خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

جۇڭگو ياشلىرى نېمىشقا ئىگىلىك تىكلەشنى خالىمايدۇ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2012-07-05 20:59

 

‹‹ ۋال كوچىسى گېزىتى ›› : جۇڭگو ياشلىرى نېمىشقا ئىگىلىك تىكلەشنى خالىمايدۇ

 

جۇڭگودىكى چولپان كارخانىچىلارنىڭ سودا مۇۋەپپەقىيىتى ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلارنى خوجايىن بولۇشقا يېتەكلەشتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىغاندەك قىلىدۇ . خەۋەرلەردە ئايان بولۇشىچە ، ئۆتكەن يىلى جۇڭگودىكى پەقەت % 1.6 ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن بولۇپ ، ئالدىنقى يىلى بىلەن تەڭلەشكەن . ئامېرىكىدىكى ياشلار پۈتۈن نىيىتى بىلەن كېيىنكى قەدەمدىكى بىر ‹‹ ئىش ›› نى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا بېرىلىدۇ ، جۇڭگودىكى يېڭىدىن روناق تېپىۋاتقان كىچىك خوجايىنلار بولسا، ئىشىنى ئەڭ تۆۋەن تېخنىكا ۋە ئەڭ تۆۋەن يۈزلىنىشتىن باشلايدۇ .

    جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە مېكىس تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان ‹‹ 2012–يىللىق جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتى ›› دا ئايان بولۇشىچە ، جۇڭگو كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر ۋە تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا ئىگىلىك تىكلەشنى خالايدىغانلىقى ئايرىم ھالدا % 2.2 ۋە % 1 كە يېتىدىكەن . كۆپلىگەن ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئانچە تەرەققىي تاپمىغان ئوتتۇرا غەربىي قىسىمدىكى رايونلارغا تارقىلىپ ، تىپىك بولغان جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك يارىتىش مەنزىرىسىنى ــــــ ئاشخانا ئېچىش ۋە چوشقا بېقىش قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرگەن .

    جۇڭگودىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئاتا–ئانىسى ياكى ئۇرۇق–تۇغقانلىرىدىن مەبلەغكە ئېرىشكەنلەر بولۇپ ، تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار % 80 كە ، كەسپىي ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار % 82 كە يېتىدۇ . ھالبۇكى ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى غەربلىك ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ تايىنىدىغىنى مەبلەغ سالغۇچى ‹‹ پەرىشتە ›› لەر ۋە جامائەت مەبلەغ مەنبەسى ، مەسىلەن : ھۆكۈمەت ياكى مەكتەپلەر تەمىنلىگەن مەبلەغ قوللىشىدىن ئىبارەت .

    جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە مەكتەپلەر مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم قىلغان ئىگىلىك يارىتىش مۇسابىقىلىرى ، گەرچە نۇرغۇنلىغان قاتناشقۇچىلارنى جەلپ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر كەلگۈسىدە ئىگىلىك يارىتىشنى مەقسەت قىلمىغان ، شيامىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە ، بۇ مەكتەپتىكى ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىدا % 53 قاتناشقۇچى مۇسابىقىگە قاتنىشىش نىيىتىنى كەلگۈسىدە كەسىپ ئۆگىنىپ ، تەجرىبە توپلاش ۋە غوللۇق ئادەمگە ئايلىنىشقا باغلايدىكەن .

    تەكشۈرۈشتە مەلۇم بولۇشىچە ، غەربتىكى سودا ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار تەنقىدىي خاراكتېرلىك تەپەككۇرنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىدىن مەنپەئەت ئالغۇچىلار بولسىمۇ ، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئىجادىي خاراكتېرلىك بولۇشقا ئانچە ئېتىبار بەرمەيدىكەن . خەۋپ–خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمايدىكەن ، بۇ جۇڭگونىڭ ئۆلۈك خاتىرىلەش–قارغۇلارچە يادلاشنى ئاساس قىلغان مائارىپ تۈزۈمىدىن كەلگەن .

    مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئاز بولۇشىمۇ ، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنىڭ نىسبەتەن ئاز بولۇشىدىكى بىر ئامىل . شۇڭا ، ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ مەبلەغ تېپىشى ناھايىتى تەسكە توختايدۇ . شۇڭا جۇڭگودىكى مەلۇم داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى ‹‹پەرىشتە ›› مۇنداق دەيدۇ : جۇڭگونىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى ئامېرىكىنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ ، ئەمما يېڭىلىق يارىتىش يەنىلا بىر مەسىلە، ‹‹ مەبلەغ مەسىلە ئەمەس ، مەسىلە ياخشى تۈرنىڭ بولۇش–بولماسلىقىدا . بىر قىسىم جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى پەقەت ئاددىي تەقلىد قىلىشتىنلا ئىبارەت ›› .

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار