكەن ئىدى. 1983- يىلى خەلقئارادا «ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ يېڭى نەزەرىيىسى» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىلىمنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدىكى رولى مۇھاكىمە قىلىندى. بىلىمنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ماتېماتىكىلىق فۇنكىسىيە دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەكلىكى قەيت قىلىندى. ئەمما، بۇ خىل قاراش بۇنداق رەسمىي سىستېمىلىشىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات تارىخىدا بۇنى ئاللىقاچان ئىسپاتلاپ بولغان ئىدى.

مائارىپتا خەلقنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ پايدىغا ئېرىشكەن دۆلەتلەر يالغۇز ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىلا ئەمەس. ئۇلاردىن باشقا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى، ياۋروپا دۆلەتلىرى قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلار دۇنيانىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىسىنى قوغلىشىش جەريانىدا، ئىجادىيەتشۇناسلىقنى كىرگۈزۈش ۋە پۇقرالارغا قارىتا ئىجادىيەت قابىلىيىتىنى ئېچىش تەربىيىسىنى يولغا قويۇشنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، زۆرۈر بولغان ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى ئاجراتقان. ئۇلارمۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا باپ كېلىدىغان تۈرلۈك ئۇسۇل ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۇقرالارنىڭ ئىجادىيەت قابىلىيىتىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئېچىپ، پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سالغان. نەتىجە قىياس قىلىنغان نىشانغا يېتىپ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن.

3

20- ئەسىردە تەرەققىي تاپقان ئەللەردە ئىجادىيەتشۇناسلىق مۇكەممەل بىر ئىلىم سۈپىتىدە تەتقىق قىلىندى ۋە مائارىپ ساھەسىگە ئەڭ كەڭ تەدبىلقلاندى. ئىجادىيەت تەربىيىسىنى يولغا قويغان، پۇقرالارنىڭ ئىجادچانلىقىغا ھەقىقى ئىلھام بېرەلىگەن دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي زور ھەسسە قوشتى. ئۆتكەن ئەسىردىكى ئىقتىسادىي رىقابەت بىۋاسىتە رەۋىشتە كەشپىيات-ئىختىرالارغا باغلانغان بولۇپ، تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %37ىنى، ئۇلارنىڭ GDP سى دۇنيانىڭ %11ىنى ئىگىلىسىمۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ 2000- يىلىدىكى پاتېنت كەشپىياتى ئامېرىكىدا تىزىملانغان پاتېنت كەشپىياتىنىڭ %1ىگىمۇ يەتمىگەن ئىدى. پاتېنت سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئالدىنقى 20 دۆلەت يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇلاردىكى پاتېنت كەشپىياتى سانى دۇنيادىكى بارلىق  پاتېنت كەشپىياتى سانىنىڭ %98 ىنى ئىگىلىگەن.

ئۆتكەن ئەسىردە كەشپىيات خوجايىنلىرى بولغان ياپونىيە، شىۋېتسارىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر پۇقرالارنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇش، جارىي قىلدۇرۇش تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن كەشپىيات، يېڭى مەھسۇلاتلىرى بىلەن ھېچقانداق ئېلان-تەشۋىقاتسىز ھالدا دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە باشقىلارغا تۇيدۇرماي بازار ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي «تاجدار»لارغا ئايلاندى. بۇنداق بىر سىر ئايان بولغاندىن كېيىن، ئىجادىيەت قابىلىيىتى يېتىلدۈرۈش مەسىلىسى بارا-بارا تېخىمۇ كۆپ دۆلەتتىكى ھەر ساھە ئىلىم  ئاقىللىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

مائارىپنىڭ رولىنى نوقۇل ئىقتىسادىي ئۈنۈم نوقتىسىدىن تەھلىل قىلىش بىر تەرەپلىمىلىك بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ مائارىپىدىكى بۇ خىل سىر بىزنىڭ تەنقىدىي يۇسۇندا بولسىمۇ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

 

2010-يىل 4-ئۆكتەبىر

پوسكام



[1] گاۋ چۈنمېي: «ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئېچىش»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 2001- يىل خەنزۇچە نەشرى، 8- بەت.

[2] گاۋ چۈنمېي: «ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئېچىش»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 2001- يىل خەنزۇچە نەشرى، 13-بەت.

[3] شيا جېڭنوڭ باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن: «ئوكيانۇس» (قىسقارتىلمىسى)، شاڭخەي لۇغەت نەشرىياتى 2002- يىل خەنزۇچە نەشرى  2- باسمىسى، 1912- بەت.

[4] گاۋ چۈنمېي: «ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئېچىش»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 2001- يىل خەنزۇچە نەشرى، 7- بەت.

[5] گاۋ چۈنمېي: «ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئېچىش»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 2001-يىل خەنزۇچە نەشرى، 17-بەت.

[6] گاۋ چۈنمېي: «ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئېچىش»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 2001-يىل خەنزۇچە نەشرى، 17-بەت.

[7] گاۋ چۈنمېي: «ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئېچىش»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 2001-يىل خەنزۇچە نەشرى، 19-بەت.

[8] گاۋ چۈنمېي: «ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئېچىش»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 2001- يىل خەنزۇچە نەشرى، 147- بەت.

[9] ئوخمۇرا ماساۋ (ياپونىيە): «رەسىملىك چۈشەندۈرۈلگەن پسىخولوگىيە»، نەنخەي نەشرىيات شېركىتى 2010- يىل خەنزۇچە نەشرى، 137- بەت.

[10] ئوخمۇرا ماساۋ(ياپونىيە): «رەسىملىك چۈشەندۈرۈلگەن پسىخولوگىيە»، نەنخەي نەشرىيات شېركىتى 2010- يىل خەنزۇچە نەشرى، 137- بەت.

[11] گاۋ چۈنمېي: «ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئېچىش»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 2001- يىل خەنزۇچە نەشرى، 4- بەت.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
Abduwayit تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:كۆنگەن ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-09 11:04 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-04-10 10:04