بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش تۇزۇمى
1. ھەرقايسى بۆلۈم – ئىشخانىلار، سىنىپلاردا جۈملىدىن مەكتەپتە مۇكەممەل بولغان بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش تۈزۈم ۋە تەدبىرلىرى بولغان بولۇش، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئۆز – ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش، ئۆز – ئۆزىنى قوغداش، جىددىي، خەتەرلىك ئىشلاردىن ئۆز – ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش، قوغداش ئاساسىي ئۇسۇلى توغرىسىدا بىخەتەرلىك ئېڭى كۈچلۈك بولغان بولۇش.
2. سىنىپلار، بۆلۈملەر، ئوقۇتۇش ئۆيلىرىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇش يوللىرى راۋان، ئىشىك دەرىزىلەر بىخەتەرلىك بەلگىلىرى تولۇق بولغان بولۇش.
3. بىر ئوقۇش يىلى ئىچىدە بىخەتەرلىك خىزمىتىدە يارىلىنىش، ئۆلۈش ۋە ھادىسە يۈز بېرىشتە نۆلدە كونترول قىلىنغان بولۇش.
مەكتەپنىڭ مەسئۇلىيىتى:
1. مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك خىزمەت پىلانى، ئالدىنى ئېلىش لايىھەسى، ھادىسە يۈز بەرگەندە جىددىي بىرتەرەپ قىلىش تەييار لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، تەدبىرى قاتارلىقلارنى تۈزۈپ تەييارلاپ، ئاممىغا ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.
2. مەكتەپ مۇدىرى بىخەتەرلىك خىزمىتىگە كونكىرت مەسئۇل خادىملارنى، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى بىخەتەرلىك بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەپ، كونكىرت جاۋاپكارنىڭ بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.
3. بۆلۈم – ئىشخانا، ئورۇن، سىنىپلارنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىدىكى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىكتىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ۋاقتىدا تۈگىتىشكە، تۈزىتىشكە نازارەتچىلىك قىلىدۇ.
4. ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرۈپ، خەتەرلىك ئامىللار بايقالسا تۈزىتىش تەدبىرىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
5. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن خەتەر ۋە ھادىسىلەرگە قارىتا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەييار لايىھەسىنى قوزغۇتۇپ جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىپ، ئىشنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنى كونترول قىلىپ، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئالاقىدار ئادەم ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىلاپ، مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىشقا قارىتا مەسئۇللۇق بىلەن خىزمەت ئىشلەيدۇ.
6. بىخەتەرلىك ئۇچۇر يوللاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، دوكلات تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ.
بۆلۈم، ئىشخانا مەسئۇللىرى، سىنىپ مۇدىرىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى:
1. ئۆز ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. ھەرقايسى بۆلۈم، ئىشخانا مەسئۇللىرى ۋە سىنىپ مۇدىرلىرى مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتىدە بىرىنچى جاۋاپكار ياكى بىۋاستە جاۋاپكار بولىدۇ. مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئورتاق ھالدا مەكتەپتە بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگۈچىلەر ھىسابلىنىدۇ.
2. ھەرقايسى بۆلۈم، ئىشخانا مەسئۇللىرى ۋە سىنىپ مۇدىرلىرى مەكتەپتە دىژورنىلىكتە تۇرۇپ ئامانلىقنى قوغداش، سىنىپ، ئىشخانىلار، تەجرىبىخانا، كومپيۇتېر ئۆيلىرى، قىرائەتخانا، كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۆيى، چايخانا، ئاشخانا، ئامبار، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، قاتناش بىخەتەرلىكى، يىمەك – ئىچمەك بىخەتەرلىكى، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتى بىخەتەرلىكى، مەكتەپ ئەتراپى بىخەتەرلىكى، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك بىخەتەرلىكى، تازىلىق بىخەتەرلىكى، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكى، ئەمگەك بىخەتەرلىكى، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش بىخەتەرلىكى قاتارلىق بىخەتەرلىك خىزمەتلرىنى، جۈملدىن ھەرۋاقىت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېنىدا پىچاق، قەلەمتۇراچ قاتارلىق تىغلىق نەرسىلەر، سەرەڭگە، چاقماق بولماسلىق مەزمۇنىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. تەربىيە بېرىدۇ. مەسىلىلەرنى تۈزىتىدۇ. ئېغىرلىرىنى مەكتەپ مۇدىرىغا يازمىچە دوكلات قىلىدۇ. قاتلاممۇ قاتلام تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالايدۇ.
3. ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا ئوتتىن، ئوغۇرلۇقتىن، پارتلاشتىن، ئالدامچىلىقتىن، يەر تەۋرەشتىن، قاتناش ھادىسىسىدىن، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشتىن، يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشتىن، سۇ، توك، گاز، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ۋە تاسادىپى زەخمىلىنىشتىن ساقلىنىش بويىچە دائىم بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ.بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئېيى، بىخەتەرلىك تەربىيىسى ھەپتىلىكى، بىخەتەرلىك تەربىيىسى كۈنى، 119، ئوت ئۆچۈرۈش كۈنى قاتارلىق پائالىيەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ ئاساسىي تېمىنى بېكىتىپ، تەشۋىقى تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتىرىدۇ.
4. ئوقۇتقۇچىلارنى، سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان بىخەتەرلىك ھەققىدىكى مانىۋېرلارغا ياخشى، تولۇق تەشكىللەپ قاتناشتۇرىدۇ.
5. ھەپتىدە بىر قېتىم ئېچىلغان سىنىپ يىغىنىدا ئالدىنقى ھەپتىلىك خىزمەتلەردىن خۇلاسە قىلغاندا بىخەتەرلىك خىزمىتىدىنمۇ خۇلاسە قىلىدۇ. كېيىنكى ھەپتىدە بىخەتەرلىكتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ئۇقتۇرۇلىدۇ.
6. سىنىپىدا ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىسى بار سىنىپ مۇدىرلىرى ياتاقتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەشكىللىشى، ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆزى ياتاقنى تەكشۈرۈشى، ئەھۋاللارنى ۋاقتى – ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ مېڭىشى، تۈزىتىلمىسە ۋاقتىدا مەكتەپ مۇدىرىغا دوكلات قىلىش كېرەك.
7. مەكتەپتە تاماق يەيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تاماق يىيىش بىخەتەرلىكى، تاماقتىن زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ.
8. مەكتەپ ئىچىدە ۋە ئادەتتىكى خىزمەت كۈنلىرىدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىدە مەسىلە يۈز بەرسە، خەۋەر تاپقان ھامان نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، قۇتقۇزۇش، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن، شەخسلەرگە خەۋەر قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.
9. ھەر ۋاقىت بىخەتەرلىك بىرىنچى، ئالدىنى ئېلىش ئاساس فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئادەملىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتىرىپ، ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆز ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىدە ئىلغار ئورۇن بولۇش پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
10. بىخەتەرلىكتە شۇ ئوقۇش يىلىدا مەسىلە كۆرۈلسە، سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ، بۆلۈم ئىشخانىلارنىڭ يىللىق خىزمەت باھالىنىشىغا چېتىلدۇرۇلىدۇ. ئۇنۋان ئۆستۈرۈشكە چېتىلدۇرۇلىدۇ. بىر ئاۋازدا ئىنكار قىلىنىدۇ. مەسىلە كۆرۈلمىسە يىللىق باھالاش، ئۇنۋان ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئېتىبار قىلىنىدۇ ياكى ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئالدىن ئېتىبار بىلەن قاراپ چىقىلىدۇ.