خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

چوقۇم ۋەقە چىقىشى كېرەكمۇ؟

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئالىپتىكىن2011-12-19 19:09

چوقۇم ۋەقە چىقىشى كېرەكمۇ؟

 

ياشىن تورى بۈگۈن "ئۇزۇن تۇمشۇق مەكتەپ ماشىنىسى ئۈرۈمچىگە كەلدى" دېگەن تېمىدا بىر خەۋەر بەردى. خەۋەردە يېشىل شەھەر گۇرۇھىنىڭ "يېشىل شەھەر. دىڭشىياڭ گۈللۈكى ئولتۇراق رايۇنى" ئۈچۈن دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەكتەپ ئاپتۇبۇسى سېتىۋېلىپ ئولتۇراق رايۇندىكى ئاھالىلەر ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلماقچى بولغانلىقى ئېيتىلغان. خەۋەردە شۇنداقلا مەزكۇر ئاپتوبۇسنىڭ ئۈرۈمچىدىكى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۇنجى مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىگىلىنىشىچە ، گەنسۇدىكى مەكتەپ ئاپتوبۇسى ۋەقەسىدىن كېيىن مەكتەپ ئاپتوبۇسى جەمىئىيەتتىكى قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىپتۇ. 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىرەرمۇ مەكتەپ ئاپتوبۇسى بايقالمىغان.
بۇ خەۋەرنى ئوقۇپ غەزەپتىن يېرىلايلا دەپ قالدىم.
1. دۆلەت ئۆلچىمى قاچان بېكىتىلگەن؟
2. مائارىپ نازارىتى، مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدىن خەۋىرى يوقمۇ؟
3. مەكتەپلەر ئەڭ بولمىغاندا يىلدا بىر قېتىم يىللىق تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدۇ. باشقا چاغلاردا ئالدىراش دىيىلگەندىمۇ، شۇ يىللىق تەكشۈرۈش ۋاقتىدا تەكشۈرمەي ئىشەك باققانمۇ؟
4. بىخەتەرلىك ئەڭ مۇھىم سانىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ، بىخەتەرلىك جەھەتتە ئۆلچەمگە يەتمىگەنلەرمۇ يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئامان ئىسەن ئۆتسە، بۇ يەردە چىرىكلىك، پارىخورلۇق مەۋجۇتمۇ ياقمۇ؟
5. مۇشۇنداق مەخسۇس تەكشۈرۈشلەر چوقۇم چوڭ قانلىق ۋەقە چىققاندىن كېيىن ئاندىن ئېلىپ بېرىلامدۇ؟ پەرزەنتلىرىمىز خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزنىڭ قۇربانى بولۇشى كېرەكمۇ؟
مېنىڭچە بۇ سۇئاللار، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىدا ئىشلەۋاتقان "خەلقنىڭ چاكارلىرى" چوقۇم ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردۇر.

 

مەنبە:تەڭرىتاغ مۇنبىرى مۇئەللىم (muallim) يوللانمىسى.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئالىپتىكىن تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-29 10:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-13 00:02