خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

سىنىپ ھەيئىتى «خائىن» مۇ؟

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئالىپتىكىن2011-12-19 19:15

 

سىنىپ ھەيئىتى «خائىن» مۇ؟


خېنەن سودا گېزىتى خەۋىرى:
تۈنۈگۈن بىرەيلەننىڭ مىكرو بلوگقا يوللىغان سۆزى ناھايىتى ئاۋاتلىشىپ كەتتى. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
سىنىپ ھەيئىتى تۈزۈمى ئەمەلىيەتتە "خائىن" تەربىيەلەشتىنن ئىبارەت. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سىنىپ ھەيئەتلىرى بولمايدۇ. دۆلىتىمىزدىكى مەكتەپلەردىكى سىنىپ ھەيئىتى تەيىنلەش تۈزۈمىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك. بالىلار شۇندىلا باراۋەر مۇھىتتا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

     ئون نەچچە يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا بۇنى پەقەتلا ئويلاپ باقماپتىمەن. تۇرۇپلا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقىۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئېسىمگە كەلدى. ئۆگىنىش نەتىجەم ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن بىرىنچى يىللىقتىن تارتىپ تاكى تولۇق ئوتتۇرىغىچە ئۆگىنىش ھەيئىتى بولغان ئىدىم. سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ھەر سائەتلىك دەرستە مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ دەرس ئىنتىزامىنى بۇزغان ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئىسمىنى يېزىۋالاتتىم ۋە دەرستىن چۈشكەندە "قارا تىزىملىك"نى مۇئەللىمگە تاپشۇراتتىم. "قارا تىزىملىك"تىكىلەر سىنىپ يىغىنىدا "پىپەن" قىلىشقا ئۇچرايتتى.
     شۇ سەۋەبتىنمىكىن ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى ئەمەس، دائىم ئىنتىزامنى بۇزىدىغانلار ماڭا "ئۆچ" ئىدى.....
     ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولدۇم ۋە ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ سىنىپ "كادىرلىرى"نىڭ "رولى"دىن پايدىلىنىپ سىنىپنى باشقۇرۇپ كەلدىم. ھەر كۈنى كىچىك باغاقچىلاردا "قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەر"نىڭ ئىسىملىكى كىرىپ تۇراتتى، ئۇلارنى بىر بىرلەپ ئىشخانىغا چاقىرىپ "ئەدىپىنى" بېرەتتىم.
     ئەلۋەتتە "تىزىملىك" يوللاپ بېرىۋاتقان "كادىرلار" دائىم دىگۈدەك باشقىلارنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرايتتى، نۇرغۇن ساۋاقداشلار ئۇلارنى ئارىغا ئالمايتتى. ئۇلار دەرد ئېيتىپ كەلگەندە بولسا "ئۇلار ئىنتىزامسىز ناچار ئوقۇغۇچىلار بولغانلىقى ئۈچۈن سىلەرگە ھەسەت قىلىپ شۇنداق قىلىدۇ. خاتىرجەم ياخشى ئىشلەڭلار" دەپ ئىلھاملاندۇرۇپ خىزمەتنى داۋام ئېتەتتىم....
     "تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن" دېگەندەك بۈگۈن يۇقارقى خەۋەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئويلىنىپ قالدىم. ھەقىقەتەن بىز ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا ئۇلارنى ھوقۇق ۋە مەنپەئەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، بەزىدە نەتىجە يارىتىپ ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن باشقىلارنى قۇربان قىلىدىغان، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىنىمۇ كىچىككىنە سەھۋەنلىك ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىغا چاقىدىغان قىلىپ تەربىيەلەيدىكەنمىز.  "سىنىپ كادىرلىرى" ساۋاقداشلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىپ تۈزىتىشىگە ياردەم قىلىش ئورنىغا نەتىجە كۆرسىتىش ئۈچۈن خۇپىيانە ھالدا ئوقۇتقۇچىغا "مەلۇم" قىلىدىكەن. بەزىدە بۇ "مەلۇمات"قا شەخسى ھېسسىياتلارمۇ ئارىلىشىپ، كۆپتۈرۈلۈپ، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناھەق تەنقىدلىنىشىگە سەۋەب بولۇپ قالىدىكەن.
     "سىنىپ كادىرلىرى" بىلەن ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ساۋاقداشلىق مېھرى - مۇھەببىتى ئورنىغا باشقۇرۇش - باشقۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىدىكەن.
باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەسلىدىلا ئۆزىنى باشقۇرۇشىمۇ تەس ئىدى، ئەمما بىز ئۆزىنى ئوڭلاپ باشقۇرالمايدىغان شۇ سەبىيلەرگە باشقىلارنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاڭىدىكەنمىز.
      ھوقۇق ۋە مەنپەئەتكە "قۇل" بولۇپ قېلىۋاتقان رەھبىرىي كادىرلارنى شۇنچە قايناپ تىللايمىزۇ، شۇنداقلارنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۆزىمىز بىر قوللۇق يېتىشتۈرۈپ چىقىۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەي يۈرۈپتۇق.
     مۇنبەرداشلار، ئەسلەپ بېقىڭلار. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىڭلارنى ئەسلەپ بېقىڭلار.
    ئىشقىلىپ دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ مەن سىنىپىمدىكى بارلىق سىنىپ كادىرلىرىنى "ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاپ" سىنىپتا ھەممەيلەن "باراۋەر" بولغان مۇھىت يارىتىمەن.

 

مەنبە:تەڭرىتاغ مۇنبىرى مۇئەللىم (muallim) يوللانمىسى.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئالىپتىكىن تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-29 10:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-13 00:02