خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مەكتەپنىڭ «بىخەتەر مەكتەپ» بەرپا قىلىش ئۆلچىمى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : تەمكىن8202013-08-29 18:04

 مەكتەپنىڭ «بىخەتەر مەكتەپ» بەرپا قىلىش ئۆلچىمى
«بىخەتەر مەكتەپ» نى باھالاشتا، «مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىۋى بەرپا قىلىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇش، ئۇنۋېرسال تۈزەش ئاپىراتلىرى مۇكەممەل، تەربىيلەش، باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بەرگەن، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار قانۇن- ئىنتىزامغا رۇايە قىلغان، مەكتەپ ئىچىدىكى كەيپىيات توغرا، جانلىق بولغان بولۇش» ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
1. مەكتەپ رەھبەرلىرى بەرپا قىلىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇش لازىم. بىخەتەر مەكتەپ بەرپا قىلىش خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىۋىگە كىرگۈزۈپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن ماس قەدەملىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەڭ تەكشۈرۈپ، تەڭ باھالاپ، قەرەللىك مۇزاكىرە قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش، دوكىلات قىلىش، خۇلاسىلەش شەكلىدىكى بەرپا قىلىش خىزمەت تۈزۈمىنى ئورناتقان بولۇش.
2.ئۇنۋېرسال تۈزەش رەھبەرلىك ئاپىراتى، ئىش بىجىرىش ئاپىراتلىرى ۋە مۇرەسسە، ئامانلىق، ئوتتىن مۇداپىيە كۆرۈش تەشكىلاتلىرى مۇكەممەل، ھەر تۈرلۈك قائىدە، تۈزۈملەر ۋە بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىش خىزمەت تەدبىرلىرى ئەمىللەشكەن، مۇھىم ئورۇنلارنىڭ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇش.
3.ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ  قانۇنغا خىلاپ ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مىخاينىزىمى مۇكەممەل بولۇش، مەكتەپتە قانۇن تۈزۈمگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىر سەپلەنگەن، قانۇن- تۈزۈم تەشۋىقات تەربىيەسىنى قەرەللىك قانات يايدۇرغان، ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەدبىر قوللۇنۇپ، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ كۈندىلىك خىزمەت تەرتىۋىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى، روھى ساغلاملىقىغا زىيانلىق جىنايى قىلمىشلارنى ۋاقتىدا تەكشۇرۇپ، بىرتەرەپ قىلىشقا تەشكىللەپ، مەكتەپ قورۇسى ۋە ئەتىراپتىكى رايونلارنىڭ ئامانلىق تەرتىۋىنى قوغدىغان بولۇش.
4.ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇن ئىنتىزامغا رۇايە قىلىش ئاڭلىقلىغىنى شەكىللەندۈرۈپ،  ئەخلاق ساپاسى يۇقۇرى، قانۇنسىز جىنايى پائالىيەتلەرنى باتۇرلۇق بىلەن پاش قىلىپ، ئاشكارىلايدىغان، ئامانلىق ئالدىنى ئېلىشقا پائال قاتنىشىپ، ئىجتىمائىي ئامانلىقنى ئورتا قوغدىغان بولۇش.
5.مەكتەپ ئىچكى قىسمىدىكى ئامانلىق تەرتىۋى ياخشى، باشقۇرۇش تەرتىپلىك، مۇھىت گۈزەل بولۇش، «مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىۋىنىڭ مەسئۇلىيىتى كونكىرىتلاشتۇرۇلغان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىددىيىۋى سىياسى تەربىيسىنى دائىملاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىنى قوغداپ، بۆلگۈنچىلىككە، سېڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش تەربىيسىنى دەرسخانىلاشتۇرۇلغان بولۇش»، دىن ۋە مىللى بۆلگۈنچىلىك ئىددىيىسىنىڭ مەكتەپلەرگە سېڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە ۋە سىياسى دېلولارغا قاتناشقانلار بولماسلىق، يامان خاراكتىرلىق زور دېلولار سادىر بولمىغان، زور ئامانلىق ھادىسلىرى، ئاپەت خاراكتىرلىق ھادىسلىرى كىلىپ چىقمىغان، «شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، زەھەرلىك چىكىملىك ئەتكەسچىلىكى» قاتارلىق رەزىل ھادىسلەر كۆرۈلمىگەن، دەۋا ماجراغا ئۆزگۈرۈپ كىتىش ئەھۋاللىرى، ئامما خاراكتىرلىق يۇقۇرغا ئەرىز سۇنۇش ۋەقەلىرى كۆرۈلمىگەن، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئېغىر قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن بولۇش.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
تەمكىن820 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-08-28 11:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-09-22 11:09