ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھادىسىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزىمى
مەكتىپىمىزدىكى كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاسادىپى يارلىنىش ۋە كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرگە ئۇچراش ئەھۋالنى بىلىش ، ئۇلارنىڭ ئامان –ئىسەنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارلار ھەم سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھادىسىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى مۇناسۋەتلىك ئورۇنلارغا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ مەكتىپىمىزدىكى تىنچ ھەم مۇقىم بولغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش مۇھىتىنى تېخمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ، مەكتىپىمىزدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھادىسىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزىمى يولغا قويىلىدۇ.
ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھادىسىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى يازمىچە دوكلات قىلىش كىرەك.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھادىسىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى دەل ۋاقتىدا دوكلات قىلىش، ۋاقتى ئۆتكەندە دوكلات قىلسا بولمايدۇ .
دوكلاتقا چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھادىسىگە ئۇچراش سەۋەبى ، ئۇچرىغان ھادىسىنىڭ تۈرى ،يارلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكى ، ۋاقتى تولۇق يېزىلىشى كېرەك.
ئوقۇتقۇچىلار ھادىسىگە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھادىسىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى ئېغىر-يىنىكلىكىگە قاراپ دوكلات قىلىشى ، بەرگەن دوكلاتى ھەقىقى بولىشى ،ئويدۇرۇپ چىقارماسلىق ، بەك كۆپتۈرىۋەتمەسلىك لازىم.
ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھادىسىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش لازىم . ئەگەر سەل قاراپ ۋاقتىدا دوكلات قىلمىسا ياكى كىيىن دوكلات قىلسا ،كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ . مەسئۇلىيەتنى مەكتەپ ئېنىقلاپ چىقىپ مۇۋاپىق چارە كۆرىدۇ.
مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەتەرلىك ، تاسادپى ھادىسىلەردىن ساقلىنىشىغا ئەھمىيەت بىرىشى لازىم .
مەۋسۇم ئاخرىدا ھەرقايسى سىنىپ مۇدىرلىرى ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھادىسىگە ئۇچراش ئەھۋالىدىن خۇلاسە دوكلاتى يېزىپ مۇناسىۋەتلك ئورۇنغا تاپشۇرىشى كىرەك.