xxx ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە كۆرۇلگەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى
مەقسەت: ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ ئىچىدە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ساقلانغان ئوقۇغۇچىلىق ئەخلاقىغا يات قىلمىشلارنى تۈپتىن تۈزەپ، كۆرۇلگەن مەسىلىلەرگە دەل ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ تىنچ-ئامان مەكتەپ، تېنچ-ئامان سىنىپ،تېنچ-ئامان ئائىلە بەرپا قىلىش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاشتىن ئىبارەت.
1.
بۇ خىزمەتكە قارىتا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى:
گۇرۇپپا باشلىقى: xxx (مەكتەپ مۇدىرى)
مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى:xxxx ( پارتىيە ياچىكا شۇجىسى)
xxx (مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى)
خىزمەت مەسئولىيىتى : خىزمەتلەرگە نازارەتچىلىك ۋە يىتەكچىلىك قىلىش ، خىزمەتلەرنى تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش، مۇزاكىرە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە بىرتەرەپ قىلىش قارارىنى چىقىرىش ، قانۇن بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇش .
ئەزالىرى :xxx ( ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى)
xxx (مۇئاۋىن ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى)
xxx (مۇئاۋىن ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى)
xxx ( ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشما مەسئولى)
xxx ( ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشما مەسئولى)
xxx ( ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشما مەسئولى)
خىزمەت ۋەزىپىسى : بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسى تۈزەش ، مەسىلە كۆرۇلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش، ماسلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلەش ، رەھبەرلىككە يوللاش.ئارخىپ قالدۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.
xxx ( پارتىيە قۇرۇلۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى)
xxx ( ئىلمىي بولۇم مۇدىرى)
xxx ( ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى)
xx ( ئىشچىلار ئۇشمىسى رەئىسى )
xxx ( ئارقا سەپ مۇدىرى)
xxx ( ئارقا سەپ مۇدىرى)
xxx ( مەكتەپ بوغالتىرى)
خىزمەت ۋەزىپىسى : رەھبەرلىككە زىچ ماسلىشىپ چارە تەدبىر كۆرسىتىش، ھەرقايسى بولۇملەرنىڭ خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئول بولىدۇ.
2.
كۆرۇلدىغان مەسىلىلەر ۋە بىر تەرەپ قىلىش چارىسى
1)
مەكتەپ مال-مۇلىكىنى زىيانغا ئۇچىراتقان ئەھۋاللار ، مەسىلەن: مەكتەپ قورشاۋ تاملىرى ۋە رىشاتكىلىرى ، مەكتەپ دەرۋازىلىرى ، مەكتەپ قورۇسى ئىچىدىكى مال-مۇلۇك، دەل-دەرەخ ، گۈل-گىياھ، تەنتەربىيە ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ، تەشۋىقات ۋاستىلىرى، كارىدور، سىنىپلاردىكى ئىشىك دەرىزىلەر، ئوت ئۆچۇرۇش ئەسلىھەلىرى، توك يوللىرى، پارتا-ئورۇندۇق، ئۇستەل قاتارلىقلارنى زىيانغا ئۇچىراتقان ئەھۋاللار كۆرۇلسە ئەسلى باھاسى بىلەن بويىچە تۆلىۋېتىلىندۇ ياكى رىمونت قىلىشقا مەسئول بولىدۇ ھەم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ. ئالاھىدە ئېغىر ئەھۋاللار كۆرۇلسە تولىتىۋېلىنغاندىن سىرت مەكتەپ ئىچىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىندۇ.
2)
ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئۆز-ئارا ئۇرۇش- جىدەل ۋە توپلىشىپ جىدەل- ماجىرا چىقىرىش ئەھۋاللىرى كۆرۇلسە ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە قاراپ تەنقىت تەربىيە بېرىش، ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇرش، يازما ئىسپات قالدۇرۇپ ئومومىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىتلەش، ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئۆزىنى تەكشۇرۇش ، ئائىلە باشلىقلىرى مەكتەپكە چاقىرتىلىپ، 10 كۈن مەكتەپتىن چىكىندۇرۇپ سىناش ياكى ج خ ئورگانلىرىغا يوللاش قاتارلىق چارىلەر كۆرۇلىدۇ.
3)
مەكتەپ سىرتىدا قانۇن – ئىنتىزاملارغا خىلاپلىق قىلسا قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىدىن سىرت مەكتەپ ئىچىدە يازما ئىسپات قالدۇرۇپ ئومومىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىتلەش ، ئېغىر يىنىكلىكىگە قاراپ مەكتەپ چىكىندۇرلىدۇ.
4)
دەرسخانا ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈپ ، يامان تەسىر پەيدا قىلىپ قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمەي ئوقۇتقۇچىلار بىلەن جىدەل ماجىرا پەيدا قىلسا ئەھۋالنىڭ ئېغىر – يىنىكىلكىگە قاراپ ئومومىي ئۇختۇرۇش چىقىرىپ تەنقىتلىندۇ ، ئائىلە باشلىلىرى مەكتەپكە چىقىرتىلىپ ھەپتىلىك ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ سىناش چارىسى كۆرۇلىدۇ.
5)
مەكتەپ ئىچىدە دەرسكە قاتناشماي يۇرگەن ئەھۋاللار كۆرۇلسە ( بۇ خىل ئەھۋالدا مەكتەپ مال-مۇلىكى يۇتۇپ كىتىش ، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ، بىخەتەرلىك خىزمىتىگە تەسىر يەتكۇزۇش ، مەكتەپ ئىچىدە يامان تەسىر پەيدا قىلىش ئەھۋاللار كۆرۇلسە ) مەكتەپ قوغداش بولىمىگە يولىندۇ ، ئائىلە باشلىقلىرى چاقىرتىلىپ ئىمزا قويغاندىن كېيىن تۇزۇتىش پۇرسىتى بېرىلىدۇ ، قىلمىشى ئېغىر بولسا مەكتەپ ئىچىدە مۇزاكىرە قىلىنىپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
6)
مەكتەپ ئىچى – سىرتىدا ئوغرلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۇلسە ئەھۋالنىڭ ئېغىر –يىنىكلىكىگ قاراپ قىممىتى بويىچە تولەم تولىۋېتىلىدۇ ياكى قانۇن ئورۇنلىرىغا يوللىنىدۇ، ئومومىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىتلىندۇ.
7)
ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئىچىگە باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە خەۋىپ يەتكۇزىدىغان تىغلىق ئەسۋاپلار، ئوزلىرى ياسىۋالغان خەتەرلىك ئەسۋاپلارنى ، ئاسان ئوت ئالىدىغان نەرسىلەرنى ھەمدە سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۇزىدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ كىرىش چەكلىندۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا مەكتەپ ئىچىدە يۈز بەرگەن مەسىلىلەرگە قارىتا بارلىق مەسئولىيەتنى ئۇستىگە ئالىدۇ، مەكتەپ ئىچىدە يازما ئىسپات قالدۇرۇپ ،ئومومىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىتلىندۇ. ئېغىر-يىنىكلىكىگە قاراپ قانۇن ئورۇنلىرىغا يوللىندۇ.
8)
تاماكا چىكىش، ھاراق ئىچىش ئەھۋاللىرى بايقالسا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، يازما ئىسپات قالدۇرۇپ ئومومىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىتلىندۇ، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە قاراپ مەكتەپ تەرەپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
9)
مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتناش ۋاستىلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۇلسە ئەسلى باھاسى بويىچە تولىتىۋىلىنغاندىن سىرت ئومومىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىتلىندۇ.ئېغىر ئەھۋال كۆرۇلسە قانۇن ئورۇنلىرىغا يوللىندۇ.
10)
ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئىچىدە تىلفۇن، ھەر خىل مۇزىكا چالغۇلارنى ئىشلىتىش چەكلىندۇ . ئەگەر قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ يەنىلە ئىشلەتكەن ئەھۋال كۆرۇلسە مەكتەپ تەرەپىدىن مۇسادىرە قىلىندۇ.
11)
ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېچىسى مەكتەپ قورۇسى ئىچىگە روخسەتسىز كىرىشى قاتتىق چەكلىندۇ. بۇنداق ئەھۋالدا كۆرۇلگەن مەسىلىلەردە بارلىق مەسئولىيەتنى ئۇستىگە ئالىدۇ ياكى قانۇن ئورۇنلىرىغا يولىندۇ.
12)
ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە دىننىي ئوقۇتۇش نوقتىلىرىغا بېرىپ ئوقىغان ، مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ۋە جۇمە نامازلىرىنى ئوقۇغۇغان ، دىننىي تۇسى قۇيۇق كىيىملەرنى كىيگەن ، دىنني پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەن ئوقۇغۇچىلار قانۇن ئورۇنلىرىغا يولىندۇ.
13) ياتاقتا ياتىدىغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ياتاق باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا قەتئىي بويسۇنىشى ، ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىقا دىقەت قىلىش كېرەك ، روخسەتسىز مەكتەپتىن ئايرىلىش، ئائىلىسىگە قايتىش چەكلىندۇ. بۇنىڭغا خىلاپ ئەھۋاللار كورۇلسا يۇز بەرگەن مەسىلىلەرگە ئۇزى مەسئول بولىدۇ .
xxx ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى
xxx ئوتتۇرا مەكتەپ مەمورىيىتى
2013 -يىلى 8- ئاينڭ 25-كۇنى