خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بالىلارنى چۈشىنىش بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2012-01-07 00:53

 

بالىلارنى چۈشىنىش بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا

 

پېداگوگلار، پىسخولوگلارنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنىڭ تولۇق قوزغىلىشى ئون پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىكەن. ھەرقانداق بالىدا زور يوشۇرۇن ئىقدارى بولۇپ، ئۇنى مەلۇم ئامىللار توسۇپ تۇرغان بولىدىكەن.

      نۇرغۇن ئاتا – ئانىنىڭ نەزىرىدە بالىلار كىچىك، تەجرىبىسىز دەپ قارالغاچقا، ئۇلار بۇ خىل ئىدىيەنىڭ تۈرتكىسىدە بالىلارنىڭ ھوقۇقىغا، مۇرەككەپ ھەم جانلىق سەزگۈسىگە سەل قارايدۇ. پەن تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بالىلار كىچىك چېغىدىن باشلاپلا تاشقى دۇنيانىڭ ئۇچۇرلىرىنى جانلىق قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن. ئاتائانىسىنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى ۋە سۆزىگە دىققەت قىلىدىكەن ھەمدە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولىدىكەن. بالىلارنىڭ ياخشى پەرۋىشكارى بولغان نۇرغۇن ئاتا – ئانا پەرزەتلىرىنىڭ تەلەپ – ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلايدۇ. كەلگۈسىدە ئۆزىدىنمۇ باياشات، بەخىتلىك ياشىشى ئۈچۈن، ھېسابسىز بەدەل تۆلەشكە تەييار تۇرىدۇ، پەرزەتلىرىنىڭ جاپا تارتىشىنى خالىمايدۇ. ئېھتىمال بۇ خىل ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنۈپ، ئامراقلىق قىلغاندا بالىلار ھۇرۇن، چىدامسىز، ئىرادىسىز، ‹‹تەييارغا ھەييار›› بولۇپ قېلىشى، شۇنداقلا بىلىپ – بىلمەي تۇيۇق يولغا مېڭىپ، تولدۇرۇۋالغۇسىز ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

      بالىلارغا كۆيۈنۈش، ئامراقلىقنى ئىپادىلەش ئەلۋەتتە خاتا ئەمەس. بىز ئاشۇ ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىق، ئەركىگە قويۇۋېتىشتىن ئىبارەت ھاياجانلىق قەددىمىزنى ئالغان چېغىمىزدا بالىلارنى چۈشىنىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمىزنى كېچىكىپ ھېس قىلىمىز. بالىلارغا ئۆز خاھىشىمىز، ئۆز ئادىتىمىز بويىچە تەلەپ قويغان چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى، بىزدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەسلىكىمىز مۇمكىن. بەزىدە بالىلارنىڭ كىچىككىنە نۇقسانلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئەيىبلەيمىز، دەرھال دۇرۇس ئادەم بولۇشقا قىستايمىز، بېسىم ئىشلىتىمىز. نەتىجىدە، ئۇلاردىن تەدرىجىي يىراقلاپ، ئۆزئارا ئىشەنچ تۇيغۇسىنى، ھەقىقىي مەنىدىكى ئائىلە تەربىيەسىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىمىز. بەزىدە ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلاردىن ئۆگىنىدىغان تەرەپلىرىمۇ بولىدۇ.  ئاتا – ئانىلارنىڭ مەكتەپ مائارىپىدىن باشقا، ئائىلە مائارىپىدا ئۆزىگە خاس پىرىنسىپى بولۇشى كېرەك. بۇ، بالىلارنى ھۆرمەتلەشتە، ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە چۈشىنىشتە كونكىرېت ئىپادىلىنىدۇ. بالىلارنىڭ ئىنتىلگەنلىرىدىن، ئازۇئارمانلىرىدىن يىراقلاپ كەتكەندە، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار بالىلارغا كېرەكلىك ھەرخىل ماتېرىياللار ۋە ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ توغرا بولغان ئەخلاق قارىشى، ئوزۇقلىنىش ئادىتى ۋە جاپاغا چىداش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئۈلگە بولۇشى، بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن يانغان ماياكقا يېتەكچى بولۇشى لازىم. بالىلاردىكى بېسىمنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قىزىقىش ئالاھىدىلىككە ئاساسەن مۇۋاپىق ۋاقىت جەدىۋىلى تۈزۈپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۇلار بىلەن ھەم سىردىشالايدىغان دوست، ھەم يېتەرلىك بىلىم بېرەلەيدىغان ئۇستاز، ھەم ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغىتالايدىغان ئالىيجاناب پەزىلەت ئىگىسى بولۇش كېرەك. لاياقەتلىك ئاتا – ئانىلار ئۆزىدە ئۈلۈكسىز ئۆگىنىش، ھەم ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش شەرتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. مەيلى قانداق بالا بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ھۆرمەتكە ئېرىشىش ئۇلارنىڭ تارتىۋېلىشقا بولمايدىغان ھوقۇقى. بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولسۇن ياكى ناچار بولسۇن، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىش، چۈشىنىش كېرەك. ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىق قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. مانا مۇشۇنداق ھەقىقىي مەنىدىكى تەربىيە ئۇسۇلى بولغاندىلا، بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئاچقىلى، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار