مەكتەپنىڭ «تىنچ سىنىپ»، « تىنچ ئىشخانا» لارنى باھالاش ئۆلچىمى
«تىنچ سىنىپ»، « تىنچ ئىشحانا» لارنى باھالاشتا، «ۋەتەننى سۆيۈپ قانۇنغا رۇايە قىلىش، سەمىمى راسچىل بولۇش، ئىتتىپاق دوستانە بولۇش، ئاددى ساددا تىرىشچان بولۇپ ئۆزىنى كۈچەيتىش، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشۇش، زوراۋانلىق بولماسلىق، شەھۋانىلىق، قىمار، زەھەرلىك چىكىملىكتىن يىراق تۇرۇش» ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
1.قانۇننى ئۈگۈنۈپ، ئىشلىتىپ، خىلاپلىق قىلمايدىغان، قانۇنغا بويسۇنىدىغان پۇحرا بولۇش لازىم. ۋەتەننى ، سوتسىيالىزىمنى قىزغىن سۆيۇپ، پارتىينىڭ لۇشىيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ھىمايە قىلىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن، قائىدىللىرىگە رۇايە قىلىدىغان، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق مەنپەتىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغداپ، ئاياللارنى كەمسىتمەيدىغان، بالىلارنى خارلىمايدىغان، پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلمىغان بولۇش.
2. باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن، گۈزەل ئەخلاق بەرپا قىلىدىغان بولۇش لازىم. «ۋەتەننى سۆيۈپ قانۇنغا رۇايە قىلىش، سەمىمى راسچىل بولۇش، ئىتتىپاق دوستانە بولۇش، ئاددى ساددا تىرىشچان بولۇپ ئۆزىنى كۈچەيتىش، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشۇش» پۇقرالار ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە مەدىنىيەتلىك پۇخرالاردىن بولۇش.
3.زىددىيەتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، دوستانە ئىناق ئورۇن قۇرغان بولۇش. سىنىپ. ئىشحانا ئەزالىرى ئىناق بىرگە تۇرغان، تۈرلۈك زىددىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۇراقلاشتۇرۇپ،ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىپ، ،باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، دوستانە ئۆتكەن بولۇش.
4. ئۆزى ئالدىغا مۇداپىيە كۆرۈپ، تىنچ، بىخەتەرلىكنى تەكىتلەپ، تىنچ بىخەتەر ئورۇن قۇرۇش. ئوتتىن، ئوغۇرلۇقتىن، بۇلاڭچىلىقتىن، زوراۋانلىقتىن، قاتناش ھادىسلىرىدىن ساقلىنىش قاتارلىق مۇداپىيەلىنىش ساۋاتلىرىنى پىششىق ئىگەللەپ، مۇداپىيە ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، ئۆزئالدىغا مۇداپىيە كۆرۈش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، ئۆزىنى قوغداش، جامائەت ئامانلىقىدىن مۇداپىيە كۆرۈش بىلىملىرىنىڭ كەمچىللىكىدىن تۇرلۇك ھادىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش لازىم.
5.ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، ئاممىۋى ئەخلاقنى ساقلاپ، مەدىنىيەتلىك بولۇش لازىم. ناچار ئۆرۈپ ئادەت، ئىستىللارنى ئۆزگەرتىپ، ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، بىدئەتچىلىك، خۇراپىلىققا قارشى تۇرۇپ، مەدىنىيەتكە ئىنتىلىپ، جامائەت ئەخلاقىغا رۇايە قىلىپ، «شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، زەھەرلىك چىكىملىك»دىن يىراق تۇرغان بولۇش.
6. چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەپ، بالا تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىناق ئائىلە قۇرغان بولۇش لازىم.
7..ئاممىۋى شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، مىھرى-شەپقەتلىك ئائىلە قۇرۇش لازىم. جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆز-ئارا ياردەم قىلىپ، پىداكارلىق كۆرسۈتۈپ، ، جامائەت بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدىغان بولۇش لازىم.
8.قانۇن بويىچە ھوقۇقىنى قوغداپ، قانۇنى مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، قانۇندىن مەسلىھەت سوراش ۋە قانۇن يولى ئارقىلىق قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، ئەرىز قىلىپ ماجىرا تۇغدۇرماسلىق لازىم.
9. تازىلىققا ئەھمىيەت بىرىپ، ساغلاملىقنى قوغداپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەركىتى پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ، تەنتەربىيەدە چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىپ ساغلاملىقنى كۈچەيىتكەن بولۇشى لازىم.